- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5438
- نادىر
- 0
- يازما
- 181
ئۆسۈش
8.76%
|
مىراسغا كىيىملىرى جۇل– جۇل مىراس خوجايىننىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
خوجايىن: مەن ساڭا پۇل بېرەلمەيمەن، بەرسەملا ھاراق ئىچەرسەن.
مىراس: مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
خوجايىن: ئۇنداقتا قىمار ئوينامسەن؟
مىراس: ئەزەلدىن قىمار ئوينىمايمەن.
خوجايىن: قىزلارنى ئىزدەرسەن ھەقىچان.
مىراس: مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان.
خوجايىن: ئۇنداقتا بەك ياخشىكەن، مەن ساڭا 100 كوي بېرەي. بىراق مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە بارىسەن، مەن ئايالىمغا ھېچقانداق كەمچىلىكى يوق ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.
ئىلىم غا ئىلىمنىڭ چىشى ئاغرىپ قاپتۇ، چىشىنىڭ ئاغرىقىدا ۋاي– ۋايلاپ قوشنىلارنىمۇ ئارامىدا قويماپتۇ. بىر قوشنىسى ئىلىمنىڭ ئايالىدىن:
— يولدىشىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى، بىرەر ئامال قىلمىدىڭىزما؟ — دەپ سوراپتۇ.
— قىلدىم، — دەپتۇ ئايال، — بىر نەچچە كۈن بولدى مەن قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋالدىم.
گۈلباھارغا گۈلباھار ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، شىركىتىدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.
— دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، خىزمەت جەھەتتە سىلەرگە ئېغىرلىقىمنى سالدىم، سەت بولدى – ھە، — دەپتۇ گۈلباھار.
— ياقەي، دەپتۇ بىر يىگىت، — سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر نەچچىمىز بۆلۈپ قىلىۋاتىمىز، مەن گېزىت ئوقۇيمەن، چوڭ خانقىز تېلېفون ئۇرىدۇ، كىچىك خانقىز باش لىدىر بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ...
باغداشغا
لاتارىيىدە بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن باغداشدىن كىشىلەر سوراپتۇ:
— قانداق بولۇپ بۇ ساننى ئېلىشنى ئويلىغان؟
— مەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەتتە دېگەن ساننى چۈشەپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن يەتتىنى ئۈچ كۈنگە كۆپەيتىپ 24 دېگەن نومۇرنى سېتىۋالدىم، — دەپتۇ باغداش.
— بىراق يەتتىنى ئۈچكە كۆپەيتسە 21 بولىدىغۇ، — دەپتۇ كىشىلەر ھەيران بولۇپ.
— شۇنداق بولامدۇ، ئەستا خاتا ئېلىپ قاپتىمەندە، — دەپتۇ باغداش ئەپسۇسلىنىپ.
سۇمرانغا سۇمران ئوغلى بىلەن بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تىنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق بارلىقىنى بايقاپتۇ.
— نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى! — دەپتۇ سۇمران.
— ماقۇل، مەن بەلگە سالاي، — دەپتۇ بالىسى.
قايتىشىتا سۇمران بالىسىدىن:
— نەگە بەلگە سالدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.
— مەن بوردا قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم، — دەپتۇ بالىسى.
— ھەي دۆت، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ سۇمران، — ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى!
يۇمۇرلاردىن ئۆرگەرتىپ ئالدىم جۇمۇ
ئاخىرى يەنە بار. |
|