قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3843|ئىنكاس: 20

قانداق قىلغاندا بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايال بولغىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

0

دوست

4245

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 13:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   قانداق قىلغاندا بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايال بولغىلى بولىدۇ
               (مۇھەممەد ئەل-شەرىف)

1.«فىتنە»ڭىزنى ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىڭ.
ھەممە ئاياللارغا ئاللاھ سۇبھانا ۋە تائالا  ئۆزىگە يارىشا زىننەت بەرگەن. گۈزەللىكىڭىزنى ۋە زىننىتىڭىزنى ئېرىڭىزنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋېلىشقا ئىشلىتىڭ.


2.يولدىشىڭىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىڭ.
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ،ئەگەر يولدىشىڭىز پاكىزە ئۆيگە كەلسە،ئايالى چىرايلىق ياسىنىپ تۇرسا،تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان تاماق كەلتۈرۈلسە،بالىلار پاكىز ۋە تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشسا،ياتاق ئكي پاك-پاكىزە تۇرسا--يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى كۈچەيمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟
ئەمدى بۇنىڭ ئەكىسچە بولغاندا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.

3.ھۆرلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ ۋە ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشقا تىرىشىڭ.
قۇرئان ۋە سۈننەتتە جەننەت ئەھلى بولغان ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.مەسىلەن،ئۇلار يىپەك كىيىملەرنى كىيىدۇ،كۆزلىرى قاپقارا ۋە چوڭ بولىدۇ،ئۇلار ئەرلىرىگە يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ،دېگەندەك. سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.ئېرىڭىز ئۈچۈن يىپەك كىيىملەرنى كىيىڭ،كۆزلىرىڭىزگە سۈرمە تارتىپ ياسىنىڭ ھەم ئېرىڭىز ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ بېرىڭ.

4.ئۆيدە زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنى تاقاپ ،چىرايلىق كىيىنىپ يۈرۈڭ.
قىزلار چىرايلىق كىيىنىپ يۈرۈشكە ئامراق،ھالقىلارنى ۋە بۇلاپكىلارنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ.بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن،ئېرىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ئادەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

5.ئېرىڭىزگە چاقچاق قىلىڭ،بىللە ئوينىشىڭ.
ئەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى:ئەرلەر ئاقكۆڭۈل ھەم يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئېيتقىنىدا،ئۇنى كۈلدۈرىدىغان ،ئۆزىمۇ بىلىپ كۈلۈپ ئوينىشىدىغان بىرىنى ئېلىشنى ئېيتقان.

6.ئېرىڭىزنىڭ قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىڭ،قايتا-قايتا رەھمەت دەڭ.
بۇ ناھايىتى مۇھىم«تېخنىكا»، بۇنىڭ قارشىسىچە بولغاندا(يەنى ئايال كىشى ئەرنىڭ قىلىپ بەرگەنلىرىگە رازى بولمىغىنىدا)،بۇ ئاياللارنىڭ دوزاخ ئەھلى بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

7.گەپ تالىشىش ئائىلىدىكى بىر ئوتتۇر.بۇنى ناھايىتى ئاددىيلا بىر جۈملە «كەچۈرۈڭ»بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىڭ،گەرچە ئۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز بولمىسىمۇ.
ئەگەر داۋاملىق جېدەللىشىۋەرسىڭىز،بۇ پەقەت ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىقتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە مۇنداق دېسىڭىز ئۇرۇشۇشنىڭ نەتىجىسىنىمۇ ناھايىتى ياخشى تۈگەتكىلى بولۇشى مۇمكىن:«قاراڭ،مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ؟، بولدى ئەپلىشىپ قالايلىچۇ!»

8.ھەردائىم يولدىشىڭىزنى خۇشال قىلىشنى ئىستەڭ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭىزدىكى ئاچقۇچىڭىزدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«قايسى ئايال ئېرىنى رازى قىلىپ ئۆلىدىكەن،جەننەتكە كىرىدۇ...».شۇڭا ،چوقۇم ئۇنى رازى قىلىڭ.

9.ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭ.
يولدىشىڭىزغا بويسۇنۇش پەرزدۇر!يولدىشىڭىز ئائىلىدىكى ئەمردۇر،ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھەقلىرى ۋە ھۆرمەتنى بېرىڭ.

10. ئاللاھتىن ھەرقاچان نىكاھىڭلارنى ۋە ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ بېرىشنى تىلەڭ.
بارلىق ياخشىلىق ئاللاھ-تائالادىنلا كېلىدۇ،شۇڭا ھەرۋاقىت ئاللاھ-تائالادىن سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشاللىق بېرىشنى،جەننەت ئەھلىلىرىدىن قىلىشنى تىلەشنى ئۇنۇتماڭ.
ھەممىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.


مەنبەسىنى بىلمىدىم،ئاياللار ياخشىلىققىمۇ،يامانلىققىمۇ ھەممىدىن يېقىن تۇرىدىكەن،شۇڭا ئاياللارغا لازىمى بوپ قالسا دېگەن نىيەتتە يوللاپ قويدۇم.مەنبەسىنى بىلىدىغانلار بولسا ئەسكەرتىپ قويارسىلەر.
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  795
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 17:05:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللىسا گەپ قايتۇرماڭ، ئۇرسا قول ياندۇرماڭ، قوغلىۋەتسە ئاپىڭىزنىڭكىگە كەتمەڭ دىگەنلەرنى قوشۇپ قويسىڭىز راسا تولۇق بولاتتىكەن.
ناخشا بىلمەيدىغانلار سەنئەت مەكتىۋىدە تەربىيەلىنىپ ئاندىن ئەرگە تەگسە بولغۇدەك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

36

تېما

0

دوست

4245

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 18:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز.... بۇ قىز - ئاياللارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر . ھازىرقى ئاياللار كىم ئۈچۈن ياسىنىپ تارىنىدۇ؟ ئۆيدە يولدىشىغا قانداق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ؟سىرتقا چىققاندا قانداق ياسىنىپ قانداق ھالدا چىقىدۇ ؟ياسىنىپ تارىنىشى زادى كىم ئۈچۈن؟ چىرايلىق ياسىنىشى يولدىشىغا چىرايلىق كۆرىنىش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقىلارغا چىرايلىق كۆرىنىش ئۈچۈنمۇ؟  
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

29

تېما

0

دوست

8176

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1174
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 19:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە ، بىز ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن.

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 22:43:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tashدە2011-03-03 17:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تىللىسا گەپ قايتۇرماڭ، ئۇرسا قول ياندۇرماڭ، قوغلىۋەتسە ئاپىڭىزنىڭكىگە كەتمەڭ دىگەنلەرنى قوشۇپ قويسىڭىز راسا تولۇق بولاتتىكەن.
ناخشا بىلمەيدىغانلار سەنئەت مەكتىۋىدە تەربىيەلىنىپ ئاندىن ئەرگە تەگسە بولغۇدەك.  

ھازىر خوتۇننى ئۇرىدىغان ئۇنداق ماز ئەرلەر يوقتۇ؟ 

9

تېما

0

دوست

3547

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 852
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 696
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 23:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا كەلگۈسىدە باشقىسىنىغۇ قىلارمەن ، ئەمما ناخشا ئېيتامىسام يە  ،ئەمدى قانداق قىلارمەن ....

0

تېما

0

دوست

546

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2011-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 23:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئايالغا باغلىق ،ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ ئايال،يەر قىلىدىغانمۇ يەنىلا  ئايال.شۇڭا ئاياللار كەچۈرۈملۈك  ئەپۇچان بولۇپ ،ئۆيدىكى جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالسا،ئىشچان بولۇپ ئۆيىنى گۈلدەك تۇتسا،ئاقكۆڭۈل بولۇپ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلىسە،يولدىشىغا سادىق بولۇپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلسا،ئەنە شۇ بەخىتلىك ئائىلىنى بەرپا قىلغان ئايال ،تۇرمۇشتا ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئايال بولىدۇ.     ئاپامنىڭ سۆزلىرى.....
ORIFLAME

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  795
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 23:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنى ئېزىشنىڭ يوللىرى، ئاياللارمۇ موشۇنىڭغا رازى بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )