- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22583
- نادىر
- 0
- يازما
- 958
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىمىزدىكى بارلىق كونا يېڭى تورداشلار ! مەن ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ شۇنداقلا مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىنىڭ ماڭا ئىشىنىپ مۇنبەر «خەۋەر ئۇچۇرلار» سەھىپىسىنىڭ باشقۇرغۇچۇلۇق ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن !
خوش ئەمدى مۇنبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تېز ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن «خەۋەر ئۇچۇرلار» سەھىپىسىگە يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ شۇنداقلا تەستىقلاش ئۆلچىمى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆزلەپ ئۆتەي.
1. يوللانغان ھەرقانداق تېما ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك! تەپسىلاتىنى مۇنبەر ئۇقتۇرىشىدىن كۆرۈڭ. مەنزىل: ./notice.php?fid=#1
2.«خەۋەر ئۇچۇرلار» سەھىپىسىگە يوللانغان ھەرقانداق ئېقىم خەۋەرلىرى چوقۇم ئەسلى مەنبە ئادىرىسى قالدۇرۇلىشى كېرەك ، گېزىت ژۇرناللاردىن ئېلىنغان مۇھىم خەر ئۇچۇرلار بولسا ، قايسى گېزىت ياكى ژورنالنىڭ قايسى سانىدىن ئېلىنغانلىقىنى ، خەۋەر-ئۇچۇرنىڭ ئەسلى ئاپتورىنى چوقۇم ئەسكەرتىشىڭىز كېرەك .
3. ۋاقىت ئېنىق چۈشۈنۈشلۈك يېزىلمىغانلىقتىن ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن خەۋەرلەر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىزدە ھەدەپ كۆچۈرلۈپ يۈرگەن ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ.شۇڭلاشقا يوللىغان خەۋەر-ئۇچۇرلاردىكى ۋاقىتلار چوقۇم ئېنىق چۈشۈنۈشلۈك يېزىلىشى كېرەك . مەسىلەن : ئەسلى مەنبەدە «2011-يىل 8-مارت» دەپ يېزىلغان بولسا مۇنبەرگە يوللانغاندا «بۈگۈن » ياكى« 8-مارت» دەپلا يوللاشقا بولمايدۇ .
4.يوللىغان شەخسى ئۇچۇرلاردا(مەسلىھەت سوراش قاتارلىق تېمىلارنى كۆرسىتىدۇ) چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش ئۇسولىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىز كېرەك . ھەمدە ئۆزىڭىز قانائەتلەنگىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن چوقۇم تېمىغا ئىنكاس قالدۇرىشىز كىرەك . بىز ئەھۋالغا قاراپ باشقا چوڭ ئەھمىيىتى بولمىسا قەرەلسىز تېما تازلاپ تۇرىمىز .
5.ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپ ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئۆسەك گەپ تارقىتىشقا قەتئىي قارشى تۇرىلىدۇ! كوچا دوقمۇشلىرىدا ، سورۇن - ئولتۇرۇشلاردا ئاڭلىۋالغان ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئەپقاچتى ، ئۆسەك گەپلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ . بۇنداق تېمىلار بىردەك ئۆچۈرلىدۇ ، ئىنكاسلارمۇ ھەم شۇنداق . مۇقىملىقنى قوغداپ ئۆسەك گەپ تارقىتىشقا قەتئىي قارشى تۇرىلىدۇ!
6.تولا ھەددىدىن ئاشقان مېتامورفىزىيە(غەيرى نورمال ھالەتتىكى)يەنى ئۇيغۇر مىللى ئۆرۈپ ئادىتىگە ، ئەنئەنىسىگە ، دۇنيا قاراش ھەم قىممەت قارىشغا زىت تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
7.ئەزالارنىڭ ئەتىراپىدا يۈزبەرگەن ھادىسە ، ئەھمىيەتلىك ئىش - پائالىيەتلەرنى خەۋەرقىلىشى رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. بىراق يەنىلا شۇ «ھەقىقەت پاكىت بىلەن سۆزلىنىدۇ » ، بۇنداق تېمىلارغا چوقۇم بىرەر پارچە سۈرەت قىستۇرلىشى كېرەك ، بىرەر بۆلەك سىن قوشۇلسا تېخى ياخشى. ھازىر يانفونلانىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىمۇ خېلى ياخشى بوپ كەتتىغۇ ، بۇشەرتنى ئورۇنلاشمۇ ئۇنچە قىيىن ئەمەس .
8.يوللانغان تېمىلاردىن ناۋادا قانونىي جاۋاپكارلىق كېلىپ چىقسا ، بېكىتىمىز ۋە باشقۇرغۇچى قانونىي جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدۇ شۇڭلاشقا تېما تەستىقلاشتا بىرقەدەر چىڭراق بولۇشىمىز مۇمكىن . تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .ھەمدە تېما يوللىغاندا ئالاھىدە ھوشيار بولۇشىنى ئەسكەرتىمىز.
9.يوللانغان تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارغىمۇ يوقۇردا دەپ ئۆتكەن تەلەپلەر قويۇلىدۇ.
10.يوقۇرىدىكى مەزمونلارغا ماس كەلمىگەن تېمىلار ۋاقتىنچە تەستىقلانمايدۇ ، ھەمدە تېما ئىگىسىگە خەۋەرقىلىنىپ 24 سائەت كىچە ئۆزگەرتىلمىسە ئۆچۈرلىدۇ .
يوقاردا «خەۋەر ئۇچۇرلار» سەھىپىسىگە يوللانغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى دەپ ئۆتتۈم ، تورداشلارنىڭ تېما يوللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمەن . تورداشلاردىن يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈم تېما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلساڭلار ، رەھمەت!
|
|