- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 583
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
16.6%
|
سالام ئۇيغۇرزادە:
قەيسەر مىجىت ئەپەندىدىن سورالغان بەزى سوئاللار سەل ئاددى بولۇپ قالدىمۇ-قانداق. قەيسەر ئەپەندىنى تەكلىپ قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. رەھمەت سىزگە.
ياشلاردىكى ئىشسىزلىقنى تىلغا ئاپتىكەنسىز، بۇ ھەقتىدىكى كاللامغا دەمال كەلگەن پىكىرلەرنى دېگىم كەلدى:
ھەمكارلاشقان ئىككى ئادەمنىڭ ئىش ئۈنۈمى، يەككە ئىككى ئادەمنىڭ ئايرىم ئىش ئۈنۈمىدىن يۇقىرى بولىدۇ. قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ زىيادە جىقلىقىدا بىز دەل ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەمكارلىشىشقا تىرىشىشىمىز، ئورتاق نىشاندا بىرگە كېلەلەيدىغانلىكى كىشىنى شۇ نىشان ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
جەمئىيەتكە پايدىلىق خالىغان بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىش نۇرغۇن ئامىللارنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شەخسى ئامىللار غايە، نىشان، قابىلىيەت، پەزىلەت، ھەمكارلىق تۇيغۇسى ۋەھاكازالار.
خەلقىمىزنىڭ نوپۇسى 10 مىليۇن ئەتراپىدا. بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالماي، جەمئىيەت چاقىنى ئىلگىرلىتىدىغان كىشىلەر قانچىلىك؟ غايىلىك كىشىلەر، نىشانى ۋە پىلانى بار كىشىلەرچۇ؟ پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىقلارچۇ؟
دېمەك، ھەمكارلىشىمەن دەپ كەلسەك ئىلغاپ-ئىلغاپ تۈززۈك ئادەم قالمايدۇ. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك چوڭ غايىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغاندا، قەدەممۇ-قەدەم كىچىك نىشانلارغا بۆلگەندە ئاندىن بۇ غايىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. كىچىك نىشانلارنى يەككە شەخسلەر بىلەنلا ئەمەس بەلكى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدىغانلىكى كىشىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھەرىكەتلىنىش، ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئېنىق نىشان، نىشانغا دەخلىسى بولمايدىغان ئامىللارغا نىسبەتەن كەڭقورساقلىق.
غېنى باتۇر ھاراق ئىچىدىغان، نامازنى قازا قىلىدىغان ساۋاتسىز قەھرىمانىمىز. ئەمما ئۇ كىشى تارىخىمىزدا كۆرۈنەرلىك قىممەتكە ئىگە.
ئەخلاقى قائىدىلەرنىڭ مۇھىم-تۆۋەنلىكى بولىدۇ. جىنايەتنىڭمۇ ئېغىر-يېنىكى بولىدۇ. جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم نىشان بولغاندا شەخسى ئامىللار ئانچە مۇھىم ئەمەس.
سىزنىڭچە جەمئىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاساسى زىيانلىق ئامىللار ، مۇھىم زىددىيەت قايسىدۇ؟ بۇ ئامىللارنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟ كونكرېت چارىلىرى قايسىلار؟ |
|