قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: maxal20

‏‏مىڭ ئوقۇسام ھارمايمەن، سۆيۈپ سۆيۈپ قانمايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5703
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 169
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 01:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھىدايەتنامە

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
  ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى، 
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى، 
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى، 
 دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، 
 كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى


سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر، 
  سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ، 
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر 
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر، 
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى


تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن، 
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن، 
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن، 
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن، 
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل، 
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل، 
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل، 
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل، 
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .


سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە، 
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە، 
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرز بۇ زىممەمدە، 
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە، 
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.


باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى، 
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى، 
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى 
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى، 
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.


سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە، 
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە، 
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە، 
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە، 
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى


خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق، 
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق، 
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق، 
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمۈدۈمگە يەنە جىقراق، 
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.


پىكىر دەرياسىغا قانچە تېرەن چۆككەنسىرى ھەر تۈن، 
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن، 
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن، 
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن، 
يېقىن كەلتۈرمە ئې رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.


تەپەككۇر كۆزى بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە، 
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە، 
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە، 
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە، 
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.


بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك، 
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق، 
مىسال: قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ ئاي قاندق 
بىلۈر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل، نىچۈك ياپراق، 
دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.


تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش، 
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش 
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش، 
ئاخىرى ئۇ ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.


مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق، 
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق، 
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق، 
مۇنۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پاناھ بولغاننى ئويلاپ بالا 
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.


بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن، 
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقۇن 
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە، تەلقىن، 
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن، 
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .


نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر، 
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر، 
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر، 
قېنى ئېيتقىنچۇ؟ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر، 
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.


ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۈر ئۆز زاتىنى ئاندىن، 
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن، 
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن 
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.


ئۈلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا، 
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا، 
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا، 
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا، 
دېمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.


قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن، 
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن، 
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن، 
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن، 
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.


ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر، 
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر، 
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر، 
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر ـ زۇمرەتتۇر، 
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالەتنى.


مىسال: پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى، 
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى، 
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى، 
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى، 
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.


ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان، 
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان، 
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران، 
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان، 
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.


نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا، 
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا، 
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا، 
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا، 
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى.


ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر، 
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر 
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر، 
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر، 
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.


مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان، 
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان، 
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى يېتىپ ئاشار ‹‹ سۈرە رەھمان >>، 
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە ‹‹ ما تۇكەززىبان >>، 
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نېئمەتنى.


تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر، 
نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر، ` 
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر، 
ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر، 
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.


ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر، 
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر، 
بىراۋلار قەسىت بىلەن ھەرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر 
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، بىرەر ساكىن ۋەياكى زىر، 
چۈشەنمەكلىك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە-كارامەتنى.


پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات، 
ئوقۇپ بىر كۈن << ئىقرا  بىئىسمى رەببى كەللەزىنە >>  ھەيھات، 
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات، 
، نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات، 
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.


ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر، 
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر، 
رەقىپلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ، 
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر، 
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.


نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلىسەڭ، 
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلىسەڭ ، 
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلىسەڭ ، 
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلىسەڭ 
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.


ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن، 
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان، 
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان، 
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان، 
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.


بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا 
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا، 
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋەھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا، 
جاھاندىن كەتتلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا، 
تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.


بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە، 
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە، 
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە، 
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە، 
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.


خاتىمە

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما، 
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا، 
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا، ; 
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا، 
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،. 
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار، 
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار، 
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق، قىلىشقا نېمە ھەددىم بار، 
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان، 
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان، 
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان، 
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران، 
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

http://koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=102

0

تېما

0

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  135
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 245
توردىكى ۋاقتى: 1170
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 10:01:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ،راستلا ‏‏مىڭ ئوقۇسىمۇ ھارمىغۇدەك .تورداشلارغا رەھمەت !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

0

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5703
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 169
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 12:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك نامراتلىقمۇ، تۈگىمەس بايلىقمۇ يوق ۋە ئەبىدىيلىك غەلىبىمۇ، ئوڭۇشسىزلىقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بارى پەقەت كۈرەش قىلساڭ ئىرىشىسەن، دىگەن ھەقىقەت. مەن شۇنىڭغا قەتئىىي ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ قىسمەتلىرىمىزنى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز بەلگىلەيدۇ، ھەرگىز نەسەبىمىز بەلگىلىمەيدۇ.

بىز كامالەت قوغلىشىمىز، لېكىن ئادەم بالىسىنىڭ بىرمۇ ئىشى مۇكەممەل بولمايدۇ، پەقەت مۇكەممەللىككە يېقىنلىشىدۇ، خالاس. ھەممە شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئىش باشلايمەن، دىگەن ئادەم ئۆمۈر بويى ساقلايدۇ، پۇرسەت باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش، دەپ ھەممە شارائىتنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئادەم بىر ئۆمۈر ئىنىدىن چىقالمايدۇ. ھازىرلا قىلىمەن دەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن قۇرۇق خىيالنى تاشلاپ ھەر دائىم ھازىرنى ئويلاش، ھازىردىن باشلاپ قىلىش كېرەك. ئەتە، كېيىنكى ھەپتە، كېيىنكى ئايدا دىگەندەك سۆزلەر «مەڭگۈ قىلالمايدۇ»دىگەن جۈملە بىلەن مەنىداش سۆزلەردۇر.  

مەنبە: باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )