saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 958 قېتىم كۆرۈلدى
turkoli1997
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 675 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 675 سوم
تۆھپە: 397 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 368 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ۋېي ، جىن سۇلالىلىرى ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدە ( 2 )


       
    
     ۋېي سۇلالىسى خۇاڭچۇنىڭ 3 - يىلى ( 222 - يىلى )
     غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئالاقە ئەسلىگە كېلىدۇ . ئوتتۇرانچى تىركەك چېرىكچى مەھكىمىسى ، جىمكۆل ئېۋىرغول كاھبېگى تەسىس قىلىنىدۇ .
     جىن سۇلالىسى يۇڭنىڭنىڭ 1 - يىلى ( 301 - يىلى )
      غەربىي يۇرتتىكى دورغاپ مەھكىمىسى ، ئوتتۇرانچى تىركەك چېرىكچى مەھكىمىسى لياڭجۇ ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارايدۇ . ئېۋىرغولمۇ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ .
      ئالدىنقى لياڭ جيەنشىڭنىڭ 5 - يىلىدىن شېڭپىڭنىڭ 20 - يىلىغىچە ( 376 - يىلىدىن 317 - يىلىغىچە )
       ئالدىنقى لياڭ ئېۋىرغول كەھبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىدۇ . جاڭ جۈن دەۋرىگە كەلگەندە ، سوفۇ ئېۋىرغولنىڭ كاھبېگى بولىدۇ .
       ئالدىنقى چىن جۈەنيۈەننىڭ 20 - يىلى ( 384 - يىلى )
        ئالدىنقى چىننىڭ باش سانغۇنى لۈي گۇاڭ كۆسەننى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن پەرمان بويىچە قاشقوۋۇق ( يۈمىنگۈەن ) نىڭ غەربىدىكى ھەربىي ئىشلارغا نازارەت قىلىدۇ . ئېۋىرغول ئالدىنقى چىنغا تەۋە بولىدۇ .
        كېيىنكى لياڭ تەيئەننىڭ 1 - يىلى ( 386 - يىلى )
       ئېۋىرغول كېيىنكى لياڭنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ .
        كېيىنكى لياڭ شيەننىڭنىڭ 2 - يىلى ( 400 - يىلى )
        لى خاۋ غەربىي لياڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ . ئېۋىرغول غەربىي لياڭنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تيەن شىڭنىڭ 5 - يىلى ( 402 - يىلى )
        ئاۋارلار غەربتە كېنگىتتىن تارتىپ شەرقتە چاۋشيەنگىچە ، جەنۇبتا چوڭ چۆلگىچە بولغان زېمىندا قاغانلىق قۇرىدۇ . ئېۋىرغول ئاۋار قاغانلىقىغا تەۋە بولىدۇ .
        شىمالىي لياڭ شۈەنشىنىڭ 11 - يىلى ( 422 - يىلى )
        شىمالىي لياڭ سۇلالىسى غەربىي لياڭ سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىپ يوقاتقاندىن كېيىن ، تاڭ چى ، تاڭ خې ، غەربىي لياڭ خانىنىڭ پۇشتى لى باۋنى ئېۋىرغولغا ئېلىپ كېلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 2000 دىن ئوشۇق ئائىلىنى يىغىپ ئاۋارلارغا بېقىنىدۇ . ئاۋارلار پەرمان چىقىرىپ تاڭ چىنى ئېۋىرغول ۋاڭلىقىغا تەيىنلەيدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى شىگۇاڭنىڭ 2 - يىلى ( 425 - يىلى )
        سابىق غەربىي لياڭ خانى لى خاۋنىڭ خوتۇنى يى خانىش جيۇ چۈەندىن ئېۋىرغولغا قېچىپ كېلىدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تەيپىڭ جېنجۇنىڭ 3 - يىلى ( 442 - يىلى )
        لى باۋ شىمالىي لياڭ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، 2000 دىن ئوشۇق كىشىنى باشلاپ ئېۋىرغولدىن دۇنخۇاڭغا قايتىپ شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە ئۆتىدۇ . تاڭ چى يەنە بىر قىسىم قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ قۇجۇغا قايتىپ كېتىدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تەيئەننىڭ 2 - يىلى ( 456 - يىلى )
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنى دۇنخۇاڭدا تۇرۇشلۇق باسقاق سانغۇنى ۋېي جۈەن لەشكەر باشلاپ كېلىپ ئېۋىرغولنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تەيخېنىڭ 12 - يىلى 12 - ئاي ( 489 - يىلى )
       ئاۋارلارنىڭ ئىلكىدىكى ئېۋىرغول شەھىرىنىڭ باشلىقى گاۋگوزى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ئېۋىرغول ئايمىقى تەسىس قىلىدۇ . ئۇزاق ئۆتمەيلا پىشامشان ئۇيغۇرلىرى ئېۋىرغولنى ئىشغال قىلىپ لاپچۇق شەھىرىنى بىنا قىلىدۇ .
        شىمالىي ۋېي سۇلالىسى تەيخېنىڭ 21 - يىلى ( 497 - يىلى )
        قۇجۇ پادىشاھى مارۇ شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ پۈتۈن ئەلنى ئىچكىرىگە كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . پادىشاھ شاۋۋېندى ئاتاقلىق سانغۇن خەن ئەنباۋنى 1000 دىن ئوشۇق ئاتلىق لەشكەر بىلەن ئالدىغا ئەۋەتىدۇ ھەمدە مارۇنىڭ قول ئاستىدىكى خەلقنىڭ ماكانلىشىشى ئۈچۈن ئېۋىرغولدىن 500 چاقىرىم يەر بېرىدۇ . لېكىن ئۇچرىشالماي قالغانلىقتىن خەن ئەنباۋ ئېۋىرغولدا تۇرۇپ قالىدۇ .
       شىمالىي ۋېي سۇلالىسى يۇڭپىڭنىڭ 1 - يىلى ( 508 - يىلى )
       ۋېي سۇلالىسى پادىشاھى مېڭ ۋېي قوماندانلىقىدىكى لياڭجۇدا تۇرۇشلۇق 3000 لەشكەرنى قۇجۇدىن شەرققە كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىدۇ . قوشۇن ئېۋىرغولغا يېتىپ كەلگەندە ، ئاۋارلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ . ئاۋار قاغانى تولۇن ۋېي سۇلالىسى بىلەن قاڭقىللار بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ ، قوشۇنىنى دەرھال چېكىندۈرۈپ كېتىدۇ . قاڭقىللارنىڭ باشلىقى مىئوتو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىپ بارىكۆلنىڭ شىمالىدا تولۇن قاغاننى ئۆلتۈرىدۇ . مېڭ ۋېي لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئېۋىرغولغا قايتىپ كېلىدۇ .
 
        داۋامى بار...
      مەنبە : قومۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى
     ئەسكەرتىش : باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-06, 20:41
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-06 19:34 |
heniya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 143
شۆھرەت: 815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 815 سوم
تۆھپە: 478 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 478 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بۇنى نىمە مەقسەتتە يوللىغانلىقىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم،بىز قەدىمدىن جۇڭخۇانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىمىزنى سىز بىلدۈرۈپ قويمىسىڭىزمۇ ھەر ۋاقىت قۇلىقىمىزدا ياڭراپ تۇرىدۇ ، باشقا پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى تېمىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-09 20:14 |
ahlak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5258
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىخنى يامان بىلدىكەنسىزغۇ .ئەپسۇسلىنارلىغى كىممۇ قىزىقار بۇتارىخقا. باشقا بىلىدىغان تارىخلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز  . ھەمىمىزگە ياد بولۇپ كەتگەن تارىخ لارغۇ بۇ...........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-11 01:20 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 457
شۆھرەت: 2316 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1387 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1388 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولدى داۋامىنى يوللىماي باشقا ياخشى تېمىلارنى يوللاڭ .جاپاتارتىپ قالىسىز    
saltanat
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-11 04:11 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى