saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1237 قېتىم كۆرۈلدى
tatlikuygur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5178
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 103 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 104 سوم
تۆھپە: 58 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەن  ئېرىمنى  ياخشى كۆرەتتىم (ھىكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن مۇنبەر ئۇقتۇرىشى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-06-07)
              
  مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرەتتىم (ھىكايە)
ئاپتورى:تاتلىق ئۇيغۇر






                    مەن ئىچى-ئىچىمگە پاتماي يىغلىدىم.ئۆزەمنى شۇنچە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ،ماڭا ئاسى نۇرسىز كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلار ئېقىپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، ئوماق ئېرىم مەن سىزنى ئالداپ قويدۇم،سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.سىزمۇ ماڭا ئامراققۇ؟
        بالام ئىككىمىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز ئوغلىمىزنى بىللە بېقىپ چوڭ قىلمىساق قانداق بولىدۇ،دەپ ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىمنى ياندۇرۋالغۇم،ئۇنىڭغا قولىغا ئېسلىپ ئەركىلەپ سىزنى ئالداپ قويدۇم ، سىز دېگەن بالىمىزنىڭ دادىسى تۇرسىڭىز،مەن قانداقمۇ سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلمىگۈدەكمەن، دەپ يىغلامسىراپ كەتكەن كۆڭلىگە، خۇشاللىق ئاتا قىلماقچى بولدۇم. بىراق مىنىڭ جاھىللىق مەنمەنچىلىك ئاتا-ئانامنىڭ پۇلدارلىقىنى پەش قىلىپ،مىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ئېرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان بولساممۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇربانلىقلارنىمۇ بېرەلمىدىم. ئىرىم ماڭا توختىماي قارايتتى نۇرلۇق كۆزلىرىدىن بىر خىل بىچارە قىياپەت ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.دادامنىڭ قىزىم يولدىشىڭىز بىلەن قايتىپ ئۆيۈڭلارنى تۇتامسىلەر؟ ياكى ئېرىڭىزنى قايىل قىلىپ مۇشۇ يەردە ئۆي تۇتامسىلەر؟ يا بولمىسا ھەر ئىككىڭلار بولدى قىلامسىلەر دېگەن گېپى بىلەن ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ئېرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى قوشۇلۇپ ھەممىسىنىڭ دىققىتى ماڭا بۇرۇلدى،مىنىڭ شۇ بىر ئېغىز بولدى قىلايلى ئابلىكىم بۇ يەردە ئۆي تۇتۇشنى خالىمىسا مەن ئابلىكىمنىڭ يۇرتىغا كۆنەلمىسەم بولدى بىز ئاجرىشايلى، ئېرىمنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن مەندىن بۇنداق گەپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغىنى تەس ئەمەس ئىدى. بىراق مەن ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ،ئۇنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم. ئىرىم ماڭا قاراپ قاتتىق غەزەپلەندى بولغاي قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ  قاپقارا قاشلىرى بىلەن نۇرلۇق كۆزلىرى بىرىكىپ ماڭا قاراپ كۆزىنى زەردى بىلەن يۇمدى. يۇمدىيۇ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى.ئۇ ئاچچىقى بىلەن شۇنچە تىركەشكەن بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇپ بولالماي پاڭڭىدە يىغلاپ ئۆزىنى سىرىتقا ئاتتى. مەن ئەزەلدىن ئېرىمنىڭ  كۆزىدىكى ياشنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ شۇنچە ئەقىللىق ئەدەپلىك داداممۇ ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ھەرقانداق بىر كىشى زېرىكىش ھىسقىلمايتى.
         ئۇ چوڭ كىچىك ئۇششاق چوڭ دېمەي ھەممە خۇلۇم خۇشنىلار بىلەن بەك ئەپ ئۆتەتتى. بۇ گېپىم ئېرىمگە دەرۋەقە زەربە بولدى،ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى. بىراق مەن ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇم. رېئاللىق ھامان رېئاللىق ئېغىزدىن چىققان گەپنى ياندۇرۋالغىلى بۇلاتتىمۇ  ئەسلىغۇ ياندۇرۋالغىلى بۇلاتتى بىراق مىنىڭ قۇلىقىمنى ئاپام ئاللىبۇرۇن بۇراپ بولغان ئىدى.   ئەسلى بىز ئىرىم ئىككىمىز نەۋرە كېلەتتۇق ئىرىم ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىدى .ئاپامنىڭ ھەدىسى باشقا شەھەردە تۇرغاچقا بىز تەرەپكە تۇغقان يوقلاشقا توي تۆكۈن ھېيت بايرام ۋاقىتلاردا كەپ كېتەتتى. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىككى ئوغلى ئىككى قىزى بۇلۇپ  تۆت بالىسى بار ئىدى مەن بولسام ئۆزەم بۇ ئۆينىڭ يالغۇز مەلىكىسى ئىدىم. مىنىڭ يا ئاكام يا ئىنىم يوق ئىدى سىڭلىم ھەدەممۇ يوق ئىدى. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ چوڭ ئوغلى مىنىڭ يولدىشىم ئىدى. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇ مىنى دائىم ئۇرۋالاتتى.ئۇ تۇغقانلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەپسىزىزى ئىدى. كىچىك بولغاچقىمىكىن ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشۇپ قالدىممۇ بولدى مىنىڭ تاياق يېگىنىم ئېنىق ئىدى.بىز شۇ تەرىقىدە چوڭ بولدۇق.ئاپامنىڭ ھەدىسى مىنى ئوغلىغا ئەپ بەرمەكچى بولۇپ بىزنىڭكىگە كەلدى ئۆيدىكىلەر قوشۇلدى بىراق مەن قۇشۇلمۇدۇم چۈنكى ئۇنى قەتئى چۈشەنمەيتتىم ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا كەپسىز مىنى دائىم بوزەك ئەتكىنى يادىمغا يىتىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، قىزىم ئۇ ھازىر ئۇنداق كەپسىز ئەمەس ئۇ بەك ياخشى ئادام بولدى دەپ مىنى بەزلىدى. بىز داۋاملىق بىللە تۇرمىغاچقا ئۇ باشقا شەھەردە مەن باشقا شەھەردە بولغاچقا ئۇنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيتتىم.شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن بىر نەرسە دەيدىغان بولدۇم، ئۇ ئەتىسىلا بىزنىڭكىگە كەلدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى كەپسىزلىكى قوپال ھەدىسىلا دۈش دۈش دەپ ئادەمنى دۇمبالايدىغان ئادەتلىرىدىن ئەسەر كۆرۈنمەيتتى.ئوتتۇرا بوي قاشلىرى قاپقارا چاچلىرى ئادام تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز قۇيۇق ئىدى. چىرايى بۇغداي ئۆڭ، يېڭىلا خەت تارتقان بۇرتى. ئۇنى بىر قاراشتا ھىندىستان كىنولىرىدىكى ھىندىستانلىق  ئوغۇللارغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېتىلغان تىنچلىق سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ دېگەن گېپىدىن قىزىرىپ ئارانلا سالام قىلالىدىم.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىنى ھىسقىلدىم. ئۇ بەكلا كەمتەر ھەم شوخ بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرسام كۈلۈپلا تۇراتتىم.ئۇنىڭ دىننى بىلىمى ئانچە ياخشى ئەمەس بۇلۇپ مەن ئۇنىڭ دىنى بىلىم ئېلىشىغا تۈرتكە بولدۇم. ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان ئىدى. ئۇ دادام بىلەن نامازنى بىللە ئۇقۇيتى سۈرە ساۋاقنى مەن بېرەتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ دىننى بىلىمى خېلى ئۆسۈپ قالدى دىن چۈشەنچىسى  ئۇنىڭ باشقىلارغا دىننى قائىدىلەرنى سۆزلەۋاتقاندىكى قىياپىتى شۇنداق چەپدەس ھەم چۈشىنىشلىك ھەم قايىل قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تويىمىز بېكىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تويىمىز بولدى. تويدىن بۇرۇن بىز تۈزۈكمۇ پاراڭلاشمايتۇق. ئۇنىغا كۈندە ساۋاق بەرگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق باشقا گەپ چىقمايتتى. بەزىدە ئۇنى مەن بىلەن توي قىلغۇسى يوقمىكىن دەپمۇ قالاتتىم. ئۇنى ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەن. ئۇ ھەقىقەتەن مىنىڭ كۆيۈمچان ئىرىم ھەم مىنى جېنى كەتسىمۇ قوغدايدىغان قوغدىغۇچۇم. بۇرۇن ئۇنى كۈنلەمچى دەپ يامان كۆرەتتىم مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنلىشىگە مۇيەسسەر بولالماي ۋاتىمەن.ئۇ بەك سەزگۈر تەسەۋۋۇرغا باي بۇلۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىغان ھەرقانداق ئەر زاتىنىڭ كۆزىگە قاراپ سۇندۇر ۋىتەتتى ئۇنىڭ كۆزى ئىنتايىن نۇرلۇق ئىدىكى ئۇ غەزەپلەنگەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشتىن مەنمۇ ئەيمىنىپ قالاتتىم. ئۇنىڭ يېشى ئەمدىلا 19 ياش بۇلۇپ ئۇ ھەربى مەشىق كۆرگەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقان خېلى تەمبەل ياشتا چوڭ كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن تاياق يەپ كېتەتتى. شۇنداق ئۇ مىنىڭ ئايرىلماس قوغدۇغۇچۇم.ئۇنىڭ ئاچىقلىنىشىدىن قورقىمەن. ئۇنىڭ كىشلەر بىلەن شۇقۇشۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ قورقىمەن شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چىقىپ قالساممۇ كۆزۈمنى يەردىن ئۈزمەيمەن.بىز بىر-بىرىمىزگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردۇق. ئۇ مىنى مەڭگۈ قوغدايدىغانلىقىنى ئىككىمىزنىڭ ھەرقانداق ئىش تۈپەيلى تۇغقاندارچىلىق يۈزىدىن بولسىمۇ ئايرىلىپ كەتمەسلىكىمىز توغرۇلۇق ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم.ئۇنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تىجارەت ئۆگەنسۇن دەپ ئىچ كۈيئوغۇل قىلىۋالدى. دادام ئاپاملارنىڭ باشقا بالىسى بولمىغاندىكىن  بۇلارنىڭ تىجارىتىگە بىز ۋارىسلىق قىلمىساق كىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش قۇردۇق.بارلىق تۇنۇش بىلىش دوست بۇرادەرلەر، بىزدىن سىلەر يۇرىۋاتامسىلەر؟ دەپ سورايتتى بىز توي قىلغىلى بىر يىل بولدى دېسەك ئۇلار ھاڭ تاڭ قالاتتى. بەزى كىشلەر بىزدىن سىلەر ئۇرۇشۇپ قالامسىلەر دەپ سوراپ قۇياتتى. شۇنداق بۇ سوئالنى بىرلا كىشى ئەمەس  ھەتتا داداممۇ بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزدىن زۇقلۇنۇپ چاق-چاق ئارلاش مۇنداق دېگەن، توي قىلغان ئايال كىشى دېگەننىڭ يۈزى ئانچە مۇنچە كۆكۈرۈپمۇ قالىدىغان بىراق سىنىڭ يۈزۈڭ ئۇنداق بۇپ باقمىدى قارىغاندا ئابلىكىم سىنى ئۇرمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ مىنى تىرىكتۈرەتتى.شۇنداق بەخىتلىك كۈنلۈرۈمنىڭ بىرىدە بويۇمدا قالدى. ئۇنى ئىرىم ئۆيدىكىلەر بىلىپ ئىرىم ئىككىمىزگە دۇئا قىلدى ئىرىم ئەمدىلا 19 ياش مەن ئەمدىلا 18 ياش ئىدىم. بىلمىگەن كىشىلەر بىزنى توي قىلدى دىسە قەتئى ئىشەنمەيتى. ئىرىم بويۇمدا قالغىنىدىن خوش بۇلۇپ توۋلاپ كەتتى. راستىمنى دېسەم ئېرىمگە راسلا مەستلىكىم كەلدى،ئىرىم سىز نېمىدېگەن بەخىتلىك ئۆزىڭىزمۇ كىچىكلا بىر بالا ئەمدى سىز دادا بۇلۇش .ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىز ئەگەر ئوغۇل تۇغۇپ قالسام سىز ئوغلىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭسىڭىز توۋا ئۇلۇغ ئاللاھ  شۇ كۈنلەرگىمۇ نېسىپ قىلارھە. مىنىڭ سىزىكلىكىم ئەۋجىگە چىقتى ئىرىم ماڭا كۆيۈنۈپ قىلمىغىنى قالمايتتى.نېمە يېگۈم كەلسە ئۇ مەيلى كۈندۈز بولسۇن ياكى كەش بولسۇن ئۇ ئەكەپ بېرەتتى. بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىزگە كۆز تەگدىمۇ ياكى بۇ ياراتقۇچۇمنىڭ سىنىقىمۇ بىلمىدىم. قۇربان ھېيىت كەلدى، ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىرىم بىلەن نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كەلدۇق ئىككىنچى كۈنى بولسا يەنە شۇ دۇكاننىڭ ئىشىنى دەپ يەنە چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئىرىم ئادەتتە كاستۇم كىيمەيتى ئۇنىڭ تويىمىزدىكى كاستۇم كىيگەن سالاپىتى ھېلىھەممۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ توي كۈنىدىن تاھ ھازىرغىچە كاستۇم كىيىپ باقمىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي دومسىيىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئۇنىغا كاستۇم ئالدۇق. ئۇنىڭ كېلىشكەن جىسمىغا بۇ كاستۇم شۇنداق ياراشقان ئىدى،بىراق ئۇ يەنىلا  ئەركىن بولالمايدىكەنمەن دەپ تەنە قىلماقتا ئىدى مەن يەنىلا ياق ئەمدى سىز چوڭ بولدىڭىز سىز دېگەن دادا بۇلۇش ئالدىدا ئەمدى چوڭ سۈپەت كىيىم كىيىڭ دېدىم. ئىرىم خوش بولدى ماقۇل ئەگەر چوڭ بولىدىغان ئىش بولسا كىيسەم كەيدىم دەپ ئەينەككە قارىدى جەسۇر سالاپەت بىلەن، ئېرىمگە  يەنە ھەۋىسىم كەلدى. ھېيتنىڭ ئىككىنى كۈنى ئۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدى.خوشنا دۇكاندارلار ئۇنىغا قەۋەتلا ئامراق بۇلۇپ چاقچاق لىشىپ تۇراتتى ئۇزۇن ئۆتمەي بىرى كېلىپ بىزدىن نەرسە كېرەك سېتىۋالدى. ئۇ ئادام ئىنتايىن قوپال، ئېرىمنى بەلكىم كىچىك بالا دەپ قالدى بولغاي سەنلەپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتاتتى ئېرىمنىڭ ئاچچىقىنى بىلگەچكە دەرھال ئىرىم تەرەپكە بۇرۇلدۇم دەرۋەقە ئېرىمنىڭ قاپقارا قاشلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئىرىم مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى، ئەمما ئەخلاقسىز، ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشلەرگە بەك ئۆچ ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىدىن غەزەپلەنگەن ئىرىم ئاكا مەن مالنى پارچە ساتمىغان خاپا بولمىغان بولسىڭىز دەپ گەپنى ئۈزدى،بىزنىڭ تىجارەت قۇرۇق لازا تىجارىتى بۇلۇپ  ھەر كىلوسى 20 يۈەن ئىدى. نېمە دېدىڭ؟ ۋۇي كىسپۇرۇش لازىچى... قاسساپ گۆشنى 40 يۈەن سېتىپ پارچە ساتقان يەردە سەن ماۋۇ ئاچچىق لازاڭنى پارچە ساتمىغان دەيسىنا بۇ لازاڭنى كىم كىلولاپ ئېپ يەيدۇ مەن ئۈچ ۋاق لازا يېمەيمەن... ئىرىم يەنە ئۆزىنى باسالماي، ئۇنداق بولسا گۆش يەڭ  ئاچچىق لازىنى پۇلغا ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟ ئۇنىڭدىن  كۆرە ئالمايلا قۇيۇڭ دەپ ئېرىممۇ بوش كەلمىدى. ئېرىمنىڭ بۇ تەنە گېپى ئۇ ئادەمگە خېلىلا تەسىر قىلدى بولغاي ئېرىمنى سەت گەپ بىلەن تىللاشقا باشلىدى، ئېرىمنىڭ ئاچچىقى پەللىگە چىقتىدە  ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرىشى باشلاندى. مەن ئېرىمنىڭ مىجەزىنى ئۇبدان بىلەتتىم بىر ئىش چىققاندا ئۇ مىنىڭ يېقىن كېلىپ يىغلىشىمنى قەتتى ياقتۇرمايتتى  ھەم گەپ قىستۇرشۇمنىمۇ قەتتى ياقتۇرمايتتى. بىراق قانداقمۇ ئوماق ئېرىمگە چىداپ تۇرالايمەن. دەرھال خوشنا دۇكاندارلارنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇنىڭغۇچە ئىرىم ئۇ كىشىنى ئاللىبۇرۇن پۇرلاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئېرىمنىڭ  شۇنچە يوغان ئادەمنى قانداق ئۇرۋالغىنى ھىچ ئەقلىم يەتمەيدۇ. مەن ئەپ بەرگەن چىرايلىق قارا كاستۇمنىڭ تۈگمىسى يوقلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىرىم ئۇ ئادەمدىن ھىچ بىر تاياق يېمىگەن ئىدى. ئەمدى جېدەل باشلىنىپ كەتتى ئۇ كىشى ئادەم توپلاپ كۈندە دۇكان ئالدىدا ئېرىمنى ئۇرۇشنىڭ كويىدا، ئۆيدىكىلەر ئېرىمگە سۇقۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى ئازراق كايىدى، ئىرىم بۇنى كۆڭلىگە ئەپ قالدى، چۈنكى ئىرىم بۇ يۇرتقا مۇساپىر ئىرىم مىنى ئاتا ئانامنى دېمىسە ئۇنىڭ بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ . تۇرغۇسى يوق. ئىرىم بۇ ئىش توغرۇلۇق بۇ يۇرتتىن رايى ياندى. چۈنكى ئىرىم يۇرتىدا ئەركىن ئازادە  چوڭ بولغان بولغاچقا  بۇ كىشىنىڭ كۈندە دۇكان ئالدىغا كەپ ھېلىقى بالىنى چىقىرىپ بىرىڭلار ئۇ مىنى شۇنچە جىق كىشلەر ئالدىدا ئۇردى ئەمدى مەن ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئېرىمنى قانداقمۇ ئۇ ئون نەچچە ئادەم ئالدىغا چىقىرىپ بەرگۈدەكمەن. ئېرىمنىڭ قايتا-قايتا ئۆتىنىشى بىلەن ئېرىمنىڭ يۇرتىغا  كەپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدۇق. مەنمۇ ئىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەي دەپ ئېرىمنىڭ يۇرتىغا كەلدىم.ئېرىمنىڭ ئائىلە شارائىتى بىزنىڭكىگە  ئوخشىمايدىغان بولغاچقا بىچارە ئىرىم قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىدى بىراق مىنىڭ سېزىكىم تېخىچە يانماي ۋاتقان ئىدى. ئېرىمنىڭ جاپا دەستىدىن چىرايىنىڭ خۇنى قالماي  باشقىلار بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتاتتى. مەن يۇرتۇمدىن چىقىپ باقمىغان بولغاچقا يۇرتۇمنى سېغىندىم ئانامنى سېغىندىم ئاناممۇ مىنى ئېرىمنىڭ يۇرتىدىن قايتىپ كېلىشىمنى ئېيتتى.ئېرىمنىڭ تاپقان پۇللىرى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا قاتنايدىغان ماشىنىغا خەجلەپلا تۈگەيتتى. ئامال قانچە مىنىڭ يۇرتۇمدا تۇرايلى دېسەم  ئېرىمنىڭ كۆڭلى بۇ يورۇتتى سەسكەندى قىسقىسى ئىرىم بۇ يۇرتقا سىغمىدى. مەن  ئېرىمنىڭ يۇرتىدا تۇراي دەپ شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا مەن ئاجىز ئىكەنمەن، مەن چىدىمىدىم يۇرتۇمغا ئانامغا چىدىمىدىم، ئانامنىڭ ئەگەر ئابلىكىم يۇرتىغا ئەپ كېتىدىغان ئىش بولسا بولدى، سىزنى چىقىرىۋالىمەن دەپ چىڭلا تۇرىۋالدى.مىنىڭ ئاي كۈنۈممۇ يېقىن بوپ قالغاچقا مەن ئاپاملار بىلەن تۇرىدىغان بولدۇم. ئىرىم يۇرتىغا قايتىپ ئىشلىمەكچى بولدى. كونىلار ھەجەپ توغرا ئېيتىپتىكەن دىسە، يىراقتىن يار تۇتقۇچە يېقىندىن دۈشمەن تۇت دەپ. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. ئېرىمنى دەرۋەقە سېغىنغان ئىدىم. ئېرىمنىڭ قورسىقىمنى سىلاپ ئەركىلىتىشنى مەن ئۇيقىغا كەتكەندە يوتقۇنۇمنى يېپىپ قۇيۇشنى سېغىندىم. ئىرىم سىزمىنى سىغىندىڭىزمۇ؟ ئىرىم مىنى كۆرگىلى پات پات كەپ تۇراتتى. ئۇ كېتىدىغان ۋاقىتتا بولسا ئۇنىغا قەتتىلا قىيالمايتىم. بىراق ئۇ يەنىلا قايتىپ كېتەتتى.ئاپام بىر كۈنى توساتتىن ئاجىراشتۇرۋالدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئانامنىڭ دېيىشچە مەن تۇغۇپ بولغاندىمۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا بەرمەسمىش. نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئانام داداملارمۇ ياشىنىپ قالدى ئۇلارنىڭ تاپقان تەرگىنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىرىم ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقمىش. مەن ئېرىمنى بىلىمەن بىر نەرسىدىن سەسكەنسە ئۇ ھەرقانچە ئالتۇن بېرەي دېسىمۇ بارمايدۇ. مەن ئۇنى ھازىر قەدەر ئالداپ كەلدىم. مەن ئاپامنىڭ دېگەن لىرىنى ئۇنىدىن يوشۇردۇم. چۈنكى مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرەتتىم. ئېرىممۇ مەن ئۈچۈن ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بەردى شۇڭا ئۇنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرغۇم كەلمەيتى. مانا مەن ئاخىرى يەڭگىدىم ئۇلۇغ ئاللاھ تۇغۇت  نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ئۇف  ئاپامغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.كۆيۈمچان ئېرىمنى بولسا قۇلۇقىنى چىشلەپ مىنى نىمىشا بۇنداق تەس ئىشنى قىل دەيسەن دەپ تازا بىر دەردىمنى چىقىرۋالغۇم كەلدى. دەرۋەقە ئوغۇل تۇغدۇم. ئېرىمنىڭ كىچىك بالىدەك خوش بولغىنىغا قاراپ كۆزلىرىمدە ئىسسىق ياشلار ئەگىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىدىنمۇ قايتىپ چىقتىم. ئىرىم ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاخىرى تېشىلدى. ئېرىمنى ئاپام داداملار ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ يۇتۇمدا تۇرغۇزالمىدۇق مەنمۇ شۇنچە يالۋۇردۇم بىراق نەتىجە ئوخشاش. ئېرىمنىڭ كۆڭلى بۇ يەردىن قاتتىق رەنجىدى. چۈنكى ئىرىم تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز دېگەن ھىكمەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. مەن ئىرىم بىلەن نىمىشقا كەتمەيمەن.ئەر نەدە بولسا ئايال شۇ يەردە دېگەن گەپ باغۇ.  بىراق مىنىڭ ئاپامدىن ئايرىلغۇم يوق ھەم مىنى ئاپام ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ئاجراشتۇق بىر بىر-بىرىمىزگە قىيالمىساقمۇ ئاچچىق ياشلار بىلەن يىغلاپ ئاجراشتۇق.مەن ئېرىمدىن ئوغلۇمنى ئۆتۈندۈم، ئىرىم كەڭ ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىمنى سىلاپ بىز باشقا يەرگە كېتەيلى دىدى، مەن يەنىلا ئۇنمۇدۇم ئىرىم ماڭا تولا گەپ قىلىپ ئاخىرى پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ يەتتى بولغاي،ئوغلۇمنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.  شۇ ۋاقىتتا مەن راستلا كىچىك ئوخشايمەن. ياكى ئىرىم ئىككىمىز كىچىكمۇ بىلمەيمەن. بەخىتلىك تۇرمۇشىمىز شۇنچە خۇشال ئۆتكىنىگە ئوخشاش شۇنچە تېزلا غازاڭ بولدى.   بۇنى مەن كىمدىن كۆرىمەن. ئېرىمدىن كۆرەيمۇ ؟ ياكى ئاتا ئانامدىنمۇ ؟ بۇ ئىشلارنى ئويلىساملا  كاللام ئىشلىمەي قالىدۇ. ئىككىمىز ئايرىلغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى بالاممۇ 1 ياشتىن ئاشتى ئوغلۇم دادىسىغا شۇنداق ئوخشىدىكى دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىنمۇ بەك كەپسىز.... دادىسى تېلېفۇن قىلسا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يىلىنىپ بولسىمۇ ئوغلۇمنى بىرگە باققۇم بار، بىراق يەنىلا  مۇشۇ جاھىللىق ئاتا ئانامنىڭ پۇلدارلىقىنى چوڭ بىلىپ ئۆزەمنى ئۇنىڭغا ئاجىز كۆرسەتمەيمەن. تېخى ئۇنىغا ئەمدى تېلېفۇن قىلماڭ  ئۆيگە ئەلچىلەر كېلىۋاتىدۇ. بىز ئايرىلىپ كەتكەندىكىن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، دەپ قوپال تىگىمەن. بىراق بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن  مەن بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئىككىدىن توي قىلغان مەندىن يېشى خېلىلا پەرقلىق كىشلەر تۇرسا قانداقمۇ مىنىڭ ئېرىمگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. بىراق ئامال يوق ئۆز بەختىمنى ئۆزەم نابۇت قىلدىم ئەمەسمۇ. تېلېفوننى قويغاندا بولسا  مەن ئىچى-ئىچىمگە پاتماي ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتىم، كەچۈرۈڭ ئىدىم، مەن سىزنى ياخشى كۆرەتتىم، بىراق مەن سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلمەي قالدىم. ئەسلى مەن چوڭ خاتالاشقان ئىكەنمەن. سىزگە قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن بەخت تىلەيمەن. سىز چوقۇم بەخىتلىك بولىسىز، خەيرى ئاللاھقا ئامانەت....
خاتىمە: بۇ ئەسەرنى بارلىق ئوغۇل قىزلىرىمىزغا بېغىشلايمەن  تەپسىلى ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . بەلكىم بۇ ئەسەر جەمىيتىمىزدىكى بەزىبىر ئازغۇن كىشىلىرىمىزگە دەرسلىك بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن......

   تامام
ئەسكەرتىش: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ ئەسەر بىر تونۇشۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى ھېكايىسى بۇلۇپ تونۇشۇمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يېزىپ چىقىلدى. سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگۈچى : ئابدۇراخمان (تاتلىق ئۇيغۇر)
  مەن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان بولغاچقا بۇ ئەسەرنى جايىدا قۇراشتۇرۇپ يازالماي قالدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى پىكىرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. بۇ ئەسەر مەشىق سۈپىتىدە يېزىپ چىقىلدى. ئاپتورنىڭ ئەسەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

مەنبە: ئۆز قەلەم



تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-06, 17:04
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-06 16:30 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 621 سوم
تۆھپە: 364 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 368 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 440(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋەقەلىك يامان ئەمەسكەن،باشقۇرغۇچىلار ئىملا ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ قايتا بىر تەھرىرلىۋەتسە بولغىدەك.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 17:53 |
bahitlik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاتا-ئانىلار باللىرىمىز ياخشى بولسۇن دەپ بەزىدە بەختىگە ئولتۇرۇپ  قويىدۇ.  ئاللاھ ساقلىسۇن  ياخشى كۆرۈشۈپ ئايرىلىشنى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 03:45 |
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 990 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 990 سوم
تۆھپە: 542 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 542 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ . بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەر يېزىشىسىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
saltanat
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 15:54 |
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 990 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 990 سوم
تۆھپە: 542 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 542 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئەسەرنى ئەدەبىي ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يۆتكەپ قويۇڭلار باشقۇرغۇچىلار.
simfoniya
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 15:59 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 636
شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3260 سوم
تۆھپە: 1934 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىسى مېنى بەكلا قىزىقتۇردى .  ئاپتورنىڭ قەلەم كۇچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن !
lutun
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-07 20:41 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 457
شۆھرەت: 2316 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1387 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1388 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى بىر دەرسلىككەن ،ھاززىر باشقا-باشقا يۇرتتىكىلەر تويلىشىش بەك كۆپ مۇشۇنداق كۈندە ھەممە ئادەم ئۆز -ئۆزىگە ھۆرمەت قىلمىسا ئۆي -ئۆي بولمايدۇ ،مەن تونۇيدىغان بالىلاردىنمۇ سىرت بىلەن تويلاشقانلار بەك كۆپ .مەنمۇ شۇ ...
simfoniya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-11 13:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى