- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5689
- نادىر
- 0
- يازما
- 190
ئۆسۈش
13.78%
|
ئاياللار ھەققىدە (ماقال-تەمسىللەر)
ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن،
يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن.
مېلى يوق دەپ ئەردىن كەچمە،
چۆپى يوق دەپ يەردىن كەچمە.
جاڭجال كۆپ ئۆيدە بەرىكەت يوق.
ياخشى ئۆي جەننەت،
يامان ئۆي دوزاخ.
ئادىرىغان قىز ئەرگە يارىماس.
ئەر بىلەن جوتۇن قوش ئۆكۈز.
ئۆيدە راھىتى يوقنىڭ،
كوچىدا پاراغىتى يوق.
ئويلانماي قۇرغان تۇرمۇش،
تويدىن كېيىن بۇزۇلار.
بۆز يەكتەك قىچىشتۇرار،
ياخشى خوتۇن تىنجىتار.
يامان تۇرمۇش ياشاتماس.
ئەر _ خوتۇننىڭ ئۇرۇشى _ داكا - رومالنىڭ قۇرۇشى.
ياخشى بولساڭ كېلىنچەك،
بولۇپ قالما ئېرىنچەك.
خوتۇن ئۆينىڭ چىرىغى.
ئلينى ئايال بېزەيدۇ.
خوتۇننىڭ چىرايى ئەردىن.
ئوچاغنىڭ زىننىتى ئوتۇن،
ئۆينىڭ زىننىتى خوتۇن.
ئولتۇرغان قىز ئورنىنى تاپار.
ئايالنىڭ سۇمبۇلى، يىگىتنىڭ دىلى.
بايتالنىڭ يۈگۈرۈكى ياخشى،
خوتۇننىڭ ئەپچىلى.
بولدۇرىدىغانمۇ خوتۇن،
ئۆلتۈرىدىغانمۇ خوتۇن.
خوتۇنۇڭ ياخشى بولسا، ياقاڭ ئاقىرۇر،
خوتۇنۇڭ يامان بولسا، ساقىلىڭ ئاقىرۇر.
خوتۇننىڭ يامىنى، ئۆمۈرنىڭ ئېكىكى.
خوتۇننىڭ زورى، يىگىتنىڭ شورى.
ئەرنىڭ تېشىدىن، خوتۇننىڭ ئىچىدىن.
ياخشى خوتۇن يۈزىدىن سەمىرەر،
يامان خوتۇن كەينىدىن.
ياخشى خوتۇن يوق نەرسەڭنى بار قىلار،
يامان خوتۇن كەڭ ئالەمنى تار قىلار.
پاقىنىڭ تىرىكلىكى كۆل بىلەن.
خوتۇننىڭ تىرىكلىكى ئەر بىلەن.
ياخشى خوتۇن يېرىم رىزىق.
كېلىنىڭ ياخشى بولسا، بەردى خۇدا،
كېلىنىڭ يامان بولسا، ئۇردى خۇدا.
ئۈچ نەرسە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ:
كەڭ ئۆي، ياخشى ئۇلاغ، مېھرىبان خوتۇن.
ياخشى خوتۇن ساپ ئالتۇن.
قىز بالىنىڭ پاك كۆڭلى يەتتە نۇقسانىنى يۇيۇپ كېتىدۇ.
ئۈزۈك بارماققا، يار قەلبكە يارىشا بولۇشى كېرەك.
بىر ياخشى قىز يەتتە ئوغۇلغا باراۋەر.
- ئەرمەن ماقالى
مېھرىبان خوتۇن مېھرىناب بۇرادەر ۋە مېھرىبان دوستتىن ئەۋزەلدۇر.
-گرۇزىن ماقالى
ياخشى خوتۇن يېرىم بەخت.
ئەر ياخشى بولسا، سەت خوتۇنمۇ ياخشى بولۇر.
-قىرغىز ماقالى
ئائىلىدە ئىناقلىق بولمىسا،
ئۇنى بەخت تاشلاپ كېتەر
-قاراقالپاق ماقالى
نازسىز خوتۇن، يالقۇنسىز ئوتۇن.
ياخشى خوتۇن تۇرمۇشقا ھۆسن قوشار.
-تاجىك ماقالى
خوتۇن ئىشلىمىسە، دارامەت كەم.
-تۈركمەن ماقالى
ئايال ئەردىن قېلىشماس، ئۇمۇ ئەرنىڭ بالىسى،
ئەرمۇ كۆكتىن چۈشمىگەن، ئايال ئۇنىڭ ئانىسى.
گۈل ئۆسسە يەرنىڭ كۆركى،
قىز ئۆسسە ئەلنىڭ.
-قازاق ماقالى
ئايالنىڭ گۈزەللىكى شۇنداق جەزبىلىك كۈچكى،ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا پىلمۇ توختاپ قالىدۇ.
ئايالنىڭ يۈزىدىكى كۈلكىگە قورغانلار غۇلاپ چۈشەر.
ئەر-خوتۇننىڭ جاڭجىلىغا ئىتمۇ قوشۇلمايدۇ.
ئايال ئۆيدە خەزىنە.
-ياپون ماقالى.
مەنبە:ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشىدىن ئېلىندى.
8-مارت خانىم - قىزلار بايرىمىغا ئاز بولسىمۇ سوۋغام بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم. |
|