قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 35658|ئىنكاس: 134

مائارىپ نازارىتىگە يەنە بىر ئۇچۇق خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9276
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەر دەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارغا
 ۋە مائارىپ نازارىتىگە ئۇچۇق خەت




           جەنوبى شىنجاڭدىكى مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىلىرى) زادى ئەمەلدىن قالامدۇ-يوق؟
           مەكتەپلەرنىڭ ئۆز- ئۈزىگە خۇجا بۇلۇشى قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟
       ھۆرمەتلىك باشلىقلار:
        سىلەرگە بىر قېتىم بولسىمۇ ئىگىلىپ سالام قىلىۋالغىنىمدىن تۇلىمۇ مىننەتتارمەن.مەن ئۇقۇتقۇچى،سىلەر مىنىڭ باشلىغىمنىڭ باشلىقلىرى.ھەممىمىز ئۇلۇغ جۇمھۇريىتىمىز مائارىپىنىڭ ھارماس تولپارلىرى.شۇنداق بولغاندىكىن گىپىمنى دەۋىرەي،مۇۋاپىق بولسا كەمىننىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ باقارسىلەر.
       مەركەزنىڭ مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش سېتىراتىيگىسى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان،مائارىپىمىزنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل ياخشىلنىشلار بارلىققا كىلىپ،ھەر بىر جۇڭگۇ پۇقراسىنى جۈمىلدىن شىنجاڭ پۇقرالىرنى تارىختىن بۇيان ھۇزۇرلاندۇرۇپ بېقىلمىغان چەكسىزسۈيۈنۈش،پارتىيگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىش شاتلىغىدىن بەھىرمان قىلدى.
       ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىمىز كۈنسايىن يېڭىلىنىپ تاكامۇللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.بۇنى ئۇلۇغ جۇڭگۇ كۇممنىستىك پارتىيمىزنىڭ توغرا،ئادىل رەھبەرلىگى ،دانا رەھبەرلىرمىزنىڭ چىۋەرلىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.مائارىپىمىزدىكى ۋە پەن تېخنىكىدىكى ئۇتۇقلار دۆلەتكە مەنسۇپ.مائارىپ بولغاچ دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى ۋە قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ،ئىلىم-پەن خادىملىرىمىز مائارىپىمىزدىن شىرنە يىغقاچ ھارماي تالماي ئىزلىنىپ،ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىپ ،شان-شەرەپلەرنى قۇچىۋاتىدۇ.
        لىكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلماي بولمايدۇكى،مەتبۇئاتلاردا، دۆلىتىمىز تاراتقۇلىردا “جۇڭگۇمائارىپى بىنادىن سەكرخدى”،”ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى شۇنچە مۇھىممۇ؟" ”،”جۇڭگۇ مائارىپى رېلىستىن چىقىپ كەتتى”،"جۇڭگۇ مائارىپى پاھىشخاندا نىمە ئىش قىلدۇ؟”دىگەندە ك خەۋەرلەرنى،يازمىلارنى كۈرۈپ تۇردۇق،ئويلاندۇق،ئاھ ئۇردۇق،تەشۋىشكە چۆمدۇق.
       بۇئىشلار جۇڭگۇ مائارىپىمىزدا مەلۇم يۇچۇقلارنىڭ بارلىغىنى بىزگە ھەر ۋاقىت ئىسىمىزگە سېلىپ تۇردى.ئەمما بىر قىسىم ئىشلار يەنە ئۈزىنىڭ قېلىپىدا كىتىۋەردى،ئالدىدا ماڭغانلار كەينىگە قاراپ قويمىدى.مەسخلە ئۇقۇتقۇچى بولغانلاردىمۇ،مەكتەپلەردىمۇ،ئاتا-ئانىلاردىمۇ ھەتتا جەمىيەتتمۇ بار.بىزئۈزىمىزدىكى سەۋەنلىگىمىزنى بايقىيالايمىز،سەۋەنلىگىمىزنى ھەرگىز چەتكەقاقمايمىز.يولداش ماۋزىدۇڭ خاتالىغىنى تۈزەتكەن يولداش يەنىلا ياخشى يولداش دىگەن،بىز ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم ياخشى يولداشلاردىن بۇلۇپ چىقالايمىز.ئەمدىكى مەسىلەكىچىك مائارىپ تۈزۈلمىلىرگە باغلىق بۇلۇپ قالدى،چۈنكى چوڭ ئىشلارنىڭ يىلتىزى يەنىلا كىچىك تۈزۈلمىدە،ھەممە ئىش كىچىك خاتالىقلار ئارقىلىق زورىيىپ بۇزۇلىدۇئەمەسمۇ؟
    تۈۋەنلەردە مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ھاڭگا ئىشەك تەخىيگە ئىگە بولمىغاندەك ئۈزىنىڭ تەخىيگە ئىشەنمەي،نائىشەنچە بىلەن كۈزىگە كىرىۋېلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.ئەسلىدە ھەممىمىز ئۇلۇغ جۇڭخۇائېلىنىڭ پۇقرالىرى،ھەممىمىزنىڭ يۈلەنچۈگى ئۇلۇغ كومپارتيمىز بولغاندىكىن ئىشەنچەبىلەن قاراشساق خىزمىتىمىزگە كۆپ قولايلىق بۇلۇپ ئۈنۈمى ياخشى بۇلاتتى ئەممايەرلىكتە ئىشەنچىسىزلىك ئەۋىج ئالغاچقىمىكىن ئەيتاۋۇر كۈزىگە كىرىۋېلىپ مىق بۇلۇپ سانچىلىش تاكتىكىسى بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.تەكشۈرۈشنى خاتا دىمىسەممۇ يەنەسۆزلەپ بىلدۈرگۈم كىلىۋاتىدۇ.سۆزلىگەندىكىن سۆزلەي.
          ئادەتتە بىر يېزا دەرىجىلىك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئايدا كەم بولغاندا ئىككى قېتىم ناھىيە ۋىلايەت دەرىجىلىك باھالاش تەكشۈرۈشنىڭ تەشۋىشلىك ئۇچۇرى،مەۋسۈمدە كەم بولغاندا بىر قېتىم ئاپتۇنۇمنىڭ باھالاش تەكشۈرۈشنىڭ تەشۋىشلىك ئۇچۇرى كەلگەندىن باشقا ھەپتىدە كەم بولغاندا بىر-ئىككى قېتىم يېزا دەرىجىلىك مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)نىڭ ئەمەلى تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ بېرىلدۇ،بۇنىڭ ئىچىگە تېخى مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باشياچېيكىسى)تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ كالتە تەكشۈرۈشلىرى كىرگۈزۈلمىدى.بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن تەشۋىشلىك بۇلدىغىنى مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باشياچېيكىسى)نىڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلىرى.تەكشۈرگەننى يەنە تەكشۈردۇ يەنە كىلىپ يەنەتەكشۈردۇ،تاكى يۇچۇق تاپمۇغىچە بولدى قىلمايدۇ.بۇ ئىشلار بىزلەردە خۇددى تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇشقىلا يارتىلغاندەكلا تەسىر بەردى،مەكتەپتكى ئەمەلى ئۇقۇتۇش،تەربىيلەش خىزمەتلىردىن چەتنەپ كىتىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش كەسپىنى ئۇنتۇپ قېلىش ھالقىسىغا بېرىپمۇ قالدۇق.تاغار تاغار قۇرۇق ئارخىپ دۈۋىسى ئىچىدىن چىقالماي تولغۇنۇپ باقتۇق.لىكىن تەكشۈرۈش كەلسە ھاردۇقىمىز چىقىپمۇ قالاتتى بىراق تەكشۈرۈش كىلىدۇ دىگەن بىلەن تۇلىسى كەلمەيدىكەن،يەنىلا ئىشلىگەن ھىساپسىز ئارخىپلىرىمىزتۇپا بېسىلىپ كۇپاڭچىلارنىڭ قوللىرىغا ئۈتۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتىشىدىكەن.بۇزادى قانداق مەنتىقە؟
   بىز ئارخىپچىمۇ ياكى مالىممۇ؟مەكتەپ زادى قانداق ئۇرۇن؟
         سىز بىلەمسىز ھەر قېتىم تەكشۈرۈش كىلدىكەندىگەن گەپنى ئاڭلىغىنىمىزدا قانچىلىك ھارغىنلىق ھىس قىلىپ كىتىدىغىنىمىزنى؟!بىزنى ئۇقۇتقۇچىلۇق بۇرچۇمىزغا خاس تۈپكى مەجبۇريەتلىرمىزنى ياخشى ئادا قىلغىلى قۇيۇشسىڭىز بىر يىرىڭىز كەملەپ كىتەرمۇ ئەمدى؟!بىز يۈكسەك مەسئۇليەت ۋەمەجبۇريەتنىڭ تۆرتكىسىدە ئۇقۇتقۇچى بولغانلارمىز،ئاۋام خەلىق ئالدىدا سىز جاۋاپكاربولمىغىنىڭىز بىلەن بىز جاۋاپكار،ئۇلار باللىرنى تۈرلۈك شەكىلۋاز خىزمەتلەرسەۋەپلىك ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشمىغانلىغىمىز ئۈچۈن كانايلىرىمىزنى سىقىشىدۇ.بۇھەرگىز سىزلەرنىڭ ئۈمدى ئەمەس بەلكىم.
        بۇنى ئاز دەپ تالۇنسىز جېرىمانە ئېلىشلىرى ئادەمنىڭ غەزەپ ئاچچىغىنى كەلتۈردۇ.ھەر قېتىم تەكشۈرۈش كەلگەندە كىمنى نەس بېسىپ جېرىمانە تۈلەپ كىتەر دىگەننىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ قېلىشتۇق.قانۇن-تۈزۈملەشكەن مۇشۇشۇنداق بەختىيار زامانىمىزدا مۇشۇنداق شەكىلى ئۆزگەرگەن بۇلاڭچىلىقنىڭ تېخىچەمەۋجۇت بولغانلىقىغا ھەيرانمەن.
        بىز ئىككى ئاساسەن مەزگىلىدە مائارىپ ئىشخانىلىرىنى يۇقۇتىدىكەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا شۇنداق خوش بۇلۇشقان چۈنكى بىزنىڭ خوشاللىغىمىز ھەرگىز تەشكىلسىز ھالەتكە كىلدىكەنمىز دەپ ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە.ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۇقتۇرۇشنىمۇ تارقىتىپتىكەنسىلەرمىش.كۆپ قىسىم جايلاردا ئەمىللەشكەنلىگىنى بىلگەن بولساممۇ لىكىن مەن ناھىيەمدە ھىچ بىرئەمىللەشكىننى ئاڭلىيالمىدىم،ھەتتا ئۇلار ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋىۋىسكىسىنى مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسىغا ئۆزگەرتىۋېلىشتى.ھازىر سۇرىسىڭىز مائارىپ ئىشخانىسىنى ئاللا بۇرۇن يوق قىلىپ بولدۇق دەپ ئالدىشىدۇ تېخى سىلەرنى.
      ئويلىغانسىرى ئىچىمىز ئاچچىق بۇلۇپ كىتىدۇ،شۇنچىۋالا چوڭ ناھىيدە مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان كادىر80دىن كۆپ،ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى مائارىپ ئىشخانىسى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)دائىشلەيدىغان كادىر ھەر بىر يېزىدا ئىشلەيدىغانلارنى 7نەپەردىن ھىساپلىساقمۇ100نەپەردىن ئۇشۇق.بۇلارنىڭ قانچە مەركىزى مەكتەپ ۋە قانچە كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئادىمى بۇلدىغانلىغىنى ھىساپلاپ بەرمىسەممۇ ئۈزەڭلار ھىساپلاپ چىقالايسىلەر،ئۇلار ئۇقۇتقۇچى بايلىغىنى قانۇنسىز ئىگەللەپ خوراتماقتا.
       ئۆتكەندە بىر توردىشىمدىن كورلىدا شەرىق ۋەغەرىپ دەپ ئىككى شۆبە مائارىپ ئىدارىسى بارلىغىنى مائارىپ ئىشخانلىرنىڭ تەلتۈكۈسيۇقالغانلىغىنى   ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى تىجەپ ئۇقۇتۇشقا ئاتلانغانلىغىدەك خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچىمدە ناھايتى خوش بولدۇم.مانا بۇنىڭ ئۈزىنى خەلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش،خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەيمىز.ھەممە مائارىپچى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق دەپ جوزا بېقىۋېلىشسا خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان مالىمنى سىزچە نەدىن تاپقىلى بۇلار؟كەسپى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ تۇرۇپ ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانمىسا بۇنى جان باقتىلىق دىمەي قانداق چۈشەنسەك بۇلار؟
        مۇشۇلارنىڭ دەستىدىن يۇقۇرقى يازمىلارنى ئۇقۇسىڭىز مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ دەپ ھىسداشلىغىڭىزنى قوزغىيالىشىمىزدا گەپ يوق.بۇلار ئاتاقتا رەھبەر تونىغا ئۇرنىۋېلىپ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بۇيۇك ئارزۇ قىلغان بولسا كۈنلەپ كۈنلەپ كۈزىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇ مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىش.ئۇلارمائارىپنى ئۈلۈك يولغا باشلاپ قۇيدۇ خالاس.نىمىشقا ئۇنداق دەيمىز؟چۈنكى مائارىپ ئىشخانىلىرىدىكىلەر ئۈزىنى زىيادە ئەقىللىق چاغلايدۇ،ۋاقىرايدۇ،جاقىرايدۇ،قول ئاستىدىكى مۇدىرلارنى ئىشلەمچىلىكمۇ كۈرۈپ قويمايدۇ،تۈرلۈك يىغىنلاردا مۇدىرلارغاۋاقىراپ سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ،ئەڭ ئەقەللى تازلىق ئىشى،دەرس ئۈتۈش ئىشلىرنى تەكىرار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ،خىزمەتتىن بىزار قىلىدۇ،ئۇلار ھەرگىز مۇدىرلارنىڭمۇ ئاشنى گەجگىسىگە يىمەيدىغانلىغىنى،بىرئەقىل ئىگىسى ئىكەنلىگىنى چەتكە قاقىدۇ،مەيلى ئۇرۇنلۇق مەيلى ئۇرۇنسىز بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى زورلاپ تاڭىدۇ.نەتىجىلەرنى ئۆزلىرى بولغاچقاشەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ،يىتەرسىزلىك كۈرۈلگەندە ئاساسى قاتلامدىكىلەرگە ئارتىپ قۇيۇپ، سوت سەھنىسىگە بىچارە مۇدىرلارنى چىقىرىپ قۇيىدۇ.ئۇلار ئەقىلىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر.شۇنداق بولغاچقا مائارىپ ئىشخانىلىرى مائارىپ ئۈنۈمىگە سەلبى تەسىركۆرسىتىدىغان ئەڭ رۇشەن سەلبى تىپ.سۆلەتۋازلىق،شەكىلۋازلىق،يۇقۇرغا ياخشىچاق بۇلۇپ،تۈۋەننى بېسىش،ھە دىسىلا مائارىپ ئىدارىسىنى ھېلى ئانى دىدى ھېلى مانى دىدى دەپ كىبىرىنى كۆرسىتىپ ئۇشۇق ئىش تېپىپ ئاۋام ئۇقۇتقۇچىلارغا جاپا سېلىش بولسائۇلارنىڭ جان بېقىش تاكتىكىسى،خىزمەتچىلىرنى ياكى گىپىگە ئۇنمايدىغان "جاھىللار"نى مائارىپ ئىدارىسىغا چېقىپ ئۈزىنى كۆرسىتىۋالدىغان,ئۇقۇتقۇچى ئاۋامنى ئالداپ ئالدىدا قۇيرۇق كۆرسىتىپ كەينىدىن ئۆپكە ساتىدىغان ساختا خەلىقپەرۋەرلەر. ئۇلارمۇشۇنداق بولغاندىكىن مۇدىر جاناپلىرىمۇ مالىملىرغا كۈپۈپ تۇرۇپ سۆزلىمەي نىمەئامال؟ئۇلارمۇ جان بېقىشى كېرەكتە!
       ھازىر كۈپىنچە مەكتەپلەردە پۇلسىز ھالەتتەمەكتەپ باشقۇرۇلدۇ چۈنكى مەكتەپ ھىساۋاتى ئاللا بۇرۇن مائارىپ ئىدارىلىرگەيىغىۋېتىلگەن.مۇشۇنداق ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىغىنى ھىس قىلالايسىز ئەلۋەتتە.ناۋادا پۇلغا جىددى ئېھتىياجىڭىز چۈشۈپ مائارىپ ئىشخانىسىغادوكلات كۈتۈرۈپ بارسىڭىز ھەمدە چىقىم ئورنىنىڭ ھازىرنىڭ ئۈزىدە ناھايتىمۇھىملىغىنى چۈشەندۈرسىڭىز ھەيران قالىسىز. ئۇ شۇجى ئىككىلەنمەي يانچۇقىڭىزدىكى شەخسى پۇلنى خەجلەپ ياكى قەرز ئېلىپ، دوكلات تەستىقلىنىپ پۇل كەلگەندە ئېلىۋال دەپ ئىشخانىسىدىن چىقىرۋېتىدۇ،سىز خورلۇقنىڭ،بېسىمنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تارتقان بۇلىسىز .مۇدىرلاردايۇغان بىر مەكتەپنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈدەك پۇل نەدە تۇرۇپتۇ،يا ھۈكۈمەت ئۇلارغا مۇدىرلىق مائاشى بەرمىسە.بۇنداق ئەھۋال مەنتىقىغە ئۇيغۇنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگەمال باھاسى شىددەت بىلەن ئۈسۈۋاتقان مۇشۇ زاماندا بىزدىكى جان ساقلاش پۇلى  ئاشامدۇ؟مەكتەپتە پۇل بولمىسا ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق؟ھەممىنى كاماندۇرۇپكا تولدۇرۇپلا ھەل قىلغىلى بولماس ھە؟!
       مائارىپ ئىشخانىلىرى قانۇنى ئىگە ئۇرۇن ئەمەس،يەنە كىلىپ مائارىپ ئىشخانىلىرى مۇدىرلىرمۇ قانۇنى ئىگىلەردىن ئەمەس،پەقەت ئارلىقتىكى ئۆتكۈنچى باشلىق.شۇنداق تۇرۇقلۇق مەكتەپلەردىكى قانۇنى ئىگىلەرنىڭ گىپى نىمىشقا گەپ ئەمەس؟نىمىشقا ھە دىسىلا مەكتەپ مۇدىرلىرنىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىپ ئاۋۇنىمە قەغەز پارچىلىرى،ئاۋۇ نىمە سۇلياۋ پارچىلىرى....دەپ يوق يەردىن تۈكئۈندۈرۈپ،مەكتەپ مۇدىرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى ۋە يۈز-ئابىرۇيىنى چەتكەقاقىدۇ؟نىمىشقا مۇدىرلارنىڭ كىشلىك ئىززىتىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدۇ؟بولدى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىنى بۇ يەردە دىمەيلا قۇيايلى،مەكتەپ مۇدىرى شۇنچىلىكمۇئاملىگە دۇچار بولسا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھالى قانچىلىك بولماقچى دەيسىز؟ئەلۋەتتەئۇلار ئادەم كۆپ پوقمۇ تۇلا دىگەن گەپنى بىلسە ئالدىراقسانلىقلاردىن ساقلىنىپ،چوڭ ئۈنۈمنى بىلسە،كۆزلىسە بۇنچىلىك كىچىك ئىش ھىچ گەپ ئەمەس ئىدى.چوڭ باشلىقلار بىرنەرسە دىمىسە سەۋەنلىك تاپمىسا كىچىكىگە نىمە ھال؟
     لىكىن ئۇنداق قىلالمىدى،گىپىگە ئۇنايدىغانلارنى ئۆستۈرۈپ پايدىلاندى،گىپىگە ئۇنمايدىغانلارنى  چۈشۈرۈپ يۇقاتتى،تەلىيىگە ھەممە ئادەم گىپىگەئۇنايدىغان چىقمىدى.مەكتەپلىرمىز مۇدىر كىرزىسىگە پاتماقتا!مائارىپىمىز مۇشۇ تۈۋەن دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ دەستىدىن مەجبۇرى تارتىپ ئۆستۈرۈلۈش ھالقىسىغا بېرىپ يىتىپ،سان بار سۈپەت يوق رەقەملەشكەن مائارىپ بولماقتا! ئىلتىجايىم شۇكى مائارىپىمىزنى قۇتۇلدۇرۋالايلى!سىلەر بولساڭلارمۇ مائارىپ ئىشخانىسىسىز ئىشلارنىڭ يۈرۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار!مۇدىرلار مائارىپنىڭ سەركىلىرى،ئۇلارنىڭ كۇنكىرت خىزمەت ئەمىليىتىنى كۈرۈپ بېقىڭلار،خەلىق ئۇقۇتقۇچىلىرمىزغا ئىشىنىڭلار!
       تەكلىپىم:
      1)يەرلىكتىكى مائارىپ ئىشخانىلىرنى ياكى مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىلىرنى تاقاپ،خادىملىرنى مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇننىڭ كەم بۇلىشىنى ئۆزگەرتىپ،پۈتۈن نىيتى بىلەن ئۇقۇتۇشقا ئاتلاندۇرۇپ مائارىپ ئىشلىرىمىزنىيۈكسەكلىككە كۈتۈرۈش كېرەك.
      2)كورلىنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ بىر ئىككى شۆبە مائارىپ ئىدارىسى تەسىس قىلىپ،مەكتەپلەرنىڭ خوجايىنلىق ھوقوقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،ئىشلارنىڭ تۇلۇق يۈرۈشىشىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىنىشى زۈرۈر.
       3)مائارىپ ئىدارىسى ۋە شۆبە مائارىپ ئىدارىلىرى ھەمدە مەكتەپلەر ئوتتۇرسىدا ئالاقە تورى ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇچۇرنىڭ راۋان بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ،مائارىپ باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرگە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
      4)يېڭىچە باشقۇرۇش ئەندىزسى ۋە مائارىپنىڭ يەرلىكلەشكەن كىچىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ،شەكىلۋاز ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى زور ھەجىمدە ئىخچاملاپ،جەمىيەت خىزمەتلىرنىڭ ھەممىسى مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دىگەن  قاراشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ چۆرۈپ تاشلاپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىش شەكىلى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى ئارقىلىق مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان خىزمەت مەنزىرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
     5)مائارىپ ئىشخانىلىرى ياكى مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمىسائۇنداقتا دۆلىتىمىز ماشنا ئۇقۇتقۇچى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ سەپلىشىكېرەك.چۈنكى ئۇلار ئاش يىمەيدۇ،ھاردىم،تالدىم دىمەيدۇ،قانچىلىك ئىش بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر بىرلا بۇيرۇق بىلەن تاماملىۋىتلىدۇ.

3

تېما

0

دوست

1858

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8025
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 448
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالمىش مائارىپ ئىشخانىلىرىدىكى يوغان قوساقلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئەمەل ھىساپلاپ كىبىر كۆرسىتىپ يۈرگەن تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ پۇخرا قىلغىلى بولسۇن يا مەكتەپلەردە ئۇلارنى قانائەتلەندۈرگىدەك مەنسەپ كۆپ بولمىسا بۇنى تارقاقلاشتۇرۇشمۇ باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بىشىنى قاتۇردىغان ئىش دەڭلا شۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9276
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى akram343دە2012-08-15 15:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئاتالمىش مائارىپ ئىشخانىلىرىدىكى يوغان قوساقلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئەمەل ھىساپلاپ كىبىر كۆرسىتىپ يۈرگەن تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ پۇخرا قىلغىلى بولسۇن يا مەكتەپلەردە ئۇلارنى قانائەتلەندۈرگىدەك مەنسەپ كۆپ بولمىسا بۇنى تارقاقلاشتۇرۇشمۇ باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بىشىنى قاتۇردىغان ئىش دەڭلا شۇ.
ھىچ ئىشقا كارغا كەلمىسە دەرۋازا باققىلى كارغا كىلىشى مۇمكىن،لىكىن تارقاقلاشتۇرۇلمىسا بولمايدىغان يىرىگە بېرىپ قالغىنى راست.

2

تېما

3

دوست

3099

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8547
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 615
تۆھپە : 501
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 16:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسىدىكى بۇ يەتتە يولداشنىڭ يىنىدا ئىشخانا مۇدىرى ،مائارىپ مۇپەتتىشى پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانا مۇدىرى،ئىشخانا ئەزالىرى،كادىرلار گەنسى قاتارلىق كۈندۈلىك خىزمەتلەرنىڭ باش لاھىلىگۈچىلىرىمۇ بار  لىكىن ئۇلارنى تەڭشەش بوپ قالسا شۇ يىزىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ ئورنىغا قويسىمۇ مەكتەپ كەملەپ قىلىپ ئۆز-ئارا ئەيىپلىرىنى ئېچىشىپ بىر-بىرىگە ئورا كولارمىكىن ئۇلار

2

تېما

0

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9276
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 16:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى quxiniwalدە2012-08-15 16:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسىدىكى بۇ يەتتە يولداشنىڭ يىنىدا ئىشخانا مۇدىرى ،مائارىپ مۇپەتتىشى پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانا مۇدىرى،ئىشخانا ئەزالىرى،كادىرلار گەنسى قاتارلىق كۈندۈلىك خىزمەتلەرنىڭ باش لاھىلىگۈچىلىرىمۇ بار  لىكىن ئۇلارنى تەڭشەش بوپ قالسا شۇ يىزىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ ئورنىغا قويسىمۇ مەكتەپ كەملەپ قىلىپ ئۆز-ئارا ئەيىپلىرىنى ئېچىشىپ بىر-بىرىگە ئورا كولارمىكىن ئۇلار
[/quoteمەكتەپلەر خىزمىتى بۇ خادىملاردىن ئايرىلالمايدۇ ئەمما بىر ناھىيگە نىسبەتەن ھەر بىر يېزىدا بۇنداق غۇجاملارنىڭ بۇلۇشى مائارىپ بايلىقلىرىنى ئىسراپ قىلىش بىلەن باراۋەر.ئاپتۇنۇمدىكى رەھبەرلەر بۇ نوقتىنى ئاللابۇرۇن تۇنۇپ يەتكەن ۋە يۇقۇتۇش توغۇرسىدا ئۇختۇرۇشمۇ تارقاتقان لىكىن يەرلىكتىكى غۇجاملار يۇقۇرنى ئالداپ بۇ ئۇرۇن ۋە خادىملارنى يەنە ساقلاپ قالماقتا.بۇ يۇقۇرنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ئەلۋەتتە

6

تېما

0

دوست

688

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9063
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 16:44:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر قېتىم xx ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ئىشخانىسىدا، مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ مەلۇم بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىنى شۇنداق ئېغىر سەتلەپ، تىللاپ، ۋارقىراپ، جارقىراپ ھېلىقى ئەر  مۇدىرنىڭ كۆزىگە لىق ياش ئالغۇزۋەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن...( ھېلىقى مائارىپ مۇپەتتىشى ئاساسەن شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ )
ھەر ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.
بىر بەندىگە نە قۇيۇپتۇ شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلۇقنى !

5

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7694
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 587
تۆھپە : 1128
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 17:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى مائارىپ ئىشخانىسىنى يوقۇتۇپ، ھازىرقى ئېغىر دەرىجىدىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئازىراق بولسىمۇ يىنىكلىتىش لازىم. باي ناھىيىسىدە قالپاقنى «مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى» دەپلا ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئۆزگىرىش بولمىدى.
     موشۇ ھەقتە گەپ بولسا، ئۇلار: «ھەئئئئئە، مائارىپ ئىشخانىسى بولمىسا، ئىدارە بىلەن مەكتەپ ئارىلىقىدىكى ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ ئىدارە ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغان، مائارىپ ئىشخانىسى مەڭگۈ يوقالمايدۇ» دەپ، يەنىلا قىلىدىغىنىنى قىلىپ، تىرىسىگە پاتماي يۈرىۋېرىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

2988

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9108
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 724
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 17:53:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقوغاندىمۇ سىنىپ تازىلىقى، مەيدان تازلىقىغا نومۇر قويۇپ، تولۇق نومۇر ئالمىسا، ئەتىسى قايتا تازىلىق قىلغىلى سالىدىغان ئەھۋال بار ئىدى. ھازىرمۇ بۇ ئىشلار يەنىلا بار ئوخشايدۇ.


مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچى - ئوقوغۇچىلارنى تازىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يۈكنى چۆرۆپ تاشلىۋىتىش دەۋرىنىڭ يىتىپ كىلىشىنى قارىشى ئالىمەن.

مەكتەپ تازىلىقىغا سىرتتىن خادىم قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ پاكىزە بولىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا بولىدۇ.

مائارىپ ھەم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كىچىكككىنە بىر پارچە قەغەز پارچىسىنى دەپ، ئوقوتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئىشنى قىلىش، ئادەمىيلىككە يات قىلمىش ھىساپلىنىدۇ.

ھىچ يەردىن چاتاق تاپالمىسا، توپىلىق مەيداندىن گازىر شۆپۆكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چاتاق تىرىيدىغانلارنى پىپەن قىلىۋىتىش كىرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )