قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bagdax

قومۇل داستانلىرى نىمە دەيدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

209

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6896
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ<<ياچىبەگ>> داستانىنى ئاھاڭ ئۆزگۈرۈشى 12 خىل ،چوڭ ھەجىملىك داستان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،تولۇق ئاڭلايدىغان بولدۇم دەپ ئالدىراپ خوش بولۇپ كېتىپتىمەن دىسە..........

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2073
توردىكى ۋاقتى: 823
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 11:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

bagdaxنىڭ باش يازمىسىغا ئىنكاس

فلەش ھوججىتى قويۇلمىدى . كۆرەلمىدىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 23:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭكىدە كۆرۈنمىدى؟..ئەپسۇس....
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....

2

تېما

0

دوست

3268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4198
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 549
توردىكى ۋاقتى: 582
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 23:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان "بەدئىي فىلىم' شۇمۇ؟
قومۇل داستانلىرى نىمە دەيدۇ ؟!
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان 

 (شۇ ناملىق بەدئى فىلىمدىن)



ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان داستان-ئېپوسلار بىزنى ئەجداتلىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت قىلالايدىغان بىردىن-بىر رىشتىدۇر.شۇنداقلا ئاتىلارنى ۋە بىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۇلايدىغان جانلىق مىراسلىرىمىزدۇر.
مەڭگۈ تاشلار بىزگە يېزىق شەكلى بىلەن بوۋىمىزنىڭ تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.ئېغىزاكى داستان-كۈيلەر بولسا ئۇلارنىڭ شاتلىق ۋە پەرياد ئارىلاشقان تىراگىدىيىلىك قىسمەتلىرىنى مەرسىيە ئوقۇش بىلەن خاتىرلەيدۇ .

پايانسىز چۆلدە كېتىۋاتقان قوشۇننىڭ ھالىتى ،ئېغىر ئاھاڭلار بىلەن كۆزىمىزگە كۆرۈنسە، ئاتلارنىڭ كىشنەش،ئادەملەرنىڭ غەزەپلىك توۋلاش ۋە چۇقانلىرى،داستانچىنىڭ پارياد-قىقاسلىرى بىلەن ئەۋلاتلارغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.داپ گەردىشىنىڭ غەزەپلىك ئۇرۇلىشى بىلەن تومۇرلاردىكى سوۋۇغان قانلار كۈچلۈك رېتىم بىلەن ئايلىنىشقا باشلايدۇ......
دۈشمەننىڭ ھىلىسى،دوستىنىڭ ساتقىنلىقى،قەھرىمانىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئارزۇ-تىلەكلىرى داستان مىسرالىرىدىكى ئارمانلار.قان-قان يىغلاۋاتقان ئاھاڭلار بىلەن بىزنى ئىختىيارسىز ياش تۆككۈزىدۇ.
ئۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك سېھرى قۇۋۋەتكە ئىگە ؟!

دەدەقۇرقۇت چۆچەكلىرى شۇ دەۋردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇشلارنى ئېپوس شەكلىدە ئىپادىلىگەندەك قومۇل داستانلىرىدىكى ۋەقەلىكلەرمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش جەريانىدىكى ھەقىقى بايانلىرىدۇر.قەدىمدە يايلاق خەلىقلىرىدە ئېغىزاكى ئەدەبىيات تارىخ خاتىرلەش ئۇسۇلىدا قوللىنىلغان.شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تارىخىي مەلۇماتلار مۇشۇ شەكىل بىلەنلا بۈگۈنگە يېتىپ كېلەلىگەن...
ئەنە شۇ رىئاللىقنى مەنبە قىلغان خەلق داستان-ناخشىلىرىنىڭ ئۆلمەس ھاياتىي كۈچى ئۇلارنىڭ شۇ تارىخىي ۋەقەلەر سەۋەبى بىلەن دۇنياغا كەلگەنلىكىدە.
ئۇلار قانداقتۇ ناخشىچى-شائىرنىڭ ئىلھامى بىلەنلا يېزىلىپ قالغان ئەمەس.شۇڭا بۇ چىن ۋەقەنىڭ تىراگىدىيە كۈچى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.ئېغىزدىن-ئېغىزغا داستان بولۇپ كېلەلەيدۇ.
قومۇل ئون ئىككى مۇقامى رايونىمىزدىكى باشقا مۇقاملاردىن خېلى كېيىن مۇقام شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئەسلىدىكى داستان-ئېپوس شەكلىنى يېقىنقى يىللارغىچە ساقلاپ كەلگەن.
چۈنكى قومۇل مۇقاملىرى داستان-ئېپوسلاردىكى مەلۇم جەڭنامىنى ئاساس قىلىدىغان ئالاھىدىلىكنى ھازىرغىچە ساقلاپ قالالىغان.ۋە مۇقام تېكىستلىرىنى رىئالنى ۋەقەلىكلەر بىلەن بېيىتىپ كەلگەن .بۇ جەھەتتە بۈگۈنكى دەۋرداش مۇقاملارغا قارىغاندا ئەنئەنىگە كۆپرەك ۋارىسلىق قىلالىغان.بۇ تارىخچى ۋە مۇقامشۇناسلارنىڭ قومۇل ئون ئىككى مۇقامىنىڭ قايسى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىزدىنىپ بېقىشىدا قىممەتلىك ئاخىرقى پۇرسەت.
ئېپوس داستاننىڭ بۈگۈنكى يەنە بىر خىل ئاتىلىش شەكلى.ئۇ ھەجىم جەھەتتىن مۇكەممەللىكنى ساقلاپ قالالىغان داستانلارنىلا ئاتاشقا ئىشلىتىلدۇ.ئۇنداقتا قومۇل داستانلىرى نىمە ئۈچۈن بۇ مۇكەممەللىكنى ساقلاپ قالالمىغان ؟!

 
داستان مىڭلىغان مىسرالاردىن تۈزۈلگەن ئېغىزاكى باياننى ئاساس قىلىدىغان ۋارىسلاردىن نۇرغۇن چىدام ۋە مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدىغان ئەدەبىيات شەكلى.بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش چوقۇمكى نۇرغۇن ئەجىر ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ.
قومۇل مۇقاملىرى ئەسلىدە ئىلگىركى بىرنەچچە مۇستەقىل داستان ياكى ئېپوس شەكلىدە ئېيتىلىپ كەلگەن.مۇقامدىن ئىبارەت بۇ يۈرۈشلۈك مۇزىكا ئۇقۇمى رايونىمىزغا كىرگەندىن كېيىن ئىلگىركى داستانلار مۇقام شەكلىدە ئورۇنلانغان. بىراق بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مۇكەممەل تېكىستلىرىغا نۇرغۇن باشقا مەزمۇندىكى تېكىستلار قوشۇلۇپ قالغان. مۇقام شەكلىنى مەلۇم تەرەپتىن ساقلاش زۆرۆرىيىتى بىلەن بەزى تېكىستلەر قىستۇرۇلغان.  داستاننىڭ ئەسلى مەزمۇندىن بەزىلىرى چۈشۈپ قالغان.شۇنداق سەۋەپلەردىن مۇكەممەل مەزمۇنى يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.داستاننىڭ ئەسلى مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش ئورنىغا مۇقامنىڭ بىر يۈرۈش تەرتىۋىنى ئاساس قىلىش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن داستان-ئېپوسلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولغان مۇقامچىلىرىمىز ھەر-بىر دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى بولغاچقا ئۇلار مۇقام ئۈگىنىش ۋە ئېيتىش جەريانىدا چوقۇمكى ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە سورۇن ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ بەزى تېكىستلەرنى ئۆزگەرتىپ ياكى بەزى مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ ئېيتىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس.بۇنىڭغا قومۇل داستانلىرى مۇقام شەكلىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز قىستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان يېقىنقى زامان تېكىستلىرى ۋە بەزى خەلق ناخشىلىرىدىكى ئازاتلىقتىن كېيىنكى مەزمۇنلار مىسال بولالايدۇ..
يەنە قومۇل مۇقاملىرىدىكى بەزى تېكىست ۋە ئاھاڭلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىپ ئېيتىلىپ قېلىش ھادىسىسى، يۇقۇرقى گۇمانىمىزنى دەلىللەيدۇ.
قومۇل داستانلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى ئۇنىڭ غايىۋىلاشتۇرۇلغان ئوبرازلاردىن خالى ئىكەنلىكىدە.
مەيلى دۇنياۋى ئېپوسلارباشقا رايونىمىزدىكى خەلق داستانلىرىدابولسۇن،داستاندىكى قەھرىمانلارغا مەلۇم دىنىي ئوبراز يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ. قومۇل داستانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا داستاندىكى قەھرىمان پەقەت ئۆزىنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشى بىلەن بايان قىلىنىدۇ.ئۇلار مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىسىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان خىزىر بوۋاي بولمايدۇ. مەيلى غەلىبە ياكى تىراگىدىيىلىك مەغلۇبىيەت بولسۇن چوقۇم ھەقىقى ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىمۇ قومۇل داستانلىرى ھەقىقى تارىخنىڭ ساپ شەكىلدە كېيىكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسى بولالايدۇ.
ياۋرو-ئاسىيادىكى ئېپوسشۇناسلار ئېيتقاندەك شىئە تەسىرى ۋە سوفىستىك دىنىي ئاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا داستانلىرىدىكى يېتەكچىلىك قىممىتى زور بولسىمۇ بىراق قومۇل داستانلىرىدا بۇ خىل دىنىي تەسىر ئاساسەن يوق بولۇپ بۇ ئۇلارنىڭ تارىخىي قىممىتىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە ئىلمى قىممەت بولالايدۇ........

كەتكەنلەر كەتكىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى....ئۇلارنىڭ جىسمى كەڭرى چوللەرنىڭ قوينىدا ياكى پايانسىز تاغلارنىڭ باغرىدا مەڭگۈلۈك ئارامىغا يەتتى....ئەمما ئۇلارنىڭ ئارمان-ئارزۇلىرى ئەشۇ زامانلاردىن تا بۈگۈنگە قەدەر خەلقىمىز ئارىسىدا ناخشا-داستان بولۇپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ...ئۇلارغا بولغان دۇئا-تىلەك ،سالام-سېغىنىشلار دەل مۇشۇ شەكىل بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ.........
 يىراقتا قالغان ئەجدادىمىز بىلەن بۈگۈنكى ئەۋلادىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش، پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا ئەمەلگە ئاشالايدۇ.
بوۋىلارنىڭ جىسمى تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق  داستانلىرىمىز بىلەن نەۋرىلىرىگە پىچىرلىيالايدۇ......
سۇ ئېرىقتا ئاقىدۇ  ، تاشقىن سايدا.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )