- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4245
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
  74.83%
|

توشقان يامغۇردىن قورۇقمايدۇ
ئايال خېرىدار :
__ مەن بۇ ئاق توشقان تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن ، ئەمما توشقان تېرىسى يامغۇردىن قورقامدۇ؟
پىرىكازچىك :
__ ئەلبەتتە قورۇقمايدۇ ،سىز توشقاننىڭ كۈنلۈك كۆتۈرگىنىنى قاچان كۆرگەن؟
يېققىن تۇققان ئەمەس
ئا : ئاڭلىسام سەن نەۋرە ئاكاڭ بىلەن توي قىلىدىكەنسەن ؟
ب : شۇنداق .
ئا : ئېرسىيەت ئىلمىغا ئاساسلانغاندا ،يېققىن تۇققانلار توي قىلسا غەيرى تۇغۇلۇش يوقۇرى بولىدۇ .
ب : بىز يېققىن ئەمەس . مەن كىچىكىمدىن غەربى جەنۇپتا چوڭ بولغان ، نەۋرە ئاكام بولسا ئۇدا شەرقىي شىمالدا تۇرىۋاتىدۇ ،ئارىلىق يىراق .
ئاپتوبۇسقا چىقىمەن
بىر دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئاپتوبۇسقا چىقىپتۇ . ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى بەك پاسكىنا بولغاچقا ، ئۇ شوپۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆرە تۇرۇپتۇ . كېيىنكى بېكەتتىن بىر مەس ئاپتوبۇسقا چىقىپتۇ _ دە ،ئۇدۇللا ئوفىتسېرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېلەت سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ .ئوفىتسېر :
__ بۇرادەر ،مەن بېلەت ساتقۇچى ئەمەس ،دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى . _ دېگەنىكەن ، ھېلىى مەس :
__ ئۇنداق بولسا ، پاراخودتىڭىزنى توختىتىڭ ،مەن پاراخوتقا ئەمەس ،بەلكى ئاپتوبۇسقا چىقىمەن ،_ دەپتۇ .
نىمەمگە ھەۋەس قىلىدۇ
___ جون ،قېنى ئېيتە ،كۆپچىلىك دائىم مېنىڭ گېپىمنى قىلىشامدۇ ؟
___ ھەئە ،كۆپچىلىك دائىم گېپىڭىزنى قىلىشىدۇ .
____ راستمۇ؟ ئۇلار مېنىڭ تالانتىم ياكى ۋەزىپەمگە ھەۋەس قىلىشامدۇ ؟
__ ياق .
__ ئۇلار مېنىڭ نىمەمگە ھەۋەس قىلىشىدۇ ئەمىسە ؟
___ سىزنىڭ كاتىپىڭىزغا .
دۇكانغا كىم قاراۋاتىدۇ
مىلىچماللار دۇكىنىنىڭ خوجايىنى سەكراتقا چۈشۈپ جان ئۈزەي دەپ قالغانىكەن . ئۇ ئەتراپىدىكىلەردىن نالە قىلىپ سوراپتۇ :
__ مەن بولالماي قالدىم،ئايالىم قېنى ؟
__ مانا مەن سۆيۈملىكىم ،__ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئايالى دەرھال .خوجايىن ئۈمىتسىزلىنىپ يەنە سوراپتۇ :
__ ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمچۇ؟ دېرىكتور بىلەن مال ساتقۇچىمۇ بارمۇ ؟
__ ھەممىسى بار ، __ دەپتۇ ئوغلى دەرھال .
___ ئاھ خۇدا ،_دەپ ۋاقىراپ تاشلاپتۇ خوجايىن ، __ ئۇنداقتا دۇكانغا كىم قاراۋاتىدۇ .
ئايال كاتىپنىڭ سەۋەنلىكى
ئا : ئاڭلىسام ،سىز ئايال كاتىپىڭىزنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىپسىز، نىمە سەۋەپ بىلەن شۇنداق قىلدىڭىز ؟
ب : مەن ئۇنىڭغا "سىزنى سۆيىمەن " دېسەم بىردەمدىن كېيىنلا ئۇ بۇ گەپنى ماشىنكىدا ئۇرۇپ چىقىپ "ئىمزا قويۇپ بېرىڭ " دەۋاتىدۇ ئەمەسمۇ .
ئەسلىۋالاي
بىر پېشقەدەم پروفېسسور ناھايىتى مىسكىن ھالدا تاماقخانىغا كىرىپ مۇلازىمغا :
___ بىر تەخسە كۆيدۈرىۋېتىلگەن تۇخۇم قورىمىسى ، بىر ئىستاكان تەمسىز قەھۋە ،قېتىپ قالغان ئىككى پارچە بولكا ئەكىلىپ بېرىڭدە يېنىمدا ئولتۇرۇپ مېنى تازا تىللاڭ ، رەھمەتلىك خوتۇنۇمنى تازا بىر ئەسلىۋالاي ، __ دەپتۇ .
كاللىسى جايىدا ئەمەس
شېركەت خوجايىنى بىر خزمەتچى خادىم يالىماقچى بولغاندا ، بىر ياش خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنىكەن .خوجايىن ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ تازا جايىدا ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سوراپتۇ :
__ دادىڭىز ھاياتمۇ ؟
_ ياق ،ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن .
__ قانداق ئۆلۈپ كەتكەن ؟
__ دادام ئىروسالىمغا بارغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان .
___ دادىڭىز ئىروسالىمغا نەچچە قېتىم بارغەن ؟
___ ئىككى قېتىم .
خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ ، يىگىتنىڭ كاللىسىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، ناھايىتى خوشال بولغان ھالدا يەنە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
__ دادىڭىز ئىروسالىمغا قانچىنچى قېتىم بارغاندا ئۆلۈپ كەتكەن؟
يىگىت سەل ئىڭىشىپ تۇرۇپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :
__ بىرىنچى قېتىم بارغاندا ئۆلۈپ كەتتىمۇ ياكى ئىككىنچى قېتىم بارغاندا ئۆلۈپ كەتتىمۇ ، تازا ئېسىمدە قالماپتۇ ، __ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
ئاغزى يوغىناپ كېتىدىكەن
ئا : ئاجايىپ ئىش ،ئادەم قېرىغانسېرى ئاغزى يوغىناپ كېتىدىكەن .
ب : مۈمكىن ئەمەس .
ئا : نىمىشقا مۈمكىن بولمىغۇدەك ،بىرنەچچە يىكنىڭ ئالدىدا سىلەرنىڭ بۇ يەردە مانتا يېگەندە بىر مانتىنى ئۈچ قېتىم چىشلەپ يەپ بولغىلى بولاتتى ،ئەمما ھازىر بىر سېلىپلا يەپ كەتكىلى بولىدىكەن .
ب :.........
ھاجىتى يوقتە
ماتىماتىكا دەرسىدە ،ئوقۇتقۇچى بىر مەسىلىنى يېشىۋېتىپ :
__ ئۈچ ئادەم ئىككى سائەت ئىشلەپ ھەممە ئىشنى تۈگەتتى دېسەك ، ئەگەر ئالتە ئادەم بولسا ، بۇ ئىشنى نەچچە سائەتتە تۈگىتەلەيدۇ؟ _ دەپ سورىدى .
__ ئەگەر ئىش تۈگىگەن بولسا ،يەنە بىر قېتىم ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوق تە _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىر ئوقۇغۇچى دەرھاللا .
ھۆكۈم قىلالمايمەن
__ دوختۇر ،پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشىنى كېسەل ئادەم يېسە زىيان قىلامدۇ؟
___ راستىنى ئېيتسام ، ئۆزۈم تېتىپ باقمىغان نەرسىگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلالمايمەن .
ئاخشام چۈشىمدە
غەزەپلەنگەن ئايال ئېرىدىن سورىدى :
__ راستىڭىزنى ئېيتىڭ ، سىز ئاخشام جۆيلۈپ ئىسمىنى چاقىرغان قىز كىمۇ؟
__ سىزنى ماشىنا سوقۇۋەتكەندە سىزنى داۋالىغان قىز .
___ يالغان ،مېنى قاچان ماشىنا سوقۇۋەتكەن ؟
__ ئاخشام چۈشۈمدە !
كىتاپپۇرۇش ۋە دورا سودىگىرى
دورىگەر قوشنا بىر كىتاپ سودىگىرىنىڭ كىتاپخانىسىغا كىرىپ كىتاپ جازىسىدىن بىر كىتاپنى ئېلىپ :
__ بۇ كىتاپ قىززىقمۇ؟ __ دەپ سوراپتۇ .
__ بىلمەيمەن ،ئوقۇپ باقمىدىم .
__ سىز ئۆزىڭىز ئوقۇپ باقمىغان كىتاپنى قانداق ساتىسىز؟
__ ئۇنداقتا سىز دورىخانىڭىزدىكى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى تېتىپ چىقامسىزا!؟
كېچىكىشنىڭ سەۋەبى
بىر ياش قىز خىزمەتكار ئىشقا كېچىكىپ قاپتۇ .باشلىقى بۇ ئىشنى تىلغا ئالغانىكەن ،ئۇ چۈشەندۈرۈپ :
__ مەن كوچا ئابتوبۇسىدىن چۈشكەندە بىر ئەر كەينىمگە كىرىۋالدى ،شۇڭا كېچىكىپ قالدىم ، _ دەپتۇ .
___ مۇشۇنىڭغىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ؟
__ شۇنداق ،ئۇ بەك ئاستا ماڭدى .
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت
بىر خېنىم ساقچىغا ئۆزىنىڭ نومۇسىنى ساتمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپتۇ:
___ مەن پەقەت ئىككى يۈەنلىك گاندوننى 200يۈەنگە ساتتىم ، باھانى بەكلا ئۆستۈرىۋالدىم شۇ .
ساقچى :
__ ،ئاندىن كېيىچۇ؟
___ ئۇنىڭغا بۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگەتتىم ،بۇ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ،خالاس.
|
|