- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 921
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
0%
|
[align=justify] هاياتنىڭ ئەكس ساداسى
بىر ئادەم ئوغلى بىلەن كېتىۋاتاتتى. ئوغۇل تۇيۇقسىز يەرگه پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى.
«! ۋايجان »دەپ توۋلىدى. ئالدى تەرەپتىكى تاغنىڭ چۇققىسدىنمۇ «! ۋايجان » . دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئوغۇل قىزىقسىنىپ:«سەن كىم ؟» دەپ سورىدى. «سەن كىم ؟»دېگەن ئىنكاسنى ئالدى. ئوغۇلنىڭ ئەمدى ئاچچىغى كەلگەن ئىدى : «سەن بىر قورقۇنچاق! »دەپ ۋاقىرىدى. تاغدﯨن كەلگەن سادا:«سەن بىر قورقۇنچاق! » بولدى .ئوغۇل دادىسىغا قارىدى : «دادا، زادى نېمه ئىش بولدى؟» دادىسى تاغقا قاراپ .«ساڭا ھەيرانمەن !» دەپ توۋلىدى. كەلگەن سادا« ساڭا ھەيرانمەن! »بولدى.دادىسى تەكرار توۋلىدى« سەن ھەيۋەتلىكسەن! » : كەلگەن سادا «سەن ھەيۋەتلىكسەن!» ئوغلى بەكلا ھەيران بولدى ، ئەمما زادى نېمه ئﯩش بولغانلىقىنى تېخىچه ئاڭقىرالمايۋاتاتتى. دادىسى چۈشەندۈردى :«بۇنى ئەكس سادا دەيمىز.ئەسلىده بۇ ھايات مانا مۇشۇنداقتۇر. ھايات دائىما سەن ئۇنىڭغا بەرگەننى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.» ئىنسانلار بىر-بىرىنىڭ ئەينىكىدۇر. ھاياتىمىزنى ۋه مۇناسىۋەت ئۇسۇلىمىزنى بەلگىلىگەن نەرسه بىر-بىرىمىزگه بولغان مۇئامىلىمىزدۇر. بىزگه قانداق مۇئامىله قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلساق، بىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىله قىلىشىمىزكېرەك. سۆيگۈ-مۇھەببەت تاما قىلساق، مۇھەببەت بىلەن؛شەپقەت تەلەپ قىلساق، شەپقەت بىلەن؛ ھۆرمەت كۈتسەك،ھۆرمەت بىلەن... قانداق مۇئامىلىگه ئۇچراشنى خالىساق،شۇنى قىلشىمىز كېرەك. دۈشمەنلىككه ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن دۈشمەنلىكتىن، شەخسىيەتچىگه دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن شەخسيەتچىلىكتىن، ناھەقچىلىققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ناھەقچىلىقتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.[align=justify][align=justify]ئالتۇن قۇرال: ساڭا قانداق مۇئامىله قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلساڭ،سەنمۇ شۇنداق مۇئامىله قىل![align=justify][align=justify] |
|