- تىزىملاتقان
- 2012-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3587
- نادىر
- 0
- يازما
- 134
ئۆسۈش
52.9%
|
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى darya.دە2012-07-24 18:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمىلىيەتتە پات-پات پارتىلاپ تۇرىدىغان ۋە ئىس-تۈتەك داۋاملىق چىقىپ تۇرىدىغان يانار تاغلارنىڭ چوڭراق پارتىلىغاندىكى بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى -چوڭ ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىشىدىن ، جىم-جىت تۇرغان ۋە ئىس-تۈتەك ئاز چىقىپ تۇرغان يانار تاغلارنىڭ پارتىلىغاندىكى بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى يۇقرى بولىدىكەن ...ھەرقانداق يانار تاغنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش چىكى بولىدۇ ، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ خىل بېسىم يىنىكلىتىلسە بۇنداق يانار تاغلاردا پارتىلاش ئىمكانىيىتى تۆۋەنلەيدۇ ...
مۇقۇملۇقنىڭ ئاساسى خەۋپىمۇ دەل ئاۋامنىڭ دىيەلمەيدىغان سۆزلىرىنىڭ كۆپ بولىشى ، بوغۇلىشى، تۇنجۇقىشىدىن كىلىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداق ئويلىغانلىرىنى ، ئۇچرىغان ناھەقچىلىقلىرىنى ، دەرت-ئەلەملىرىنى ئانچە-مۇنچە ئېيتىپ تۇرىدىغان يۇچۇقنىڭ بولىشى دەل ئەشۇ مۇقۇملۇق ئۈچۈن خەۋپ پەيدا قىلىدىغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئويناپ ، تەسەللىيگە «بۇغداي سۆز»گەمۇھتاج بولغان تۆۋەن قاتلامدىكىلەرگە ھاردۇق چىقىرىش پۇرسىتىنى بىرىدۇ ...
شۇڭا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، باغداش مۇنبىرىدەك مۇنبەرلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىشقا، ئاجىز توپنىڭ ئاۋازىنى يۇقۇرغا يەتكۈزۈشكە ، ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقۇملۇق ۋە ئىتىپاقلىققا قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ !.....
مىنىڭچە دەريا ئەپەندى، باغداش مۇنبىرىگە قارتا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ،ھەتتاكى بارچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە پارتىيە ھۈكىمەتكە تەنتەنىلىك جاكالىدى.
توغىرا، دەريا ئەپەندى ئېيتقاندەك،مۇقۇملۇقنىڭ ئاساسى خەۋپىمۇ دەل ئاۋامنىڭ دىيەلمەيدىغان سۆزلىرىنىڭ كۆپ بولىشى ، بوغۇلىشى، تۇنجۇقىشىدىن كىلىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداق ئويلىغانلىرىنى ، ئۇچرىغان ناھەقچىلىقلىرىنى ، دەرت-ئەلەملىرىنى ئانچە-مۇنچە ئېيتىپ تۇرىدىغان يۇچۇقنىڭ بولىشى دەل ئەشۇ مۇقۇملۇق ئۈچۈن خەۋپ پەيدا قىلىدىغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئويناپ ، تەسەللىيگە «بۇغداي سۆز»گەمۇھتاج بولغان تۆۋەن قاتلامدىكىلەرگە ھاردۇق چىقىرىش پۇرسىتىنى بىرىدۇ ...
شۇڭا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، باغداش مۇنبىرىدەك مۇنبەرلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىشقا، ئاجىز توپنىڭ ئاۋازىنى يۇقۇرغا يەتكۈزۈشكە ، ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقۇملۇق ۋە ئىتىپاقلىققا قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ !.....
بۈگۈنكى كۈندە،گىزىت-يورناللار خاسىيتىنى يۇقۇتۇشقا باشلاپ باغداشقا ئوخشاش، خەلىقنىڭ خۇشالىق ۋە قايغۇ -ھەسىرىتى،غەزەپ نەپىرىتى، ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئاۋام- خەلىق بىلەن ئورتاقلىشىپ، خەلىق بىلەن ھۈكىمەت ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى قىسقارتىىشتا كۈۋرۈكلۈك رۇلنى ئويناۋاتقان مۇنبەرلەر ئىگەللەشكە باشلىدى.ئۇيغۇر خەلىقى ئۈزى ئۈچۈن ئۇتىدا كۈيۈپ سۈيىدە ئېقىۋاتقان، ئۈيغۇر ئۈچۈن قايغۇرغان،ئۇنىڭ كۈلكۈسىگە ئورتاقلىشىۋاتقان،مىھنەتسىز تەر تۈكۈپ بىزگە مۇل بىلىم بىرىۋاتقان بوزقىر،توخوتور،ئارمانغا ئوخشاش مەن بۇيەردە ئىسمىنى ئاتىغان-ئاتىمىغان بارچە كىشىلەرنى،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كۈزى تۇنۇپ بۇلالمىسىمۇ،ھەممە ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى تۇنۇيدۇ.گەرچە مۇنبەرگە يازما يوللىغانلارغا نەخ پۇل بىرىلمىسىمۇ،ئۇلار ئەجرىنى بىر ئاللاھتىن ئالىدۇ.خەلىق ۋە تارىخ ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ،ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ساۋابى مىھراپتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۈپ،بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمىھراپتىكى كىشىلەردىن ئۇلۇغ.ئاللاھ ئۇلارغا،ۋە بارچە مۇنبەر ئىشتىراكچىللىرىغا ھەقنى كۈرەلەيدىغان كۈز،ھەقنى سۈزلىيەلەيدىغان تىل ئاتا قىلغاي ! |
|