قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 31643|ئىنكاس: 60

ئاۋامنى تار يەردە قىستىمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4070
تۆھپە : 2252
توردىكى ۋاقتى: 4555
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 17:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاۋامنى تار يەردە قىستىمايلى
  ۋاڭ لىپىڭ
( ئۆمەر ئابدۇقادىر تەرجىمىسى )



       فرانسوزلاردا "ھىماتسىز ھوقۇق بولماس" دەيدىغان ماقالە بار . ئىنسانلارمۇ  ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئاساسەن ئەرز _ دەۋاغا تايىنىپ قوغداپ كەلگەن . ھەققانىيەتنىڭ ئاداققى قالقىنى بولمىش ئەدلىيىمۇ ئاۋام ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ جان-تومۇرى بوپكەلگەنىدى .
     ياۋروپا ئەللىرى جىدەل-ماجرالار بارغانچە ئۇلغىيىپ ، ئاۋامنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان كەسكىن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۇزۇندىن بۇيان "ھۆكۈملەشتىن باش تارتىشنى چەكلەش" تىن ئىبارەت قانۇني پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ كەلدى . بۇ پرىنسىپتا : "سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان دېلولار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش مەسئولىيىتى بولىدۇ ؛ قانۇندا ئاشۇ دېلو توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىكىمە بولسۇن-بولمىسۇن ، سودىيىنىڭ شۇ دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ" دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .
       "فرانسىيە ھەق-تەلەپ قانۇنى" نىڭ 4- ماددىسىدا : "سودىيە تەدبىقلىغۇدەك تۈزمە قانۇن يوق ياكى تۈزمە قانۇن ماددىلىرى ئېنىق ئەمەس ، دېگەننى باھانە قىلىپ دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلسا ، ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشنى رەت قىلش جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن . شۋېتسارىيىدە 1907 -يىلى تۈزۈلگەن "ھەق-تەلەپ قانۇنى" نىڭ 1 - ماددا 2 - ، 3 - تارمىقىدا "سودىيە تەدبىقلىغۇدەك قانۇن ماددىلىرى بولمىسا ، ئادەت قانۇنى ( ئادەتلەنگەن ئۇسۇل . _ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) بويىچە ئىش كۆرىدۇ : ئادەت قانۇنى بولمىسا ، قانۇن چىقارغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن بېكىتىلىش ئىمكانىيىتى بولغان قائىدە-نىزامغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن . دېمەك "ھۆكۈملەشتىن باش تارتىشنى چەكلەش" پرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا سوت مەھكىمىسى ئاۋامنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئاداققى قۇرغان . شۇڭا ئۇنىڭ قانۇننىڭ قوغدىشىنى ئىلتىجا قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىشكە ھەققى يوق .
        ھالبۇكى ، ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم سوت مەھكىمىسىنىڭ "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە" دېگەنلەرنى شېپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ دېلولارنى قوبۇل قىلماي ، دەۋا قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىش ئارقىلىق قانۇننى ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
       گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2003 - يىلى تارقاتقان [2003] 180 نومۇرلۇق ئىچكى ھۆججەتتە : "كوللىكتىپ مەبلەغ جوغلاش ماجراسى ، يەر ماجراسى ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن قالدۇرۇش ماجراسى قاتارلىق چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان نازۇك مەسىللەرگە ئائىت 13 تۈرلۈك دېلو قوبول قىلىنمايدۇ " دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى . سىچۋەندە يۈز بەرگەن "12-ماي" يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مەكتەپتىكى باللىرى قازاغا ئۇچرىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تۆلەم تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىۋىدى ، سوت مەھكىمىسى ئۇنى قوبۇل قىلمىدى . " <ئۈچ مارال> ۋەقەسى" ( "三鹿" ماركىلىق سۈت پاراشوكى ۋاقەسى . __ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) دە زىيانلانغان نۇرغۇن كىشى سوتقا ئەرز قىلىۋىدى ، "بۇ دېلونى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ" دېگەەن جاۋاب بىلەن قايتۇرۇلدى . سوت مەھكىمىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان بۇ پۇقرالار پارتكوم ، ھۆكۆمەتكە داد ئېيتىپ باقتى ، ئاخىرى ھەتتا بېيجىڭگىچە باردى . بۇنىڭ بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۆمەت ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى ئىلاجىسىز "كۈتۈۋېلىش" قا ، بېيجىڭغا دەۋاغا كەتگەنلەرنى ئارىغا ئادەم سېلىپ توسۇشقا مەجبۇر بولدى . بۇنىڭ بىلەن پۇقرا مۇشەققەتلىك ئەرز-دەۋا يولىدىن قايتمىدى ؛ ھۆكۆمەت "تۈزەش" ئاۋارىگەرچىلىكىگە قالدى .
           جەمئىيەتتە جىدەل-ماجرا ، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى _ سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن پۇقرانى مەيدىسىدىن ئىتتىرىشى . ئەمدى شۇنداق بىر سۇئال سۇراپ باقايلى :  مەسىلىنى ئەقىل بىلەن چىرايلىقچە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئېتىۋىتىلسە پۇقرالار "لياڭشەن" ( "سۇ بويىدا" رۇمانىدىكى لياڭشەن كۆلىنى كۆرسىتىدۇ . سۇڭ سۇلالىسى زامانىدا خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قارشى چىققان 108 پالۋان ئاشۇ لياڭشەن كۆلى بويىدا ئۇيۇشقان . __ ئۇيغۇرچە نەشىر تەرجىمە مۇھەررىرىدىن ) گەچىقماي قانداق قىلسۇن ؟

         "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دىن ئېلىندى .
           "باغداش تورى " غا خاس

0

تېما

0

دوست

6523

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6223
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1593
تۆھپە : 902
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 18:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

2

دوست

9733

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2101
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 18:57:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-08 18:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.  

ژىگىت ، بىز ھەرقانچە بولسىمۇ قارغۇ ئەمەس جۇمۇ . بۇ بىر تەرجىمە ماقالىسىكەن . ماقالىدىكى بىر جۈملە سۆزمۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمەسكەن . شۇنداق بولغانكىن بىز ئۇنى نە ۋەجىدىن تىل - ھاقارەتكە كۆمۈۋەتكۈدەكمىز ؟
دىيارىمىزدا قانۇندىن ئادەم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئازراق نارازىلىق پىكرىمىزنى بىلدۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق تېمىلارنى بىز ماختايمىز .
ئۆيلەر ھېچقانداق قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنى كۆرمەي تۇرۇپلا چېقىۋېتىلدى . تۆلەم سوممىسى بولسا بەكلا تۆۋەن . تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئاسمانغا ئېسىلغان ...مانا بۇ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەۋاتقان ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان ، موقىملىقنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان دىيارىمىزدىكى مەسىلىلەر ...
مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىمىز دەيدىكەنمىز ، موقىملىقنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلىشىمىز ، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز كېرەك !
يوقىرىدىن كېلىدىغان سىياسەتلەر ياخشى . شۇغىنىسى بۇ ياخشى سىياسەتلەر دىيارىمىزغا كەلگەندە ئىجرا قىلىنماي قالىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاشۇ بىر ئوچۇم دۈشمەنلىرى ، يەنى ئاشۇ بىر ئوچۇم ھوقۇقدارلار . پارتىيەلىك تېرىسىغا ئورىنىۋالغان چىرىك ئۈنسۈرلار !
پەقەت شۇلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك چارە قوللانغاندىلا ، پەقەت ئادىل ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەندىلا ھەممە ئىش ئۆز قېلىپىغا چۈشكۈسى .
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
پەرۋاز

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2160
توردىكى ۋاقتى: 2833
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 19:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق گەپ،سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغان دېلۇلارنى قوبۇل قىلىشىدىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،ھەم جوڭگۇچە ئەقىلغىمۇ ئۈيغۇن.ھەممىدىن يامىنى قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بار بەزى ئاتالمىش«سەزگۈر»دېلولارنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.....دەپ كەلسە گەپ تولا....جەمىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى قانۇننى تولۇق ۋە تۇغرا ئىجرا قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.قانۇنسىز «نەپ»كە ئىرىشكۈچىلەر قانوننىڭ تولۇق ۋە توغرا ئىجىرا قىلىنماسلىغىغا ئەڭ مۇھتاج....

0

تېما

0

دوست

512

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7937
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 122
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 20:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو  2000 نەچچە يۈز يىللىق سىياسىي،ھەربىي دۆلەت.قەدىمدە بۇ دۆلەتتە دېموكراتىيە-قانۇننىڭ بولڭشى مۈمكىن ئەمەس.غەرىبتىكى قەدىمقى يۇنان ،قەدىمقى رىمداخېلى مۇكەممەل قانۇنلار تۈزۈلۈپ پۇقرالانىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى قوغدالغان.شۇڭا ھازىرقى غرب ئەللىرنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

0

تېما

0

دوست

5242

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1223
تۆھپە : 777
توردىكى ۋاقتى: 934
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 21:31:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى begirدە2012-07-08 18:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ژىگىت ، بىز ھەرقانچە بولسىمۇ قارغۇ ئەمەس جۇمۇ . بۇ بىر تەرجىمە ماقالىسىكەن . ماقالىدىكى بىر جۈملە سۆزمۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمەسكەن . شۇنداق بولغانكىن بىز ئۇنى نە ۋەجىدىن تىل - ھاقارەتكە كۆمۈۋەتكۈدەكمىز ؟
دىيارىمىزدا قانۇندىن ئادەم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ مۇشۇنداق ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئازراق نارازىلىق پىكرىمىزنى بىلدۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق تېمىلارنى بىز ماختايمىز .
ئۆيلەر ھېچقانداق قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنى كۆرمەي تۇرۇپلا چېقىۋېتىلدى . تۆلەم سوممىسى بولسا بەكلا تۆۋەن . تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئاسمانغا ئېسىلغان ...مانا بۇ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكىتلەۋاتقان ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان ، موقىملىقنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان دىيارىمىزدىكى مەسىلىلەر ...
مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىمىز دەيدىكەنمىز ، موقىملىقنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلىشىمىز ، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز كېرەك !
.......


ناھايتى ئوبدان يېزىلغان ئاقىلانە ئىنكاس !
بۇ ئىنكاسنىڭ يېقىنقى باھالىنىشى : 500 مۇنبەر پۇلى
قىزلار كىرمەڭلار      http://xatmen.ueuo.com

0

تېما

0

دوست

80

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7395
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 404
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 23:13:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-08 18:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تىمىدا يەھۇدى ناسارانىڭ قانۇنىنى ئوبدان دەپ ماختىدى دەپ تىل ھاقارەتكە كۈمىۋىتىدىغان بولدىدە سىزنى
يامىنى كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ يوغان قالپاقلار تاييار جۇمۇ، بىز خەختىن ئىھتىيات قىلىڭ.  

گەپنى  قىل  سىغار  يەرگە   ،،،  سىز دىنلا ئىھتيات قىلمىسا بىكار  جۇمۇ  ،   تۇنجى قالپاقنى كەيدۇرۇپ بوپسىز مانا  ،،،،،،،،،،،

باھا سۆز

kukkaptar  راسلا  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 15:57
مىنڭ دوپپام  كوك

0

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3706
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 00:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەميەتنى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم قانون ساھەسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەرلەر  ئۆز مەيلىچە "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە"، «ئالاھىدە ئەھۋال» دىگەن قانونى ئاساسى يوق ئىبارىلەردىن پايدىلنىپ ساددا ئاق كۆڭۈل خەلىقنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت
يېقىندا يۇرتۇم لاپچۇقتا مۇنداق ھېچققانداق قانونى ئاساسى يوق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىدىم ،يەنى:جەنوبى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ،بولۇپمۇ قەشقەر ،خوتەن رايونىدىن بىزنىڭ قارادۆۋە ،لاپچۇققا  كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇش !  
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىلى ئېچىشىدۇ ،
تورداشلار سىلەر تەرەپلەدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟

1

تېما

8

دوست

7442

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1692
تۆھپە : 1122
توردىكى ۋاقتى: 913
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 00:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى abdigeniدە2012-07-09 00:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جەميەتنى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكىتلىنۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم قانون ساھەسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلمايدىغان رەھبەرلەر  ئۆز مەيلىچە "يوقىرىنىڭ يوليورۇقى" ، "ئىچكى بەلگىلىمە"، «ئالاھىدە ئەھۋال» دىگەن قانونى ئاساسى يوق ئىبارىلەردىن پايدىلنىپ ساددا ئاق كۆڭۈل خەلىقنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۈت
يېقىندا يۇرتۇم لاپچۇقتا مۇنداق ھېچققانداق قانونى ئاساسى يوق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىدىم ،يەنى:جەنوبى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ،بولۇپمۇ قەشقەر ،خوتەن رايونىدىن بىزنىڭ قارادۆۋە ،لاپچۇققا  كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى بىردەك يۇرتىغا قايتۇرۇش !  
مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىلى ئېچىشىدۇ ،
تورداشلار سىلەر تەرەپلەدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟  

باشقىلارنى قايتۇرمامدىكەن؟ نەگە قارىسا مىتە قۇرتتەك مىغىلداپ كەتكەن كەلگۈندىلەر جىق ئىدى، ئۇلارنى قايتۇرسا بولمامدۇ؟ قانداق تېتىقسىز بۇيرۇق بۇ ئەمدى؟

2

تېما

2

دوست

9733

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2101
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 00:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ كۈنى ئىدارىمىزگە ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى . نىمە ئىش دەپ سورىسام ، قوللىرىدا بىر قەغەز تۇرۇپتۇ ، شۇنىڭغا تامغا باستۇرماقچىكەن ، ئۇلار ئەسلى كۇچار ناھىيەسىدىن كەلگەنلەر بولۇپ ، كورلىدا ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇنللىنىپ ، سەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدىكەن ، شۇڭلاشقا قولىدىكى جەدۋەلگە چوقۇم تامغا باستۇرۇشى كېرەككەن . مەن پۇرلىشىپ كەتكەن ھېلىقى جەدۋەلگە قاراپ باقسام جەمىي يەتتە يېرىگە تامغا باستۇرۇش زۆرۈركەن . توۋا ! دەپ قالدىم . شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر شىنجاڭ ئىچىدە تۇرۇپ يەتتە يەرگە تامغا باسقۇزۇپ يۈرسە ...
ئىچكىرىدىن كەلگەن يولداشلار بولسا ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ قويسىلا تۇرىلىۋەرسە ...ھەتتاكى يەرلىكلىشىپ قېلىۋەرسە ..
بۇ ئەمدى قەيەرنىڭ قانۇنى بولغىيتى ؟
دۇرۇس ، موقىملىق ھەممىدىن مۇھىم . لېكىن موقىملىقنى قوغداشنىڭمۇ يولى بولىدىغۇ ئەمدى ؟ كىرىپ چىقىشنى ئوبدانلا كونتىرول قىلسا ، كىملىك ، نوپۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرسا بولىۋېرىدىغۇ ؟ يەنە قاراپ تۇرۇپ قايسى تۆشۈكنىڭ قايسى تۆشۈك ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايدىغان ، بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە خەت ئۇقمايدىغان دېھقانلارنى ئاۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز ، ماۋۇ يەرگە بېرىپ تامغا باسقۇز دەپ بېشىنى ئېلەشتۇرۇپ قويسا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە <كومپارتىيە ھازىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ> دىگەن كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالمامدۇ ؟
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېرىم ئەسىرنى ئۆتكۈزدۇق . كىيىمىمىز پۈتۈن ، قورساق توق ھالەت شەكىللەندى . نامرات ئائىلىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ . يېڭى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۈزۈلمىسى نۇرغۇنلىغان بىمارلارغا يار يۆلەك بولدى . دۆلەت يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ دېھقانچىلىق بېجىنى يوق قىلدى . مەجبۇرىي ئەمگەكنى نەزىرىيە جەھەتتىن يوق قىلدى(جەنۇپتا ھېلىھەم ھاشار باركەن) ...ياخشى سىياسەتلەر بەك نۇرغۇن بەك نۇرغۇن . لېكىنزە ، مۇشۇ ياخشى سىياسەتلەرنى ياخشى ئىجرا قىلمايۋاتقان ئاز سانلىق چىرىك ئەمەلدارلار كومپارتىيە شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشى بىۋاستە موقىمسىزلىق ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-28 17:41 , Processed in 0.052819 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش