- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
42.42%
|
سۇبھاناللا. نىمىنى تالىشىۋاتىسىلەر؟توۋا (ئوڭ ۋە سول ياقامنى چىشلەپ يەرگە مىڭنى تۈكۈرۋەتتىم ئەمىسە)
كاللىسى دىنى ئاڭنىڭ تەسىرىدە بەك تەقۋالىشىپ كەتكەنلەر تاپقان گەپمۇ ياكى سىياسى سەزگۈرلۈكى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىپ دوپپىنىڭ تارىخىنى شامان دىنىغا باغلاش ئارقىلىق ئەتە ئۆگۈن دوپپا كەيگەنلەرنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىنى سالدۇرۇش تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۇل ۋە ئاساس ھازىرلاشقا تەييارلىنىۋاتقانلارنىڭ تاپقان گېپىمۇ؟ راستىنلا توۋا دېمىسىەم بولمىدى. ئۈچ تۆت يىلنىڭ ئالدىدا مەھەللە مەھەللىلەردە رومال ئارتىشنى دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ خىيالىدا دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان،خۇداغا دۇئا قىلىپ، كومپارتىينى مەدھىيلەپ ئۆيىدە ئولتۇرغان روپاش ئاياللارنى يىغىۋىلىپ تەشۋىقات قىلىپ يۈرۈپ مانا ھازىر ئەمدى «سۇمبۇل چاچلارنى پۇلاڭلىتىپ قاغا چاڭگىسىدەك قىلىۋالايلى،باشقىلارغا ھەممە نەرسىمىزنى ئېچىپ دىڭگايتايلى،ئەرلەرگە ھىڭگايتايلى»دېگەن تەشۋىقاتلار چىقىپ بېشىدا رومىلى بارلارنىڭ ئىشىنى بىجىرمەيدىغان تۈزۈملەر چىقتى. بارا-بارا دوپپا دېگەن شامان دىنىنىڭ قالدۇقى كەيمىسەكمۇ بولىدۇ، ئەرلەر مەدەنى يۈرەيلى، دوپپا كىيگەنلەرنىڭ ئىشى بىجىرىلمەيدۇ دەيدىغان تەشۋىقات تاختايلىرى ئېسىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئىڭىكىمگە چىققان تۈككە ماۋۇ مىنبىڭ خوجاملار تېخى دىنى ئەسەبىيلىك دەپ نام بەرسە،بېشىمغاكەيگەن دوپپامغا تەقۋادار دىيانەتلىك ئادەملەرنىڭ تەقۋالىقى ئېشىپ كېتىپ شامان دىنىنىڭ قالدۇقى دەپ نام بەرسە، ئەرەپلەردەك لاتا ئارتسام ئەر كىشى تۇرۇپ خوتۇن كىشىدەك لاتا ئارتىۋاپتۇ دېسە شەپكە كېيسەم ئورۇسنىڭ ،شىلەپە كەيسەم غەرپنىڭ دىىيىلسە، زادى قانداق كىيىنسەم بولار؟
ماۋۇ رومال ۋە ساقالغا چىققان پەتىۋالار ئاز كەلگەندەك ئەمدى شۇنداق تەقۋادارلار چىقىپ ئىسلام دىنىدا خۇدا بىر تاقنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەن ھەدىس بار، ماۋۇ كىيىۋالغان ئىشتىنىمىز ئىككى پاچاقلىق دەرھال بىر پاچاقلىق ئىشتان كىيش كىرەك دەپ تۇرىۋالمىسا بولاتتى دەپمۇ ئەنسىرەيمەن. بارغانسىرى بەك ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.
پەرۋەردىگارىم بىزگە ھەقنى چۈشەندۈرەلەيدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرالايدىغان كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان تەقۋادار كىشىلەرنى باش قىلغىنكى، كاللىسى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا قالغان موللىلاردىن يىراق قىلغىن.ئۇلارنى بالدۇرراق جەھەننەمگە ئۇزاتقىنكى، بىزنىمۇ، ئۆزىنىمۇ قىيناپ يۈرمىسۇن. |
|