قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 15072|ئىنكاس: 18

ھۆرمەت ۋە سېغىنىش-قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4455
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 05:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۆرمەت ۋە سېغىنىش
قەيسەر مىجىت


      ئاپتورئىلاۋىسى: بۇ يازما 2007-يىلى يىزىلغان بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇستازىم ۋە ساۋاقداشلىرىمغا بىغىشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بىلىۋال تورىدا ئىلان قىلىنغان ۋە ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىدا ناتىق دوستۇم ئەنۋەر ئابلا تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن

        بۇرناكۈن، ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمدىن تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا كەلگەن تېلېفون دەسلەپ مېنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولسا، كېيىن مېنى شادلىققا چۆمدۈردى
"
     قارا،--- دېدى - گەپدانلىقى ۋە زېرەكلىكى بىلەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئەينى چاغدا ماڭا ئوخشاش "كەنشىۋەر
ئورمانچىلىق مەيدانى" دىن ئۇلۇغچاتقا بېرىپ ئوقۇغان يەنە بىر "ئورمانلىق" ساۋاقدىشىم - ئەنۋەر ئابلا، -- بىز مۇشۇ شەنبە كۈنى تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار قەشقەرگە يىغىلىپ، سىنىپ مۇدىرىمىز ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ۋە ئايالى پاتىمە خانىملارنى يوقلاپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ گۈل تۇتماقچى. ئارىمىزدا سەنلا بۇ پائالىيەتكە كېلەلمەيدىكەنسەن، سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ساڭا تېلېفون قىلىۋاتىمىز. مۇمكىن بولسا شۇ كۈنى بىز بىلەن ئالاقە قىلساڭ...
---
سېنى كۆرگۈمىز كەلدى، قاچان كېلىسەن؟ شۇ كۈنى بىزگە تېلېفون قىلارسەن؟ -- دەپ سورىدى يەنە بىر ساۋاقدىشىم يالقۇن خىلىل.
ئەلۋەتتە دەپ خۇشاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم مەن ئۇلارغا شۇ زامانلا.
ئۇلارنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم، ئۇلارمۇ ئۇنتۇشماپتۇ، ھەر ھالدا ئۇنتۇشماپتۇق!. ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلاۋېتىپ سائەتكە قارىدىم.
ۋاقىت--- ئامېرىكىنىڭ شەرق قىسىم ۋاقتى سەھەر بىردىن ئېشىپتۇ. قانچە قىلساممۇ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. قەلبىمنى بىر ھاياجانلىق تۇيغۇ چۇلغىۋالغان ئىدى. بەلكى شۇ چاغدىكى روھى كەيپىياتىمنى تەسۋىرلەشكە توغرا كەلسە، تالانتلىق شائىر قۇربان باراتنىڭ ئانا مەكتىپى -- (ئاتا-ئاناممۇ ۋە مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان) --قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا ئاتاپ 80- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان "سەن بۈركۈت ئۇۋىسى - سەن ئالتۇن بۆشۈك" ناملىق شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار تازا باب كېلەتتى
:
نېمىشقا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى،
.نېمىشقا جىسمىمدا دولقۇن ئۇردى قان،
،گويا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك،
قەلبىمدىن ئۇرغۇدى شاتلىق-ھاياجان!

        كەيپىياتىمنى تىنجىتماق بولۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم، ئەمما يۈرىكىمنىڭ تېگىدىن بىر خىل سېزىم كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مەن بۇ خىل سېزىمنى ئىپادىلەشكە تىل جەھەتتىن ئاجىزلىق قىلساممۇ بىراق ئۇنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى، يېزا-مەھەللىرىنى، مېنى چوڭ قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ۋە ساپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ھاياتىمدا ماڭا تەسىر قىلغان، قەلبىمگە ئىز سالغان كىشىلەرنى ۋە ئىشلارنى سېغىنىش ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.
     ئۇيقۇنى تەرك ئەتتىم. قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، ساۋاقداشلارنىڭ پائالىيىتىگە بارالمىساممۇ، ئەمما قەلىمىم ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى سىنىپ مۇدىرىمىز - قەدىردان ئۇستاز، مائارىپچى ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىمنى ھەمدە 1982-يىلى سېنتەبىردە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ "6-يىللىق ئا" سىنىپنى تەشكىل قىلغان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىمغا بولغان سۆيگۈ ۋە سېغىنىشىمنى تور ئارقىلىق ئىزھار قىلماق بولدۇم.
*********************************************
     ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا بىر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرىنىڭ مۇنداق ئېيتقانلىقىنى قايسى بىر ماتېرىيالدىن كۆرگىنىم ئېسىمدە:
    مەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىمگە سەۋەبچى بولدى. مەن ئۈچۈن يەنە ئۇستازىم ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاغزىمغا ئىلىم سېلىپ ئادەملىك قەدىر-قىممەت بىلەن ياشىشىمغا ئاساس سالدى".
     مەن ئوقۇپ مۇشۇ پەللىگە ۋە ياشاپ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە خېلى كوپ مۇئەللىملەردىن ساۋاق ئالدىم، تەربىيە كۆردۈم. شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆرمىتىم بار. ئاشۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم - تولۇقسىز 2-يىللىق ۋە 3-يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتقۇچىمىز- ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم - ئۈستۈن كەسپى ساپاسى، ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى، مائارىپچىلارغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە مېھرىبانلىقى ھەمدە ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە خاس جۇشقۇنلۇقى، خەلق سۆيەرلىگى بىلەن قەلبىم تۆرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
       ئېسىمدە قېلىشىچە ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ئەينى چاغدا يەكەن دارىلمۇئەللىمىندە ئۇيغۇر ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، - مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئايالى پاتىمە خانىم ئىككىسى ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىگە سۈپەت قوشقان غوللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىدى.
    ھازىر بىزنىڭ يېشىمىز ئەينى چاغدىكى شۇلارنىڭ ياش قورامىغا يېقىن كېلىدۇ. ئويلىسام، ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم شۇ چاغدىكى تىرىشچان، ئۆز خەلقىگە مەسئۇلىيەتچان، ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆيۈمچان، ئالغا ئىنتىلىشچان باغۋەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىكەن.
      بىراۋنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئەسلەشنىڭ ئاساسى. بۇ يەردە مەن ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ بىزگە، جۈملىدىن ماڭا تەسىر قىلغان ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۈپەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىم ۋە سەمىمىي سېغىنىشىمنى ئىزھار قىلماقچى.
------------------------------------------------------------
     ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ بولۇپ، ئۆزى قاۋۇل، چەبدەس كەلگەن مىجەزى ئوچۇق كىشى بولۇپ تىپىك ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئىدى.
       بىز تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ئۇ بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولدى ھەمدە بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىنى بېرىشكە باشلىدى. سىنىپ مۇدىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بىز بىلەن كۆپ ئۇچرىشاتتى. دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپچان ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىگە تەلەپچان ئىدى. ئوقۇغۇچىلارغا خۇددى ئاتىسىدەك كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلى- مۇختەر ھەم بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئۇ ھەممەيلەننى تېرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. لايغەزەللىكنى ۋە بوشاڭلىقنى ياقتۇرمايتتى.
      ئۇنىڭ سۆز بايلىقى مول بولۇپ، خەلق ئېغىز تىلى ۋە ئەدىبى تىلنى ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ ئادەم دەماللىققا تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىغان، ئەمما يەتكەندىن كىيىن چېكىسىدىن تەر ئاقىدىغان ئۆتكۈر سۆزلىرىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن، كەپسىزرەك ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرگەن ھامان ئۆزلۈكىدىن يىپتەك بولۇپ كېتىشەتتى. دەرسكە كېچىكىپ كېلىدىغانلار ئۇنىڭ دەرسى بار كۈنى سىنىپقا يۈگرەيتتى.
       ئۇ بىزگە قويغان تەلەپنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتەتتى.
ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم بىزنى ئورۇندىن سەھەر تۇرۇشقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. "سەھەردە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كۆپ" دەيتتى ئۇ. مەن ئۇنىڭ قىشنىڭ قارلىق سەھەرلىرىدىمۇ يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ بىزنى ئىلىم-پەننى مۇھىم بىلىشكە، ياخشى ئوقۇپ چوڭ-چوڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلەردىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇراتتى. مەسىلەن، ئۇ مۇنۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرگەندە مىنىڭ "مەنمۇ ئاشۇ ئاكىمىزدەك ئادەم بولمىسام" دەپ ئويلىغانلىقىم ئېسىمدە
       ئۆتكەندە قەشقەرگە كىرگەندە يەكەن دارىلمۇئەللىمىندىكى ئۇستازىمنى يوقلاپ ئۆتتۈم. ئىككىيلەن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرساق ئۇنىڭ ئوغلى كىرىپ كەلدى ۋە سالام-سائەتتىن كېيىنلا باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى
         بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ بۇ ئوغلۇم، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇسى چوڭ. چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن دەيدۇ. باشقىلار ئوقۇيالىغان مەكتەپتە بىز خەق نېمە دەپ ئوقۇيالمايدىكەنمىز دەپ ئۆزىگە بەك قاتتىق تەلەپ قويىدۇ."---دېدى ئوقۇتقۇچىم پەخىر بىلەن. مەنمۇ بۇ يىگىتنىڭ ئىرادىسىدىن خوش بولۇپ قالدىم. بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئاشۇنداق تەلەپ قويۇڭلار، بوشاڭ بولماڭلار، ئىرادىلىك بولۇڭلار".
       ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەندە دەرسلىك كىتاب بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. ئۇلۇغچاتنىڭ كىچىك ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان ناھىيىلىك كىتابخانىغا ئۇيغۇر شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابى چىققان ھامان ئۇ ئالدى بولۇپ سېتىۋالاتتى ۋە بىزگە دەرس مەزگىلىدە تاللاپ تۇرۇپ ئوقۇپ بېرەتتى. ئۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە قۇربان باراتنىڭ "ئاق روماللىق پەرىزات" دېگەن داستانى بار ئىدى. ئۇ ئوقۇپ بەرگەن شېئىرلارنىڭ ئىچىدە ماۋۇ بىر كۇپلېت تېخى ھازىر ئوقۇغاندەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. (بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ، بەلكىم ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ بولۇشى مۇمكىن
ئەي بىچارە جانىۋار، زۇلمەت خۇمارى
ھاياتىڭ ئۆتەرمۇ نۇردىن مۆكۈنۈپ
قىزىل كۈن ئۆرلىسە جۇغۇلدار تېنىڭ
قالغىنىڭ تۈپەيلى تۈنگە ئۆگىنىپ

       ئۇ يەنە ئاتاقلىق مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر (ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئاجايىپ ئىشتىياق ۋە ماھارەت بىلەن سۆزلەيتتى. بولۇپمۇ ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ "دولان ياشلىرى" ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بەرگەندە، شۇ قەدەر سېھىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇپ بەرگەن ئىدىكى شۇ چاغدا "يىگىت بولۇپ يېتىلسەم، دولانغا بېرىپ سەنەقەسكە دەسسەپ كەلمىسەم" دېگەن ئوي خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى.
       ئۇ كۆيۈمچان ئۇستاز بولۇپ ماڭا ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوغلى ئارقىلىق "ئىسسىق ئۆي تامىقى يەپ كېتىڭلار" دەپ چاقىراتتى. دېمەك ئۇنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىسى - ئۇنىڭ بالىسىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى دەپ قارايتتى. مانا بۇ مىللەتسۆيەرلىكنىڭ بەلگىسى، خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ھەم ئادەمگەرچىلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ئىدى.
     ئېسىل ئىش - ھەرىكەت ۋە ئۇلۇغ سۈپەتنى بىراۋغا تاڭغىلى ھەم ئۆگەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشى پەزىلەت ۋە ئېسىل خاراكتېر يۇقۇشۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ سەبى قەلبلەرگە ئاسان تەسىر قىلىدۇ.
     مېنىڭ ئېسىمدە قالغان يەنە بىر ئىش - ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ باش يېتەكچىلىكىدە 1985 - يىلى باھاردا ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شائىر ل. مۇتەللىپنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا سەھنىدە تۇرۇپ ل. مۇتەللىپ ھەققىدە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر-قىرغىز ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگىنى ۋە ئەنۋەر ئابلا بىلەن مېنى ئۆزىمىز يازغان شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا چاقىرىشى ئىدى.
      1985-يىلى 23-ئاۋغۇستتا ئۇلۇغچاتتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، بىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ۋەيران بولدى. ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ھەل بولماسلىقى تۈپەيلى ئەنۋەر ئابلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان "ئورمانچىلىق مەيدانىدىن" كەلگەنلەر قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىغا يۆتكىلىپ كەتتۇق.
شۇنىڭدىن كىيىن ئايرىم ساۋاقداشلار بىلەن،
سېغىنىشلىق سالام خەت،
سېغىنغاندا يازغان خەت،
سېغىنمىسام يازمايتتىم،
شۇنىڭ ئۈچۈن يازغان خەت
      دەپ كىملەردىندۇر يادلىۋالغان مىسرالار بىلەن 8 پۇڭلۇق ماركا چاپلاپ بىر مەھەل خەت يېزىشتۇق. كېيىنچە ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. تەقدىر كېيىن بىزنى ھەر ھەر يەرگە ئاپىرىپ ھەر خىل ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى.
       مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەندىن كېيىن بەزى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالاقە قىلدىم. ئۇلاردىن ئاڭلىسام، ئوبۇلقاسىم مۇئەللىم - قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە، پاتىمە خانىم قەشقەر ۋىلايەتلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ، ئۇلۇغچاتتىن قەشقەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. كېيىن مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇشقا كەلگەن كىچىك ئوغلى ئەنۋەرنى ئۇچراتتىم ۋە ئەنۋەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردۇم.
       ئېرەڭسىزلىكتىنمۇ ۋە ياكى ئەقىلنىڭ يوقىدىنمۇ، ئەينى چاغدا ئۇلۇغچاتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ۋە ئۇستازلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشمەپتۇق. شۇنداقتىمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئايرىم ساندىكى ساۋاقداشلىرىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ماھىنۇر روزى، روشەن تىلىۋالدى، مېھراي سۇلتان، روشەن سەمەت، مېھرىنىسا غەيرەت (ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەن)، مەريەم (كۆزلىرى كۆك بولغاچقا كۆككۆز دەپ قوياتتۇق)، ئاينۇر، ئايىمنىسا، زەينۇر، سائەتگۈل قاتارلىق لاتاپەتلىك قىز ساۋاقداشلىرىم ۋە ئەنۋەر ئابلا، غالىپ سوپۇر، يالقۇن خىلىل، مەمەتجان ئۆمەر، شاۋكەت ئابلىمىت، غالىپ ئوركۇنباي، داۋۇتجان تىلىۋالدى، مۇختەر ئوبۇلقاسىم،مۇختەر روزى،قەيسەر ئىمىن،نۇرمەمەت مىجىت، ئىمىنجان، جۈرەت تۇردى،ئادىل (قەشقەردىن كۆچۈپ چىققان)، بەختىيار (قەشقەرگە كۆچۈپ كەتكەن)، سېتىۋالدى سوپۇر، دولقۇن ئاقنىياز، ئۆمەرجان (فېرمىچىلىق مەيدانىدىن كېلىدىغان)، قىش كۈنلىرى مەن ياتاقتا دىجورنى بولغاندا مەشكە ئوت يېقىشىپ بېرىدىغان ساۋاقدىشىم تۆمۈرجان مىجىت ( فېرمىدىن)، ئەنۋەر ئىسساق (كۆمۈرچىلىك مەيدانىدىن)، ۋەلى (فېرمىدىن)، مۇختەرجان سىيىت (تاش يول ئىدارىسىدىن) ۋە يەنە قۇربان (دۆڭ ئەترەتتىن) قاتارلىق بېجىرىم كەلگەن ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە دولقۇن ئاقنىياز كېلىشمەسلىككە ئۇچراپتۇ. بۇ يەردە مەن دولقۇنغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ قىيىن كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
      مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان، بەزىدە بىر-بىرىمىز تۈرتۈشۈپ، بەزىدە چېلىشىپ ئوينايدىغان، ئاق كۆڭۈل ساۋاقدىشىم --- قۇربان (بىز ئۇنى سېمىز يۈزلۈك بولغاچقا، تۇلۇم دەپ چاقچاق قىلىپ قوياتتۇق) بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ۋاقىتسىز ھالدا بۇ ئالەمدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇنى ئاڭلاپ قايغۇرۇپ، كۆز يېشى قىلدىم. بۇ يەردە مەن خۇدادىن ئۇنىڭغا جەننەت، ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.
    كىيىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم، يۇقىرىدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دۇرۇس، ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، ئۇلۇغچات، ئاقتۇ قاتارلىق يەرلەردە خىزمەت قىلىپ جەمئىيەتتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ ھەمدە ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بوپتۇ.
      مەن مۇشۇ ئاددىي ئەسلىمەمنىڭ بىغۇبار بالىلىقىمىزدا چىگىلگەن ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق رىشتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئەزىزانە قەشقەرگە جەم بولۇش ئالدىدا تۇرغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمگە ھۆرمەت ۋە سېغىنىش سالاملىرىمنى يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە مەنىلىك ھايات تىلەيمەن

7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىڭىزدىن، ئۇستاز ۋە ساۋاغداشلىرىڭىزغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىڭىزدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم، قەيسەر مىجىت ئەپەندى!!! سىزنىڭ مۇشۇنداق تېتىملىق يازمىلىرىڭىز تورلار ئارا ئۆز تەرەققىياتىنى تاپقاي. مەن سىزنىڭ تۇنجى تورغا يازغان يازمىڭىزغا (ئېسىڭىزدىمىكىن) تەرجىمالىڭىز بىلەن تونۇشىۋېلىش ئىستىگىدە ئىنكاس يازغان ئىدىم. مانا، ئىلگىرىكى ۋە ئۇشبۇ يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق مەن سىزنى خېلى تونۇشقا باشلىدىم. تېنىڭىزگە ساغلاملىق، ئوكيان سىرتىدىكى ئوقۇش ۋە ئۆگۈنىشىڭىزگە ئۈنۈم، ئائىلىڭىزگە چەكسىز بەخت- سائادەت تىلەيمەن! 
     ئۇيغۇرزادىنىڭ مۇشۇنداق بىر تالانت ئىگىسىنى تور ئارقىلىق بىزلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىغا كۆپتىن- كۆپ تەششەككۈرلەر بىلدۈرىمەن.
     ھارمىغايسىلەر، تۇلپارلىرىم!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

917

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1356
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 241
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 22:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقدىشىڭىز ئەنۋەر ئابلا مەلىم ھېلىھەم ئۇلۇغچات تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بىزگە تارىخ بەرگەن.  مەن بەك خاپا قىلىتىم    زەينۇر ئابلا (ئايالى) بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپتىكەندە
   

     ئۇلۇغچاتتىكى يەر تەۋرەش 86ـ يىلىى يۈز بەرگەن بولغۇيتى؟  مەن داداملاردىن شۇنداراق ئاڭلىغان.

0

تېما

0

دوست

110

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8624
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 23:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-ئاينىڭ 14-كۈنى بىزنىڭمۇ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۇرگەنلىگىمىزنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتۇشتا ساۋاقداشلار يىغىلغان ئىدى. بىراق، مەن يۇرتۇمدىن يىراق بىر ناھىيەدە خىزمەت قىلغانلىقىم ھەم شۇ كۈنى يۇقۇردىن جىددى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن يىغىلىشقا بارالمىدىم.  يىغىلىشقا بارالمىغىنىمغا كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولغان ئىدى.                                                                                                                             
  قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇسسىغان يىرىمگە بارغاندەك بولدى.   

4

تېما

0

دوست

6358

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1527
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 23:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!!!

11

تېما

0

دوست

4717

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3203
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 17:03:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قەيسەر ئاكىنىڭ قۇربان باراتنىڭ شېئرىنى ھازىرغىچە ياد بىلىشى مېنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ قۇربان باراتنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.
ئاتۇشتا مۇستاپا مۇئەللىم دەپ داڭلىق بىر مۇئەللىم ئۆتكەن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولغاندا داڭقىنى ئاڭلىغان. ئۇ كىشى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا مۇئەللىم  بولغانمىدى ياكى ئاتۇش شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ؟ ئاندىن سېتۋالدى كېرىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېېرستىدا مۇنازىرە پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەد دېگەن ئاتۇشلۇق بالا نەدە، نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟

قەيسەركا، نۇرگۈل سىز ھەققىدە  يازغان «ئېتىقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئەدەبي ئاخباراتنىمۇ كۆرسەك بولاتتى.


ئاخىرىدا بارلىق مۇنەۋەۋۋر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى

11

تېما

0

دوست

4717

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3203
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 17:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئاكا، سىزگە بىر قانچە تەكلىپ بار. بىرى خارۋاردتا ئاسپراتنلىقتا ئوقۇش جەريانىڭىزنى تەسپلىي يېزىپ خاتىرىلەپ تورداشلارنىڭ بىرلىكتە بەھرلىنىشگە سۇنغان بولسىڭىز.
ئىككىنچىسى، سىز ئىتايىن مۇھىم بولغان كەسپ ئىقتسادشۇناسلىقتا خارۋاردتا ئوقۇغان تۇنجى ئۇيغۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقىي خارۋارد ئۇيغۇرى سىز. ياشلىرىمىز ئارسىدا ئىشسزلىق قاباھىتى يامان بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلارغا ئىقتساد، كارخانا بىلىملىردىن ئانچە مۇنچە مەسىلھەت بەرسىڭىز.

ئەلۋەتتە، سىز مىنۇت-سكونت دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان زېمىندا ئېشىنچە ۋاقىت تېپىپ ئاندىن  بۇ ئشىلارغا باش قاتۇرىسىز.ئشىڭىزكۆپ، بۇنى بىلگۈچىلىكم بار. بۇنى دېگىنىم ھازىرلا قىلىڭ دېگىنىم ئەمەس،  ۋاقتىڭىز يەتكەندە بۇ ئشىلاردا ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە تىركەپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن سىزگە باغداشنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، دېگەنىدىم.  ئارقىمۇ ئارقا يوللىنۋاتقان تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ مەن بۇ گەپنى بىكار دېمىگىنمنى ھېس قىلدىم.
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 23:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى uyghurzadeدە2012-07-17 17:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھۆرمەتلىك قەيسەر ئاكىنىڭ قۇربان باراتنىڭ شېئرىنى ھازىرغىچە ياد بىلىشى مېنى سۆيۈندۈردى. مەنمۇ قۇربان باراتنى شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.
ئاتۇشتا مۇستاپا مۇئەللىم دەپ داڭلىق بىر مۇئەللىم ئۆتكەن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولغاندا داڭقىنى ئاڭلىغان. ئۇ كىشى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىدا مۇئەللىم  بولغانمىدى ياكى ئاتۇش شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ؟ ئاندىن سېتۋالدى كېرىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېېرستىدا مۇنازىرە پادىشاھى دەپ نام ئالغان نۇرمۇھەممەد دېگەن ئاتۇشلۇق بالا نەدە، نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟

قەيسەركا، نۇرگۈل سىز ھەققىدە  يازغان «ئېتىقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئەدەبي ئاخباراتنىمۇ كۆرسەك بولاتتى.

.......  

نۇرمۇھەممەت بار ، ئۇ ئەسلىدە بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېزا كادىرى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ، كىيىن كىچىك بىر ئىشلار بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كىتىپ بەش يىل يېتىپ چىقىپتۇ ، چىققاندىن كىيىن تەن سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولالماپتۇ ، نىمىشقىلىقى نامەلۇم ، بىرەر بەت كىتاپ ئوقۇسىمۇ بەرداشلىق بىرەرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ ، كۆپ گەپ قىلمايدىكەن ، داۋاملىق بېشى ئاغرىيدىكەن ، يىنىك قىزىتما باركەن ، يا تەكشۈرتسە بىرەر كىسەللىك تېپىلمايدىكەن ، يېقىندا ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى چىقىپتىكەن ...ھازىرغىچە داۋالىنىش يولىدا بولسىمۇ بىرەر ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ ....دوختۇرلارنىڭ ئاخىرقى دىئاگۇنۇزى «بەدەنگە نەملىك يىتىشمەسلىك»كەن ...بىراق يەنىلا ئېنىق بىر مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن كىسەللىككەن ....يەنە ئۇلارنىڭ دىيىشىچە  بۇرۇختۇمۇلۇقنىڭ ئالامىتىمۇ باركەن ...قالغىنى خۇداغا ئايان ....ئۇنىڭ ھالىنى  كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىققا توشۇپ كەتتى ....
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )