saltanat lutun
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1206 قېتىم كۆرۈلدى
zoklan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 782 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 801 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 448 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 558(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئېچىۋەرمە رېستۇران

ئېچىۋەرمە رېستۇران

 
 تۇرغۇن نېرىنكىر

ئاسسا كۆرۈڭ بىركىملەر مۇسۇلمانچە تاختىنى،
كەيسە شاپاق راست قىلىپ قوڭ بوپ كەتكەن ساختىنى.
گوللاپ يەنە تاپىدۇ بىزدىن نەچچە ئاختىنى،
داڭلاپ ئۇلار چالىدۇ زوق-شوق بىلەن ناغرىنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۈنى.

<چىڭجېن>دەپلا ساتىدۇ پولو بىلەن كاۋاپنى،
بىز تۇڭگان دەپ ساتىدۇ <نۇۋرۇۋمەن>ۋە<داڭقاننى>.
مەن ئۆزەم بىر قاسساپمەن بەك بىلىمەن گۆشلەرنى،
ئۇلار ئالغان گۆشلەرگە تەڭ قىلمايمەن ماڭقامنى.
شۇ تەرەزدە  ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۈنى.

ھەجەپ ئاسان بوپ كەتتى ئۇتتۇر قىلماق بىز خەقنى،
ھەر نەرسىگە بىر خىلدا يېزىپ قويۇپ بىر خەتنى.
<مۇسۇلمانچە> بۇ دەپلا ئوراپ قويۇپ گەندىنى،
گەپ قىلسام مەن سالىدۇ يېرىپ تازا ئېڭەكنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.

خوگۇ-پۇگو، مالاچەۋر شات قىلىدۇ بىزلەرنى،
يۇندا پۇراپ تۇرسىمۇ چىلاپ يەيمىز سەيلەرنى.
ئىسمىدىلا چىقسىمۇ ياتلىغىنى كىملەرنى،
قاپاق كاللا ئىشلىمەي يەۋېرىمىز كۆرگەننى.
شۇتەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.

يىگىتلەرنى نىم دەيمەن شۇنچە ئېسىل ھۇنىرى،
كاۋاپ باسار خەقلەرگە يات بىلىنىپ مۇجۇقى.
گۇۋالىقتىن ئۆتىدۇ ھەر قەدەمدە قەسىمى،
مۇسۇلمانچە بۇ يەر دەپ، بۇلغاپ ئەسلى-ۋەسلىنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.

قىزلىرىمىز تىك تۇرار رېستۇراندا يۇندىچى،
ياكى تىنماي يەر سۈرتۈر بولغاچ پەقەت تازلىقچى.
ئۈچ-تورت تەڭگە پۇل بەرسە دەپ تېخى بىز ئايلىقچى،
ئۆزلىگىنى بوغىدۇ خەققە بولۇپ چوماقچى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.


راسسا سالغۇم كېلىدۇ شۇقىز بىلەن يىگىتنى،
يۇندا ئازگال يالاقلاپ كۆنۈپ كەتكەن بىر توپنى.
پۇل-پۈچەككە خار قىلىپ يۇرگىچە ئۆز نېنىنى،
ساتسا بەلكىم ياخشىدى ئىشتان سېلىپ قوڭڭىنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.

مەن ئۆزۈم بىر مۇسۇلمان تاللاپ يەيمەن ھالالنى،
ئەمدى بۇلغاپ يۇنداڭغا يېزىۋەرمە ئېتىمنى.
مەنمۇ سەندەك شاتلىنىپ بۇزماي قىلچە پېتىمنى،
ئۆز يۇرتتۇمدا خاتىرجەم يىسەم دەيمەن نېنىمنى.
بولدى ئەمدى رېستۇران ئېچىۋەرمە ھەر كۈنى. 

                                   
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-05, 21:53
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-05 20:55 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 655
شۆھرەت: 3360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3366 سوم
تۆھپە: 2002 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2002 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1582(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    مەنمۇ    بۇ  يەردە   قۇشخانىدىكى   قاسساپ   ئۇستاملاردىن    قايسى   ئاشخانىلارنىڭ  گۆش  ئالىدىغانلىقىنى   سوراپ   ئاندىن   جەزىملەشتۈرىمەن  ،   نۇرغۇن   مۇسۇلمانچە   دىگەن   ئاشخانىلار   ئۇ  يەردىن  گۆش  ئالمايدىكەن  .   مۇشۇ   داپەنجى  ۋە   نۇرۇمەن   ساتىدىغان   نۇرغۇن   تۇڭگان  ئاشخانىلار  بار   .   ھالال   توخو  سويىدىغان   بىرلا   جاي   بار   ،   مەن  ئۇلاردىن  قايسى   ئاشخانا   سىلەرگە   توخو   سويغۇزىدۇ  دەپ  سورىسام   ئاران   ئىككىسىنى  دەپ   بېرەلىدى  .   ھەر   ھەر   داڭلىق   مۇسۇلمانچە   دەۋالغان   ئاشخانىلار   كۆكتات   بازىرىدىكى   تەييار   تازلانغان   توخو   گۆشىنى   ئىشلىتىدىكەن  .  
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 22:14 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 715
شۆھرەت: 3838 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2259 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2268 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 515(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راسسا سالغۇم كېلىدۇ شۇقىز بىلەن يىگىتنى،
يۇندا ئازگال يالاقلاپ كۆنۈپ كەتكەن بىر توپنى.
پۇل-پۈچەككە خار قىلىپ يۇرگىچە ئۆز نېنىنى،
ساتسا بەلكىم ياخشىدى ئىشتان سېلىپ قوڭڭىنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.


سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 22:27 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 655
شۆھرەت: 3360 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3366 سوم
تۆھپە: 2002 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2002 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1582(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى alnurدە2012-06-05 22:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
راسسا سالغۇم كېلىدۇ شۇقىز بىلەن يىگىتنى،
يۇندا ئازگال يالاقلاپ كۆنۈپ كەتكەن بىر توپنى.
پۇل-پۈچەككە خار قىلىپ يۇرگىچە ئۆز نېنىنى،
ساتسا بەلكىم ياخشىدى ئىشتان سېلىپ قوڭڭىنى.
شۇ تەرەزدە ئېچىلۇر رېستۇرانلار ھەر كۇنى.
.......


   ۋىجدانىنى   يوقاتقانلارغا   قارىتىلغان  سۆزدۇر   .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 22:38 |
baylik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2241
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى يولداشلار بۇ تېمىنى ياخشىراق كۆرسا بولغۇدەك.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 22:41 |
zekrila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 655 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
تۆھپە: 393 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 393 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 853(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن  ئەزەلدىن  مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا تاماق يەيمەن،مۇسۇلمان بۇلمىغان مىلەت  ئاشقان  ئاشخانلاردا  تاماق يەپ باخمىدىم، گەرچە ئۇلار [[چىنجىن]]  دەپ يېزىپ قۇيغان بۇلسىمۇ ھەرگىز تاماق يېمەيمەن  ،  ئۇلار ئاكىسىنىڭ ياكى ئاغىينىسىنىڭ  ياكى ئۇزىنىكى  ئايالىنى[[ ھازىر قىسمەن يۇلدىن چىقان  قىزلىرىمىز  مىلەت ئارىماي تۇي قىلدىغان بۇپكەتى]] كۇتكۇچىلىككە قۇيغان بۇلسىمۇ  ،ھەم ئايالىنىڭ  ئاكىسىنىڭ ئاغىينىيسىنى  ياكى ئۇكىسىنىڭ ئاغىينىسىنى  كاۋاپ چىلىقا سېپ قۇيغان بۇلسىمۇ   مەن ئۇلارنىڭ كاۋاپلىرىنىمۇ يېمەيمەن ، مەن  تىل ئۇقۇشمايدىغان ئاشخانلاردا تاماق يېيىشنى خالىمايمەن ،مەن بىلەن  بىر تىلدا  سۇزلىشىدىغان    مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا تاماق يەيمەن
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 22:52 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1057
شۆھرەت: 6816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6925 سوم
تۆھپە: 3819 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3883 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھالال بىلەن  <مۇسۇلمانچە> ئاللىقاچان بىر مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان بولۇپ كەتتى . بۇھازىر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە سۆز .خەنزۇچە 清真مۇ ھالال مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولدى .چۈنكى ئىسلام دىنىمىزدىكى ھالال مەنىسى ھارام تەركىبلەردىن خالىي بولغان يىمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ .شۇ يىمەكلىكنى ئىشلەيدىغان جايدا ھارام نەرسىلەرنى سېتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ .ئەگەر سېتىلىپ قالسا ئىشلەپ چىقارغان نەرسىمۇ ھارام بولىدۇ . ئۆتكەندە ئۆز ئالدىغا ھالال دەپ ماركا باسقان بارلىق يىمەكلىكلەرنى سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يىغمىدىمۇ ؟بۇ نىمىنى چۈشۈندۈرۈدۇ خالايىق؟
ئازاتلىقتىن كېيىن دانا رەھبەرلىرىمىز جۇڭگونىڭ ئەمەلىيتىگە بەك  ئۇيغۇن ھالدا <مۇسۇلمانچە> دىگەن سۆزنى كەشىپ قىپتۇ .چۈنكى دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مۇھىتتا ھەقىقى ھالال ئۆلچەمدىكى يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش .
   بولۇپمۇ ھالال ئىستىمالىغا كۆنۈپ قالغان لېكىن ھارام ئىستىمالى قىلىشتىن يانمايدىغان يېڭى ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا <مۇسۇلمانچە> دىگەن بۇ ئەمەلىيەتكە باققان نام بەك ماس كېلىدۇ .بۇ نىمە دىگەن لايىقىدا قويۇلغان نام ھە ؟؟؟؟؟ ئەگەر قارا قويۇق ھالال دىگەن ماركىنى باسسا بۇ نەقەدەر قورقۇنۇشلىق ئىش ھە ؟
    ھاراق سېتىلىدىغان ئاشخانىلارغا ،مېھمانخانىلارغا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلسە بۇ نەقەدەر كۈلكىلىك ئىش ھە؟بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىغىمۇ دەخلىسى بولۇر.شۇڭا مۇسۇلمانچە دىگەن بۇ ئىجازەتنامە دۆلىتىمىزدە ھەقىقى ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا نىڭشادا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگان قۇرۇلمىغان بولاتتى ھەم رادىل ئابلامۇ شىنجاڭدا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگاننىڭ تەسىس قىلىنىش شېرىن خىيالىنىمۇ قىلمىغان بولاتتى .
      شۇنداق قېلىپ ئەسلى ھالال ئاشخانىلاردا ھاراقنى قەتئىي ئىچىشكە بولمايىتتى
  لېكىن مۇسۇلمانچە دىگەن خەت باستۇرۇلغان ۋىۋىسكىنى ئېسىپ بۇ  ئاشخانىلاردا ھاراقنى خالىغانچە ئىچىشكە بولىدۇ .چۈنكى بۇ  مۇسۇلمانچە ئۆزگىچە تەمدىكى ئاشخانە . بۇنىڭغا ھەرقانداق شەخىسنىڭ بۇ ئاشخانىدا يىيىشكە بولمايدۇ دەپ جار سېلىشىغا بولمايدۇ .ئەگەر بۇنداق قىلسا قانون ئاپراتلىرى ئۇ ئاشخانىنى قوغداپ ئىش تېرىغۇچىغا چارە كۆرىدۇ .  
  دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانچە دىگەن ئۆلچەمنى چەتئەللەرگە ئوخشاش ئۆلىمالار بىرلىكى بولغان ئىسلام دىنى جەمىيەتلىرى بەرمەيدۇ بەلكى دىنى ئىشلار كومىتىتى بىرىدۇ . بۇ كىنىشكىنى بىرىشكە جەمىيەتتىكى ئۆلىمالار ئارلىشالمايدۇ ھەم پىكىر قىلىش ھوقوقىمۇ يوق .
    ھازىر مۇسۇلمانچە يەنى 清真 ئىجازەتنامىسىنى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتتىكى بىرسى ھەرخىل يوچۇقتىن پايدىلىنىپ قىينالمايلا ئالالايدۇ . ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە دىن ئارلىشالمايدۇ . چۈنكى دىن ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىگە ئارلاشماسلىقى كىرەك .

شۇنداق قىلىپ بىز ئاللىقاچان مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتۇق .ھېچكىم مۇسۇلمانچە ھاراق ساتىدىغان ئاشخانىلارنى <ھالال> ئەمەس دەپ خۇددى قارا قويۇق  ئايشەم تورتخانىسىنى  بايقۇت قىلغاندەك بايقۇت قىلمىدى .توي مەرىكە رېستۇرانلىرىمىزدىمۇ ھاراق سۇدەك ئىچىلدى . ھەتتا بۇ رېستۇرانلىرمىزدا  ئاخشىمى ھاراق ئىچىلىپ ئەتتىگىنى شۇ ھاراق پۇرۇقىدا نەزىر قىلدۇق . ھاھاھاھاھاھ(ئاچچىق كۈلكە) ...ئىمانىمىز ئاجىزلىشىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۋاتىمىز بەزىلىرىمىز . مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سەسكەنگىدەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىۋاتىدۇ . ئۆزىمىزنى بىر ئوپىراتسىيە قىلايلى خالايىق .بىز گىلىمىزنى پاكىز تۇتساقلا ھەم مۇسۇلمانلىق مەۋقەيىمىزدە چىڭ تۇرالىساقلا ھەم ئىبادەت يولىغا قايتساق  ساختا <مۇسۇلمانچە> لار ھايات تۇرالمايدۇ .
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 08:53 |
nurdos
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7942
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلنىشلا مەۋجۈت،رېستۇران-ئاشخانا خوجايىنلىرنىڭ تېخىمۇ تىرىشىنى ئۇمۈد قىلىمەن.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 17:58 |
suqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7675
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 98 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 104 سوم
تۆھپە: 59 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى baylikدە2012-06-05 22:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى يولداشلار بۇ تېمىنى ياخشىراق كۆرسا بولغۇدەك.


مىللەت دىن ئىشلىرى  ئىدارىسىدىكىلەر   ھەجكە ماڭىدىغانلاردىن  تەلەپ قىلىپ ئالغان  پارە پۇللىرىنى ساناش بىلەن ئالدىراش ھازىر ، ئازراقنى قالدۇرۇپ، ئورنىغا جىقراق بەرگىنىنى يولغا سالسام دەپ..
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 19:45 |
obul21c
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6345
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 60 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،شۇنداق يەرلەردە تاماق يىمسەكلە بىراۋ بىزنى سۆرەپ ئەكىرمەيدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 21:04 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 293
شۆھرەت: 1812 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1826 سوم
تۆھپە: 1023 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1030 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 306(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يەردىكى ھالال بىلەن چڭجېن  نىڭ مەنىسى ئەمىليەتتە ئوخشىمايدۇ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 16:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر