- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
21.69%
|
1 . پېشانىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ، مىجەزىنىڭ ناچارلىقى ، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن .
داۋالاش ئۇسۇلى : بالدۇر ئۇخلاپ ، سەھەر تۇرۇش ، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش .
2 . قاشنىڭ ئوتتۇرىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئىچى سىقىلىش ، ئىچى تىتىلداش .
داۋالاش ئۇسۇلى : قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق ، تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراق ئىچمەسلىك ، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق .
3 . بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق .
داۋالاش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش .
4 . ئوڭ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئوپكە ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىق .
داۋالاش ئۇسۇلى : نەپەس يوللىرىنى ئاسىراش ۋە دىققەت قىلىش ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ، ئەنبەھ قاتارلىق ئاسان رېئاكسىيە قىلدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق .
5 . سول تەرەپ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : جىگەر ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىنىش .
داۋالاش ئۇسۇلى : نۇرمال دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش ، كەيپىياتنى ياخشىلاش ، بەك تىنچىق يەردە تۇرماسلىق .
6 . لەۋ ئەتىراپىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : قەۋزىيەت ، سۈپەتسىز چىش پاستىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش .
داۋالاش ئۇسۇلى : ۋىتامىن تەركىبى يوقىرى مېۋە - كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش .
7 . ئېڭەككە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىنىش .
داۋالاش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش .
( ماتېرىيالدىن )
|
|