saltanat lutun
بۇ تېما 955 قېتىم كۆرۈلدى
ياچىبەگ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1535
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 332 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 337 سوم
تۆھپە: 188 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 191 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قانۇن تورىدىن قۇتىلالمىغان قوغۇن سودىگىرى

قانۇن تورىدىن قۇتىلالمىغان قوغۇن سودىگىرى
.
ئەركىن زاكىر ،ئامىنەم مۇھەممەت


      مۇشۇ كۈنلەردە مۇھەممەت قادىر ئۆيىدە تۇرالماس بولۇپ قالدى،يانفۇنىنىمۇ ئېتىۋېتىپ ئۇيەر- بۇيەرلەردە مۆكۈپ-چۆكۈپ  يۈردى.چۈنكى 40نەچچە ئائىلىلىك قوغۇنچى دېھقان ئۇنى ئىزلەپ يۈرەتتى.لېكىن ئۇ بۇ كىچىككىنە زىمىندىن نەگىمۇ قاچالىسۇن!
   -ھەي قارىۋاي،نەگە قاچىسەن؟ بىزنىڭ پۇلىمىزنى قاچان بېرىسەن؟-ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان قوغۇنچى دېھقان مەخمۇت ئۇنى تىللاپ كەتتى.
   -مەن ھېچ يەرگە قاچمىدىم ئاكا،سودىگەرنى ئىزدەۋاتىمەن،پۇلنى ئالساملا سىلەرگە دەرھاللا تارقىتىپ بېرىمەن.
   -بىرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نېمە  كارىمىز!!،بىز سېنى تونۇيمىز،چۈنكى قوغۇننى بىزدىن سەن ئالغان.
   -ئۇغۇ شۇنداق ئاكا،مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىزدەۋاتىمەنغۇ!چىداپ تۇرساڭلار!...
بۇ ئۆتكەن يىل كۈزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى.
ئەھۋال ئەسلى مۇنداق بولغان ئىدى.
مۇھەممەت قادىر -قۇمۇل شەھرى راھەتباغ يېزىسى قاراتال كەنتى چۆلتۈر مەھەللىسىدىكى قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كۆپلۈكى،سورتلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى،قوغۇنىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن قۇمۇلدا خېلى نام چىقارغان قوغۇنچى دېھقان ئىدى.2007-يىلى «گۆھەر زېمىن مېۋە-چېۋە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ خوجايىنى جۇ ۋېنيۈەن بۇ مەھەللىگە كېلىپ قوغۇن سېتىۋالدى.مۇھەممەت قادىرمۇ ئۇنىڭغا كۆپ قوغۇن ساتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار تونۇشۇپ قالدى .بارا-بارا تۆنىشىش دوستلۇققا،دوستلۇق قېرىنداشلىققا تەرەققىي قىلدى. جۇۋېنيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇھەممەت قادىرنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپ تاماقلاندى .مۇھەممەت قادىرنىڭ قوغۇن تاللاش ئىقتىدارىنى ،سەمىمىي ساداقەتلىكىنى،ئىككى تىللىقلىقىنى بىلگەن جۇۋېنيۈەن مۇھەممەتنى قوغۇن سېتىۋېلىشقا تاللىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت قادىرنىڭ ئىشىك ئالدى قوغۇن بازىرىغا ئايلاندى.
 مۇھەممەت قادىر بىلەن جۇۋېنيۈەننىڭ بۇ يىللىق ھەمكارلىشىشىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئالدى.دېھقانلارنىڭ قولىغىمۇ تولۇق پۇل تەگدى .ئۇلار كېلەر يىللىق پىلانلار ئۈستىدە كېڭىشىپمۇ ئۈلگۈردى.2008-يىلمۇ يىتىپ كەلدى ، قوغۇنمۇ پىشتى.جۇۋېنيۈەن يەنە چۆلتۈر مەھەللىسىدە پەيدا بولدى.ئۇ ئىزدەپ سوراپ يۈرمەيلا ئۇدۇل مۇھەممەت قادىرنى تاپتى.بۇ كونا دوستلار يۈزلىرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن ھالدا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى ......بۇ يىللىق ھەمكارلىقمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 2009-،2010-يىللىرىمۇ جۇۋېنيۈەن مۇھەممەت قادىرنىڭ ۋاكالەتچىلىك قىلىشى بىلەن بۇ مەھەللىدىن نەچچە يۈز توننا قوغۇن سېتىۋالدى. ئىشەنچ بارغانسېرى     مۇكەممەللەشمەكتە ئىدى.
 2011 –يىلغا كەلگەندە ساداقەت نەپرەتكە ،  دوست دۈشمەنگە ئايلاندى .«ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ»دېگەندەك جۇۋېنيۈەن 20مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىلنى تاشلاپ قويۇپ،قالدى پۇلنى پوچتىدىن يوللاپ بېرىمەن دېگەن ۋەدە بىلەن 41نەپەر دېھقاننىڭ 215مىڭ يۈەن پۇلىنى نېسى قالدۇرۇپ قۇمۇلدىن يوقالدى .ئەزەلدىن يامان نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن مۇھەممەت قادىر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرۈۋەردى.ئارىلىق ئۇزارغانچە جۇۋېنيۈەن تېلېفونمۇ ئالمايدىغان بۆلىۋالدى.تېلېفوننى ئوغلى بىلەن ئۇكىسىلا ئالاتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟مۇھەممەت قادىرنىڭ بېشى قاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قوغۇنچىلار پۇل سۈيلەپ ئۇنى ئولتۇرغۇزمايتتى.ئەمدىلا24 ياشقا كىرگەن ،تېخى ئۆيلەنمىگەن ،بىرەر ئىسسىق –سوغۇق بېشىدىن ئۆتۈپ باقمىغان مۇھەممەت قادىر ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ ،بېلىگە پۇلنى تېڭىپ ئىچكىرىگە قاراپ يول ئالدى .بۇ سەپەرمۇ قۇدۇقتىن يىڭنە ئىزدىگەندەك سەپەر  بولدى.ئۇ قۇرۇق قول قايتىپ چىقىپ ئاقسۇ،كورلىلارغا باردى.لېكىن ئۇنىڭ كۆرۈشكىنى جۇۋېنيۈەننىڭ شاگىرتلىرىلا بولدى.قەيەرگىلا بارسۇن«بىلمەيمىز»دىن باشقا جاۋابقا ئېرىشەلمىدى .شاگىرتلارمۇ ئۇنى تېنىتىپ قويۇپ،قېچىپ كەتتى.ئۇ ئالدانغانلىقىنى ئەمدى ھېقىقى ھېس قىلىپ،قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل سۈيلەيدىغان قوغۇنچى دېھقانلارنىڭ بىر كۈنمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.مۇھەممەت قادىر ئېغىلدىكى قوي-كالىلىرىنى،يېنىدىكى پۇللىرىدىن بولۇپ 120مىڭ يۈەننى جىددىي قىيىنچىلىقتا قالغان ھاجەتمەنلەرگە بېرىپ تۈگەتتى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى قانۇن ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدى.ئۇ ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى . بۇ جىنايى ئىشلار دېلوسى بولماي ،بىر قىسىم پۇلنى بېرىپ،بىر قىسمىنى بەرمىگەن ھەق تەلەپ دېلوسى بولغاچقا ساقچىلارمۇ ئامالسىز قالدى. جاۋابكارنىڭ ئېنىق ئورنى بولمىغاچقا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشمۇ ئەپسىز ئىدى. ئۇ ئامالسىز2011-يىلى11-ئايدا  قۇمۇل شەھەرلىك سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنى ئىزدىدى.سىياسىي –قانۇن كومىتېتى بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ ،41 دېھقاننىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بۇ زور سوممىلىق دېلونى دەرھال ئادەم تەشكىللەپ ئىشلەشنى قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىقتىسادى دېلولارنى رازۋېدكا قىلىش چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇردى .شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى «قوغۇن ئالدامچىلىقى دېلوسى»نى پاش  قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ،بۇ دېلونى پاش قىلىشقا يۈسۈپجان ھۆسۈيۈن قاتارلىق رازۋېدچىكلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
رازۋېدچىكلار ئىشنى نىمكەش ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىدىن باشلىدى .بۇ ماشىنا ئاقسۇدا تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ،جاۋابكارنى ئىزدەشتىكى يىپ ئىچى بولدى . رازۋېدچىكلار ئاقسۇغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمىدە جۇۋېنيۈەننىڭ ئايالىنى تاپقان بولسىمۇ،لېكىن بۇ قېرى تۈلكىنى تاپالمىدى.ئۇلار ئىشەنچلىك دەلىل ئىسپاتلارنى توپلىغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ج خ تورىدا جۇۋېنيۈەننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
2012 –يىلى 2-ئايدا بىر خوش خەۋەر كەلدى.«كىشىگە قىلسا يامانلىق،تاپالمايدۇ ئامانلىق»،«ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»دېگەندەك جۇۋېنيۈەن چىڭدۇدا بىزنىڭ ج خ خادىملىرىمىزنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
رازۋېدچىكلار چىڭدۇغا بېرىپ ئۇنى يالاپ ئېلىپ چىقتى.جۇۋېنيۈەن قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلىپ  نېسى قالغان پۇلنى تولۇق تاپشۇردى. راھەتباغ يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن پۇل دېھقانلارنىڭ قولىغا تولۇق يەتكۈزۈلدى.مۇھەممەت قادىر تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ،يېقىندا قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى.بىز يېقىندا بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
مۇھەممەت قادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-قوغۇن سودىگىرى جۇۋېنيۈەن بىلەن تونۇشقىلى 4يىل بولدى. ئۇكىسى ،ئوغۇللىرى بىلەن بىر ئۆيدە يېتىپ،بىرلىكتە تاماق يەپ ، ئاكا -ئۇكىدەك بولۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ بۇنداق قىلارىنى ئويلىماپتىكەنمەن.تېلېفون قىلسام ئۇ پۇلنى ئىچكىرىگە بارساڭ بېرىمەن دېدى،ئىچكىرىگە باردىم،تاپالماي يەنە تېلېفون قىلسام ئاقسۇغا كەلسەڭ بېرىمەن دېدى،ئاقسۇغا بارسام كورلىغا كەلسەڭ بېرىمەن دېدى.كورلىغا بارسام ئۇ يەردىمۇ يوق.كۆرۈشكىنىم پەقەت ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولدى .قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ قانۇن ئورۇنلىرىدىن ياردەم سورىدىم.ساقچىلار زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي جاۋابكارنى تۇتۇپ ،پۇلنى ئېلىپ بەردى .مەن جاپاكەش خەلق ساقچىلىرىغا،قانۇن ئورگانلىرىغا،پارتىيە-ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
رازۋېدچىك يۈسۈپجان ھۆسۈيۈن مۇنداق دېدى:
 - 2011-يىلى 11-ئايدا 41 نەپەر دېھقاننىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چېتىلىشلىق ئادەم سانى كۆپ بۇ دېلونى تاپشۇرۇۋېلىپ،ئىشنى ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىدىن باشلىدۇق.جاۋابكارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن دەلىل- ئىسپات ئالدۇق.دەلىل-ئىسپات تولۇقلانغاندىن كېيىن توردا جاۋابكارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردۇق.2012-يىلى 2-ئايدا جاۋابكار چىڭدۇدا بىزنىڭ ج خ خادىملىرىمىزنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى ،بىز جۇۋېنيۈەننى يالاپ قۇمۇلغا ئېلىپ چىقتۇق .ئۇ قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلدى،پۇللارنى تولۇق تاپشۇردى...
 
راھەتباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھىرە مەخمۇت مۇنداق دېدى:
-راھەتباغ يېزىمىز قوغۇنچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان چوڭ يېزا.
بۇ قېتىمقى ۋەقە بىزگە چوڭ ساۋاق بولدى.بىز بۇندىن كېيىن تەشۋىقى تەربىيىنى كۈچەيتىپ،قانۇن ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
قوغۇنچى دېھقان ئىمىن ئەبەيدۇل مۇنداق دېدى :
مەن 10 يەرگە قوغۇن تېرىغان.بىز مۇھەممەتجانغا قوغۇننى ئۆتكۈزگەن .ئائىلىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا قوغۇن پۇلىنى سۈيلەپ مۇھەممەتجاننى كۆپ ئىزدىدۇق. پۇلنى بېرەلمىگەندىن كېيىن مۇھەممەتجاننى ئەدلىيە پونكىتىغا ئەرز قىلدۇق ،جاۋابكار تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئۇ ماڭا 5000يۈەن تەييارلاپ بەردى.جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كېيىن ھەممە پۇلۇمنى تولۇق ئالدىم.قوغۇنچى دېھقانلارغا ۋاكالىتەن پارتىيە-ھۆكۈمەتكە،خەلق ساقچىلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
تەھرىر ئىلاۋىسى:
«ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا،سامان تىقار پوستۇڭغا»دېگەندەك بۇ قوغۇنچى دېھقانلارغا بىر قېتىملىق قاتتىق ساۋاق بۆلىشى كېرەك. بىز ھەر دائىم  ھوشيار تۇرۇشىمىز،ھىيلىگەر تۈلكىلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز ،قانۇن ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق  ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشىمىز ،كېيىنكى ئاۋارىچىلىك كۆرۈلۈشتىن مۇداپىئە كۆرۈشىمىز كېرەك.
قۇمۇل خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن: ئەركىن زاكىر ،ئامىنەم مۇھەممەت

 

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-06, 11:41
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-06 10:55 |
nur414
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6863
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پوق يەپتۇ بۇ گۇي. تىجارىتى ئوڭۇشلۇق بولسا بىر يىلدىلا تاپىدىغان پۇلدە ئۇ 200 مىڭ كوي دىگەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 13:03 |
uyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 191
شۆھرەت: 1134 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1152 سوم
تۆھپە: 665 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 678 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ كىنو سېنارىيىسىمۇ ياكى ھېكايىمۇ؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 13:50 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 593
شۆھرەت: 3508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3669 سوم
تۆھپە: 2018 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2024 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 720(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېتىۋاتسا دەيمەن شۇنداق قويمىچى لومودىلارنى...
saltanat
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 19:10 |
duttarqi
چ چ: 654354470
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 252
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 325
شۆھرەت: 2147 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2156 سوم
تۆھپە: 1194 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1253 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1349(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ قويمىچىغا قانۇننىڭ قانداق جازا بەرگەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات يوقما؟
ئەگەر ھىچقانداق جازا بەرمىگەن بولسا باشقا شەھەردە يەنە بىچارە دېھقانلارنى يەنە قاخشىتىپ قويمىچىلىقنى يەنە داۋاملاشتۇرىشى مۈمكىن...
simfoniya
چ چ: 654354470
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 20:53 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 612
شۆھرەت: 3085 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3115 سوم
تۆھپە: 1847 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1847 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 669(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەلق ساقچىلىرىنىڭ خېلى كارامىتى بار جۇمۇ ! ....
ئاقكۆڭۇللۇكىمىز  بىلەن بەزى چاغلاردا موشۇنداق چوڭ زىيانلارنى  تارتىپ كەلدۇق - تە بىز !
بۇ تەجرىبىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاش ، ئۆز ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى ياخشى قوغداشنى بىلىشىمىز كېرەك!
lutun
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 22:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » رەسىملەر دۇنياسى