قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1407|ئىنكاس: 2

ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 03:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن . 
     ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر ،  مەسىلەن ، پالەك ، ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاي تەركىبىدە٪30- ٪50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ .
   ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى٪10گە يېتىدۇ . بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز . 
بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .
  ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ . چۈنكى ، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە ، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ  ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .  
  ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ . ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا ، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك باغداش !
بىر ئالدىدىكى تونۇش مۇنبەر ،،،شۇ پېتى تۇرغاندەك  ،،ھېچقانداق بولمىغاندەك ،،،،،ئادەمنى شۇنچىلىك ئۆزىگە تارتىپ  تۇرىدۇ ،،بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن  !
قۇتلان تېلفۇنلىرى

8

0

تېما

5

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 01:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )