ئۇچ تامچە ياش
تۇرغۇنجان ئەرشىدىن
بىرىنچى تامچە
خۇفتەن نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىۋىلىش ئۈچۈن، يولدىن ماشىنا توسۇدۇم . ماشىنىدا شوپۇر ئۇستام ۋە يېنىدا ئولتۇرغان بىر كىشى بار ئىدى. ماشىنا رادىيوسىدىن لىرىك مۇزىكا چىقىپ تۇراتتى، پروگرامما دىكتورى مۇزىكىنى سەل تۆۋەنلىتىپ بۈگۈن مەلۇم يەردە يۈز بەرگەن ماشىنا ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. خەۋەر تۈگىگەندە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى كىشى سەل ئېڭىشىپ ئاسماندىكى ئەمدىلا پەيدا بولىۋاتقان يۇلتۇزلارغا قارىغاچ خۇرسىنغان ھالدا:
- ئاسماندا شۇنچىۋالا يۇلتۇزلار سەير قىلىپ يۈرۈپ بىررەرسىمۇ بىرەرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدىكەن – ھە؟ – دېدى.
-چۈنكى ئۇلارنىڭ شوپۇرى بىر!- دېدى شوپۇر بىر ئاز سۈكىتتىن كېيىن.
بۇ پاساھەتلىك جاۋاپتىن دىلىم شۇررىدە ئېرىپ كەتتى، رەببىمگە چەكسىز ھەمدۇسانالار ئېيتتىم.
ماشىنا مەسچىت ئالدىدا توختىدى، ماشىنىدىن ئاۋايلاپ چۈشۈپ، شوپۇرغا پۇلنى بېرىپلا ئىلدام قەدەملىرىم بىلەن مەسچىت ئىچىگە يۈرۈپ كەتتىم. لېكىن، ماشىنا بولسا مۇڭلۇق ياڭراۋاتقان ئەزان ئاۋازىنى كەينىدە قالدۇرۇپ غۇيۇلداپ يۈرۈپ كەتتى…
ئىككىنچى تامچە
بىر تىجارەتچى دوستۇمدىن سورىدىم:
- ھازىر قايسى ئوقەتنى قىلسا بەكىرەك پۇل تاپقىلى بولار؟
ئۇ جاۋاب بەرمىدى.
مەن يەنە:- جان باقماق تەس بولۇپ كەتتى ھە ؟ – دېۋىدىم، شۇندىلا ئۇ:
- ساتقىچىمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ، ئالغۇچىمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ. سودىدا بەرىكەت يوق. – دېدى.
مەن باشقا گەپ قىلالمىدىم.
ئۈچىنچى تامچە
غىزالىنىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرسام بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن كىرىپ كەلدى. ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا 5-4ياشلاردىكى بىر قىز بالا بار ئىدى. قىزچاق تولىمۇ شوخ ئىدى. توختىماي سۆزلەپ تۇراتتى، يەسلىدە مۇئەللىملىرى دېگەن گەپلەرنى، ئۇسۇل پائالىيەتلىرىنى بىردە خەنچە بىردە ئۇيغۇرچە سۆزلەيتى. ئۇلار بۇيرۇتقان كاۋاپ شىرەگە قويۇلغاندا بولسا:
-ۋاھ، دادام ئەتە كاۋاپ ئەپ بەردى! – دەپ چۇڭۇلداپ كەتتى.
- بالام، <<بۈگۈن>> دەڭە، كەچكىچە <<بۈگۈن>> بىلەن <<ئەتە>>نى ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەنسىز – دېدى ئانىسى خاپا بولۇپ.
دادىسى بولسا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ كاۋاپ يېيىشقا باشلىدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ <<غىققىدە>> بولۇپ قالدىم، ئالدىراپ دۇئا قىلدىم-دە، چىقىپ كەتتىم.