- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3874
- نادىر
- 10
- يازما
- 115
ئۆسۈش
67.83%
|
<جۇڭگو مائارىپى ئەخلەت مائارىپ >، < جۇڭگو مائارىپى يەنە بىنادىن سەكرىۋالدى >، <جۇڭگو مائارىپىنى ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك > دىگەندەك تۈرلۈك پاراڭلار دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ،مائارىپ توغۇرلۇق زىيالىيمۇ ، قاسساپمۇ ، دېھقانمۇ ، رەھبەرمۇ سۆزلەيدۇ . مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىكى ئادەم بو توغۇرلۇق پاراڭ سالىدۇ .
20-30 يىلنىڭ ئالدىدا لۈشۈنمۇ بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىگەن ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە نۇرغۇن لۈشۈنلەر ۋە بىز سىز بۇ توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز !
ئابدۇرىھىم ئابلەتخاننىڭ قايسى بىر ماقالىسىدە چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىنخۇا ئۇنۋېرستىتى مەكتەپ دەرۋەزىسى ئالدىدا سىيىپ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان سۈرەت بىلەن باشلانغان مائارىپ توغرىسىدىكى بىر ماقالىسىمۇ بار !
ھەممىمىز جۇڭگو مائارىىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى ، شۇڭلاشقا مائارىپ توغۇرلۇق ھەممىمىزنىڭ سۆزلەش ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيتى بار : ئۇنداقتا بۇ ماقالەمنىڭ ماۋزۇسىنى نىمىشقا <جۇڭگو مائارىپى پاھىشخانىدا نىمە قىلىدۇ ؟ > دەپ قويدۇم ، دىققىتىڭىز تۆۋەنكى ماقالىدە بولسۇن !
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ئۈچۈن ،مۇئەللىم تېنىنى ساتتى .
ئۇ ئۆلدى ، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر پاھىشە ئىدى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى . جۇڭگودىكى ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى . ئۇ تېنىنى سېتىش ئارقىلىق سەبىي ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلدى .
بىر پاھىشە ۋاپات بولدى ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى ، مەكتەپ ئىچىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى .
بۇ 21 ياشلىق چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى . مەكتەپ مۇدىرى : ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلدى .
يىنسەي شىيا گەنسۇنىڭ نامرات بىر يېزىسدىن ئىدى ، بۇ يېزىدىكى قىزلار مەيلى سەت ياكى چىرايلىق بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ پۇل تاپاتتى . ئۇلار ھەر يىلى باھار بايرىمىدا يوغان چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ نۇرغۇن پۇل بىلەن يېزىسىغا قايتىپ كېلەتتى ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى ، لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنداق قىلمىدى . يېزىدىكى كىشىلەرگە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى زادىلا كاللىدىسىدىن ئۆتمەيدى ، ئەمەلىيەتتە يىنسەي شىيا يېزىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز ھېساپلىناتتى ، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان يارىماس دەپ تىللايتتى .
شۇ يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئالدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يىنسەي شىيا تەشەببۇسكۇرلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىققا تىزىملاتتى . ئۇنىڭ تولۇقسىزدىكى ئوقۇشى بەكمۇ ياخشى ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى .
ئۇ تۇنجى قېتىم مەكتەپكە كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار ھەيران قېلىشتى ،چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن مۇنداق ياش چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى ،شۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ خوشال بولدى . سىنىپلار بەكمۇ كونا ئىدى ، دائىم يامغۈر سۈيى ئۆتۈپ كېتەتتى ، ئۈستەل -ئورۇنداقلارمۇ كېسەك -خىش پارچىلىرىدىن ياسالغانىدى . ھەممىدىن ناچارراقى بولسا ئۇلارنىڭ دوسكىسى ئىدى ، بورا بەكمۇ قىس ئىدى ، يوق دېيەرلىك ئىدى ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قانچە سۆزلۈك ئۆگەتتى .
بىر كېچىسى بوراندا سىنىپلارنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ كەتتى ، داسكىنىمۇ بوران ئۇچۇرۇپ كەتتى . ئەتىسى ئوقۇغۇچىلار بۇنى كۆرۈپ بەك ئازابلاندى ، مەكتەپ مۇدىرى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە پۇل ئالغىلى بېرىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى . شۇ كۈنى مەكتەپ مۇدىرى يىنسەي شىياچاقىرىپ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سىزنى كەلسە پۇلنى بېرىمەن دەيدۇ دېدى . ئەزەلدىن يېزىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ ئوقۇتقۇچى 10 نەچچە كىلىموتېر يولنى پىيادە بېسىپ مائارىپ ئىدارىسىنى باشلىقنىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى، ئىشخانا بەكمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى . ئىشخانا تېمىغا ئېسىلغان سۈرەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى . مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ چىرايلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەدەپ گەپگە تۇتاتتى ،شۇنداق قىلىپ قاراڭغۇمۇ چۈشتى .
شۇ چاغدىلا بۇ باشلىق ئىچىدىكى ئىشخانىنى شەرەت قىلىپ : مەن بىلەن كىرىپ پۇلنى ئېلىۋېلىڭ دېدى ، ئۇ كىردى ، بۇ يەردە پەقەت بىر كارىۋات بارلىقىنى كۆردى ، ئەنە شۇ كارىۋاتتا ئۇ تۇنجى قېتىم ئىپپىتىنى يوقاتتى ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ ياشلىقىنى يوق قىلدى ، كارىۋاتتا قىپقىزىل قان تۇراتتى ، بۇ قان ئىشخانىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق بايراقتىنمۇ بەكرەك قىزىل ئىدى .
ئۇ يىغلىمىدى ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئۆرۈلۈپ كەتكەن سىنىپقا قاراپ يىغلاپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىدى . ئۇ كېچىچە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۆيىگە قايتتى ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمىدى .
ئۇ ئەتىسى مەكتەپكە كەلدى ، كېسەك تەييارلاپ سىنىپنى قايتىدىن ئوڭشىدى ، لېكىن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يەنىلا دەرس ئۆتكىلى بولمايتتى ، ئۇ بالىلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن بىزگە خىشتىن سىنىپ سېلىپ بېرىدۇ دەيتتى . شۇندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى 10 نەچچە نۆۋەت مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ خىشنىڭ پۇلىنى ئالالمىدى ،شۇ چاغدىلا مەكتەپ مۇدىرى ھېلىقى كۈنى نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدى .
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى . لېكىن پەقەت بىر قانچە ئوقۇغۇچىلا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالىدى ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پۇل تاپشۇرالماي ئاتا -ئانىسىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئېتىزغا كېتىپ قېلىشتى ، ئۇ بۇنىڭغا پەقەتلا چىدىمايتتى ، كۆڭلى ئۇنىمايتتى .
قانداق قىلىش كېرەك :
يېزىدىكى كۆپىنچى قىزلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردە تېنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى ، ئۇ ئاخىرى يالىڭاچلاندى ، تېنىنى سېتىپ بۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى قارار قىلدى .
ئۇ باشتىن ئاخىرى يۇيۇندى ، مەكتەپ مۇدىرىغا ، ئۆيىاىكىلەرگە شەھەرگە كىرىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئاپىسى خوشال بولۇپ كۈلدى ، مەكتەپ مۇدىرى بولسا يىغىسىنى تۇتالماي قالدى .
ئۇ پاھىشخانغا كىردى، مەينەت كارىۋاتتا ئىككىنچى قېتىم تېنىنى بۇلغىدى ، ئۇ شۇ چاغدا كۈندىلىك خاتىرىسىگە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇشۇ پاھىشىچىلىكمۇ ئەمەس دەپ يازدى .
ئۇ بۇ پاھىشخانىدىكى ئەڭ چىرايلىقى ئىدى ، گىرىممۇ قىلمايتتى . ئەزەلدىن يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنىمۇ كىيمەيتتى . لېكىن ئۇنىڭ تاپاۋىتى ئەڭ ياخشى ئىدى . ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ خېرىدارلىنى تارتىۋالغاچقا دائىم باشقىلارنىڭ ئۇرىشىغا ئۇچىرايتتى ، ئۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئورۇنغا ئالمىشاتتى ، قىلچە خورلۇق ھېس قىلمايتتى ، ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا يېزىسدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايتتى .،
ئۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن ھەممىنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئەۋەتىپ بەردى، باشقىلار مەكتەپ مۇدىرىدىن بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا مەكتەپ مۇدىرى جەمئىيتتىكىلەر ئىنئانە قىلغان پۇل دەپلا جاۋاپ بېرەتتى .
ئاشكارلانمايدىغان ئىش يوق بولغىنىدەك ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پۇللارنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچنىڭ ئەۋەتىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى ، مۇخپىرلار ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىزدەپ باردى ، لېكىن ئۇ رەت قىلدى ،چۈنكى ئۇ پاھىشە ئىدى .
پۇل بار بولدى ، مەكتەپ شارائىتى ياخشىلاندى، بىرىنچى ئېيى ، يېڭى چوڭ داسكا بار بولدى ، ئىككىنچى ئايدا مەكتەپ تاملىرى رېمونت قىلىندى، ئۈچىنچى ئايدا ئوقۇغۇچىلار ياغاچتىن ياسالغان ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى . تۆتىنجى ئايدا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلىك كىتاپ دەپتەرلىرى بولدى ، ھەممىسى قىزىل گالاستۈك تاقىدى ، بەشىنچى ئايدا بولسا بىر مۇ ئوقوغۇچى يالاڭ ئاياق مەكتەپكە كەلمەيدىغان بولدى .
ئالتىنچى ئېيى مۇئەللىم مەكتەپكە كەلدى ، ئوقۇغۇچىلار بەك خوشال بولدى ، يىن مۇئەللىم بەكمۇ چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ دېيىشتى ، يىن مۇئەللىم يىغلىدى . ئۇ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپلا يەنە شەھەرگە يول ئالدى ، سەككىزىنچى ئېيى مەكتەپتە گىمناستىكا مەيدانى بولدى . توققۇزىنچى ئېيى ۋاسكىتبول مەيدانى بار بولدى ، ئونىنچى ئايدا مەكتەپتە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بار بولدى ،
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىگە ئاشنا بولدى ، كېيىن دىقققەتسىزلىكتىن ئۇنىڭ بويىدا قالدى . ئۇ بالىنى چۈشىرىۋەتتى . شۇ ئارلىقتا بۇ ئۆي - مۈلۈك سودىگىرى زىيان تارتقانلىق تۈپۈيلى ئوقۇتقۇچىغا بىر پۇل پۇل بەرمىدى .
ئۇ يېزىنى سېغىندى ، ئوقۇغۇچىلارنى سېغىندى، قايتىشنى ئويلىدى ، لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچىلار خىشىن سىنىپ سېلىپ بېرىش ئارزۇسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانىدى . شۇڭلاشقا ئۇ ئامال يوق بۇ سودىگەرنى ئىزدەپ باردى ، ئۇ پۇل يوقلىقىنى لېكىن چوڭ بىر پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېردىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ سودىگەر ئۇنىڭغا بىر چەتئەللىك سودىگەرنىڭ ئۇنىڭ بىر كېچىلىكى ئۈچۈن 3 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئۇ ئاخىرى بۇ چەتئەللىك ئىپلاسنىڭ كارۋىتىغا چىقتى ، ئۇ شۇ كۈنى بۇ كېچە ئۆتسە ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ،ئاندىن يېزىغا قايتىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۈلۈمسىرىدى .
لېكىن ، لېكىن ، بەكمۇ ئەپسوس ، شۇ كېچى ئۇ 3 ئىپلاس چەتئەللىكنىڭ زورمۇ زور باسقۇنچىلىق قىلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى،
ئۇ تېخى يېقىندىلا ئۆزىنىڭ 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى .
ئۇ ئۆلدى ، ئەڭ ئاخىرقى ئوغۇقۇچىلارغا خىشتىن سىنىپ قىلىپ بېرىش ۋە مەكتەپكە ئىككى كومپىيوتور ئېلىپ بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي كۆزى ئوچۇق ھالدا كەتتى .
بىر پاھىشە ھاياتىدىن ئايرىلدى ، بىر ئالىيجاناپ ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى ، بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنى يەنىلا كۆپكۆك ئىدى . بۇ شەھەردىكى ئەمەلدارلار چوڭ رېستۇرانلاردا يەنىلا ھاراق ئىچىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى .
نۇرغۇن كىشىلەر ئېسىگىمۇ ئالمايدىغان بۇ كىچك تاغلىق يېزىدا ئاددى لېكىن تولىمۇ قايغۇلۇق دەپنە مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلۋاتاتتى .
مۇئەللىمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان رەڭسىز سۈرىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ،
مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاچتى .
پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا مەكتەپ مۇدىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئوقىدى :
بىر قېتىم تېنىمنى ساتسام بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەلەيمەن ،بىر بايغا ئاشنا بولسام بىر يېزا مەكتىپىنى گۈللەندۈرەلەيمەن .
مەكتەپتىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى .
جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم بىر پاھىشە ئۈچۈن بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى . .
ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى باغداش تورىدىن ئۆزتۈرۈك ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ |
|