- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
21.69%
|
1 . كالتىسي تۇلۇقلاش . ئەتىياز پەسلى بوي ئەڭ تېز ئۆسىدىغان مەزگىل . شۇڭا بۇ پەسىلدە بالىلارغا كالتىسي تۇلۇقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . بالىلار كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان كالتىسي 800 -700 مىللىگىرامغىچە بولۇپ ، ماس ھالدىكى كالتىسي ئوزۇقلۇق مىقدارى كۇنىگە 1000 مىللىگىرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى ، ئەڭ ياخشىسى تاماق ئارقىلىق كالتىسي تۇلۇقلاش ، يەنى سۆڭەك شورپىسى ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىق كالتىسي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك .
2 . ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى تۇلۇقلاش . ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ، شامال كۆپ چىققانلىقتىن ، ئاسانلا قاناش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ . ۋىتامىنC نىڭ قاناش كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى . ۋىتامىنC نى تۇلۇقلاش ئۇسۇلى .ئككى خىل : بىرى ، ۋىتامىنC تابلېتكىسى ئىچىش . يەنە بىرى ، تەركىبىدە ۋىتامىنC مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، مەسىلەن ، ئالما ، شوخلا ، چىلان قاتارلىقلار .
3 . تەركىبىدە ئۆسۈملۈك مېيى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرش . ياغ پۇتۇن بەدەننى نەملەشتۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە چىراينىمۇ پارقىراق قىلىدۇ ، يەنە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىسسىقلىققا ئايلىنىدۇ ھەم مېڭىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىغا ئايلىنىپ ، مېڭىنىڭ سىغىمچانلىقىنى چوڭايتىدۇ . چۇنكى ئادەم مېڭىسىدە %80 - %50 گىچە ياغ بولىدۇ ، شۇڭا بالىلارغا يىتەرلىك بولغان ئۆسۈملۈك يېغى بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن مۇھىم .
ئۆسۈملۈك يېغىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى : بىرى ، كۆكتاتلارغا كۆپرەك ئۆسۈملۈك يېغى قوشۇش ، بىراق مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك ؛ يەنە بىرى ، تەركىبىدە ئۆسۈملۈك يېغى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرش . مەسىلەن ، يەر ياڭىقى مېغىزى ، ياڭاق مېغىزى ، قارىغاي ئۇرۇقى ، گازىر قاتارلىقلار .
( ماتېرىيالدىن ) |
|