saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 943 قېتىم كۆرۈلدى
yantakjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7740
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 29 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاياللاردىن ئاغرىنىش ھوقوقىمىز يوق!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن شېئىر - نەسىرلەر بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-06-08)
 
   ‹‹ئەرلېرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ئاياللېرى رەسۋالىشىدۇ››دەپ توغرا ئېيتقان. بىزنىڭ  ھەرگىزمۇ ئاياللاردىن ئاغرىنىش ھوقوقىمىز يوق. چۇنكى بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانداق ھەقلېرى بارلىغىنى ئۇنتۇپ قىلۋاتىمىز. ئۇلارغا بالىلىقتىن ئادەم بولغۇچە،  ئانا بۇلۇشتىن  ئانا بولغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا قانداق تەربىيە قىلدۇق؟ھەقلېرىنى قانداق ئادا قىلدۇق؟بۇلارنى چوڭقۇر ئويلانماي بولمايدۇ؟! ھەممىمىز گۇناھكار بەندىمىز.؟ ھازىر كىشلەردىن ئىنساپ- دىيانەت، شەرمى ھايا كۆتۈرلۇپ ،قەلىپلېرىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، ناھەقسىزلىقلار باش كۆتۈرۈپ، ھەقىقەتلەر كۆمۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ! ئاتا_بالا ،ئاكا_ ئۇكا،ئۇرۇق_ تۇققان قېرىنداشلار ئارسىدا پەدىشەپلەر بۇزۇلۇپ ،ھۆرمەت ھەم ئىززەتلەر يوقىلۋاتىدۇ.ھەقىقى ساپ مېھرى مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى،يالغانچىلىق، ۋاپاسىزلىق،ئاسىيلىق ئىگەللەۋاتىدۇ. ئىپپەتلىك ،شەرمى_ ھاياھلىق  خۇتۇن_قىزلېرىمىزنىڭ شەنىنى،  ھاياسىز، نۇمۇسسىز، شەرمەندىلەر بۇلغاۋاتىدۇ. دىيانەتلىك ،جاسارەتلىك،مەسئوليەتچان ئەكەكلېرىمىزنىڭ شەنىنى، مەسئوليەتسىز،ئىرادىسىز،قورقۇنچاق زەيپانىلەر بۇلغاۋاتىدۇ.بەزى بىر پەسكەش ئەكەكلېرىمىز ھە دىسىلا،تېخى غۇنچىسى ئېچىلمىغان گۈللەرنى نابۇت قىلدىغان، بىغۇبار ئىرادىسىز قىزلېرىمىز ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئوز ھاياتىدىكى بىردىنبىر ھالال جۈپتىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىپ، ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئىپپىتىنى يۇقىتىپ قۇيىدىغان ،توي قىلغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ،ھەم يېڭى توي قىلغان ئەر خوتۇنلار،  ئۇرۇشىدىغان،ئاجرىشىدىغان،سەبى بالىلارنى يېتىم  قىلدىغان، ھەتتا بىر_بىرىگە پىچاق تەڭلىشىپ ،بىر _بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۇدىغان ، ئادەمنىڭ دىلىنى ئىزىدىغان،ئىنسانچىلىققا زىت قىلمىشلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ!! ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس››.ئەي جىنىم قېرىنداشلېرىم ،نىمىشقا ھازىرغا قەدەر ئۇيقۇمىزنى ئاچمايمىز؟ بۇ ناچارلىقلارنى قاچانمۇ تاشلايمىز؟ئىنساپ _دىيانەت يۇغۇرۇلغان ،جىمى دۇنيا گۈزەللىككە تۇيۇنغان،كىشلەر قەلبى مىھرى مۇھەببەتتىن سۈيۈندىغان،ئاشىق مەشۇقلار بىر _بىرىنى چىن دىلدىن سۈيىدىغان ،ئاشۇ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قاچانمۇ  باشلايمىز؟ بىزمۇ باشقا مىللەتلەردەك كۆكلەردە ئۇچۇپ، نەتىجە ھەم شان شەرەپ قۇچۇپ، دۇنيا نىڭ ماددى ھەم مەنىۋى تارىخىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلېرىمىزنى قۇشۇپ، ئەجدادلېرىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق ، قىلساق بولمامدۇ؟؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى بۇندىن كىيىنكى  بالا تەربىيسىنى چۇقۇم چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. بىز  توغرا تەربىيلەنمىگەن بولساق كىيىنكىلەرنى چۇقۇم توغرا تەربىيلەيلى! بىز ئەسكى بولساقمۇ ئەمدى باللېرىمىز ھەرگىز ئەسكى بۇلۇپ قالمىسۇن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈتۈشنى چۇقۇم ئۆز ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز،يامان ئادەت يامان قىلىقلارنى چۇقۇم تاشلىشىمىز كېرەك!!
                     
                                        2012-يىل5-ئاينىڭ 22-كۇنى

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-08, 17:30
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-08 17:01 |
tozan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7274
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 98 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز ،ئەمما تېما بىلەن مەزمۇن......
lutun
شەرىق ۋە غەرىپتە ئىككى ئىت ياتىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 17:40 |
tozan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7274
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 165 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 98 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ شەخسى قارىشىم،ئاياللار ھازىرچە مېنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئوبىيكتىم ئەمەس.ئەمما «قىز»لارغا كەلسەك ،مېنىڭ ،سىزنىڭ ،ئۇنىڭ،نۇرغۇن ئوغۇللارنىڭ ئاغرىنىشقا تامامەن ھوقۇقى بار.
شەرىق ۋە غەرىپتە ئىككى ئىت ياتىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 17:53 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 621
شۆھرەت: 3135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3165 سوم
تۆھپە: 1877 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1877 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 675(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە بۇ ھەممىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان ، ھەم ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مۇھىم  تېما ئىكەن ! بىز ئەزەلدىن بۇ مەسىلە ئۇستىدە ئەرلەر ئاياللارنى ئەيىبلەپ ، ئاياللار ئەرلەرنى ئەيىبلەپلا كەلدۇقكى ،  ھەر بىرىمىز ئۆز -ئۆزىمىز توغرىسدا ئويلىنىشنى خالمىدۇق ، ئۆزىمىزدىكى كەمچىلكلەر، ئېغىر مەسئولىيەتسىزلىكلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلىشكە ،بىلسەكمۇ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىشقا جۇرئەت قىلمىدۇق !! __ مانا بۇ بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق !
تېما بىلەن مەزموننىڭ قانداق بولىشى مۇھىم ئەمەس ،  مانا موشۇنداق ئېغىر ۋەزىنلىك ، مۇھىم مەسئولىيەت ۋە بۇرچنى ئېسىمىزگە سالغان ئاپتورغا چەكسىز سالاملار بولسۇن !
saltanat
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 18:27 |
zekrila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 660 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 396 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 396 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 883(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىگەنلىرىڭىز دەل تۇغرا،   بىزنىڭ قىز ئاياللاردىن ئاغرىنىش ھۇقۇقىمىز يۇق  ،  قىزلار- ئاياللار بىز ئۇيغۇرنىڭ يۇرىگى ،ھاياتى ،بىز قىزلارنى -ئاياللارنى كۇز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ،قۇغدىشىمىز كېرەك ،قىز ئاياللىرىمىز  بىز بار چاغدا مەغرۇر ، خاتىرجەم تۇرىشى كېرەك بىز قىز ئايالىرىمىزنى جان تىكىپ قۇغدىشىمىز كېرەك چۇنكى قىزلار- ئاياللار مىلەتنىڭ كەلگۇسى ، بىزگە ھىشقاچان  باشقا مىلەت قىز - ئاياللىرى ئۇيغۇر  تۇغۇپ بېرەلمەيدۇ ،ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىمىزمۇ ئۇخشاشلا باشقا مىلەتكە  پەرزەنت تۇغۇپ بېرەلمەيدۇ ،شۇنۇڭ ئۇچۇن بىز قىز ئاياللىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز ،ھۇرمەتلىشىمىز كېرەك چۇنكى ئۇيغۇر  قىز ئاياللىرىمىز بىز ئۇيغۇرلارنى تۇغۇپ تەربىيلىگۇچى  شۇڭا كىشىلەر  قىز - ئايالار  مىلەتنىڭ غۇرۇرى ،مىلەتنىڭ كېلىچىگى ، قىز -ئاياللار  بىر قۇلدا بۇشۇكنى تەۋرەتسە بىر قۇلدا ئالەمنى تەۋرىتىدۇ دەپ بىكار ئېيتمىغان
[ بۇ يازمىنىzekrilaدە2012-06-08 18:55قايتا تەھرىرلى ]
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 18:40 |
zekrila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 660 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 396 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 396 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 883(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى iparhanدە2012-06-08 18:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە بۇ ھەممىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان ، ھەم ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مۇھىم  تېما ئىكەن ! بىز ئەزەلدىن بۇ مەسىلە ئۇستىدە ئەرلەر ئاياللارنى ئەيىبلەپ ، ئاياللار ئەرلەرنى ئەيىبلەپلا كەلدۇقكى ،  ھەر بىرىمىز ئۆز -ئۆزىمىز توغرىسدا ئويلىنىشنى خالمىدۇق ، ئۆزىمىزدىكى كەمچىلكلەر، ئېغىر مەسئولىيەتسىزلىكلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلىشكە ،بىلسەكمۇ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىشقا جۇرئەت قىلمىدۇق !! __ مانا بۇ بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق !
تېما بىلەن مەزموننىڭ قانداق بولىشى مۇھىم ئەمەس ،  مانا موشۇنداق ئېغىر ۋەزىنلىك ، مۇھىم مەسئولىيەت ۋە بۇرچنى ئېسىمىزگە سالغان ئاپتورغا چەكسىز سالاملار بولسۇن !

مۇمكىن بۇلسا ئىسمىڭىزنى  ئۇيغۇرنىڭ يۇز ئابرۇيىنى ئۇز ھاياتى بەدىلىگە  قۇغدىغان ،ئۇيغۇرنىڭ يۇز ئابرۇيىنى ساقلىغان  نۇزۇگۇمدەك  قەخرىمان قىزلىرىمىزنىڭ ئىسمىغا ،ياكى دەشەتلىك ئۇرۇش مەيدانلىرىدا  قەخرىمانلىق  بىلەن قۇربان بۇلغان  ھەم شىرە قىز  رىزۋانگۇلنىڭ ئىسمىغا ياكى ئۇلۇق ئالىمىمىز  ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئئىسمىغا  ئۇزگەرتسىڭىز تۇلىمۇ ياخشى بۇلاركەن ، خۇش ئاتىكاچىلىق قىلغانلىغىم ئۇچۇن  مەندىن رەجىمەسلىگىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 18:52 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 293
شۆھرەت: 1812 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1826 سوم
تۆھپە: 1023 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1030 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىلەر ھىچكىمنى سۆيمەيدۇ.شۇڭا ئۇلار پەقەت << نەپەس ۋە ھەۋەس >>قوغلۇشۇپلا ياشايدۇ. .ئۇلاردا ئەقەللى ئىنسانغا خاس ئىدراك ،ھىسسىيات بولمايدۇ. تەپەككۈردىن سۆز ئاچسىڭىز سىزنى قىپقىزىل ساراڭ دەپ تونۇيدۇ. بۇنداق بەدبەختلەر بىلەن تولغان جەمىيەتتە ئاياللار  ھامان دەپسەندە بولۇدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇتۇپ،جىنسى پەرىقنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلدۇرۇش،قىزلىرىمىز نى نازاكەت بىلەن،ئوغۇللىرىمىزنى غورور ۋە جاسارەت بىلەن  تەربىيەلەش ئادىمىلىكنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر.بىلىشىمىز كىرەككى،مىللىتىمىزنىڭ ساغلاملىغى قىز ئاياللىرىمىزنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا باغلىقتۇر!.
ئىللىق جەمىيەت بولسا ئالدى بىلەن ئاياللار ۋە بالىلار قەدىرلىندىغان ،ئىززەت كورىدىغان جەمىيەتتۇر.بۇنىڭ ئەكسىچە ئىللىق جەمىيەت بولمايدۇ.
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 19:20 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 621
شۆھرەت: 3135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3165 سوم
تۆھپە: 1877 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1877 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 675(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى zekrilaدە2012-06-08 18:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مۇمكىن بۇلسا ئىسمىڭىزنى  ئۇيغۇرنىڭ يۇز ئابرۇيىنى ئۇز ھاياتى بەدىلىگە  قۇغدىغان ،ئۇيغۇرنىڭ يۇز ئابرۇيىنى ساقلىغان  نۇزۇگۇمدەك  قەخرىمان قىزلىرىمىزنىڭ ئىسمىغا ،ياكى دەشەتلىك ئۇرۇش مەيدانلىرىدا  قەخرىمانلىق  بىلەن قۇربان بۇلغان  ھەم شىرە قىز  رىزۋانگۇلنىڭ ئىسمىغا ياكى ئۇلۇق ئالىمىمىز  ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئئىسمىغا  ئۇزگەرتسىڭىز تۇلىمۇ ياخشى بۇلاركەن ، خۇش ئاتىكاچىلىق قىلغانلىغىم ئۇچۇن  مەندىن رەجىمەسلىگىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

بۇ ئېسىل تەكلىپڭىزنىڭ مەن رەنجىيدىغان ھېچبىر يېرى يوق . كۆڭلىڭىزنى چۇشەندىم ! لېكىن ئاتا - ئانام ماڭا " ئىپارخان " دىگەن ئاددى ئىسىمنى ئەزىزلەپ قويۇپتىكەن . مېھرىبانلىرىمنىڭ ماڭا راۋا كۆرگەن ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزمەن ! تۇرمۇشتىكى " مەن "  سىزلەر ئۇمىد قىلغاندەك يېڭىچە  " ئىپارخان" مەن !  سەمىمىي تەكلىپىڭىزگە رەھمەت !
saltanat
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 20:01 |
albax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 476 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 478 سوم
تۆھپە: 284 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 286 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېھتىمال سىلەرنىڭ قىز ئاياللاردىن ئاغرىنىش ھۇقۇقۇڭلار يوقتۇ ؟! لېكىن مىنىڭ ، بىزنىڭ ئاغرىنىش ھوقۇقىمىز بار ! تەكرارلايمەن : مىنىڭ ، بىزنىڭ ئايرىم ئۇيغۇر  قىز -  ئاياللىرىدىن ئاغرىنىش ھوقۇقىمىز بار !!!
   سىزگە پۈتۈن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنى قايسى نادان بەرگەندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .....................!
   ئىھتىمال ، ئىدىيىمىز ئوخشاش لېكىن ئۇسۇلىمىز ئوخشىمايدىغاندۇ ؟  لېكىن ئىنكاسىمدىن رەنجىمەڭ ! رەنجىسىڭىزمۇ مەيلى ئوخشاشلا دەلىۋىرىمەن : مىنىڭ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىدىن ئاغرىنىش ھوقۇقىمىز بار !!!
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-08 21:58 |
يولۋاس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 1019 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1027 سوم
تۆھپە: 613 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 621 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، قىزلارنى چۈشەنمەيىتتىم، پەقەتلا كۆڭلۆمدە، قىز- ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئىرىگە مەڭگۈ سادىق بولىدۇ دەپلا ئويلاپ كەلگەن ئىدىم ھەم دوسلىرىم قىز - ئاياللارنىڭ يامان گىپىنى قىلسا، قىز - ئاياللارنى بۇنداق دىمەڭلار دەپ ئاچچىقىم كىلىپ كىتەتتى.

لىكىن ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەن توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىر دۇكان ئىچىۋالغان ئىدىم.  مۇشۇ ئاممىۋى تىلىفۇندا پاراڭلىشىدىغان ئاياللارنىڭ 10 نىڭ 7 سى ئۆز ئىرىگە سادىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالدىم. يىزىدىن  كىلىپ، ناھىيدە ئەر ئىزدەيدىكەن. ئادەم قاراپ تۇرسىمۇ، ھاياسىز گەپلەرنى قىلىۋىرىدىغان بولاپ قاپتۇ ھازىر.
يۇرتۇمدا مەن خىلى ھۆرمەتلەيدىغان چوڭ سۈپەت ئاياللارنىڭمۇ، سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىنى بىلدىم، بەزىلەرگە :  نىمىشقا بۇنداق يات كىشىگە تىلىفۇن بىرىسىز، كۆرىشىلى دەپ دىسەم، بەزىلىرى كۈلۈپ تۇرۇپ ، ئارىلاشقان شۇ دەپ تۇرىدىكەن، بەزىسى ياخشى كۆرىمەن دەيدىكەن.
نىمە مەقسەتتە شۇنداق قىلىدىغىنى، ھەممە ئاياللارنىڭ ئوخشىمايدىغاندۇ. لىكىن بۇزۇقچىلىق خاھىشى ئوخشاش.
شۇڭا ئەر بولغان كىشى، ئۆز خوتونىنى چىڭ تۇتۇش، قاتتىق باشقۇرۇش كىرەك دەپ قارايمەن.

بولۇپمۇ يىزىلاردىكى ساپاسى تۆۋەن، نامرات ئاياللاردا بۇزۇقچىلىقنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

بۇ ھەقىقەت. كۆڭلۆڭلەرگە ئىلىپ كەتمەڭلار.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-09 20:59 |
parangqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3054
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 144 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 144 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر كىتاپتا <مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن بېرى بىرئەر-بىر خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىگە جالاپلىق ھەمرا بولۇپ كەلدى> دىگەن گەپلەر ئۇچرىغان ئىدى. نورمال بولمىغان ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىنى توسۇش ئۇنچىۋالا ئاددى ئىش بولمىسا كېرەك.
مەلۇم ياشقا بارغاندا شەخسنىڭ  تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى باشقا شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى روشەنلىشىدۇ. يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ، تۇرالغۇ ئېھتىياجى، قاتناش ۋاستىلىرىغا بولغان ئېھتىياج، ساقلىق ساقلاش، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قاتارلىقلار ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشاش ياكى نىكاھلىق بولۇش ئېھتىياجى بىلەن سىڭىشىپ كېتىدۇ. ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغانلىقى نىكاھلىنىش شەكلى بىلەن مۇقىملاشقان، جەمىيەت بۇنى ئېتىراپ قىلغان، بۇنداق مۇناسىۋەت ئەۋلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىنىڭ ھەم ئۆسۈپ يىتىلىشىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئاساسى بولغان بولسىمۇ، بىراق نىكاھلىق مۇناسىۋەتنى شەخسلەر خالىغانچە ئۇيان-بۇيان قىلسا بولىدىغان قورچاق ئويۇنىدەك كۆرىۋالغان بەزى كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ ئۇ ياكى بۇ يېتىشسىزلىكىنى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ھەممە شەرتى دەپ قاراپ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ <مۇقەددەس> قورغاننى بۇزۇش يولىغا ماڭىدۇ. پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يۇقۇرى بولغان، ھالال جۈپتىگە ئەپۇچانلىق كۆرسىتەلەيدىغان، ياردەم قىلىشنى خوشاللىق-ھوزۇر دەپ بىلىدىغان كىشىلەر نىكاھلىق تۇرمۇشقا ئاسىيلىق قىلمايدۇ.
ئىسلام دىنىمىز شەخسلەردىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى بالىلارچە خىيالنىڭ چەكسىز دېڭىزى دەپ قارىماسلىقىنى، ئۆزئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال، دىگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ھالال جۈپتىڭىز پەرىشتە ياكى ئەۋلىيا ئەمەس، ئۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن سىزگە ۋۇجۇدىدا بارلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك تەقدىم ئەتكەن. قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنى سىز ئۈچۈن، ئائىلىڭىزلار ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن.ئۇ يەنە نىمىلەرنى قىلىشى لازىم!؟ قېرىندىشىم، ھەمرايىڭىزدىن پەقەت ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشنىلا تەلەپ قىلىڭ، ھازىرقى شارائىتلىرىڭىز ئاساسىدا ئىش قىلىڭ.<ئاق ئاتلىق شاھزادە> لەر توغرىسىدىكى چۈشلەر ئەمدى  بالىلارغا يارىشىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئويلايدىغان، قوغدايدىغان بولۇپمۇ ئايالىنى كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ئەركەكلەر  شۇنىڭدەك، ئېرىنى مېھرى بىلەن سۆيىدىغان، ئۇنىڭغا جەسۇرلۇق بىلەن يۆلەك بولىدىغان، پەرزەنتلىرىگەئانىلىق بۇرچىنى يەتكۈزەلەيدىغان ئاياللار كوچا-كويلاردا يۇندا پۇراپ، سۆڭەك ئىزدەپ يۈرگەن لالما ئىتلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان ھېلىقىدەك تۇتامسىزلاردىن  سۆيۈملۈك ئەمەسمۇ؟  
ئىنسانلار تارىخىدا بىز ئېرىشكەن ئەڭ كاتتا ئىشارىلەرنىڭ بىرسى <شۈكرى قىل> - ئاللا بەرگەن نىمەتلەرگە رەخمەت ئېيىت، قانائەت قىل، ئۇنى قەدىرلە، ئۇنىڭ تەمىنى ھېس قىل.  
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-10 10:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر