چوقايتۇر زارەتلىكتىكى تىرىشچانلىق
قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزا چوقايتۇر زارەتلىكى قۇمۇلدىكى تارىخى ئۇزۇن دىنىي سورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىگدە قۇدۇق كەنت 3-ئەترەتنىڭ تەۋەلىكىگە جايلاشقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن قەبرىستان دائىرىسىدىكى مىۋىلىك-مىۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىشىدەك ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. يېشى چوڭراق جۈجەملەر ئىسمائىل پەزۇل، سوفىخان ياقۇپ، ئەسەت ياقۇپ ئاكىلىرىمىزنىڭ ھەر يازدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە سۇغۇرۇپ تۇرۇشى بىلەن قۇرۇپ كېتىش تەغدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
قەبرىستانلىقنىڭ ئىلگىركى باشقۇرۇش ھەيئىتى 3-دۈيدىكى پىشقەدەملەردىن قاسىم ئابدۇرېھىم، مەخسۇتخان ھاجى، مەرھۇم ئەمەتبەگ ئىسمائىل ، ئابلېز يەھيا، ئىسمائىل پەزۇل قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. بىراق ھازىر پىشقەدەملەرنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. بەزىلىرى ياشىنىپ قالدى.
شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى قەبرىستانلىقتىكى گىيالارغا نورمال سۇ باشلاش ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش جەھەتلەردە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نازارەت قىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا قەبرىستان رايونىغا خالىغانچە ئەخلەت تۆكۈپ قويىدىغان دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە يات قىلمىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ.
2011-يىلى ئوردىخىي مەسچىت جامائەتچىلىكى مەسلىھەتلىشىپ قەبرىستانلىقنى قايتىدىن كۆكەرتىش ۋە قوغداش، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش پىكرىگە كېلىپ، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) قۇرۇپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان گىياھلار قايتىدىن كۆكۈرۈشكە باشلىدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) ئەسلىدە ئەخلەت مەيدانى بولۇپ قالغان ئورۇنغا، كۆچەتلەر قويۇلدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) تۇپراق قۇرۇلمىسى ناچار ئورۇنلارغا قويۇلغان كۆچەتلەر توختىماي سۇغۇرۇشقا مۇھتاج.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) كۆپ ساندىكى مىۋىلىك كۆچەتلەر ياخشى ئاينىدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) قەبرىستانلىقتىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش بىلەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كونا قورشاۋ تاملىقنى يۆتكەش ئۈچۈن 3-ئەترەت ئەزالىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا 3-ئەترەت ھەيئەتلىرى زور رولنى جارى قىلدۇردى. كەڭ ئەزالارنى خالىس ئەمگەككە ئۇيۇشتۇردى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) 2012-يىلى قىش پەسلىدىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئەزالار سوغۇققا قارىماي قەبرىستانلىققا توك يولى ئورۇنلاشتۇردى. ئوردىخىي مەسچىت كەتكەن ئىقتىسادنى ئۈستىگە ئالدى. شەخسلەردىن ئىسمائىل يۈسۈپ بەش يۈز يۈئەن، ئەھەت سوفى ئىككى يۈز يۈئەن ياردەم بەردى. پەرھاتجان، ئەكبەرجان، ئىسمائىلجان ۋە ھېزىزخان قاتارلىق شەخسلەر بىلەن 3-ئەترەت كوللىكتىۋى بىرلىكتە توك سىمى، تۈۋرۈك، ياغاچ، توك سائىتى قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قەبرە قېزىشتا ماشىنا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) ئوردىخىي مەسچىتنىڭ ئىقتىسادى بىلەن 20 مېتىر ئۇۇنلۇقتا رىشاتكا ۋە دەرۋازا ياسالدى. ۋە قۇرۇلۇش رايونىغا تۆكۈۋېتىلگەن ئىگىسى يوق ئەخلەتلەر توپا ئىتىرىش ماشىنىسى بىلەن يېرىم كۈن توشۇلدى.
2012-يىلى 5-ئايدا شەھەر ئىچى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن دەرۋازىنىڭ ئاستى تەرىپىگە
قىش قۇرۇلمىلىق قورشاۋ تام قوپۇرۇلدى.
3-ئەترەت ئەزالىرى ۋە قەبرىستان تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ۋاكالەتەن شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى
مۇھەممەت مەنسۇرغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز.
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن. خىزمەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
(تۆۋەندىكى سۈرەت) مىللى ياكى دىنىي مەدەنىيەتتىن ساۋاتسىز قالغان بەزى ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلار يەنىلا يوشۇرۇنچە ئەخلەت تاشلاپ قويماقتا. ئەخلەتلەرنىڭ تەركىۋىگە قارىغاندا سالاھىيىتى ئۇيغۇرغا كىرىدىغان بىراۋنىڭ ئەخلىتىكەن.
(تۆۋەندىكى سۈرەت) بۇ يىلقى قايتا-قايتا سۇ باشلاش نەتىجىسدە ئەسلىدىكى جۈجەملەرمۇ باشقىچە ياشىرىپ شۇنداق تەملىك پىشتى.
جۈجەم پىششىقىدا ھەر مىللەت خەلقى جۈجەملەرگە ئېغىز تەگدى.
چوقايتۇر زارەتلىكنىڭ يېشىللاشقان مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ ئەسلىدىكى ئىگىدارلىق ھوقوقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىلگىركى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى ئاساسىدا 3-ئەترەتنىڭ ھەيئەتلىرى بىرلىشىپ باشقۇرۇشنى قارار قىلدى.
كونا قەبرىستانلىق چوڭ يول بويىغا جايلاشقان. ئۆيلەڭدىن ئىبارەت يېشىللىق بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بۇنداق ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان زىمىن بەزى قۇرۇلۇش سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈتمىگەن تەرەقىيات پىلانى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرقى ھەيئەتلەر مۇزاكىرلىشىپ، ھەر قانداق مەزمۇندىكى قۇرۇلۇش ياكى ئۆزگەرتىش بولسۇن ئۇنىڭ كېيىنكى پايدىلىنىش ھوقوقىنى چوقۇمكى ئاممىنىڭ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىگىنى قارار قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئۇلارنى قوللىدى. شۇڭا كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ پىلاننى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
قەبرىستانلىق ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ياكى قەبرىستانلىقنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىغا ھەيئەتلەر مەسئۇل بولىدۇ. خالىس ياردەم بەرمەكچى بولغانلار ھەيئەتلەر بىلەن مۇزاكىرلەشسە بولىدۇ. ھەيئەتلەر بىلەن مۇزاكىرلەشمەي ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغانلار چەكلىنىدۇ.
چۈنكى ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشى باشقىلاردا قەبرىستانلىقنىڭ ئىگىسى يوق دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئومومنىڭ مۈلكى شەخسىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە كۆيۈنىشىنى، بىرياقىدىن، باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىناقلىق ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
خۇلاسە، قومۇلنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەقىيات مەخسىتىدىكى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشىدا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنلىق رولىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
ھۆرمەت بىلەن؛ چوقايتۇر زارەتلىكنى باشقۇرۇش ھەيئىتى. 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى