قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 45484|ئىنكاس: 61
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خارۋاردتىكى ئۇيغۇر ئەسلىمىسى: قەلبىم ئۆكسۈيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

4735

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3203
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 610
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 08:54:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

خارۋاردتىكى ئۇيغۇر ئەسلىمىسى: قەلبىم ئۆكسۈيدۇ



ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك باغداش ئەھلى،
      مەزكۇر يازما- ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرستىېتدا ئىقتسادشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇقتا  ئوقۇۋاتقان   ئۇيغۇر ئوغلانى قەيسەر مىجىتىنىڭ ئەسلىمىسى. چەت ئەلدە ئىلىم تەھسل قىلۋاتقان، بىلىم يولىنى تۇتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇنبەرلەرگە كىرشىنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە قەيسەر مېجىىت ئاكىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ  ئېلىپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. قەيسەر ئاكام بۇ يازملىرىنى مۇنبەردە ئېلان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى مېنىڭ دەۋېتىمدىن كېيىن باغداش مۇنبىرىگە كىرشكە قوشۇلدى. قەيسەر مېجىت ئاكىنى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلايلى.
   قەيسەر مېجىىت، ئاتۇشتىن، 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىگلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئشىلىگەن ھەم ئنگلىزتىلى كۇرسلىرىنى پۈتتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. "ئېتىقدا شۇنداق تۇغۇلىدۇ"، "قممەتلىك ياشلىق" قاتارلىق ئېسىل ماقالىلەرنى يېزىپ "تارىم" دا ئېلان قىلغان. قەيسەر ئاكا مېنىڭ دەۋىتىدىن كېيىن مۇنبەرگە داۋاملىق كىرىدىغانلىقىنى ۋە داۋاملىق ئەسەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدردى. ئۇنىڭ بۇ يازمىسى 2011-يىلى  يازدا ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، ۋاقتىسىز ۋاپات بولغان دوستىىنىڭ خاتىرىسگە بېغشلانغان.
  قەيسەر مېجىىت ئاكا ھازىر بوستۇن شەھىردە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ ئىلىمىي تەتقىقات  بىلەن شۇغۇللىنۋاتىدۇ.


قەلبىم ئۆكسۈيدۇ (مەرھۇم 2 دوستۇمنى ئەسلەپ)
 قەيسەر مىجىت (ئامېرىكا بوستون)



        ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا - مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ "بۇلاق" جورنىلىنى خېلى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ قوياتتىم. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار ياخشى ماقالىلەر ئېلان قىلىناتتى. شۇنداق ماقالىلەردىن بىرى - 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرى مەھمۇت سادىق قەشقىرى دېگەن بىر زات ھەققىدە ئىدى. مەن بۇ زاتنىڭ دوستلۇق ھەققىدە ئىيتقان مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدىم:   "ئادەتتە دوستلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرىنچى خىلدىكى دوستلار كۇندۇلۇك يېمەك-ئىچمەككە ئوخشايدۇ، سەن ئۇنى كۈندە يەپ-ئىچىپ تۇرمىساڭ بولمىغاندەك، بۇ خىل دوستلىرىڭ بىلەن پات-پات دېگۈدەك كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ تۇرمىساڭ بولمايدۇ، ئىككىنچى خىلدىكى دوستلار دورىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىلدىكى دوستلۇق سېنىڭ قەلبىڭ جاراھەتلەنگەندە خۇددى دورا كەبى ساڭا شىپالىق ئىلىپ كېلىدۇ".  
           ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشىدۇ، ئەمما ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن باشقا، ئەڭ ئەزىز بىلىنىدىغىنى ئۇنىڭ دوستىدۇر. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئورتاق مەۋقەگە، ھېسسىياتقا، ۋە ياكى ئوخشاش كەچمىشكە ئىگە ئادەملەر ئۆز- ئارا دوستلۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ. مېنىڭمۇ مۇشۇ ئاساستا شەكىللەندۈرگەن دوستلىرىم بار. ئۇلار بىلەن ئۆز- ئارا سەمىمىيلىك، مېھر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز، بۇ تەرەپتە مەن ھەممە دوستلىرىمغا ئوخشاش مۇئامىلىدىمەن. ئەمما دوستلۇقۇمنىڭ ئۆزگىچە خاسلىق تەرىپىمۇ بار. يەنى بەزى دوستلىرىم بىلەن خۇددى بىرىنچى خىلدىكى مۇناسىۋىتىم بولسا، يەنە بەزىلىرى بىلەن ئىككىنچى خىلدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىم بار. مەن ھاياتلىقنى قەدىرلەيمەن، جۈملىدىن ھاياتقا مەنە قوشىدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى - دوستلۇقنى ھەم قەدىرلەيمەن. بىراق، بىز ئىنسان بولغاندىن كىيىن، دوستلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن دوستلار ئارا ئۆز ساداقىتىمىزنى، ھۆرمىتىمىزنى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تولۇق ئىپادە قىلىپ بولا -بولالماي بەزىلىرىمىز يەنە بەزىلىرىمىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ بۇ سەپتىن مەڭگۈلۇك ئايرىلىدىكەنمىز. مېنىڭ شۇ تاپتا دوستلۇق تېمىسىدىن ئېغىز ئىچىشىم - ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئىككى دوستۇمنى سىغىنىپ ياد ئېتىشىم ۋەجىدىندۇر. پېشكەللىك سەۋەبىدىن دوستلۇق سېپىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بۇ ئىككى دوستۇمنىڭ بىرى - ئۈرۈمچى پوچتا-تېلگىراف ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان - رەھمەتلىك قاسىمجان بولۇپ ئۇ مىنىڭ بىرىنچى خىلدىكى ئاغىنىلىرىمدىن ئىدى.
        يەنە بىرى ئۇنىۋىرسىتىت ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ لىكتورى -مەرھۇم غالىپ ھاجى بولۇپ، غالىپ ھاجى مىنىڭ ئىككىنچى خىلدىكى ئاغىنىلىرىمدىن ئىدى. قاسىمجان، ئەزىزانە دىيارىمىز - قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە خىزمەتكە چىققان بولۇپ، كىيىن ئۈرۇمچىگە ئۇنىۋىرسىتىتتا كومپىيۇتۇر ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن. قاسىمجان بىلەن مەن ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىلللىغىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دىلشات ھېۋىزۇللا ئارقىلىق تونۇشقان. دىلشات ھەۋىزۇللا شۇ چاغلاردا كومپىيوتور بىلىملىرىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلىغى بىلەن ئۇنىۋىرسىتىتتا داڭ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بولىدىغان، (يەنى ئۇلاردىن ئالىم ئەھەت كېيىنچە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭدىن چەكسىز سۆيۈندۈم!).   
       قاسىمجان- دىلشاتنىڭ قىزغىن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. مەن شۇ چاغلاردا مەكتەپتە كەچلىك كۇرستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىزچە دەرس ئۆتەتتىم، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نامىدىن دىلشات ھەۋزۇللانى تەكلىپ قىلىپ تۇنجى قېتىم "كومپىيوتور ركەچلىك كۇرسى"نى تەشكىللەپ، جەمئىيەتتىن ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئىدۇق. كېيىنچە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز-ئاغىنىلىرىمىز كەسپى جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ ھەتتا شىركەت قۇرۇش تەييارلىقىدا بولۇشتۇق.
      مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بىرىنچى يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا، شەپقەت روزى، ئەسقەر جاپپار، ئىمام، مۇختەر ۋە قۇربان قاسىم، ئالىم ئەھەت ۋە يەنە قاسىمجان بولۇپ 10 غا يېقىن بالىنى ياتىغىمغا تەكلىپ قىلىپ كومپىيوتور  شىركىتىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇق، ھەمدە قۇرماقچى بولغان شىركەتكە نېمە دەپ ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە ئازراق تالاشتۇق، ئاخىرى ئالىم ئەھەت "ئەنقا" دەپ قويساق دېگەن بىر تەكلىپنى بەردى ۋە شۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولدۇق. ئۇ چاغلاردا مەن ياش، پائالىيەتچان، ۋە تولىمۇ جۇشقۇن ئىدىم. ئاغىنىلىرىم، تونۇشلىرىم -تەڭرىتاغنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن بالىلار بولۇپ، مەن بەزىلەرنى ئىزدەپ چىقىپ مەسلىھەت سورىسام، بەزىلەر مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەسلىھەت سورايتتى. ئىشقىلىپ ئۇ چاغلار مەن ئۈچۈن بەكلا كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۆز يارەنلىرىڭ بار يەردە ھاياتتىن بىر خىل قىزىقچىلىق ۋە مەنە ھېس قىلىدىكەنسەنكى، ھەرگىزمۇ بۇرۇختۇملۇق ۋە زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدىكەنسەن. ئەنە شۇ - كۆپنىڭ ساڭا بولغان ھۆرمىتى، سىنىڭ كۆپكە بولغان سۆيگۇسىنى يالقۇنلىتىدىكەن، سىنى يىڭى-يىڭى تەپەككۇرلارنى قىلىشقا ۋە كۆپ ئۈچۈن خالىس ۋە ئەمىلى ئىش قىلىشقا ئىنتىلدۈرىدىكەن. مەن شۇ چاغلاردا "شىركەت قۇرۇپ ئىقتىسادى ئۇنۇم يارىتىپ، ئۆزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خوش قىلىش ئارزۇسىدا ئىدىم" چۈنكى مىنىڭ ئوقۇغىنىم "ئىگىلىك باشقۇرۇش" ئىدى. مەن ئۈچۈن ئۇ لوگىكا مۇنداق ئىدى.
          دوختۇر - كېسەل داۋالايدۇ، شوپۇر ماشىنا ھەيدەيدۇ. شۇڭا مەن "ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىدىن ئۆگۇنۇشۇم كېرەك" دەپ ئويلايتتىم. ئاشۇ ئىستەكتە بىر نەچچە ئۇيغۇر كارخانىچى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، مەرھۇم ئابلىز مەخسۇم ئەپەندىنىڭ ئوغلى- ئارسلان ئاكا، ئۈرۈمچى چوپ-ئاش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى - مىجىت ئالىپ دېگەن كىشى ۋە يەنە مەمتىمىن دېگەن بىر كارخانىچىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنداق بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلىشتى: "كۆز ئۆتكۈر بولۇش كېرەك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلەش كېرەك".شۇنداق چوڭ خىياللار بىلەن ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئاسپىرانتى مەمەتجان دېگەن بالىنىڭ ياتىغىدا قەلەيدىن ياسالغان كىچىك بىر ئوچاقنىڭ ئىسپىرت بىلەن چوڭ چەينەكتىكى چاينى قاينىتىۋەتكەنلىگىگە دىققەت قىلىپ قالدىم ۋە مەمەتجاندىن بۇ ھەقتە سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇقتۇمكى ئۇنى ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر ھۈنەرۋەن ئۇستام ياسىغان ئىكەن. بۇنى ئۆزۈمچە "يېڭىلىق" دەپ ئويلاپ ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن. دەرھاللا دىلشات ھەۋىزۇللا بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ئۇنىنغا بۇ "ئۇيغۇر ئوچىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى - تەننەرخىنىڭ تۆۋەن، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چوقۇم بازار تاپالايدىغانلىغىنى" چۈشەندۈردۈم، ھەمدە ئاقسۇغا ئاشۇ ھۈنەرۋەننى ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ بارماقچىمۇ بولدۇم. چۈنكى ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ياكى سەندە باشقىچە مەھسۇلات ياكى تېخنىكا بولۇشى كېرەك ياكى بولمىسا ئىلىپ- سېتىش تەجىرىبىسى  بىلەن شۇغۇللىنىشىڭ كېرەك. شۇ چاغدىكى ساددا ھىسسياتىم بويىچە "كەلگۈسىدە كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىش ئېھتىمالى بولغان بۇ يېڭى مەھسۇلاتتىن بازار تاپقىلى بولاتتى". دىلشات كۆز قاراشلىرىمنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇشۇ ئوچاقنى (چوڭلىغى مۇشتۇمچىلىكلا) ئاۋۋال دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھۈنەرۋەنلەرگە ياسىتىپ بېقىش مەسلىھەتىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قاسىمجان، قۇربان ئۇچىمىز قار تېخى ئېرىمىگەن ئەتىيازنىڭ بىر كۈنىدە ھېلىقى مۇشتۇمچىلىك ئوچاقنى كۆتۈرۈپ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىن ھۈنەرۋەن ئىزدىدۇق، ۋە ئاخىر بىر ھۇنەرۋەڭە 30 يۈەن پۇل بېرىپ ئىككى ئوچاقنى ياساتقۇزدۇق. بىراق بۇ ئوچاقلار ھېلىقى مەمەتجاننىڭ ئوچىغىدەك ئۈنۈملۈك بولمىدى، ئىسپىرىت تۈزۈك كۆيمىدى، چاينى ھەم قاينىتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن لاسسىدە بولۇپ قالدۇق. گەپ ئەسلىدە ھۈنەرۋەننىڭ ھۈنىرىدە بولسا كېرەك. شۇ يىلى يازدا دىلشات ھەۋىزۇللا ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى،  
     سېنتەبىردە مەن شاڭخەيگە ئوقۇشقا كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن شىركەت قۇرۇش ئىستىگىممۇ تۈتۈندەك تاراپ كەتتى. ئەمما مۇشۇ ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىدا قاسىمجان ئىزچىل تۈردە يېنىمدا تۇرۇپ، مەدەت ۋە مەسلىھەت بېرىپ تۇردى. مەرھۇم قاسىمجان- دوستلىرىغا چوڭقۇر ساداقەتمەنلىك ۋە ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتى دۇرۇس، لىللا بولۇپ، ھەر دائىم پاكىز كىيىنىپ، گالستۇك تاقاپ يۈرەتتى. گالستۇك تاقاشتا يېڭى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بەزىدە ئۇنى مايماق-سايماق تاقاپ قويسام كېرەك، قاسىمجان بار سورۇندا رەھمەتلىك ئالايىتەن كېلىپ چاندۇرماي ئۇنى رۇستلاپ قوياتتى. مەن مەرھۇمنىڭ ئۇ ھەرىكىتىدىن بەكلا مىننەتدار ئىدىم. مەرھۇمنىڭ بۈدۈر چاچلىرى ئۆزىگە بەك ياراشقان بولۇپ، ئۆزى سالماق، ئىنتايىن ئاقكوڭۇل ئىدى. سوھبەتلىرىمىزدە، "ئادەش، ماڭ قايلاڭلا -" دەپ قويۇق ۋە يېقىملىق قەشقەر ئاھاڭىدا گەپ باشلايتتى. دىلشات  ئەنگىلىيەگە ماڭغاندىمۇ، مەن ئامېرىكىغا ماڭغاندىمۇ، رەھمەتلىك بىزنى ئايرودرومغىچە ئۇزىتىپ چىققان ئىدى. دىلشاتنىڭ تويىدا ۋە مىنىڭ تويۇمدا ئىنتايىن كۆپ ھىممەت ۋە قىزغىنلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
      1998 - يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاشۇ كۈنىنىڭ -يەنى مەن ئامېرىكىغا يېنىپ كېلىشكە بىر كۈن قالغان ئاشۇ كۈننىڭ مەرھۇم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشىدىغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. رەھمەتلىك ئاشۇ كۈنى ئۇرۇمچدە ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرغان ئۆيۈمگە كېلىپ مەن بىلەن كەچ-قۇرۇن تا بىر مەزگىلگىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، قىزىق يۇمۇرلارنى ئېيتىپ كۈلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئېسىل دوست ئىكەنلىكىنى ماڭا نامايەن قىلغان ئىدى. ئەگەر مەن ئۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئۇ دوستۇمنى چىڭ ۋە ئۇزاق قۇچاقلىۋالغان، ئۇنىڭ ماڭا دوستۇم سۈپىتىدە نەقەدەر زور خۇشاللىق ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى ئالدىدا ئىيتىۋالغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى-ھە؟
      مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندە - يۈرۇگۇمنى بىرسى يۇلۇۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم، ئۆكسۈدۈم. ھەي، نەچارە، مەن دېگەن بىر ئىنسان!ئارزۇيۇمغا مەدەت، غايەمگە يالقۇن، كۆزۈمگە نۇر بەرگەن جىنىم دوستۇم - قاسىمجان مەن سىلىنى (قاسىمجان بىلەن سىلە، ئوزەڭلا دەپ پاراڭ قىلىشاتتۇق، سەنلەشمەيتتۇق) مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن!، خۇدايىم ياتقان جايىڭلارنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!

                                          ****************************(2)*******************************
       ئالىي مەكتەپتە ئۆزلۇگۇمدىن ئىنگىلىزتىلىنى ئۆگۇنۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مەكتەپ قىرائەتخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى چەتئەت تىلى ماتىرىياللار ئۆيىگە پات-پات كىرىپ تۇراتتىم. شۇ يەردە بىر تەرەپتىن سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە گىزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇپ باقاتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن ساناقلىقلا بولغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن سالاملىشىپ قالاتتىم. بۇ يەرگە كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ كۆپىنچىسى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار، ئايرىملىرى ئاسپىرانت ۋە ياكى يۇقىرى يىلللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. سانىمىز ئاز بولغاندىن كىيىن ئاسانلا تونۇشۇپ قالاتتۇق. بەزىلىرى بىلەن پىكىرداش، غايىداش بولۇپ دوستلۇقمۇ ئورناتتۇق.
      بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىلجان ئىبراھىم، خانىمى - دىلدۇز تىلمان ۋە نىجات ئەمىنلەر بار ئىدى. ئاشۇ چەتئەل تىللىرى ماتىرىيالق ئۆيىدە مەن بىر كىتابتىن بەنجامىن فرانكلىننىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇپ بەك قايىل بولغان ئىدىم: "مەرىپەتلىك مىللەت مەڭگۈ قۇل بولمايدۇ!". مىنىڭ قارىشىمدا - بىلىملىك زاتلارغا قارىغاندا ناخشىچىنى چوڭ كۆرىدىغان خەلق - مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ئالىقىنىدا ئۇۋۇلۇنۇپ ياشايدۇ. قاچان بىلىم ئىگىلىرى ھۆرمەتلەنگەندە ۋە ھەممە مەرىپەتكە ئىنتىلگەندە جەمئىيەتتە يۇكسۇلۇش، خەلقتە ھەر جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈش بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن مەن ئەزەلدىن بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەت قىلىمەن ھەم تېرىشچان، ئىجىتھاتلىق كىشىلەرنى قوللايمەن، ئۇلارنى يېقىن كورىمەن.
       مەن غالىپ ھاجى بىلەن ئادىلجان ئىبراھىم ئارقىلىق تونۇشتۇم. بىر ھىساپتا ئۇلار مىنىڭ "ئاكا ئاغىنىلىرىم" ئىدى. غەرىپلىكلەرنىڭ دوستلۇق ھەققىدە مۇنداق بىر سۆزى بار: "سەن دوستلىرىڭنىڭ كىملىكىنى، قانداقلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەر، مەن سىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىڭنى ئېيتىپ بېرىمەن". ئادىلجان ئىبراھىم ۋە غالىپ ھاجىلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى - ئاساسەن بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، پەزىلەتلىك بالىلار بىلەن ئىدى. گەرچە مەن تېخى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرمىگەن بولساممۇ، ئۇلار مېنى ئۆز سىپىگە قوشۇۋالدى. مەن ئۇلارنىڭ "ئۇكا ئاغىنىسى" سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغا، چاقچاقلىرىغا داخىل بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. غالىپ ھاجى بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ ئاجايىپ چېچەن، تەمكىن، تەپەككۇرى چوڭقۇر، يېشىغا قارىغاندا كۆپ يېتىشكەن زىيالىي ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنىنغا بولغان ھۆرمىتىم كۆپ ئاشتى. گەرچە ئۇنىڭ كەسپى ماتېماتىكا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئۈستۈن ئىدى، ھەر خىل تېمىلاردا خاتىرىسىگە ئويلىغانلىرىنى يازاتتى. ئۇنىڭ خېتى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن رەتلىك ۋە سالماق تۇرمۇش ئۇسلۇبىنىڭ شولىسىدەكلا تۇيۇلاتتى.
        غالىپ ھاجىنىڭ دادىسى ھاجى ئابدۇللا ئاكا - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ  بۆشۇگى بولغان ئاتۇش ئېكىساق كەنتىدىن بولۇپ، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ ئېكىساقتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ئالىي مەكتەپكە كەلگەنلىكىدىن بەك پەخىرلىنەتتى.رەھمەتلىك - سۆزلەرنى ئاز ئەمما ناھايىتى مېغىزلىق قىلاتتى. ئاساسەن مەن، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى بەزى ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەي ئازابلانغان چاغلىرىمدا، ۋە ياكى تۇرمۇش مەسىلىسىدە گاڭگىرىغان چېغىمدىلا، غالىپ ھاجىنى ئىزدەپ چىقاتتىم ھەمدە ئۇنىڭ ئادەمگە ئىشەنچ ۋە ئۇمىت بېرىدىغان سۆزلىرىدىن روھلىنىپ قايتىپ چىقاتتىم.
      ئۇ - ئادەملەردىن، جەمئىيەتتىن، تەبىئەتتىن گۈزەللىك ئىزدەيتتى، ناچار ئىشلاردىن، شەخسلەردىن، يالغانچىلىق ۋە پەسكەشلىكتىن نەپرەتلىنەتتى. مەرھۇم - ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە يۈكسەك بولۇپ چاكىنىلىقلاردىن بىر نۇر يولى ئارىلىقتا يىراق ئىدى. مەن ئۇنىڭ چىچىلغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم، چۈنكى ئۇ ئىشلارغا ماڭا ئوخشاش ئالدىرانغۇلۇق بىلەن ئەمەس بەلكى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما، بىر ھەپتە ئاخىرى كەچتە ئۇنى ئىزدەپ چىققىنىمدا، ئۇ مېنى كۆرۈپلا مۇنداق قايناپ كەتتى:" - سىلە دەپ بېقىڭلا، 60 ياشقا يېقىنلاشقان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك قىزلارغا كۆز تاشلاپ مازلىشىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ قېنى ئۇ پەدىشەپ، قېنى ئۇ ئىمان؟ قېنى ئۇ ئەخلاق؟ بۇنداق ئادەملەرنى نېمە قىلىش كېرەك، قانداق ئەيىبلەش كېرەك؟ بۇ خىل ئىللەتلەرنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟ خەلقىمىز، ئوقۇتقۇچى دەپ ئۇنۋىرسىتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ئايرىم ساندىكى ئەبلەخلەر يىشىنىڭ چوڭلۇقىغا باقماي، بىزدەك كىچىكلەر ئىتتىپاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ "ھە دەپ" قويغاننى بىلمەي، ئالجىپ ئادەمنىڭ ھۆ قىلغۇسى كەلگۈدەك بەتقىلىقلارنى قىلىدۇ. ئەر بىلەن ئەركەكنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان بۇ لاتىلار تېخى ئۆزىنى ئەركەكمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىكەن. ئۇنداق پەدىشەپنى بىلمەيدىغان، قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق چۈپرەندىلەر قانداقمۇ ئەركەك بولسۇن؟ ھەي، قويۇڭلار جۇمۇ، بىزدە ئەرنىڭ سانى بىلەن ئەركەكنىڭ سانى تەخمىنەن بولسىمۇ تەڭ ئەمەس ئىكەن".
     ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيەتكە باشقا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن تەكلىپ قىلىنغان غالىپ ھاجى، بىر ياشانغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئازراق ھاراقنى ئىچىۋېلىپلا ياش قىزلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قىلىپ، دەرھاللا ئۇ مەخلۇقنى تارتىپ زەھەردەك گەپتىن ئىككىنى قىلىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن. مىنىڭ مەرھۇمغا شۇنداق دىگەنلىگىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: "ئۇنداق مەخلۇقلارنى يېتىم قالدۇرۇش كېرەك، يەنى كۆرسەك سالام قىلماسلىق، توي قىلسا تويىغا، چاي بەرسە چېيىغا، قىچقارسا ئۆيىگە، ئۆلسە ئۆلۈمىگە بارماسلىق كېرەك. بۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغىنىنى خاتا دەپ قويۇپ يەنە ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىپ يۈرسەك، يەنى ئەگەر ئىللەتلەرگە يول قويۇۋەرسەك، ئاخىرى بېرىپ ھەممە ئۇ خىل ئىللەتلەرنى نورمال دەپ قارايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا بۇنداق ئىشلارغا ئاغرىنغان كىشىلەر - بىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇتۇرۇقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز. مېنىڭچە ناچار خۇمسىلارغا - ناچارلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈش كېرەك، بولمىسا بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋېرىدۇ.
  "- ئەكېلىڭلار قولۇڭلارنى مۇشۇ گېپىڭلار ئۈچۈن" دەپ مەن بىلەن يەنە بىر رەت كۆرۇشۇۋەتكەن ئىدى مەرھۇم ئاشۇ سۆزۈمدىن كىيىن.غالىپ ھاجى - ئەقىللىق ھەم تېرىشچان ياش ئىدى. ئۇ رۇس تىلىغا ئىنتايىن پىششىق بولۇپ، مەكتەپتە كەچ كۇرستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رۇس تىلىدىن دەرس ئۆتەتتى. مىنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم، مەن  ئىنگىلىزچىنى  خېلى ئۆگەندىم دەپ ئويلاپ يۈرگەندە، ئۇ تېخى ئىنگىلىزچە  بىلمەيتتى، بىر يېرىم يىلدىن كىيىن قارىسام، رەھمەتلىك  ئىنگىلىزچە رومانلارنى ئوقۇپ،  ئىمتىھانغا  تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئىرادىلىك، دېگىنىنى قىلىدىغان، سەمىمىيەتلىكنى قەدىرلەيدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، پەزىلەتلىك ياش ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پەزىلىتىگە غالىپ مۇھەممەد دەيدىغان دوستى ۋە كەسىپدىشى بەك يۇقىرى باھا بېرەتتى.
      1995 - يىلى قىش مەزگىلىدە شاڭخەيدىن تەتىل قىلىپ ئۇرۇمچىگە كەلگىنىمدە، غالىپ ھاجىنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردىم، ئاز كۈندىن كىيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. مەن ئۇنى ئۆيىگە يوقلاپ بېرىپ بىر نەچچە سائەت سۆھبەتلەشتىم. كىم بىلسۇن، مەن شاڭخەيگە كېتىشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. دوستلاردىن ئادىلجان ئىبراھىم، نىجات ئەمىن، قەيسەر ھاجى قاتارلىقلار قايغۇ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ باش -ئاخىرىدا بولۇپ جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنى يەرلىككە قويدۇق ھەمدە "ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم" دېگەن گەپ راستمۇ ئوخشايدۇ دەپ قىلىشتۇق. غالىپ ھاجىنىڭ نامىزى نۇرباغ نېفىت ئائىلىكلەر قوراسى ئىچىدىكى مەسچىتتە چۈشۈرۈلدى. مىيىتنى ئۇزىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ چىچەنلىگى، ياخشىلىقى ھەققىدە گەپ بولۇشتى، ئۇنىڭ شۇنچىۋالا تالانتى بىلەن ياش كېتىپ قالغىنىغا ئىچىنمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىدى.مەرھۇم بىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ھەر ھېيىت-ئايەمدە دېگۈدەك مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بېرىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردۇم. مېنى ھەر قېتىم كۆرگەندە، ئاپىسى مۇنەۋۋەر ئاپپاي كۆز يېشى قىلاتتى. مەنمۇ بەك پۇچىلىناتتىم.ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن مەرھۇم دوستۇم غالىپ ھاجىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ يېگانە ھالدا - ئۇرۇمچىدىكى ئۇيغۇرلار زاراتكارلىغىغا چىقتىم،
     ئۆزۈم خەتمە -قۇرئان قىلىشنى ياخشى بىلمىگەنلىگىم ئۈچۈن زاراتكارلىققا قارايدىغان مويسىپىت بىر كىشىنى تەكلىپ قىلىپ خەتمە قۇرئان قىلغۇزدۇم.  ئۇ مەندىكى مەرھۇمغا بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ھەمدە دوستلۇققا بولغان ئىخلاسمەنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. دۇئاغا قول كۆتۇرۇۋىتىپ كۆزۈم بىردىنلا ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا چۈشتى، ئۇنىڭغا مەرھۇمنىڭ مۇنۇ شىئىرى ئويۇلغان ئىدى.

سۆيگۈدىن دۇنياغا كۆزۈم ئېچىلغان،
سۆيگۈ دەپ ئوخچۇيدۇ تومۇرۇمدا قان.
شۇڭىمۇ كۆڭلۈمدە قالماس ھېچ ئارمان،
سۆيگۈ ئۈچۈنلا چىقسا گەر بۇ جان.

     1968-يىلى 22- ئاپرېل. شۇنداق، مەرھۇمدا ھاياتقا، ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز بىر سۆيگۈ بار ئىدى. ئۇ خەلقى ئۈچۈن چوڭ چوڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئويلايتتى. ئەپسۇس بىۋاپا تەقدىر ئۇنىڭ سۆيگۈسىدىن گۈل ئىچىلدۇرمايلا ئۇنى ئىلىپ كەتتى. ھېلىھەم ئەينى چاغدىكى دوستلار پاراڭلىشىپ قالساق مەرھۇمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ ئۇنى ئەسلىشىمىز. ھۆرمەتلىك دوستىمىز - غالىپ ھاجى ياتقان جايىڭلار جەننەتتىن بولسۇن، سىلەرنىڭ ئىسىل-پەزىلىتىڭلار، غۇرۇر- غايەڭلەر بىز ئۈچۈن ئۈلگە، سىلىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى
uyghuray

16

تېما

0

دوست

7676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1123
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 13:19:39 |ئايرىم كۆرۈش
  ئىنسان  قانداق نەتىجىگە ئىرىشكەنلىگى بىلەن ئەمەس بەلكى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بىلەن  ئۇلۇغلۇنىدۇ.
  ئۆزىمىزنى تونۇش ۋە كۈچەتىش يولىدا ئايانماي تىرىشقان ۋە تىرىشىۋاتقان قېرىداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز!

0

تېما

0

دوست

1435

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7576
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 349
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 16:11:23 |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەر   مىجىت   ئاكمىزنىڭ    باغداش  مۇنبىرىنىڭ    ئەزاسى  بۇلشنى   قىزغىن   قارشى   ئالمىز  !!!


بىر  ئادەمنىڭ   ئۇلۇقلۇقى  ئۇنىڭ   بىلگەنلىرى   بىلەن  ئەمەس  بەلكى  ئۇنىڭ   باشقىلارغا  قانچلىك   تەقدىم   ئېتەلىگەلگەنلىكى  بىلەن  ئۆلچىندۇ   ،   مۇشۇنداق   چەتئەلدە   بىلىم  ئاشۇرۋاتقان  ،   چەتئەللىكلەرنىڭ   كۆزى  بىلەن  ئۆزىمىزگە  نەزەر  تاشلاپ   باققان  كىشلەرنىڭ   ھازىرقىدەك   ھالقىلىق   مىنۇتلاردا  خەلقىمىزدىن   بىلمىنى   ئايماسلىقنى  ئۈمىد  قىلمەن  ، 
    چۈنكى   20-30   يىللاردىكى چەتئەلدە  ئۇقغان    لۇشۈن   ،گومورو   ،ۋېن  يدو    قاتارلىقلار  خەنزۇلار  ئۈچۈن   نېمدىن  دېرەك   بەرگەن  بولسا  ھازىرقى   چەتئەلدە   ئۇقۋاتقان  زىيالىيلىرىمىزمۇ   بىز  ئۈچۈن   شۇنىڭدىن    دېرەك   بېرىدۇ    ،  

320

تېما

38

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3338
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14562
تۆھپە : 13236
توردىكى ۋاقتى: 4730
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 19:07:04 |ئايرىم كۆرۈش
مەرھابا ،بەركەتلىك قەدەملەرنىڭ باغداشقا دەسسەپ  خەلىقىمىزگە چوغ كەبى ئىللىقلىق بېغىشلىشنى ئۇمۇت قىلمىز ،
مەيلى ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدىكى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى ئۇيغۇر زىمىنىدىكى ئۇيغۇر بولسۇن ئەلبەتتە يۇرۇكۇمىزدە ئوخشاش سوقىدىغان بىر رىتىم بار ،
ئالىملار ئىلمىنىڭ خۇش ھىدىدىن ھوزۇرلۇنۇش خەلقىمىز ئۇچۇن  زور بەخىت
uyghuray

[url=http://hdkino.cn/mb/foru

1

تېما

1

دوست

2733

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8406
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 554
تۆھپە : 451
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
5#
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:34:07 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىملىرىمىز بىلەن ھەم سۆھبەتتە بۇلۇش بىز ئۈچۈن ناھايىتى شەرەپ ،بىزلەركىم ئۇيغۇرلار پۇشتى بۇلمىش تارىمدىن  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملىرىمىزغا بىھىساپ سالاملار بۇلسۇن، بىز لەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن بىزلەرگە كۆرسەتكۈچى ماياك ،ئازغۇنلار جاھاننى قاپلاپ كەتكەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىزلەرگە توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ بىرىشىڭلارنى ناھايىتى ئۈمد قىلىمەن،رەھمەت .

2

تېما

8

دوست

7007

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 627
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 21:41:20 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئالىم ئاكىمىزنىڭ يۇرتى ئاتۇشنىڭ قايسى يىرىدۇ؟

21

تېما

0

دوست

7872

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1251
توردىكى ۋاقتى: 1375
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-5
7#
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 22:12:22 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي، مەن خىجىل بولۇپ قېلىۋاتىمەن... مەن خاۋاردتا كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا، بۇ ئەسىرىنى كونا يېزىققا ئايلاندۇرۇپ، مۇنبەرگە ئىلان قىلىپ قويۇشىمنى ئۆتۈنگەن ئىدى.. لېكىن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالام بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ۋاقىت چىقىرالمىدىم........

ئاكىمىزنىڭ رەڭگارەڭ خاتىرىلەر دەپ بىلوگى بار......

2

تېما

5

دوست

8191

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1761
توردىكى ۋاقتى: 483
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
8#
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 22:51:01 |ئايرىم كۆرۈش
نىمە يامان، نىمە ياخشى؟-بۇ يازما كونكرت تۇرمۇش ماتېرىيالى ئارقىلىق ئېنىق جاۋاپ بىرىپتۇ.

ئۇيغۇرزادە ۋە باشقا <مۇساپىر> قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللا ئامان-ئېسەن، ئۇتۇقلۇق قىلغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )