- تىزىملاتقان
- 2011-10-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1003
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
0.3%
|
بۇ مەزمۇنyalghuzboraدە2012-06-17 16:39يوللىغان يازمىسى قەشقەر تىلىۋىزىيە ئىستانسغا ئوچۇق خەت :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىزانە قەشقەردىكى 3000000دىن ئارتۇقراق خەلىقنىڭ مەنۋى تۇرمۇشىنى بىيتىپ كىلۋاتقان تاغىلار ،ھەدىلەر ، ياخشىمۇسىلەر !!!
دەۋىر رىقابىتگە ئەگشىپ ئائىللەرگە تىلۋۇزۇر، تور قاتارلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلرى شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىردى ، باي -كەمبەغەل ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە شۇنداق جاھاننامە ئەينىكى بار ، پىقىرنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇنداق جاھاننامە ئەينىكىدىنمۇ بىرسى بار ، بىراق ئاتا-ئانام ۋە باشقا ئاكا-ئۇكا ،ئاچا -سىڭىللەر بارچاغدا پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدۇ. نىمىشقا ؟ ھىلىقى ماز ئىلاننىڭ كۆپلىكىدىن بولمامدۇ ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئەرلەر-ئاياللار بۆلىمىنىڭ مازئىلانلىرىدىن بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئىلانلىرىنى بەرمىسەڭلار سىلەرگە پارتىيە مائاش بەرمەمدۇ؟ بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى تاقىلىپ قالسا سىلەر شاگاڭ بولۇپ كىتەرسلەرمۇ ؟كىسەللك ئىلانى ئوقۇيدىغان تاغىلار ، ھەدىلار ، سىلەر كەچتە بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرۇپ ئۆزۇڭلار ئوقىغان جسنسى كىسەللىك ، مەزى بىزى ، بالياتقۇ ياللۇغى ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش، 3مىنۇتتلا سزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ،دىگەندەك ھاياسىز ئىلانلارنى ئاڭلاشتىن خىجىل بولمامسز ؟ئەگەر بالىڭىز : دادا ، ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش دىگەن نىمە ؟مەنمۇ ئىھتىياتسىزلىتىن ئانامنىڭ بويدا قالغانمۇ دەپ سوراپ قالسا ، سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسلەر ؟ توغرا، سىلەرنڭ پەرزەنتىڭلەر مەدەنيەت نۇر چىچى پ تۇرغان شەھەردە تەربييە ئالغان ، ئۇ ئىشلارنى زاكىسدىلا بىلىدۇ ؟شۇنداقمۇ ؟ئازراق بولسمۇ نومۇس قىلىڭلار تاغىلار ، ھەدىلار ، !!!
ئەگەر شۇنداق ئىلانلارنىڭ بەرمىسەڭلار ، شۇنداق كىسەل بولغانلار باردىغان دوختۇرخانا تاپالماي تىلۋىزيە ئىستانسىغا قايسى دوختۇرخانىغا بىرىش توغرىسدا مەسلىھەت سوراپ بارار بولغىيمىتى؟
بۇ پىكىر بەك ياخشى بوپتۇ، بولسا ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇيغۇر تىلىدا " ئى " ھەرپىدىن باشقا يەنە "ئې " دەيدىغان بىر ھەرپنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىساق...... |
|