چېچىنىيە ھەققىدە
چېچىنيە كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ،يەر مەيدانى15مىڭ كۇۋادىرات كىلىومىتىر كېلىدۇ، نۇپۇسى بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق، پايتەختى گىروزىنى. بۇيەردە مول نىفىت زاپىسى بار.
چىچىنيەخەلىقىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بۇلۇپ، 19-ئەسىردە چاررۇسىيە يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق،1895 -يىلى چىچىنىيەنى بېسىۋالغان.
16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت
16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 17-ئەسىرگىچە، چاررۇسىيەنىڭ چىچىنىيە رايۇنىغا بولغان مۇستەمىلىكى باشلانغان بۇلۇپ، گەرچە ھەربى كۈچ بىلەن بېسىۋالمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقاجەھەتلەردىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش تەييارلىقى باشلانغان ئىدى، 18-ئەسەرگە كەلگەندە،چاررۇسىيە ھەربى ھۇجۇم قوزغىدى.18-ئەسىرنىڭ 80-يىلىرىدىن باشلاپ، چىچنىيەخەلىقى مەنسۇر ئاقساقالنىڭ باشلىشى بىلەن رۇس تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۈرەشنى باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن 200يىلدىن ئارتۇق رۇس تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۈرەش داۋاملاشتى، مەنسۇر چىچنىيەنى ئۆزئىچىگە ئالغان پۈتۈن كاۋكاز رايۇننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىسلام دۆۋلىتى قۇرغان تۇنجى ئاقساقال ئىدى، ئۇنىڭ ئىىسىمى ھازىرغىچە چېچىنىيە خەلىقى ئىچىدە كەڭ تارقالغان. مەنسۇر تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشنى 6يىل داۋام قىلغاندىن كىيىن،1791-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى، ئۈچ يىل تۈرمىدە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۈلۈپ كىتىدۇ، ئەمما شىمالى كاۋكاز رايۇننىڭ كۈرشى توختاپ قالمايدۇ.
19-ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى تەخىتكە چىقتى
19-ئەسىرگە كەلگەندە، يېرمالوف ئىسىمىلىك ھەربى 1861-يىلىدىن باشلاپ جەمى 27يىل رۇسسىيەنىڭ كاۋكاز رايۇنىغا تاجاۋۇز قلىشىنىڭ ھەربى باش قۇماندانى بولدى، ئۇباش قۇماندان بولغان مەزگىلدە، رۇسىيە چىچىنىيەگە بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى،1818-يىلى يېرمالوف چارپادىشاھىغا مەكتۇپ سۇنۇپ:« چىچنىيەلىكتىن پەقەت بىرلا ئادەم ھايات قالغان تەقدىدىمۇ بۇرايۇن تىنجىمايدۇ، چۈنكى چىنىيەلىكنىڭ قارشى كۈچى ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن،» دەيدۇ.1817-يىلى ئۇرۇش باشلانغان بولسا، 1859-يىلى چېچىنىيە ئۇمۇمىيۈزلۈك چارپادىشاھىنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.
چىچىنىيەچارپادىشاھنىڭ مۇستەمىلىككە ئايلانغاندىن كىيىن، چارپادىشاھى چىچىنىيە خەلىقى ئۈستىدىن مىللى زۇلۇم، مىللى يۇقۇتۇش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، چىچىنىيە خەلىقىنىڭ نۇپۇسى زوردەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى،1887-يىلى چىچنىيەلىكلەر ئىنگوشلار بىلەن قوزغىلاڭ كۈتۈردى، ئىككى يىل كۈرەش ئارقىلىق، چارپادىشاھى يەنە كۆپلىگەن چېچىن ۋە ئىنگوشلارنى سۈرگۈن قىلدى، بۇلار پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتتى، 1917-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە، بولشىۋىكلار تەختكە چىقتى.
مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسمىلاتسىيەقىلىش
چىچىنىيەلىكلەرگە بولغان مۇستەمىلىك جەريانىدا، چارپادىشاھى مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئېلىپ باردى، چىچىنىيەدە رۇس تىلى مەكتەپلىرىنى كەڭ قۇرۇپ، بىرتۈركۈم مۇستەملىكە ئاستىغا ئىتائەت قىلىشنى خالىغان چىچىنىيەلىكلەرنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنى ھۈكۈمەتكە كىرگۈزۈپ، چىچىنىيەلىكلەرنىڭ دىنىنى يۇقۇتۇپ، بۇرايۇندا چاررۇسىيەنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇرۇندى.
بولشىۋىكلار تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن، رۇسىيىە ئىچكى ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كەتكەچكە، چىچىنىيەمۇ ھۈكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە بولدى، بۇجەرياندا چېچنىيە ۋە ئىنگوشلار ئاق ۋە قىزىللارنىڭ (يەنى رۇس ئارمىيىسى رۇسلارغا قارشى قۇراللقىلار) تەڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرىدى، گەرچە چىنىيىەلىكلەر قارشىلىقلارنى كۆسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 1920-يىلى يەنىلا رۇسلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتتى.
خىرىشوۋ دەۋرى
1922-يىلى رۇسىيە چىچنىيەنى "چىچىنىيە ئاپتۇنۇم ئوبلاستى" قىلدى، 1929-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى شىمالى كاۋكاز رايۇنىغا بولغان ئىزىشنى كۈچەيتتى، چېچىنىيەلىكلەر ئىسلاموفنىڭ رەھبەرلىكىدە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى، ئىككىنجى يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئامالسىز ئەھۋالدا چىچنىيە ۋە ئىنگوشلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى، ئەمما1931-يىلى ك گ ب ئىسلاموفنى مەخپى ئۆلتۈرۋەتتى،1936-يىلى بۇرايۇن چىچىنىيە ئىنگوش سوۋېت سوتسىيالستىك جۇمھۇرىيەت قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1937-يىلى چىچنىيەلىكلەر يەنە زور زەربىگە ئۇچىرىدى، قىسقىغىنە بىريىل ئىچىدىلا مىڭلىغان چېچىنىيەلىك ئىستالىننىڭ تۈرمىسىگە قامالدى ۋە ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.
1941-يىلى سوۋېت- گىرمانىيە ئۇرۇشى پارتىلىدى، سوۋېت چىچىنىيەگە قاراشقا چۇلى تەگمىدى، چېچىنىيەلىكلەرگە ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك سىتالىن، 1944-يىلى چىچىنىيەلىكلەر گىرمانىيەلىك بىلەن تىل بىرىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ، 500مىڭغا يېقىن چىچنىيەلىكلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، چېچىنىيەلىكلەرنىڭ ئۈزىگە پويىز يۇلى ياسىتىپ، شۇ پويىز بىلەن ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە قاتارلىقلار جايلارغا پالىۋەتتى، بۇ چىچىنىيە خەلىقىگە غايەت زور ئاپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى، شۇ قېتىملىق ئاپەتتە چېچىنىيە نۇپۇسنىڭ 40٪ ئاچلىق، ھارغىنلىق، كېسەللىك ۋە روس ئەسكەرلەرنىڭ ئېتىپ تاشلىشى قاتارلىق سەۋەپلەربىلەن ئۈلۈپ كەتكەن، پۈتكۈل چىچنىيە مىللىتى روس چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ ، سوۋېت دۆۋلەت تىرورچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن رۇسلار ۋە چىچىنىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلك پەيدا بولغان. 1959-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى خىرىشوۋ چىچىنىيەلىكلەرنى ئۆزيۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلدى ۋە رۇسىيەنىڭ باشقۇرىشدا بولدى. ئەمما چېچىنىيە خەلىقى قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدا نۇرغۇن رۇسلارنىڭ كېلىپ ئۇرۇنلاشقانلىقىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى سۈركۈلۈشلەر پەيدا بۇلىدۇ. شۇنداقلا چىچىنىيەلىكلەر گۇمانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ، ئىككىنجى دەرىجىلىك مىللەت بۇلۇپ قالدى، دىنى ئېتىقاتى چەكلەندى، مەكتەپ ئۇقۇتىشىدىمۇ پەقەت رۇس تىلىلا قۇللونىلدى، چېچىنىيە تىلى پەقەت ئائىللەردىلا ئىشلىتىلدى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇقۇتۇشقا دۇچار بولدى، بۇھال تاكى ئاتالمىش كومىنىزىم تەلتۈكۈس تارمار بولغىچە داۋام قىلدى. ۋەھالەنكى، 30يىلغا يېقىن داۋام قىلغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۈچلۈك يۇقۇتۇش، چىچىنىيەلىكلەرنى رۇسلارغا ئۆچ قىلىپ قويدى.
1991-يىلىدىن كىيىن، چىچىنيەلىكلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى30٪گە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن چىچىنىيەلىكلەر ئەسەبى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشىگە ئاسانلا ئالدىنپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى، ئەمما سوۋېت ھۈكۈمىتى چىچىنلەرنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئەھۋاللىرىغا قىلچىلىكمۇ كۈڭۈل بۆلمىدى.
چىچنىيەگەرچە كىچىكىنە يەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كاۋكاز رايۇنىغا كىرىدىغان بۇغۇز ئىدى، يەرئاستىدىمۇ مول نېفىت زاپىسى بارئىدى، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىمۇ بۇيەردىن ئۈتەتتى، بۇيەرنى قولدىن بىرىپ قۇيۇش رۇسىيەگە ئاپەت خەرەكتىرلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلەتتى.
1991-يىلى پىنسىيەگە چىققان "رۇسىيە قەھرىمانى" نامىغا ئېرىشكەن دۇدايېف چېچىنىيە زۇڭتۇڭى بولدى، شۇيىلى 10-ئايدا چېچىنىيەنى مۇستەققىل دەپ جاكارلىدى.
1992-يىلى دۇدايېف بىلەن سوۋېت ھۈكۈمىتى ئوتتۇرسىدا " ئارمىينى چىكىندۈرۈش ۋە چىچىنيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مال-مۈلۈكنى بۈلۈشۈش كېلىشىمى" ئىمزالىنىپ، سوۋېتنىڭ بارىلىق ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىلىرى چىچنىيەدىن چېكىنىپ چىقتى، بۇئەمەلىيەتتە چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىتىراپ قىلغانلىق ئىدى. ئەمما بۇيەردىكى ئىپتىدائى جەمىيەت مۇناسىۋىتى ئاستىدا بۇيەردە ھەقىقى دۆۋلەت قۇرالمىدى،دىن ۋە مىللى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا خۇددى تالىبانلار كونتۇرۇللىقىدىكى ئافىغانىستانغا ئوخشاپ قالدى. مىلتارىسلار بۈلۈنمىچىلىكى ۋە مەزھەپلەر ئۆزئالدىغا بەگ بۇلىۋالدى. ھەرخىل جىنايى ئىشلار يۈزبەردى، 92-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە سىياسىنىڭ تەدرىجى مۇقۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمدە نىفىتنىڭ بارغانسىرى مۇھىم بۇلىشى بىلەن، 1994-يىلى 12-ئايدا رۇسىيە ئىككى يولغا بۈلۈنۈپ چېچىنىيەگە ھۇجۇمغا ئۆتتى.
بىرىنجى قېتىملىق چىچىنىيە ئۇرىشىدا 3826 رۇس ئەسكىرى ئۆلدى ،17892 يارلاندى ۋە1906 ئادەم يۇقاپ كەتتى. يۈزمىڭدىن ئارتۇق چىچىنىيەلىك ئۆلدى. زورمىقتاردا مۇئەسسەسەلەر ۋەيران بولدى. گەرچە چىچىنىيەلىكلەر ئېغىر قۇربان بەرگەن، دۇدايېف سوۋېت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسلار يەنىلا چېچىنيەدىن يېڭىلىپ قايتىپ چىقتى.1999-يىل8-ئايدا، رۇسلار ئىككىنجى قېتىملىق چىچىنيە ئۇرىشىنى قۇزغىدى،2000-يىل2-ئايغىچە، رۇسلاردىن 1173ئادەم ئۆلدى، چىچىنىيەلىكلەردىن ئونمىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى، ھەمدە رۇسلار بۇرايۇننى قايتىدىن قۇلىغا كىرگۈزۋالدى. ئەمما چېچىنىيەلىكلەر تاغلىق رايۇنغا يۇشۇرنىۋېلىپ، قارشىلىقلارنى داۋام قىلدى.
كېيىنكى چاغلاردا رۇسىيەدە يۈزبەرگەن"مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش دىلوسى"، " يەرئاستى پويىز پارتىلاش دىلوسى" قاتارلىق زور دىلولارنى چېچىنىيەلىكلەر سادىر قىلغان دەپ قارالدى.
چېچىنىيە مەسىلىسى رۇسىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان زور مەسىلە بۇلۇپ قالدى.
مەنبە: بەيكې تورىدىن مېغىزلىق تەرجىمە قىلىندى.
ئەسلى مەنبە: http://baike.baidu.com/view/116867.htm