قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 9225|ئىنكاس: 9

ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن - قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 5645
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 09:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن - قەيسەر مىجىت



مەزكۇر ماقالە ، 1993 -يىلى جانغا ئارامبەخش ئېتىدىغان ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پامىر تاغلىرى ئارىسىغا جايلاشقان گۈزەل ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانىدا يېزىلغان بولۇپ، 1995 -يىلى باھار پەسلىدە ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلىنغان. تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئوقۇغان بولۇشى مۈمكىن، بەزىلىرى ئوقۇپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن.  ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن، بۇ ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچە ۋارىيانتىنى مەكتەپ گىزىتىدە ئىلان قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ سودا ئىنستىتوتىنىڭ بىر ئايال  پروففىسورىنىڭ دەرسىگە سۆزگە تەكلىپ قىلىندىم. بەلكىم بۇ يازما شۇ ئايالغا ئۆزگىچە تۇيۇلغان چىغى.
**********************************************************
ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش، ئانىلارنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇش - پەرزەنتنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىدۇر.
دەۋر تەلىپىدىن قارىغاندا، تەدبىرسىز، قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە، پەرق ئېتىش ئاساسىدىكى تاللاش - تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەرەققىياتقا پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش - مۇئەييەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى كەمسىتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇددى دالې كارنېگىې ئېيتقاندەك "باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تەلەپ قىلىش - بارلىق ئىنسانلارغا خاس پسىخىكا" بولغاندەك، ئۇ يەنە مىللەتنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ ئورتاقتۇر. ئوبيېكتىپ ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن پەخرلىنىش يوللۇق، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ياكى ئۆتمۈشنى دەستەك قىلىپ سۆزلەش -زىيانلىق. خەلق ئىچىدە "ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دېگەن ماقال بار.
بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە "مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن" دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
مۇكەممەللىك- ئاللاھقىلا خاس. گەرچە بۇ دىنىي مەدەنىيەت قارىشى بولسىمۇ، لېكىن سىرى نامەلۇم بولغان چەكسىز كائىناتنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەللىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تەبئىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئالەمنىڭ ئۆزىدە قانداقتۇر بىر مۇكەممەللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
مەن پىكرىمنىڭ تېيىزلىقىغا باقماي، ھاياتنى سۆيۈش ئىستىكىم ۋە چالا-پۇلا بىلىملىرىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق سەپىرىدە كېتىۋېتىپ، مۇشۇ خىياللارغا دۇچار بولۇپ ئەپسۇسلىنىش ۋە خەۋپسىرەش تۇيغۇلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مەن بۇ خىل ھېسسىياتقا ئورتاقلىشىدىغان دوستلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەتتىڭەي، 22 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ھېسابلىغاندىمۇ 16 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسەم، مەن نىيوتون بولالمايدىكەنمەن، بۇ مېنىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرمايدىغانلىقىم ياكى ئالمىنىڭ مېنىڭ بېشىمغا چۈشۈپ مېنى چەكسىز خىيالغا باشلاپ كىرىشىدەك تاسادىپىيلىقنىڭ تۇغۇلماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى پۇرسەت ۋە شارائىتنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، قىزىقىش ۋە شىجائەتنىڭ مەندە يېتىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدا. ئەگەر پۇرسەت ۋە شارائىت كىچىكىمدىلا ماڭا يار بولغان بولسا ئىدى، مېنىڭمۇ بېشىمغا ئەنجۈر ياكى خۇۋەينە ئۈرۈك چۈشۈپ كېتىپ، مېنىمۇ خىيالغا سېلىپ ئالەمنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشقا نىسىپ قىلار ئىدى.
بېكون" بىلىم - تەجىربىدىن كېلىدۇ" دېگەن ئىكەن. گوركى داڭلىق يازغۇچى. تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىق ئۇنى يازغۇچى قىلغان. بىراق، مەن گوركىدەك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنىڭ مەندە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن، ھەم ئۇ مۇمكىنمۇ ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەقتە مەن ئاز-تولا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم-يۇ، يېڭىمنى شىمايلاپ، پۇشقاقلىرىمنى تۈرۈپ چىقمىدىم.
ئېدىسوننىڭمۇ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى بولغان. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى --- ئۇنى ئىلمىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋەپپەق قىلغان.
مەن بۇ چۈشنىمۇ كۆرگەن. كىچىككىنە، ھەممە تەرىپى بېكىك بۇ تاغلىق يېزىدا توك چىراغمۇ يوق تۇرسا، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟.
ئويلاپ باقسام، مەن دارۋىنمۇ بولالمايدىكەن. بۇ دارۋىننىڭ بۇ خىل تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دارۋىنغا خاس ئىستېداتنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن. چۈنكى مەن، "توخۇ ھايۋانمۇ، قۇشمۇ؟" دېگەن سوئالغا توغرا ۋە تېز جاۋاب بېرەلمىگەن تۇرسام؟!
مەن پىئرر كيۇىرې بولالامدىمەن؟
بۇ ئارزۇيۇم مېنىڭ ئىستىدات ۋە جاسارەتتە، مەندىنمۇ كۈچلۈك مارىئە كيۇرىئىنىڭ ماڭا جۈپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەن مۇنۇ ناخشا بىلەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇدەكمەن:
باقىمەن ھەر يانغا،
ئىنتىزار بولۇپ، ئىنتىزار...
ئۇنداقتا ماتېماتىكچۇ؟
دىففىرىنسىئال-ئىنتېگرالنى خېلى ئوبدانلا ئىگىلىگىنىم بىلەن، لېكىن گائۇسسچىلىك ۋاقتىمدا، بىردىن يۈزگىچە بولغان ساننى نەچچە سائەتلەپ ئاۋارە بولۇپ قوشۇپ چىققىنىم ئېسىمدە.
ئۇنىڭدىنمۇ يالتايدىم.
ئىشقىلىپ، مەن پەننىڭ ھەرقايسى ئىشىكلىرىدىن كىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتىم-يۇ، لېكىن بۇرنۇم قاناپ كەتتى. "ياكى تېنىم شۇ قەدەر ئاجىزمۇ؟" ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. "بەلكىم، شۇنداق بولسا كېرەك" دەپ ئويلىغان ئىدىم ئىلگىرى. لېكىن بارغانسېرى ئۇنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھازىر مەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ مەندە بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىمەن. "رېئاللىققا يۈزلەنگۈلۈك". مەن بۇ گەپنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم. پەننىي تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرمنى ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ چىقتىم. بۇ دەۋر ۋە ئۆتكەن بىر نەچچە دەۋر كىشىلىرىنى توغرىسىغا ھەم ئۇزۇنىسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ چىقتىم. ئاخىر، پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلىنىشىممۇ ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇشتىمۇ رەتلىك ھەم پۇختا بوپ قالدىم.
تەنھالىق - بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغاندۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئاجايىپ پىكىرلەرنى سۈزۈۋالىمەن. شۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسى: مەن ئۈچۈن قۇياش يەنىلا ئالدىمدا ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ئۆزۈملا بولۇشۇم كېرەك ئىكەن ھەم شۇنداقلا بولالايدىكەنمەن. بەلكى، بۇ ئىلاھتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر!
uyghuray

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2475
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 00:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئولمەس ئەسەر دىگە ن  مۇشۇندق  نەچچە يىل ئوتسىمۇ ۋاقىتمنىڭ سىنىقىدىن ئوتۇپ  ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە  سالىدۇ .

2

تېما

0

دوست

709

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9814
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 173
تۆھپە : 99
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 12:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا قەيسەر ئاكا!
   مەن  باغداش تورىغا يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىپلا، ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئاجايىپ ئۆتكۈر كاللىڭىزدىن چىقىرىپ يازغان ئىككى پارچە ئەسىرىڭىز بىلەن  تونۇشۇش  پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلدىم. مەندە گەرچە سىزنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ئەسەرلىرىڭىنى تولۇق چۈشىنىپ،  ئەتراپلىق تەھلىل قىلالىغۇدەك ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيە بولمىسىمۇ لېكىن بۇ ئەسەرلىرىڭىز مېنى ئۆزىگەخېلىلا جەلپ قىلىۋالدى. ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا سىگنال بەردى. توغرا، بىز قاچانغىچە باشقىلار توغرىسىدىلا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆزىمىزنى بىر  «رېنتىگىن»گە سېلىپ باقمايمىز؟
   مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان تىلشۇناس،ئالىم، ئاتاقلىق يازغۇچى ئا.ئۆتكۈر ئەپەندى ئارىمىزدىن كەتكەن چاغدا شۇنداق ئېچىنغان ۋە قايغۇرغان ئىدىم. بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىملىرىمىز مۇشۇنداقلا  تۈگەپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلغان ۋە كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە سىز، ئەسئەت سۇلايمان ۋە باشقا ...... قاتارلىق پەخىرلىك ئاكىلىرىمىزنىڭ بولغىنىدىن يۇقارقى ئەندىشىلرىممۇ غايىپ بولدى. ئۈمىتلەندىم.
   ئاخىرىدا مەن ئۇشبۇ تور يۈزى ئارقىلىق  بارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلەرنى تىلەيمەن!
بۇ ئاددى قەلىمىم ئارقىلىق سۆز پىكىرلىرىمنى ياخشى ئىپادىلىيەلمىدىم،خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بارلىق تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!
ھايات چەكلىك.ھاياتنى قەدىرلەڭ!

0

تېما

0

دوست

357

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9673
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 51
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 12:59:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  دەيسىز  ،ئەمىليەتتە   ئالەمنىڭ  نۇرغۇن تىلسىم  سىرلىرى  ئاددىلىق  ئىچىگە   يۇشۇرۇنغان  بولىدىكەن  ، تۇرمۇشنىڭ  ھاياتنىڭ  ئەڭ  قىممەتلىك  مەناسى  ئۈستىدە  ئويلانغىنىمىزدا  دائىم  ئەتراپىمىزدىكى  ئۆزىمىزنىڭ  چامىمىز  يېتىدىغان  ،  ئەجىر  تۆھپىسى  بىزنى  ئۇلۇغلۇققا  يىتىشتۈرىدىغان  ئىشلارنى  نەزەردىن  ساقىت قىلىدىكەنمىز  ،شۇنىڭ  بىلەن  ئۆزىمىزنى  مۇرەككەپ  قايناملارغا  ئېتىپ  ،بارا  بارا  ئۆزىمىزدىن ياتلىشىدىكەنمىز  .....
سىزنى تەبرىكلەيمەن   قىرىندىشىم  ............
uyghuray

0

تېما

0

دوست

357

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9673
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 51
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 13:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر    ئەسەرلىرىڭىزگە   تەشنامىز

5

تېما

1

دوست

1293

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10110
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر مىجت ئاكا مۇشۇنداق ئادەمنى قەلبىنى ئويغتىدىغان نادىر تىمىلىرىڭز  ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

2

تېما

12

دوست

6779

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1551
تۆھپە : 1017
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە "مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن" دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
...ئويلاپ باقسام، مەن دارۋىنمۇ بولالمايدىكەن. بۇ دارۋىننىڭ بۇ خىل تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دارۋىنغا خاس ئىستېداتنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن. چۈنكى مەن، "توخۇ ھايۋانمۇ، قۇشمۇ؟" دېگەن سوئالغا توغرا ۋە تېز جاۋاب بېرەلمىگەن تۇرسام؟!
مەن پىئرر كيۇىرې بولالامدىمەن؟
بۇ ئارزۇيۇم مېنىڭ ئىستىدات ۋە جاسارەتتە، مەندىنمۇ كۈچلۈك مارىئە كيۇرىئىنىڭ ماڭا جۈپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەن مۇنۇ ناخشا بىلەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇدەكمەن:
باقىمەن ھەر يانغا،
ئىنتىزار بولۇپ، ئىنتىزار...
....ھازىر مەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ مەندە بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىمەن. "رېئاللىققا يۈزلەنگۈلۈك". مەن بۇ گەپنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم. پەننىي تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرمنى ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ چىقتىم. بۇ دەۋر ۋە ئۆتكەن بىر نەچچە دەۋر كىشىلىرىنى توغرىسىغا ھەم ئۇزۇنىسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ چىقتىم. ئاخىر، پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلىنىشىممۇ ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇشتىمۇ رەتلىك ھەم پۇختا بوپ قالدىم.
تەنھالىق - بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغاندۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئاجايىپ پىكىرلەرنى سۈزۈۋالىمەن. شۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسى: مەن ئۈچۈن قۇياش يەنىلا ئالدىمدا ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ئۆزۈملا بولۇشۇم كېرەك ئىكەن ھەم شۇنداقلا بولالايدىكەنمەن. بەلكى، بۇ ئىلاھتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر!

دىگىنىڭىز توغرا ، ئوزىمىزنى ۋاختىدا تونۇپ دەڭسىگەن بولساق ، چامىمىز يېتىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلغاچ ، داۋاملىق ئىلگىرلىگەن ، ياخشى ئىشلارنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىماي ئىنتىلگەن ۋە يول ئاچقاچ تۇرغان بولساق بەلكىم ئۇيغۇرنىڭ كۈنى بۇنىڭدىن كوپ ياخشى بولغان بولاتتى ، ھېلىھەم كېچىكمەيمىز .

0

تېما

4

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9261
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:49:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە "مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن" دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )