قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: qimbulak

بىزارلىق تۇغدۇرغان ئېنتىزارلىق (چىمبۇلاق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 22:01:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى يازمامنى مۇنبەرگە يوللاپ،4 كۈندىن كېيىن قايتا كىرسەم مىنى بىزار قىلغان ھېلىقى مۇنازىرە پەسكۇيغا چۈشۈپتۇ. ئەمما ،مىنى بىزار قىلغان قۇسۇرچى مۇنازىرىچىلەر ئۇيغۇرزادىنىڭ يەنە بىر يېڭى تېمىسىدا ،كونا ماتانى يەنە بازارغا ساپتۇ. ئۆزۈمنىڭ توڭنى ئېرىتىش كىلىشتۈرمىچىلىك نۇقتى نەزىرىمنىڭ ،ئارتۇقچە ۋايساشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەدرىجى ھېس قىلىپ قالدىم.

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 23:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۇيغۇرزادىگىمۇ ھەيرانمەن. ئۇيغۇرزادىنىڭ يېڭى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا روياپقا چىققان تېمىلىرىنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىپ تۇرۇشى،بارلىق ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىش. ئەمما ، ئۇيغۇر زادە ئۆز يازمىلىرى سەۋەپلىك ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ پەيدىن پەي باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى،بۇ پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىجابىي جەھەتتىن كۈچەيمەي سەلبىي جەھەتتىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى.
    مېنىڭچە بولسا ئۇيغۇرزادە مۇنبەرگە يازما يوللاش،قارشى پىكىردىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش بىلەن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۇپراتماي چەتئەلدىكى ئۈگۈنۈش ھەم تاتقىقاتى ئۈچۈن بەكەرەك كوڭۈل بۆلىشى كېرەك ئىدى.
    بىزنىڭ تەتقىقاتچى ۋە ئىجادىيەتچىلىرىمىز ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئۆزىنى تونۇتۇشقا ئالدىراپ كەتمەي،تەپەككۈر بوشلۇقىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ،ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئەڭ نادىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خەلقىمىزگە تەقدىم ئېتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇلار ئۆزىنى تونۇتۇشقا ئۇرۇنمىسىمۇ ، خەلقىمىز ئۆزلىرى خالاپ ئۆز قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن بىرىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      كىشىنى بىزار قىلىدىغان مۇنازىرىدىن سىرت، باغداش مۇنبىرىدە يېقىندىن بىرى ئېلان قىلىنىۋاتقان تېمىلار ۋە ئېنكاسلاردىمۇ چېكىنىش كۆرۈلمەكتە.مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ < ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋىتىش>تەدبىرى مەزكۇر مۇنبەر ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ناچار ئاقىۋات ئېلىپ كىلىشى مۈمكىن.
    1. مۇنبەر ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ئېنكاسلار ۋە سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشى، كۆپ ساندىكى ئادىمىيلىك ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان كىشىلىرىمىزنى مۇنبەردىن يىراقلاشتۇرىشى مۈمكىن. ئىلگىرى ئۆتكۈر تېما ۋە ئۆتكۈر ئېنكاسلارنى يوللاپ، مۇنبەردە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن بېرى بۇ مۇنبەردىن يۈتۈپ كىتىشى ياكى كۆپ كىرمەس بولۇپ قىلىشى ،بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ بىرىدۇ.
    2. خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىغا ، جىنسى ھوقۇقىغا چىقىلىدىغان تېما ۋە ئېنكاسلارنىڭ مۇنبەر بىتىدە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىشى ،ئۇلارنىڭ مۇنبار ۋە قارشى جىنىستىكىلەرگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ،بىر ئاي ئىلگىرىكى تېما ۋە ئېنكاسلار بىلەن يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاھۋالنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز، خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلىش قېتىم سانىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.
   3. دوقمۇش پاراڭلىرى،ئايرىم خاس سورۇنلاردا دىيىلىشكە تېگىشلىك سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇنبەرگە سۆرەپ كىرىلىشى،يۈزى ئىچىلمىغان ناتىۋان قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ مۇنبەرگە قاتنىشىش يولىنى ئىتىپ قويماقتا.
   4. بەزى تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ھەقىقى پاكىتلىق مەسىلىلەرنى مۇنبەرگە يوللاشتا ، لوگىكىسىز،مەنتىقىگە خىلاپ سوبىكتىپ كۆز قاراشلىرىنى زورلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىدىيىسىدە زىددىيەتلىك مەسىلە پەيدا قىلىپ، پاكىتلىق مەسىلىلەرگە قارىتا گۇمانىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
   5. شەخىسكە چوقۇنۇش ھادىسىسىنىڭ باش كۆتۈرىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇنبەردە بەلگىلىك تەسىر ۋە ئىناۋەت تاپقان يازما يوللىغۇچىلارغا قارىتا باھا بىرىشتە ،ھەددىدىن زىيادە <قىزىپ كېتىش> ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. مۇنبەر قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز ،مۇنبەردە شەكىللەنگەن زىددىيەتلىك مۇنازىرىلەردە يۇقارقى تىپتىكى كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل زىددىيەتلىك مۇنازىرىلەردە مۇنازىرىگە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مەيدان ۋە كۆز قاراشلىرىدا ئېغىش يۈز بىرىپ،مۇنازىرىدىن توغرا يەكۈن چىقىلماي قالىدۇ.
   ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. ئەلۋەتتە ھەر كاللىدا ھەر خىيال ،دېگەن گەپ بار.كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىز قانداق ئويلايدۇ ،بۇ ماڭا نامەلۇم.

6

تېما

4

دوست

8621

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1477
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 12:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز،چىمبۇلاق! ئۆتكەن  بىر نەچچە ھەپتىدە باغداش،ئەلكۈيىدىكى بەزى تېمىلار ۋە مۇنازىرىلەر مېنىمۇ بەك بىزار قىلغان ئىدى.ئىككى گۇرۇھ بولۇپ تىللىشىشلار،ئەيىپلەشلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ.بەزى تورداشلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوقكەن،قىلچىمۇ تەپ تارتماي يازغان ئىنكاسلىرى ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ.
ئۇيغۇرزادە بىلەن گۈلەن ھەر ئىككىلىسىلا مەن ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان ،قول قويىدىغان بالىلار ئىدى،يېقىننىڭ ياقى مۇنبەرلەردە ئىككىسىنىڭ جىدىلى تۈگمەي ئادەمنى بىزار قىلدى.ھەر ئىككىلىسىدىن ئۈمۈتسىزلەندىم،ئوت قويرۇقچىلاردىنغۇ بەكلا سەسكەندىم.نەچچە كۈن مۇنبەرگىمۇ قارىغۇم كەلمىدى.تۈنۈگۈننىڭ ياقى قارىسام مېنى بىزار قىلغان تېمىلار ئۆچۈرۈلۈپ ،مۇنبەر خېلىلا  «سالقىنلاپ»قاپتۇ.خۇداغا شۈكرى !
ئۇيغۇرزادىنىڭ يېڭى تېمىسىنى كۆرۈپ ،يەنە سۆيۈندۈم.ئاچچىقلىرىممۇ نەلەرگىدۇر كېتىپتۇ.مېنىڭچىمۇ   ئۇ قارشى پىكىردىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش بىلەن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۇپراتماي ،ياخشى يازمىلىرى بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەلدىكى ئۈگۈنۈش ھەم تەتقىقاتى ئۈچۈن بەكرەك كوڭۈل بۆلىشى كېرەك .

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 11:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش ئاسمىنىدىكى قەرەلسىز توپلانغان بۇلۇتلارنىڭ تارقىلىپ،قۇياشنىڭ ھامان پارلاپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.

2

تېما

0

دوست

6932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1303
توردىكى ۋاقتى: 884
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )