قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 43877|ئىنكاس: 60

سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر (ئەركىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1761
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6593
توردىكى ۋاقتى: 1553
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 14:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 14:31  


سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر



__ مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

(«قومۇل ئەدەبىياتى»2011-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان)




01.jpg

   چىڭگىزخان ئىستېلاسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىشقا باشلىغان مەزگىللەردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىلىرى دەۋىرلىرىدە بولسۇن، بىزنىڭ جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىز ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن يىراقلارغا يۈرۈش قىلغانكەن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمى يەتكەن جايلاردا ھەر خىل مەدەنىيەت گۈللەپ ياشنىغانكەن. بۇ سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنىڭ قىسمەن قان-ياشلىق ئۆتمۈشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئىزناسى بولۇپ، يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەتبۇئاتلىرىمىزدا كۆپىيىپ قالدى.

  دۇنيادا تىل-يېزىقى، ئېتىقادى، جۇغراپىيىلىك ياشاش مۇھىتى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى بولغان مىللەت مەڭگۈ يوقالمايدۇ! بىز ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر يېزىق قوللانغان، شەھەرلەرشكەن مەدەنىيەتلىك مىللەتمىز.

  ئورخۇن-ئىنەساي ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى(682-745-يىللار)نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تۈرك-رونىڭ يېزىقى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار خېلى ئۇزاق دەۋر قوللانغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بىلەن«قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى»دەپ ئاتالغان. بۇ يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆمۈرىيلەر دەۋرىگىچە، يەنى15-ئەسىرگىچە، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردا بولسا17-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەرقتە ياپون دېڭىزىدىن، غەربتە ياۋروپاغىچە بولغان دائىرىدە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇنداق كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشى ۋە تارقىلىشىغا ئىچكى ئاسىياغا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئىستېلا ھەركىتى سەۋەبچى بولغان. چۈنكى، مۇڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققان چاغدا، ھاكىمىيەت مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر دانىشمەنلىرىگە تايانغان. شۇڭا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زىمىندا ئۇيغۇر يېزىقى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىپ قوللىنىلىپ، تۆت ئەسىر دەۋر سۈرگەچكە، پارس تارىخچىسى ئەتامەلىك جۇۋەينى«ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم بىلەن ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلىۋالدى»دەپ زارلانغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ۋە پارس يېزىقى بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ ئۈچ خىل دىولوماتىيە يېزىقى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،15-،16-ئەسىردە ئوسمانىيلار ئىمېرىيەسى ئوردىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىشلار مەجىلىسى بولغانلىقى ۋە13-،14-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە (چاۋشىيەن)دە ئىككى ئەسىر ھۆكۈمەت يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغانلىقىدۇر.

  قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى (840-1035)دەۋىردىن باشلاپ شۇ يەردە قېلىپ قالغان ھە مكېيىن غەربىي دىياردىن كۆچۈپ كەلگەن سېرىق ئۇيغۇرلار تەرپىدىن تاكى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ( بەزى تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە ۋە يەرلىكلەرنىڭ دېيىشىچە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە)قوللىنىلغان.

سۇنەنگە سەپەر

  2011-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدا خىزمەت قىلىدىغان ياش تارىخچى ئابلېز ئورخۇن ئاكام، قومۇل سەنئەت ئۆمىكىنى تالانىتلىق مۇزىكانىتى ۋە ناخشىچى غالىپ ئەرشىدىن ئاكام، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى ۋە داستانچى ئىبراھىمگاڭ ياقۇپ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرىسىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۈمىدلىك ياش ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرى ۋە مەن قاتارلىق بەش كىشى ئوت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن قالغان ۋە مىڭ يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە گەنسۇنىڭ تاغلىق زىمىنلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىز سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى سۇنەنگە قاراپ ئاتلاندۇق. توققۇز سائەتتىن كېيىن قامچى(جاڭيېنىڭ سېرىق ئۇيغۇرچە نامى) شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. قامچىدىن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ لۇڭسارغول بويىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىغا ھاياجان بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ جەرياندا ماڭا ئۇچىرىغان كىشىلەر خۇددى تونۇشتەكلا كۆرۈنەتتى.بىراق، ئۇلار باشقا مىللەت بولۇپ چىقاتتى. بۇ چاغلاردا مەن تۇرۇپلا تارىخ بېتىدىن ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ مىليونلىغان قەدىم پۇقرالىرىنىڭ بىرەرىنىڭ سىيماسىنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەپ قالتتىم.گەنسۇ-سۇنەن يۇغۇر ناھىيەسىگە بېرىپ تۆمۈر ئەپەندىم، ئەن يۈلىڭ (ئەنجاڭ قەبىلىسىدىكىلەر«ئەن» فامىلىسىنى قوللىنىدىكەن)، ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ ئانىسى 72ياشلىق چۇمۇتار مومايلارنىڭ ئاغزىدىن شۇنى ئىشىتتىمكى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنغان قۇم ئاپىتىدىن قېچىپ كۆچۈپ كەلگەن يەتتە ئون ئاياق (يەتتە ئون يەتمىشنى، ئاياق تۈمەننى كۆرسىتىدۇ)سېرىق ئۇيغۇر نوپۇسى تارىخنىڭ قانلىق بەتلىرى ئاستىدا شىددەت بىلەن ئازىيىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئارانغىنا بىر يېرىم تۈمەن(ئونبەش مىڭ) قالغانىكەن. بۇ جەرياندا خەنزۇلىشىپ، تىبەتلىشىپ، مۇڭغۇللىشىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ ئىكەن. سېرىق ئۇيغۇرلار شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، شەرقىي تارماقتىكىلەر مۇڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بىز سۇنەنگە بېرىپ بىرمۇ غەربىي سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ساپ ئانا تىلىدا سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىيالمىدۇق. ياشلار سۆزلەشنى خالىمايدىغان بولۇپتۇ. قېرىلارمۇ ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ. بىراق، ئارسلان ۋە ئەن يۈلىڭ جاتارلىقلارنىڭ ئانا تىلىنى قۇتقۇزۇش، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى بىزنى تەسىرلەندۈردى.

  بىز8-ئاينىڭ21-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى8:50 ئۆتكەندە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان لۇڭسارغول بويىدا ئاپتۇبۇستىن چۈشتۇق. سەپەردە بەك چارچاپ كەتكەچكە ياتاققا ئورۇنلىشىپلا ئۇيقۇغا غەرق بولدۇق. ھېلىمۇ ياخشى مۇشۇ چەت تاغلىق ناھىيىدىمۇ مۇسۇلمانلار ئاشخانىلىرى باركەن. چۈشتىن كېيىن ئالاقىلىشىدىغان سېرىق ئۇيغۇر كىشىلىرى بىلەن تېلېفۇندا ئالاقىلىشىپ بولۇپ، سىرتلارغا چىقىپ ئايلاندۇق. ھەممىمىزلا يولدا ئۆتۈپ -كېچىۋاتقان سىيمالارنى نەلەردىدۇر كۆرگەندەك، بىزگە تونۇشتەك ھېس قىلىشماقتىمىز. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى ھەيۋەتلىك ئىلى، ئالتاي، قومۇل تاغلىرىنى، غوللىرى قارلۇقغول، ئۇيغۇرغول، قاراغوللىرىنى، يايلاقلىرى كۈنەس، بۆرتالا، قومۇل ئاقتاش، باركۆل يايلاقلىرىنى، ئېدىر -داۋانلىرى باغداشنى ،ئارتامنى، يارداڭلىرى قارادۆۋە ئەسكىشارنى ئەسلىتەتتى. بۇ يەرگويا كىچىكلىتىلگەن غەربىي دىيارنىڭ ئۆزى ئىكەن، دېگەن ئورتاق ھېسياتقا كەلمەكتىمىز. قەدىمكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ دانا ئاقساقاللىرى كۆچۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان گۈزەل زېمىننى تاللىۋالغان ئىكەن-دە، دەپ ئويلاپ قالدۇق. سۇنەننىڭ ھاۋاسىمۇ بىزنىڭ ئاراتۈرك، باركۆل ناھىيسىنىڭ ھاۋاسى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن، تۆت ئەتىراپىنى ياپيېشىل تاغ-داۋانلار ئوراپ تۇرىدىكەن.

  چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋاقت4:30لار ئەتىراپىدا سۇنەن ناھىيەلىك سېرىق ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئارسلان بىلەن ئىشخانا مەسئۇلى ئەن يۈبىڭ ئەپەندىلەر ياتىقىمىزغا كېلىپتۇ. ئەگەر ئۇلارنى شىنجاڭدا كۆرگەن بولساقمۇ ئۇيغۇرچە سالام قىلغان بولاتتۇق.

  بىز ئەن يۈلىڭ ئاچىغا كەلگەنلىكىمىزنى خەۋەر قىلغىنىمىزدا كېلىشىمىزدىن ئالدىن خەۋىرى بولغاچقا بىزنىڭ تېلېفۇنىمىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىكەن. ھايال ئۆتمەيلا مېھمانىانىغا بىزنى ئالغىلى كەلدى. بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۆي ئىچى پاكىزە سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. شىمال تامدا بەنچەن لامانىڭ سۈرىتى ۋە بىر بۇتنىڭ ھەيكىلى تۇراتتى(سېرىق ئۇيغۇرلار تىبەت لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ).ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سالامغا كىرىپ، سېرىق ئۇيغۇرچە«سەن ياخشىمۇ؟» دەپ بىز بىلەن ئەھۋاللاشتى. ئۇلار بىردەمنىڭ ئىچىدە ئالدىمىزغا سۈتچاي كەلتۈردى. ئۇنىڭغا سارىغ ياغ، تالقان، چۆرمى(ئۇۋىتىلغان مۈچۈلۆ) سېلىنىدىكەن. داستىخانغا كۆمزە(نان)، مېۋە-چېۋە كەلتۈردى(سېرىق ئۇيغۇرلار نەشپۈت، شاپتوللارنى بىراقلا ئالما دەپ ئاتايدىكەن). ئۇلار بىزنى توختىماي چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلاتتى. چايدىن كېيىن ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىبراھىمگاڭ ئېيىتقان قومۇل مۇقاملىرىنى ئاڭلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. بىزمۇ ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ ئانىسى چۇمۇتار موماي ئېيتقان، سېرىق ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد ئېيتىپ كېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ مىڭ يىللىق قان-يېشى، دەرت-ھەسرىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان «شىجى، خاجى» دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىمىزنى تەستە تۇتۇپ ئولتۇردۇق( بۇ ناخشىدا ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ قۇم ئاپىتىدىن قاچقانلىقى، سەپەردىكى جاپا-مۇشاقەتلىرى تەسۋىرلىنىدىكەن). ئەن خانىمنىڭ ئائىلە تەركىبى مۇرەككەب ئىكەن. ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ دادىسى تىبەت، ئانىسى سېرىق ئۇيغۇركەن. ئۇ كىشىمۇ سېرىق ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلگەچكە ئارىدا ھېچقانداق ياتىسىراش بولمىدى. بىر كۈيۆسى تىبەتكەن. دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن تىبەتلەر ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن يېقىن تۇرىدىكەن. ئەمما، ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى،ئەتىسى، كەلگۈسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىدىن ئۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان يۈرىكىنىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولاتتى. نەۋرىلىرىگە ئانا تىلىدا سۆزلەيدىكەن. ئۇ بىزگە يەنە، ئەگەر كوچىدا ئىككى-ئۈچ سېرىق ئۇيغۇر ياشنىڭ باشقا تىلدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئۇلار ئېرىنمەستىن«ھەي ئۇيغۇرلۇرۇم، سېرىق ئۇيغۇرلار!(سېرىق ئۇيغۇرچە سۆزلە!)»دەپ نەسىھەت قىلىدىكەن...ئەپسۇس، ھەر خىل دەۋىرلەردىكى بېسىم ۋە قىسمەتلەر سەۋەبىدىن يېزىقى يوقالغىلى ئەسىرلەر بولغان بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۇلارغا بەكمۇ مۈشكۈل بولۇۋېتىپتۇ. ئۆز كەلگۈسى ھەققىدە توختالغاندا، ھەر بىر سېرىق ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىن ئىلاجىسىزلىق ياشلىرى تامچىلايدىكەن...

  ئەن خانىمنىڭ ئۆيىدە بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن غول بويىدىكى تۇڭگانلار ئارامگاھىغا باردۇق. بۇ يەردىكى پاراڭلار ئارلىقىدا ئاڭلىغان تونۇش سۆز-جۈملىلەر مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتىپ تۇراتتى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۆزلەر پەقەت قومۇل شېۋىسىدىلا ئۇچرايتتى. مەسلەن: ئەن يۈلىڭ خانىملارنىڭ ئۆيىدە ئۇ تاۋۇز-قوغۇننى شىرەگە قويۇۋېتىپ بىزگە قاراپ: «غون يەڭلار»دېدى. قومۇل شېۋىسىدە قوغۇننى بىز «غون»دەپ ئاتايمىز.

  تىلشوناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەتقىق قىلساق، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېرىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ بايقىغان بولاتتۇق. ھازىر سېرىق ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل ئەدەبىي تىل بولمىغاچقا، سېرىق ئۇيغۇرلار تىلدىكى سۆزلۈك، رىۋايەت ، چۆچەك، ناخشا-قوشاقلارنى خاتىرلەشتە نۇرغۇن نۇقسانلار مەۋجۇتكەن. لېكىن، تىلى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، تارىخى يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان قەدىمىي سېرىق ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا، جۇڭگوغا تونۇتۇش ۋە مىللىتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا تەۋرەنمەي ئىزدىنىۋاتقان تۆمۈر ئەپەندىم، ئەن يۈلىڭ ،چۇمۇتار، ئارسلان، تو شياۋيۈن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدۇق. شۇ كۈنى تۇڭگانلارنىڭ ئارامگاھىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى ئوندىن ئاشقۇچە بەزمە-نەزمە قىلىپ ئولتۇردۇق. ئايرىلىپ كەتكىلى مىڭ يىللاردىن ئاشقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلىق دەملەرگە شاھىت بولدۇق. بۇ جەرياندا ئەن يۈلىڭ خانىم، قىزى ئاينۇر، چۇمۇتار مومايلار قومۇل مۇقاملىرىنىڭ سېھرىدە ئېرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ چاناقلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى...قەلبىمىزنى قانداقتۇر بىر خىل ئۆز-ئارا ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى قاپلىغان ئۇشبۇ دەقىقىلەردە، كۆڭۈل خەزىنەمنىڭ پىنھانلىرىدا ئۇشبۇ قۇرلار ھاسىل بولۇشقا باشلىدى...



مىڭ يىللىق دىداردىن ئېرىگەن قەلب،

مىڭ يىللىق دەريادەك دولقۇنلاپ ئاقار.

مىڭ يىللىق ئازابقا دۇچار بىر خەلق،

مىڭ يىللىق ھىجراندا لاۋۇلداپ يانار.





سۇنەندىكى چومەنلەر


02.jpg



  ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئات-ئۇلاغلىق بىر ئايدا ئاران بارىدىغان زېمىنلارغا بىز ئوت ھارۋىسى بىلەن 9سائەتتىلا كەپ بولدۇق.سېرىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز باغرىدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەللەيلىگەن بۇ زېمىن كۆزىمىزگە بۆلەكچىلا ئىللىق كۆرۈنەتتى. ئاشۇ كۈنلەردە مېنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم تۇيغۇمدا بىرىكىپ، بۇ يەردىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارغىچە گىرەلىشىپ كەتمەكتە. ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى بىلەن يىمىرىلگەندە، بىر قىسمى داۋاملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ قاراخانىيلار ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىلىرىنى قۇرغانىدى.

  ھازىرقى قامچى(جاڭيې )نى مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى يىپەك يولىنىڭ بوغۇزىدا 200يىلدەك دەۋران سۈرۈپ، 1028-يىلى تاڭغۇتلارنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تارىخ سەھنىسىدىن ئاستا-ئاستا چېكىندى. ئەينى دەۋىردە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاھالىسى 300مىڭدىن ئاشاتتى. خاندانلىق گۇمران بولغاندىن كېيىن خاندانلىقنى قايتا تىكلەش، يۇرت-ماكانلىرىنى قوغداش يولىدا قان كېچىپ قىلىنغان تىنىمسىز كۈرەشلىرى ۋە دەھشەتلىك باستۇرۇلغان كۆرۈنۈشلىرى قەلب ئېكرانىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتەتتى. بۇ ئۆزگىرىشچان رەھىمسىز تارىخ ئۇلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى، تەبىئىي ئاپەت ۋە ۋابا دەستىدىن نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يوقىلىش كەلمىشى ۋە قۇتۇلۇش كەچمىشى دەستىدە قاتتىق تىپىرلىماقتا.

  گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدىن قالغان ۋە كېيىنكى يىللاردا كۆچۈپ بارغان ئاشۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر گەنسۇنىڭ تەڭرى داۋان ئېتەكلىرىدە (سېرىق ئۇيغۇرلار چېلەنشەننى تەڭرى داۋان دەپ ئاتايدىكەن) قايتىدىن يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى جۇڭگودىكى سېرىق ئۇيغۇرلار (يۈگۇ، يوغۇر)غا ئايلانغانىدى.

  ئۇيغۇر-سېرىق ئۇيغۇر(يوغۇر)دەپ ئاتىلىپ قالغان، ئىككى خىل ئېتىقادتا تۇرىۋاتقان بۇ قان-قېرىنداشلاردىكى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئوخشاشلىقلاردىن سۆيۈنسەم، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر يۈرەك قاتلاملىرىغا سىڭىش بولۇپ كەتكەن مەنىۋىيتىدە بار بولغان قىسمەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە ۋۇجۇدۇمنى يىغا قاپلايتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتقان ھەر بىر ناخشىسى ئەجدات ۋە ئەۋلادنىڭ كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولغاچقا بەكمۇ ھەسرەتلىك ئىدى. تۈرك چالغۇلىرىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى سانىلىدىغان قومۇل غىرجىكىنىڭ مۇڭلۇق مىلودىيىلىرىنى ئاڭلىغان سېرىق ئۇيغۇر قېرى-ياشلىرىنىڭ كۆز ياشلىرى بىكارغا تۆكۈلمىگەنىدى، ئەلۋەتتە.

  2011-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى سەھەردە، بىز بۇ يەردىكى ئابرويلۇق بىر جۈپ ياشانغان سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئىشىكنى بىر بوۋاي ئاچتى. «سەن ياخشىمۇ ئاۋاكا»دەپ سالام بېرىشىمىزگە، يېشى 80 دىن ئاشقان بوۋاي ئارىمىزدىكى ئابلېز ئورخۇننى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدى بولغاي«ۋوي، گەل،گەل» دەپ ئىشىكنى كەڭرى ئېچىۋەتتى. چۈنكى، ئابلېز ئاكاملار ھەر بارغىنىدا بۇ ئۆينى يوقلاپ ئۆتكەچكە، خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك بولۇشۇپ كەتكەنىكەن. شۇڭا، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ پايپېتەك بولۇشۇپ، ھەش-پەش دېگۈچە تالقانلىق سۈتچاي، كۆمزە، مېچە-چېۋىلەرنى كەلتۈردى. ئاڭلىشىمىزچە، دەل شۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ چوڭ كېلىنى تۈگەپ قالغىلى بىر ئايدىن ئاشقانىكەن. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە ئۆلۈم بولغان ئائىلىدە 100 كۈن قارىلىق تۇتىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەرياندا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن پەرھىز تۇتىلىدىكەن. ئائىلىدە ئۆلۈم بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇلارغا قېرىلىق يەتكەنلىكتىنمۇ (چۈنكى، بۇۋاي، ساقىس ئون شىكى 82، موماي يېدى ئون ساقىس 78 ياشقا كىرگىكەن)، ئەيتاۋۇر موماي-بوۋايلارنىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ياشلارغا خاس جۇشقۇن روھىي ھالىتى (ئابلېز ئورخۇنلارنىڭ سۈرەتلەپ بېرىشىچە)دىن ئەسەر كۆرۈنمەيتتى. ئابلېز ئورخۇن دېگەندەك ئالدىنقى قېتىملاردا مېھمانلارغا تىنماي ھاراق قۇيۇپ، ھەر بىر رومكىسى ئۈچۈن بىر ناخشا ئېيتىدىغان موماي ئارىدىكى بۇ ئېغىر كەيپىياتنى بېسىش ئۈچۈنمۇ، ئىشقىلىپ بىزگە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت سۈرەتلىك كىتابلارنى ئەپچىقىپ تۇتقۇزۇپ قويدى. ھەقىقەتەن چاي ئارلىقىدا موماي-بوۋاي سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاشۇ كىتابلاردىن بىلدۇق.

  كىتابتا غەربىي ۋە شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغۇچى 20 نەچچە قەبىلىگە(ياغلاقار، خوراڭغات، ياغما،ساقىس، بەيئوتاغ، شىكانا...)ئائىت نۇرغۇن سۈرەتلەر بار ئىكەن. ياغلاقار قەبىلىسى ئۇلاردا قەبىلە ئاق ساقاللىرى چىقىدىغان «ئالتۇن ئۇرۇق» ھېسابلىنىدىكەن. تارىختا ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرىمۇ دەل مۇشۇ قەبىلىدىن چىقاتتى. سېرىق ئۇيغۇرلار سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغىلى ئاز كەم ئون ئەسىر بولغان بولسىمۇ، ياغلاقار قەبىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى سەلتەنەتلىك شان-شەۋكىتىنى ئۇنتۇماپتۇ.

  ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى ئەينى دەۋرنىڭ تەلىپى بويىچە بىر تۇتاش خەنزۇچىلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز تىلىدا دىنىي ئىسمى، ئەركىلەتمە ئىسمى بولىدىكەن. موماي دۈمەن(تۈمەن) قەبىلىسىدىن بولغاچقا «دۇ»نى فامىلە قىلىدىكەن، شۇڭا تولۇق ئىسىم فامىلىسى دۇ گۈييىڭ، بوۋاي «ئەنجاڭ»قەبىلىسىدىن بولغاچقا«ئەن»نى فامىلە قىلغاچقا، ئىسىم-فامىلىسى ئەن تىيەنلۇ ئىكەن. موماينىڭ دىنىي ئىسمى ھامۇ سېرىن، كىچىك ۋاقتىدا ئەركىلىتىپ «چاغان قىز» (ئاق قىز مەنىسىدە ) دەپمۇ ئاتىغانىكەن. بوۋاينىڭ دىنىي ئىسمى سىتانزىن ئاراپتان ئىكەن.

  بىز ئۈچۈن يېپيېڭى تۇيۇلغان بۇ دۇنيانى رەسىملىك كىتابتىن تېخىمۇ رەڭدار، ئوبرازلىق ھېس قىلىپ تەسىراتلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ تۇرغىنىمىزدا، موماي ئالدىمىزغا بىر قاچىدىن سۇيۇقئاش ( قومۇل تاغلىرىدىكى سۇيۇقئاشتىن قىلچىلىك پەرىقلەنمەيدىكەن، پۇرچاق سېلىنىپ ئېتىلىدىكەن)كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ بىزگە رەسىملىك كىتابلارنى تۇتقۇزۇپ قويۇشى خۇددى بىزنى ئاشۇ بىر قاچا ئىسسىق سۇيۇقئېشىغا تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈنلا بولغاندەك تۇيۇلدى.

  شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچۈپ كەتكىلى خېلى ئەسىرلەر بولغان بولسىمۇ، بۇ قەبىلە شەكلىنى بىزنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلىرىمىز تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كېلىپتۇ.

  بىز قازا بولغان ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ قايتىپ چىقتۇق. بوۋاي-موماي كۆزى قىيمىغان ھالدا بىزنى ئۇزىتىپ قويدى.

  چۈشتىن كېيىن شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان تونۇلغان تارىخچى تۆمۈر ئەپەندىم(شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەنجاڭ قەبىلىسى بار ئىكەن. تۆمۈر ئەپەندىم ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى سېرىق ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىۋالغانىكەن)،ئارسلان ئەپەندىم (غەربىي ئۇيغۇر ئەنجاڭ قەبىلىسىدىن) قاتارلىقلار بىزنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ.سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلىقى بىزدىن قېلىشمايدىكەن. ھەر بىر سۆزىدە «جوۋاتتى،ئال،ئال، يې،ئىش»(جوۋاتتى سۆزى سېرىق ئۇيغۇرچىدا «رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم»دېگەن مەنىدىكەن. قومۇلدىمۇ جۇۋاپلا، جۇۋاتتۇق شەكلىدە قوللىنىمىز)دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. مەيلى چوڭلار بولسۇن، مەيلى كىچىكلەر بولسۇن كىشىنىڭ ئالدىدىن ھەرگىز توغرىسىغا كېسىپ ئۆتمەيدىكەن. تاسادىپىي ئۆتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالىدىكەن. ئۇلارمۇ بىزدەكلا مېھمانغا چوقۇم تۆردىن ئورۇن راسلايدىكەن، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىكەن...بىز تۆمۈر ئەپەندىملەر بىلەنمۇ ئۇزاق-ئۇزاق قانماي مۇڭداشتۇق. ئارلىقتا سىرتقا چىقىپ كېچە ئاسمىنىغا ئۇزاقلارغىچە باقتىم، يىراقتىن لۇڭسارغولنىڭ كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ گۈركىرەپ ئىقىشلىرى ئاڭلىناتتى. قارىيىپ كۆرۈنۈۋاتقان ھەيۋەتلىك تەڭرى داۋان ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار ماڭا نىمىنىدۇر پىچىرلىماقتا...خۇددى يۇرتۇمدا قالغان تەڭرىتاغدەك...

  بۈگۈنكى داستىخاننى بىزگە راسلىغان شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىلىرى مۇڭغۇل ناخشىلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن...بىراق، ئۇنىڭغا سىڭگەن قەلب تارلىرىمنى تىترتىۋەتكەن ھەسرەتلىك مىلودىيە ماڭا ناھايتى تونۇش ئىدى، بەلكىم، مىڭ يىللار ئىلگىرىكى زامانلاردا بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىللە ئولتۇرۇپ ئېر-ئېرلىغاندۇ(ناخشا ئېيىتقاندۇ).مۇزىكانت، ھەم ناخشىچىمىز غالىب ئاكام ۋە مۇقامچى ئىبراھىمگاڭلار كەسپىي سەنئەتكارلار بولغاچقا، ئۇلار بىزدىن نېرى ھېسياتلار ئىلكىدە كۈيلەر كۆللىرىگە غەرق بولۇپ كەتتى. ئەپسۇسلۇق يېرى، سېرىق ئۇيغۇرلاردا ھېچبىر چالغۇ ساقلىنىپ قالمىغانكەن، بەلكىم باشلىرىغا توختاۋسىز ياغقان ئاپەتلەر ئۇلارنىڭ چالغۇلىرىنى يوقىتىۋەتكەندۇ. شۇ كەچلىك ئولتۇرۇشتا سۇنەن يوغۇر ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئىككى ئارتىس ئىچىدىن بىر قىزنىڭ قەبىلىسىنى سورىغانتىم، نىمە دېدى دېمەمسىز؟«مەن چومەن قەبىلىسىدىن»دەيدۇ. ئاڭلاپ ئۆزەمنى ئاران تۇتىۋالدىم-دە، يەنە قايتىلاپ سورۇدۇم.

-       سىز قايسى قەبىلىدىن؟

-       مەن چومەن قەبىلىسىدىن.

-       ھە؟!

-       قومۇلدىمۇ«چومەن»دەپ بىر جەمەت كىشىلىرى بار! سىلەربىلەمسىلەر؟

بۇ چاغدا تاغدەك سۈكۈتلەر ئىلكىدە ئولتۇرغان تۆمۈر ئەپەندىم گەپكە قېتىلىپ:

  -ھە، قومۇلدا«چومەن»دېگەن جەمەت باركەن-دە؟ بۇ بەك ياخشى بايقاش بولدى، بۇنى چوقۇم تەتقىق قىلىشىمىز كېرەككەن،-دىدى. سورۇندىكى ھەممىمىز ھاياجانلىنىپ كەتتۇق. دېمىسىمۇ «قومۇل ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا كۆپ تالاش -تارتىشلارغا سەۋەب بولغان«چومەن»جەمەتى ھەققىدىكى ماقالىلەرگە ئەمدى جاۋاپ چىقىدىغان بولدى ئەمەسمۇ. قومۇلدىكى«چومەن»دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە بىر نەچچە خىل كۆز قاراش بار. بۇ «چومەن»دېگەن مۇبارەك ئاتنىڭ يىراق سۇنەندىكى ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ قەبىلە نامىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بايقىلىشى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور خوشاللىق. ھەممىمىزگە مەلۇم، قومۇلدا قارلۇقلار، جەنبەگلەر، كۆچەكلەر،(كىشىلەر خاتا ھالدا كۆچەت دەپ تەلەپپۇز قىلىۋاتىدۇ) ئابداللار قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلە-ئۇرۇقلىرىنىڭ ناملىرى ھېلىغىچە جەمەت لەقىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە قومۇلدىكى داڭلىق شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قوچىغۇن ئەپەندىم «ئاراتۈركنىڭ باي يېزىسىدا چېچەن، ئەقىللىق، دۇرۇس، چىۋەر بالىلارنى چۆمەنلا بالىكەن،دەپ ماختايدىغان ئادەت بار ئىكەن »دېگەنتى. «چۆمەن» جەمەتىدىكى چوڭلار جەمەت نامى ھەققىدە توختالسا، «ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەدەرىسە، مەسچىت، كۆۋرۈك سالدۇرىدىغان بىلىملىك مەرىپەتپەرۋەر، خەلق سۆيەر كىشىلەر ئىكەن، بۇنداق كىشىلەر قەدىمدە«چۆمەن»دەپ ئاتىلىدىكەنمىش»دېيىشەتتى. بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمغا چۆمەنلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان كەلگەن رەھمەتلىك بوۋام تۇرسۇن يۈنۈسمۇ شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ قومۇلدىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرى بولغان چۆمەنلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەقىلىق ھەم چېچەن، ئەل ئىچىدە يۈز-ئابرويلۇق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن ئىدى. چۆمەنلەر ھازىرقى قومۇلنىڭ شەھەر ئىچى، پالۋانتۇر، دۆۋەجىن، ساقا تەرەپلەرگە تارقىلىپ ياشاپ كەلمەكتە. دۆۋەجىن جىگدە بۇلاقتا چۆمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان، بۇ يەر خەنزۇچە «چاۋمەي جۇاڭزا»دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەر ئىچى يېزىسىدىمۇ چومەنتۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار. بوغازدا چۆمەننىڭ كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان زېمىنلار بولغانىكەن. بۇ ئىسىملارنىڭ ئاتالمىش «چاۋمەي»دېگەن«قارابۇغداي»مەنىسىدىكى سۆز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئېيىتىشلارغا قارىغاندا چۆمەنلەر چۆمەنتۇر تۇر دېگەن يەردىن تارالغانمىش. قومۇلدا قەبىلە ھەم مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان يەر-جاي ناملىرىمۇ كۆپ. مەسلەن:ئاراتۈرك، تۈرككۆل، قارلۇقغول، قارلۇق تۈگمەن، ئۇيغۇرغول، ئۇيغۇرچوققا، ئۇيغۇرشار، ئەلكىبۇلاق دېگەندەك...بەزى تارىخى مەنبەلەردىمۇ «چۆمەن»دېگەن بۇ نامنى ئۇچرىتالايمىز. يۇرتۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان چۆمەن ئاغىنىلىرىمگە، تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەلتەنەت سۈرگەن يىراق تەڭرى داۋان ئېتەكلىرىدە تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىمەن. شۇ كۈندىكى سورۇنىمىزدا يەنە ئىككى نەپەر ئەزانىڭ نايمان قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۇق...لېكىن، ئۇلارنىڭ مىللىتى يەنىلا سېرىق ئۇيغۇر. مېنىڭ بىلىشىمچە نايمان دېگەن بۇ قەبىلە مۇڭغۇل ۋە قازاقلارنىڭ ئىچىدىلا بولاتتى. قارىغاندا بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈش كېرەككەن.

  بۇ مىڭ يىللىق ھېسيات ئالماشتۇرۇش كاللامنى مۇڭقۇي قىلىۋەتتى. تارىخى بىلىمىمنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئازراق قىينالدىم. تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، گەرچە خەنزۇچە يېزىقچىلىقنى خاتاسىز قىلالىسىمۇ، ئانا تىلى كەڭرى كەتكەن سارىغ تالا ئېتەكلىرىدە ساپ چىققاچقا، خەنزۇچىدا مەقسەت ئۇقتۇرغاندا قىينىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۆنىڭ يېزىقى يىتكىلى ئەسىرلەر بولدى. ئويلاپ باقساق، بىز يەنىلا تەلەيلىككەنمىز.

  بىز ياتاققا قايتىپ كېلىپ تېزلا بۇخاراغا مۇز توشۇغىلى كەتتۇق. تاڭغا تىرەپ چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە ئاپپاق ساقال بىر بوۋاي بىزگە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كېلىش جەريانىنى سۆزلەۋاتقۇدەك، مەن ھەممە سۆزىنى چۈشۈنۈپتىمەن ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىق بىلەن خاتىرەمگە يېزىۋاتقۇدەكمەن...بىرچاغلاردا ئىبراھىمگاڭ مېنى چاقىرىۋاتقۇدەك، ھە! دەپلا ئويغىنىپ كەتتىم...



خەير، تەڭرى داۋان

03.jpg


  بۇ قېتىمقى سەپەرگە تۇيۇقسىزلا تەييارلىنىپ چىققاچقا، بىزدە ئەتراپلىق پىلان يوق ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى مەھەللىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل، يىتەرخان، چەشمىچى، مۇقامچى مومايلاردەكلا كۆيۈمچان ئەن يۈلىڭ خانىم 24-چېسلا سەھەردە ئابلېز ئورخون ئاكامغا تېلېفۇن قىلىپتۇ. بىزنى ناھىيە بازىرىدىن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يازلاقتا تۇرىۋاتقان قېيىئانىسىنىڭ قارا ئۆيىگە( قارا ئۆي-يايلاقتىكى كىگىز ئۆي، قومۇل شېۋىسىدىمۇ قارا ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ) باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇق. بىردەمدىن كېيىنلا ئەن يۈلىڭ خانىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىز چۈشكەن مېھمانخانىغا يېتىپ كېلىشتى. بىز ئەن يۈلىڭ خانىملار ئۇقۇشۇپ قويغان ئىككى تاكسى بىلەن يايلاققا ئاتلاندۇق. يول بويىدىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان غول ئەتراپىدا باراقسان ئۆسكەن ئاق تېرەك، يۇلغۇن ۋە قالغايلارنى، تاغ باغرىدىكى قارىغايلىقلارنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى خۇددى يۇرتىمىز تاغلىرىدا يۈرگەندەكلا ھېس قىلىشاتتۇق. كېچە ياغقان يامغۇر بۇزىۋەتكەن ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يوللىرىدا يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كېيىن كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتتۇق. ئەن ئاچا يول بويىدىكى تېرەكلەرنى كۆرسىتىپ دورغاق(توغراق)دېدى، لېكىن ئۇ دورغاقلار بىز بىلىدىغان توغراقلارغا ئوخشىمايتتى. ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ يولدىشى سېرىق ئۇيغۇرچە ئېدىرنى ئېدىر، يامغۇرنى ياغمۇر، تۈگمەننى تېگىرمەن، يۇلغۇننى يۇلغۇن، قوڭغۇراقنى قوڭغۇراق دەيدىغانلىقىنى دەپ بەردى.

  ئۇلارنىڭ دەپ بېرىشىچە، 49-يىلدىن كېيىنكى 70-يىللارغىچە سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يادا تېشى بىلەن يامغۇر تىلەيدىغان ئىشلارمۇ بولغانىكەن. قومۇل باغداش، شۈيتى، ئېدىر، ئاراتۈرك ناھىيسىنىڭ باي يېزىلىرىدا ھازىرغىچە بۇ ئادەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بىر تەرىپى ئېدىرلىق، يەنە بىر تەرىپى كۆكنى سۆيگەن تاغ-داۋان، بۈك- باراقسان قارىغايلىق بىلەن قورشىلىپ تۇرغان بۇ خىلۋەت زېمىندا بىر قانچە ئۆيلۈك سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچى ياشايدىكەن. بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئەزەلدىن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنى تۈزلەڭگە كۆچۈرۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، تۈزلەڭگە كۆنەلمىگەن نۇرغۇن چارۋىچى يەنىلا تاغلارغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. ناھىيە بازىرىدىكى كېسەك-سوقما قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرمۇ بىنالىشىشقا باشلاپتۇ. ئەن يۈلىڭ خانىملارمۇ كېلەركى يىلى بىناغا كۆچۈپ كەتكۈدەك...

بىز ماشىندىن چۈشىشىمىزگە ئالدىمىزغا ياشانغان ئىككى سېرىق ئۇيغۇر موماي كۈلۈمسىرىگىنىچە چىقىپ كەلدى. مەن بۇ مومايلارنى كۆرۈپ، يۇرتۇمنىڭ يىراق تاغلىق يېزىلىرىدا قالغان مومىلىرىمنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ساپلىق، پاكلىق ۋە ھەقىقى ئانىلاردىلا بولىدىغان مېھرىبانلىقنىڭ ئىللىق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. چىرايدىكى رەھىمسىز يىللار سوۋغا قىلغان چوڭقۇر قورۇقلارغىچە ماڭا تولىمۇ تونۇش بىلىندى...بىز بىردەملىك سالام-سەھەتلەردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىشتىن ياسالغان ئۆيىگە كىردۇق. ئۆينىڭ يېنىدىلا ئىشلىتىشتىن قالغىلى ئون نەچچە يىل بولغان قارا ئۆي بار ئىكەن. ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ ھەسرەت ۋە سېغىنىش ئىلكىدە ئۇھسىنىپ تۇرۇپ دېيىشىچە، بۇ ئەنئەنىۋي قارا ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلار ئاساسىي جەھەتتىن قالماپتۇ. بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى چاغلاردا كۆرگىلى بولىدىغان كەڭرى كەتكەن ياپيېشل يايلاق، تۇرخۇندىن ئىس چىقىپ تۇرىدىغان قارائۆي، ئۆينىڭ ئالدىدا سۈتچاي ئىچىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشقان قېرىلار،ئەتراپىدا چۇقرقىرىشىپ ئوينىشىۋاتقان سەبىي بالىلار، قويلار، يىلقىلار، پادىلار ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلىرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ...ئۇلار قارا ئۆيلەرنى بەك سېغىنارمىش. بىز كىرگەن ئۆي گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئىنتايىن پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. ساھىبخانلار بىزنى توختىماي «چوقى،چوقى»دەپ تۆرنى كۆرسىتەتتى(سېرىق ئۇيغۇرچە ئولتۇر مەنىسىدە). بىز تۆردە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ 70-80 ياشتىن داۋاپ قالغان مومىلىرىمىزدىن ساپ سېرىق ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆتۈندۇق. بىراق، ئۇلار ئۆزرە ئېيتىپ، بەزى سۆزلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى دېيىشتى. لېكىن بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە  ئانا تىلدا سۆزلەشكە تىرىشتى. دېمىسىمۇ بالىسى، نەۋرىسى، ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باشقا تىلدا سۆزلەشكە كۆنۈۋاتقان بۇ مومايلار ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇلارغا ئەگىشىپ كەتكەندۇ. شۇنداق، بىر- ئىككى كىشى بىر تىلنى ھەرگىزمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ. ئەمما، بىر توپ كىشىلەر ساقلاپ قالالايدۇ.

  بۇ مومايلارنىڭ ئۆيىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بايقاشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇلارمۇ بىزدەكلا تاماق يەيدىغان شىرەنى شىرە دەيدىكەن. يەنە قومۇل كىشىلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان«ئېستىم بوسا»(ئەدەبىي تىلدا مەنىسى دېمىسىمۇ)سۆزى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىكەن. شۇ كۈنى بىر موماي گەپ ئارلىقىدا بىزنىڭ گېپىمىزنى قۇۋۋەتلەپ «ئېستىم بوسا»دېگەنتى، يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇق. بىر چاغدا يەنە بىر موماي ئىشىك ئالدىدا ئويناپ يۈرگەن ئۈچ ياشلىق نەۋرىسىنى ئېتىكىگە ئېلىۋېلىپ، «ھۇببا قىل، ھە، ھۇببا!» (سۆيۈپ قوي)دەپ ئەركىلەتكىلى تۇرۇپتۇ. قومۇلدىكى ئاتا-ئانىلار، موما-بوۋىلار يۈرەك پارىلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئەركىلىتىدۇ دېيىشتۇق. ئارلىقتا يامغۇر يېغىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ يولدىشى ئاسمانغا قاراپ ئەنسىرەپ، «مەندىر چۈشەمدۇ نېمە؟»دەپ قالدى. بىزمۇ« مەندىر دەيمىز» دەپ چۇقىرىشىپ كەتتۇق. تىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىكى ئارىمىزدىكى ياتسىراشلارنى بارغانچە يوقىتىپ باراتتى. سېرىق ئۇيغۇرلاردا يۇرتقا ياكى ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ياغقان يامغۇر قۇت ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش بار ئىكەن. يامغۇرنى كۆرگەن سېرىق ئۇيغۇرلار«ئازاغىڭلار ياراشتى»(ئايىغىڭلار ياراشتى)دەپ خۇش بولۇپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ تۆتىنچى ئوغلى (ھەقىقى ئۇيغۇر چىراي كىشىكەن) يۈگۈرۈپ كىرىپ، «ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر ئىلان تۇرۇر!»دېدى. بۇنى ئاڭلاپ،«ھەي ئىسىت، ئايىغىمىز يارىشىپ تۇرغاندا بۇ يىلاننىڭ كەلگىنىنى»دەپ ئويلاپ تۇراتتىم، ئەمما موماي خۇشاللىق بىلەن ئوغلىغا:« ئاق سۇ(ئاق سۇ-سۈت مەنىسىدە بولۇپ، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان، سېرىق ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان نەرسىلەرنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىمايدىغان ئادەت بار ئىكەن)سىپىپ قوي»دەپ بۇيرىدى. بىزدىمۇ يولدا ياتقان يىلانغا سۈت قۇيپ بەرسە، سۈتنى ئىچىۋېلىپ كېتىپ قالىدۇ دەيدىغان كۆز قاراش بار. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ئۇچىرىغان يىلانمۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇق. قۇت بولسۇن! ئېستىم بوسا شۇنچە يىراقلاردا ياشاپمۇ ئۇلۇغ ئەجداتلىرى كەلگەن مۇقەددەس زېمىننى مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنتالماي ياشاۋاتقان قېرىنداشلارغا مىڭلاپ-تۈمەنلەپ قۇتلار بولسۇن!

  سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك ئەت(يەنى گۆش، قومۇل شېۋىسىدىمۇ ئەت دېيىلىدۇ)، سۈت، تالقان، سارىغ ياغ، سەمەن(سۇيۇقئاش)،كۆمزە(نان)ئىكەن. كۆمزىنى دوخوپكىدا ياكى ئوچاقتا پىشۇرىدىكەن، بۇرۇندا كۈلگە كۆمۈپمۇ پىشۇراتتىكەن(قومۇلدا كۆمەچ دەپ بىر نان تۈرى بار. خېمىرنى كۆمچتانغا سېلىپ تونۇردىكى ھۈل-ھۈل كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرىدۇ). ئۇلار توم تۇياقلىق، ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق ھايۋانلارنىڭ ئېتىنى يېمەيدىكەن. ئات، ئېشەك، توخۇ،قاقىر(يەنى تۇرنا، قومۇل ئاراتۈرك شېۋىسىدىمۇ قاقىر دېيىلىدۇ) قاتارلىق، يەنە قاۋان (چوشقا) ئېتىنى يەيدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ساناقلىقلا ئىكەن. بىز ئۇچىراشقانلاردىن ھېچكىم قاۋان ئەت يېمەيدىكەن. ئەن يۈلىڭ قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ئۆكۈنۈش ئىچىدە بىزگە دەپ بېرىشىچە، ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئانا تىلىدا سۆزلەشمەيدىكەن، مىللەت تاللىماي تويلىشىدىكەن، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كەيمەيدىكەن. ئۆيىدە ئەت، تالقان، سارىغ ياغ، چۆرمى، سۈت ئورنىدا قاراچاي، خالتىلىق سۈت ئىچىپ، موما، سوغوق كۆك (لىياڭسەي) يەپ ياشاۋېتىپتۇ. ئارىلىقتا كۆمزە گېپى بولۇۋېتىپ، تۈگمەن توغرىسىدا گەپ تېشىلدى. سېرىق ئۇيغۇرلار تۈگمەننى قومۇل شېۋىسىدىكىدەكلا تېگىرمەن دەيدىكەن. لېكىن، ھازىر تېگىرمەن ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئازلاۋېتىپتۇ. ئۇلار مانا مۇشۇنداق ئەنئەنىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ بېرىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز يېرىم بولدى.

  چۈشتىن كېيىن مۇقامچى ئىبراھىمگاڭ، غالىب ئەرشىدىن ئاكاملار قومۇل مۇقاملىرىدىن بىرنەچچە دۆرە ئورۇنلاپ بەردى. بۇ ئەسىرلىك سۈكۈتكە چۆمۈلگەن تاغلار مۇقام كۈيلىرىدىن مۇڭلىنىپ تېخىمۇ سۈكۈتكە چۆمۈلۈشكە باشلىدى. ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇرغان سېرىق ئۇيغۇر مومايلار تىلسىز قومۇل غىرجىكىدىن تارقىلىۋاتقان كۈيلەر ئىلكىدە ئۆزلىرىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ بىزنىڭ قارچۇقلىرىمىزدىمۇ ياش لىغىلدايتتى. يېشى  80دىن داۋىغان موماي كۆزىدىكى توختاۋسىز تاراملاۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ تىتىرەپ تۇرۇپ، سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا«مېنىڭ دادام، بىز ئۇزاق-ئۇزاق شىجىنىڭ خاجىدىن كەلگەن(ئۇلارنىڭ قەدىمكى تۈركلەرگە خاس بولغان چىرايىدىن ۋە شەرقى شىنجاڭلىقلارغا ئوخشاپ تۇرغان شېۋىسىدىن بايقىشىمىزچە، سېرىق ئۇيغۇرلار شەرقى شىنجاڭ ئەتىراپىدىكى بىرەر جايدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە تېخىچە بىر ئېنىق مەلۇمات يوق) كەلگەن، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!»دىدى.

  مۇڭلۇق قومۇل مۇقاملىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنى مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەللەيلەپ كەلگەن تەڭرى داۋان ئېتەكلىرىدە لەرزان ياڭرىماقتا!...ئۇنىڭدىن تارقالغان سېھىرلىك كۈيلەر بۇ زېمىننىڭ ھەر بىرتال تاش، گۈل-گىياھلىرىغىچە سىڭىپ كەتمەكتە. ئۇلارغا بۇ كۈيلەر بەلكىم تونۇش ئىدى.

  شۇ كۈنى ساھىبخانلار غالىب ئەرشىدىن ئاكام، ئىبراھىمگاڭلارنى«يەنە بىر دۆرې(مەنىسى بىر نۆۋەت، قومۇل شېۋىسىدە بىر دۆرە دەپ قوللىنىمىز)ئېرلا» دەپ توختىماي ناخشا ئېيتىشقا ئۈندەيتتى. ئۆزلىرىمۇ بىزگە سېرىق ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتى. مىڭ يىللاردىن كېيىنكى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ قىممىتىنى ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورتاق ھېس-ھاياجانلارنى شۇ ۋاقىتتىكى بىز ۋە ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن.

  بىركۈن كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغان كۈن تاغنىڭ ئارقىسىغا يەڭدىگەندە بىزمۇ قايتىشقا ھازىرلاندۇق. توساتتىن قاپقارا بۇلۇتلار تۈرۈلۈپ كېلىپ، ئاسمان گۈرۈلدەپ، چېقىن چېقىپ، يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىزدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ياشانغان ئىككى مومىمىز ھەر بىرىمىز بىلەن مېھرىبانلارچە قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. نىمىشقىكىن كۆڭلىمىز بەكمۇ يېرىم، خۇددى يۈرىكىمىزنىڭ بىرەر پارچىسى بۇ يەردە قالغاندەك...ئاستا قەدەملەرنى ئېلىپ، باش-ئاخىرى يوق تەگسىز خىياللار ئىلكىدە بىزنى ئالغىلى كەلگەن ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، ناھىيە بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتۇق، سېرىق ئۇيغۇر مومىلىرىمىز ئارقىمىزدىن قارىمىز يۈتكىچە قاراپ قالدى.

  كەچقۇرۇندا ئەتىسى سەھەردە كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلىغان تۆمۈر ئەپەندىم ياتىقىمىزغا كېلىپتۇ. بىزگە سۇنەن تاغلىرىدىن چىقىدىغان يەرلىك ياۋا موگۇ ئالغاچ كەلگەنىكەن. ئۇ سوۋغاتلارنى بىر پارچە ئۇزۇن كۆك رەڭلىك خادا بىلەن جۈپ قوللاپ تۇتۇپ، خادانى بوينىمىزغا ئارتىپ قويدى. تۆمۈر ئەپەندىم گەپ ئارلىقىدا«ئەزىز مېھمانلارغا خادا تەقدىم قىلىش بىزگە مۇڭغۇللاردىن ياكى تىبەتلەردىن كىرگەن دەيدىغان قاراشلار بار. بىراق مەن بۇنداق دەپ قارىمايمەن. خادا تەقدىم قىلىش قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت ئادەت ئىدى»دەيدۇ. قومۇلنىڭ توي-تۆكۈنلىرىدە خىزمەت قىلغان يېقىن-يورۇقلىرىغا، بىيىت ئېيتقان، ئۇسسۇل ئوينىغان كىشىلەرنىڭ بويلىرىغا شارپا ياكى رەخت ئارتىپ قويىدىغان ئادەت بار. بەلكىم، بۇنىڭ خادا بىلەن يىراقتىن باغلىنىشلىقى بولۇشى مۇمكىن.

  شۇ كۈنى تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت ئون يېرىمغىچە مۇڭدىشىپتىمىز. ئۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك ئىكەن. تارىخ توغرىسىدا سائال سورىساق تۈرتۈلمەي جاۋاپ بېرەلەيتتى. ئۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى، زور ھەجىملىك تارىخىي كىتابلىرى جۇڭگودىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، زور شان-شەرەپ ۋە «تۇلپار» مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپتۇ. ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»ناملىق كىتابى يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بوپتۇ. كېلەر يىللارغىچە نەشىردىن چىقىدىكەن.

  ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈر خىزمەت قىلىۋىاتقان بۇ كىشى قەلب تۆرەمدىن ئورۇن ئالدى. بىز ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سېرىق ئۇيغۇرلار غەربىي ۋە شەرقىي دەپ ئىككىگە بۆلۈنسىمۇ قەبىلە ناملىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۇق. ئابلېز ئاكام بۇ ھەقتە ئايرىم تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئاخىرىدا تۆمۈر ئەپەندىم ئۈچ كۈن جەريانىدا بىزنى ياخشى كۈتەلمىگەنلىكىنى، سۇنەنگە يەنە كېلىشىمىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىم كەلگەندە ياخشى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى، تېخى پۇرسە بولسا ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەنە بىر سېرىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كاڭلې، لىيەنخۇا ۋە داخې يېزىلىرىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جېكىلەپ، قايتا-قايتا ئۆزرە ئېيىتىپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئەسلىدە شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىر تاللار قىز پەرزەنتى مۇڭغۇلىيەگە ئوقۇشقا بارماقچىكەن. سۇنەندە بىز بىلەن ئۇچىراشقان يېشى قىرىقتىن ئاشقان سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ  بىر تاللا پەرزەنتى بار ئىكەن. ھازىرقى كۈندە تېخىمۇ كۆپ سېرىق ئۇيغۇر ياشلىرى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھالەت سېرىق ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئازالاپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا كېرەك.

  2011-يىلى8-ئاينىڭ25-كۈنى سەھەردە سۈكچىگە بارىدىغان ئاپتۇبۇس بېلىتىنى ئېلىپ بولۇپ، ئەن يۈلىڭ خانىم، ئارىسلان، تۆمۈر ئەپەندىملەرگە تېلېفۇن ئۇرۇپ خوشلاشتۇق. ئەن يۈلىڭ خانىم ئۇنىمىغىنىمىزغا قارىماي بىز بىلەن يەنە خوشلاشقىلى كەلدى. ئەن يۈلىڭ خانىمنىڭ ئاپىسى چۇمۇتار مومىمىز«مېھمانلارنى نېمىشقا ئۆيگە باشلاپ كەلمەيسەن؟ شۇنداقلا خوشلۇشۇپ كەتكۈزىۋەتسەك سەت ئەمەسمۇ؟» دەپ ئۇنىڭدىن رەنجىپتۇ. بۇنداق ئاقكۆڭۈللۈك، مېھماندوستلۇق يەنە قايسى بىر مىللەتتە بار؟! بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن «جۇۋاتتى، ئەن ئاچا جۇۋاتتى!» دېيىشىپ، ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قومۇلغا، شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىشىپ بېكەتتە قالدۇق. ئۇمۇ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ، يازلاقتا قالغان ئىككى مومىمىزنىڭ خەيرلىك تېلەكلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بولۇپ خوشلۇشۇپ كەتتى.

  مەن سۇنەندىكى ھەر بىر ئۇنتۇلماس كۆرۈنۈشلەرنى كۆڭۈل بەتلىرىمگە مەڭگۈلۈك قالدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە تويماي قارايتتىم. ئىچىمدە خەير سۇنەن! خەير تەڭرى داۋان!...دەپ پىچىرلايتتىم.

                              2012-ىلى6-ئاينىڭ15-كۈنى  قومۇل

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1761
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6593
توردىكى ۋاقتى: 1553
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 14:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلارغا: قىسمەن خەتلەر كىچىك چىقىپ قاپتۇ...!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

7730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 17:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ قېرىنداش سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بىر بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈم بار. سىزنىڭ يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت.قومۇلدىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى ئالغاچ بېرىپسىز، ئاپىرىن!تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

31

تېما

0

دوست

6443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6223
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1593
تۆھپە : 882
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 18:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ۋە سالالار مۇ  ئەسلىدە تۈركى مۇسۇلمان مىللەت ، بىراق ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرى ئاللا بۇرۇن يوقالغان،  ئۇلار ناماز ئوقۇيدۇ، لىكىن تىلى پۈتۈنلەي خەنزۇچە، تېخى ئۈلۈم يىتىم بولسا پوجاڭزىمۇ ئاتىدۇ.
يۇگۇرلارنى خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ۋە سالالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا چىراي، تىل، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا مىللى ئالاھىدىلىكنى ھەقىقى ساقلىغان. بىراق ئۇلار لاما دىنىدا شۇ.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12050
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 18:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرمىزغا بولغان ھىسياتىمزىنى ئىخچام ھەم چىن ئىپادە قىلىپسىز ، چومەن جەمەتكە ئائىت بايقاشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇشىشنى ئۇمۇت قىلمەن

0

تېما

0

دوست

705

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4419
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 125
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 19:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام بەكمۇ ئوبدان تېما يوللاپسىز  يەنە كىلىپ چومەلەرنىڭمۇ ئۇ جايدا بارلىقى ھەەقىدە يېڭى مەلۇمات بەرگەنلىگىڭىزگە كوپ رەخمەت بولسا چومەنلەر ھەققىدە يەنە ئزدىنىپ كورسىنىڭ ....

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2058
توردىكى ۋاقتى: 879
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 19:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت، ئاتايىن بارغاندىكىن سىنئالغۇدىن بىرنى ئېلىۋىلىپ ئازراق بىر نەرسە ئالغاچ كەلگەن بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن،

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2058
توردىكى ۋاقتى: 879
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





















كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )