saltanat lutun
بۇ تېما 343 قېتىم كۆرۈلدى
qarabeg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7556
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 73 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 73 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەسئۇلىيەتنامىنى چۈشىنەمسىز؟

ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىر بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، سىنىپتا نەچچە ئوقۇغۇچى بولسا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭمۇ مۇقۇملۇقىنى ساقلاش ھەم سىياسى ئىدىيىۋى ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىسىز. سىنىپىڭىزدا 40 نەپەر ئوقۇغۇچى بولسا، شۇ 40 نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كېلىشى-قايتىشى، دەرىسكە قاتنىشىشى، دەرىس ئۈگۈنۈشى، دەرىس تەكرارلىشى، تازىلىقى، مەكتەپ ئىنتىزامىغا، جەمىيەت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىقى، 40 خىل مىجەز، 40 خىل خۇلۇق….ئىشقىلىپ 40 ئوقۇغۇچىنىڭ ياڭزىمۇ- ياڭزا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا مەيلى مەكتەپ ئىچىدىكى بولمىسۇن ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى بولمىسۇن ئۇلارنىڭ سىياسى-ئىدىيىۋى ئەھۋالى، مۇقۇملۇقنى ساقلاش ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ مەسئۇل بولىسىز. سىزنىڭ پەقەت 40 ئوقۇغۇچىنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ، 12 ۋاخ، 24 سائەت يىمەي يىگۈزۈپ، كەيمەي كەيگۈزۈپ، مۈمكىن بولسا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن قوشۇپ، ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالمىغان يېرىڭىزلام قالىدۇ.
ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا، سىز يۇقارقى خىزمەتلەردىن بىرەر چاتاق چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاتاق چىقىپ قالسا مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش مەقسىدىدە ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم، قاتمۇ-قات مەسئۇلىيەتنامە، توختامنامىلارنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولىسىز. ۋە ئىمزالايسىز. ئەگەر بۇ توختام، مەسئۇلىيەتنامىلەرنى ئىمزالىمىسىڭىز مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدە بايقىلىپ قالسىڭىز كۆتىرىپ قوپقۇسىز جىرمانىلار سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.
سىز ئىمزالاشقا تىگىشلىك بارلىق مەسئۇلىيەتنامە ۋە توختاملارنى ئىمزالاپ بولدىڭىزمۇ؟ ئىمزالاپ بولغان بولسىڭىز سىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان غەملەر يېنىكلەپ كۆڭلىڭىز ئەمىن تاپقاندەك بولدىمۇ؟
ئەمەلىيەتتىمۇ توختامنامە، مەسئۇلىيەتنامىلار ئىمزالانغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئىمزالىغان توختام ۋە مەسئۇلىيەتنامىلارنىڭ روھى بويىچە مەسئۇلىيەت كىمدە بولسا شۇنىڭغا كېلىدۇ. مەسىلىنى كىم سادىر قىلسا ھۆددىسىدىن شۇ چىقىدۇ. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، تىكەن كىرگەن يەردىن ئېلىنىدۇ! بۇ ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋام ئېتىپ كەلگەن قائىدە!
سىز مۇشۇلارنى ئويلاپ ھاردۇغىڭىز بىرئاز يېنىكلىگەندەك بولىدۇ. بىراق سىز بۇنىڭلىق بىلەن كېرىلىپ كەتمەڭ. شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىپ، ياخشى ئىشنىڭ يامىنى يۈز بەرگەندە، سىنىپىڭىزدىكى 40 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرەرسى چاتاق چىقارغاندا سىزنىڭ ئۇ توختام، مەسئۇلىيەتنامىلىرىڭىز ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا مەسئۇليىتىڭىزنى يېنىكلىتىشكە قىلچىلىكمۇ پايدىسى بولمايدۇ. يەنىلا ۋاقتانى ۋاق كەلەەندە قانۇن ۋە توختاملار بىر ياقتا قېلىپ سىز بەلگۈلۈك بەدەل تۈلەشكە مەجبۇر بولىسىز. شۇڭا بۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھەرگىزمۇ توختامغا گۆل بولماڭ! شۇڭا دەيمەنكى كۈنىمىزدە بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ئىمزالىنىۋاتقان توختام، مەسئۇلىيەتنامىلار ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدىغان ئىمىزگە خارەكتىرىدىكى تەتۈرلۇكتىن باشقا نەرسە ئەمەس!


2012.06.8ئاپتور: Qarabeg
http://www.Qarabeg.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-08 01:47 |
ablikim95
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8104
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 43 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 44 سوم
تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزگە باشلىق بولغانلار مەسئولىيەتنامىلارنى ئىمزالىىۋالسا ،ئويناشقا ۋاقىت چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟ تۈۋەندىن پەقەت چاتاق چىقمىسا باشلىق دىگەننى نىمە قىلىدۇ؟ باشلىقلارنىڭ خىزمەت فونكىسىيسى مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىدى.بىراق ھازىر پەقەت بىر تەرەپ قىلىشلا بۇلۇپ قالدى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 13:19 |
قارلۇق007
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4048
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 204
شۆھرەت: 1075 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1080 سوم
تۆھپە: 641 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 646 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 418(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گةپنى قىپسىز،بۇ مةسئۇليةتنامة دىگةن ۋاقىتلىق ئىمزىك خالاس.توختامنامة بولسا ئةدىليىلىك باھالاشتىن ئۆتكۈزسة قانۇنى كۈچكة ئىگة بۇلدۇ بولمىسا قۇرۇق قةغةز بۇپ قالىدۇ.
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل ئەخلاقتۇر
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 13:19 |
madikar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<ئەمەلىيەتتىمۇ توختامنامە، مەسئۇلىيەتنامىلار ئىمزالانغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئىمزالىغان توختام ۋە مەسئۇلىيەتنامىلارنىڭ روھى بويىچە مەسئۇلىيەت كىمدە بولسا شۇنىڭغا كېلىدۇ. مەسىلىنى كىم سادىر قىلسا ھۆددىسىدىن شۇ چىقىدۇ. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ، تىكەن كىرگەن يەردىن ئېلىنىدۇ! بۇ ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋام ئېتىپ كەلگەن قائىدە!
>......
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~``
  كەمىنەنىڭ ئىدارىسىدە،مەسئۇلىياتنامە دەپ پەسىلدە بىرسى كېلىپ تۇرىدۇ،لېكىن ھېچنىمىگە ئەزقاتمايدۇ...شەكىلۋازلىق دىگەن قاتتق ئەۋىج ئالغاندە...
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 14:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە