- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18941
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
22.35%
|
ئىلىم - پەن ، ئالىملار ئۈستىدە گەپ بولغاندا ھە دېسىلا ، بىزدىن مۇھەممەد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىمدەك ئۇلۇغ ئالىملار چىققان دەپ ، سەنئەتكارلار ئۈستىدە گەپ بولسا ، ئاماننىساخان . . .لارنى دەستەك قىلىپ ، يازغۇچى ، شائىر ، ئۈستىدە گەپ بولسا ، ۋاي بىزدىن لوتپۇللا مۇتەللىپ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر . . . دەك ئالىم ئەدىپلىرىمىز بار دەپ پەخىرلىنىمىز . بىزدىن مۇشۇنداق مەشھور ، ئۇلۇغ ئالىملار چىققان . ئەلۋەتتە ، مۇشۇ ئۇلۇق ئالىملىرىمىزنىڭ نامى بىلەن ، مەيدىمىزنى كېرىپ يۈرۈشكە ھەقلىقمىز .
لېكىن ، بۇ ئۆتمۇشكە ، تارىخقا ئايلىنىپ بولدى .
يېقىنقى يىللاردا سانىغىدەكلا تەتقىقاتچىلار ، كەشپىياتچىلار چىقتى . ۋە يەنە (ھەتتا يات ئەللەردىكى بىلىم بوشۈكلىرىدە ) تىرىشىپ - تىرمىشىپ بىلىم تەھسىل قىلىپ ، مىللەت ئۈچۈن كۈيۈپ - پىشىۋاتقان ، ئۆز مىللىتىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان پەخىرلىك ئوغلان - قىزلىرىمىز _ خەلقنىڭ ، جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك قەدىرلىشى ، ئىززەتلىشىگە ئېرىشالىدى ؟ يەنە تۇرۇپلا ئامېرىكىدا ، پالانى دۆلەتتە پالانى - پۇستانى ئالىملىرىمىز بار دەپ ماختىنىمىز ، لېكىن ئۇ ئالىملارنىڭ پۈتكۈل تەتقىقات مۇساپىسىدا بىز قانچىلىك مەدەت بېرالىدۇق ؟ ئۇلارغا نېمە قىلىپ بېرالىدۇق ؟ شۇنداقتىمۇ ، قېنىمىز ، ئۇرۇقىمىز بىر بولغاچقا بىز يەنىلا پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز .
تارىختا بىزدىن ئۇلۇق ئالىملار ، كەشپىياتچىلار ، سىياسىسونلار چىققان مىللەت . لېكىن ھازىرچۇ ؟ بىزدىن يەنە كۆپلەپ چىقىشى كېرەك ، چۇقۇم چىقىدۇ . نيۇتون . . . . . لارنىڭ كەشپىياتلىرى بىر ئاخشامدىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس . نۇرغۇن ئەگرى - توقاي يوللار ، مەغلۇبىيەتلەر ، تەكرار تەجرىبە - سىناقلار ، ھەتتا نەچچە ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرى ئاساسىدا ، ۋارىسلىق قىلىش ، داۋاملاشتۇرۇش ، بېيىتىش بەدىلىگە روياپقا چىققان .
بىزدە ھەقىقى ئىزدىنىدىغان ، ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى ئاتىغانلار ناھايىتى ، ناھايىتى ئاز . تېخىمۇ ئېچىنارلىقى ، ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلار جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ، مەدەت بېرىشىگە ئېرىشالمايلا قالماي ، ھەر دوقمۇشتا قاتمۇ - قات توسالغۇلار ، قېيىن ئۆتكەللەرگە ھەتتا روھى بېسىم _ كەمسىتىشلەرگە ئۇچىراۋاتىدۇ . . . . . ئۇلار ياردەمگە ، ئىلھام - مەدەتكە مۇھتاج . بىز ئۇلار ئېھتىياجلىق ماددى ياردەمگە قادىر بولالمىساقمۇ ، قولىمىزدىن كېلىدىغاننى بولسىمۇ قىلايلى ! روھى مەدەت بېرەيلى ! ئىلھاملاندۇرايلى ! ئىلىم _پەن ، كەشپىيات يولىدا ئۇزۇن ، مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانغان پەخرلىك ئوغلانلىرىمىز ھەرگىزمۇ روھى ئازاپقا ئۇچىراپ ، مەدەتسىز قېلىپ يېرىم يولدا توختاپ قالمىغاي ! ئۇلار مەنىۋى ياردەم ۋە روھى ئوزۇقنىڭ ئىلھامى بىلەن داۋاملىق ئىلگىرلىگەي ! |
|