ئانىسى قىزى ئەتكەن تاماقىنى ئاغىزىغا سېلىپ ئاچچقلاپ قىزىغا سۆزلەپتۇ :
- " قىزىم ! يەنە پىشماپتۇ بۇ تاماق ! يا سەن كىچىك بالا بۇلمىساڭ ! قارا ھازىرغىچە تاماقنى دائىم خام ئېتىسەن ، بۇنداق قىلساڭ سىنى كىممۇ خوتۇنلققا ئالار ؟
قىزى :
-" ياۋايى ئادەملەر !
ئانىسى :
-تولا چاقچاق قىلما ! داۋاتقىنىم بۇنداق تاماقنى خام ئەتسەڭ قانداق ۋاقتتا سىنى ياتلىق قىلارمىز ؟
قىزى :
-ئەتكەن تاماقىم پىشقاندا !
مۇشۇكنىڭ چاشقانغا بولغان مۇھەببىتى
بىر مۈشۈك بار بۇلۇپ، ئۇ ناخشىغا بەك ئۇستا ئىدى، ھازىرقى ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايىتتى، ئۇنىڭ قۇلۇم-قوشنىلىرى ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى.
قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى ئەتىگىنى، مۈشۈك ئويغىنىپ قارىسا سىرتتا قار يېغىۋاتقۇدەك. بۇ تۇنجى قېتىملىق قار بولغاچقا، مۈشۈك سىرتنى بىر ئايلىنىپ كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ سىرتقا چقىپتۇ. ئۇ ئورمانزارلىقتا قار دەسسەپ كېتىۋېتىپ، بىر كىچىك چېرايلىق چاشقاننى كۈرۈپ قاپتۇ. ئۇ چاشقان شۇنداق چېرايلىق ئىدىكى، مۈشۈكنىڭ يۈرىكىگە مۇھەببەت ئۇتى تۇتۇشىپتۇ، ئۇنىڭغا بىر كۈرۈپ ئاشىق بۇلۇپ قاپتۇ. مۈشۈك ھەرقانداق ھەپىلەشسىمۇ، چاشقان ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماپتۇ. بۇ چاغدا مۈشۈك ئۆزىنىڭ كارامىتىنى ئىشقا سېلىشنى ئويلاپتۇ-دە،مۇنۇ ناخشىنى باشلاپتۇ :
تۇنجى قاردا ئۇچراتتىم سىنى،
ئاپئاق چېمەن ئۈستىدە تامان،
يۈرەكلىرىم سوقتى سەن ئۈچۈن،
ۋە لىكىن پەرۋاسىز سەن ھامان.
لىكىن چاشقان ئۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن كىتىپ قاپتۇ، مۈشۈك ئۇنىڭ يېراقلاپ كىتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ھەسرەتلىك ناخشىسىنى باشلاپتۇ:
ھەمرا قىلىپ كۆزلىرىمگە ياش،
قاراپ قالدىم كەينىڭدىن ئۇزاق.
كۈلۈپ، سىنى سۈيۈپ باقمىدىم،
يۈرەگىم شاتلىقتىن بەك يىراق.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۈتۈپتۇ. مۈشۈكمۇ بەل قۇيۇۋەتمەي چاشقاننى قوغلاپتۇ.
مۈشۈك :
_ئىككىمىز تۇنۇشقىلى خېلى چاغ بولدى،
گەپ-سۈزىمىز يامان ئەمەس ھەم ياخشى بولدى،
نىمە ئۈچۈن تەلىۋىمنى دائىم رەت قىلسەن،
سەن ئۈچۈن يۈرەگىم كۈيۈپ كۈل بولدى.
چاشقاننىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىچى ئاغرىپتۇ-دە، ئۇنىڭدىن گەپ سوراپ كۆڭلىنى بىلىپ باقماقچى بوپتۇ. چاشقان دەپتۇ :
_سىز مىنى نىشقا ياخشى كۆرىسىز ؟
مۈشۈك ناخشا باشلاپتۇ :
بىر كۈرۈشۈم بىلەنلا ،
سىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ۋىسالىڭغا يەتمەي تۇرۇپ ،
دەرت-ئەلەمدە مەن قالدىم .
چاشقان:
_ئەمسە سىز مەندىن باشقا يەنە بىرەرسى بىلەن بىللە يۈرەمسىز؟
مۈشۈك :
_سەندىن قىزنى تاپمىغىم مۈشكۈل،
سەن كۆڭلۈمدە ئېچىلغان بىر گۈل،
بەرمەك بولسام بىراۋغا كۈڭۈل ،
سەندىن ئۆزگە يارىم بولمىسۇن.
چاشقانمۇ بوش كەلمەي ناخشا باشلاپتۇ :
كۆيەكنى مەن گويا بىر دېڭىز دىسەم،
سەن ماڭا باقمايلا تىز چۈكەلەمسەن؟
ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام،
قەبرەمگە باش قۇيۇپ ياش تۆكەلەمسەن؟
مەن سىنىڭ سۆيگۈڭنى ساختىدۇر دىسەم،
كۈزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ياق دىيەلەمسەن؟
يىقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي قالسام،
بۇ سىنىڭ ئەسلىڭ ئەمەس تۇر دىيەلەمسەن؟
مۈشۈك چاشقاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ھاياجانلانغانلىقىدىن باش لىڭشىتىپتۇ. چاشقان بەك تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى خۇشاللىققا تۇلۇپتۇ.
بىر كۈنى ئايدىن كەچتە، ئۇ ئىككىسى يايلاقتا ئولتۇرۇپ سىردىشىپتۇ.
چاشقان :
_سىز مىنى ياخشى كۆرىمەن دەيسىز، لىكىن بۇنىڭغا كىم گۇۋاھ بۇلالايدۇ؟
مۈشۈك :
_كۆيگەنىدىم تەنھالىقىمدە،
سۆيگەنىدىم يالغۇز قالغاندا،
ئاي گۇۋا سۆيگۈمىزگە ، :
قول تۇتۇشۇپ ۋەدىلەشكەندە. )
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ خۇشاللىققا تۇلۇپتۇ. ئەمما مۈشۈك بۇ كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەپتۇ، ئەمما بەزى ئىشلار تۇيۇقسىزلا يۈز بېرىپتۇ. بىر كۈنى، مۈشۈك ئۆز يارى چاشقاننىڭ باشقا بىر چاشقان بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ يۈرىگى قاتتىق ئاغرىپتۇ-دە، ناخشا باشلاپتۇ :
سۆيگەنتىم بۇرۇنلا سىنى دىلدىن ،
ھېلىھەم ئۆچمىدى شۇ ئوتلۇق پىراق،
پەرۋامۇ قىلىدىڭ مىسكىن قەلبىمگە،
باشقىنىڭ قەلبىگە ياندۇردۇڭ چىراق.
چاشقان ناھايتىمۇ خىجىل ھالدا«مەن سىزدىن كەچتىم ،سىز مەندىن كىچىڭ »دەپتۇ. مۈشۈكنىڭ ناخشا ئاۋازى جاھاننى بىىر ئاپتۇ :
بىر سىنىڭمەن دىگىنىڭ
نەقىش بولغان دىلىمغا،
ئەمدى كەچتىم دېگەن سۆز ،
قانداق كەلدى تىلىڭغا؟
سېلىپ قويدۇڭ ھەسىرەتكە،
ئاغرىمىدى ئىچىڭمۇ؟
شۇ ئازابىم بىر ساڭا ،
ئىشەنگىنىم ئۈچۈنمۇ؟
ھەسرەتتىنمۇ ئېغىر دەرت ،
بارمىكىن ھىچ بىلمەيمەن،
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
مۈشۈك بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنە ناخشا باشلاپتۇ:
باغرى تاش ۋاپاسىز يار،
ئەجەپ قىلدىڭ مىنى ۋەيران،
يۈرەگىم تولدى ھەسرەتكە،
ئەقىدەڭگە قېلىپ ھەيران.
چاشقان نىمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ، مۈشۈك ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ مۇنۇ ناخشىنى باشلاپتۇ: .
گەچە سىنى سۆيەلمىسەممۇ،
ساڭا مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن،
مۇھەببەتتە بىر بۇلالمىساممۇ،
ساڭا ئامەت يار بولسۇن دەيمەن.
شۇنداق قىلىپ مۈشۈك بىلەن چاشقان ئايرىلىپ كېتىپتۇ، مۈشۈك بۇ ئازاپقا چىدىماي ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ. بىچارە مۈشۈك سۆيگەن يارى چاشقاننىڭ مەڭگۈلۈك ۋېسالىغا يىتەلمەي، مۇھەببەت يۇلدا شەرەپلىك قۇربان بوپتۇ. قوشنىللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۈشۈك ئاخىرقى نەپىسى توختىغىچە سۆيگەن يارى چاشقان ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۈگىمەس سۆيگۈ ناخشىللرىنى ئېيىتقانمىش، شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇمۇرۇستىك ھېكايە تۈگۈگەنمىش.
خۇتۇننىڭ ئەنسىرشى
شەھەرمۇ شەھەر ھەممە يەرگە بېرىپ مال ساتىدىغان ئادمگە خۇتۇنى يىغلاپ تۇرۇپ دەپتۇ :
- سىز دائىم تىجارەت بىلەن باشقا ياقا يورتلارغا كەتسىڭىز ، مەن بەك ئەنسرەيدىكەنمەن " دېسە ئىرى تەسەللى بېرىپ :
- خۇتۇن مەندىن بەك ئەنسرەپ كەتمەڭلار ، مەن خالىغان ھەرقانداق ۋاقىتتا قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ ؟
ئايالى :
- ئونى بىلىمەن ، مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەل شو تورسا !
مۈشۈك تاتلىدى
ئەر -خوتۇن ئىككسى ئۇرۇشۇپ بولغاندىن كىيىن خوتۇنى كەچۈرۈم سورىدى :
-ئەپۇ قىلىڭ يۈزىڭىزنى مورلاپ قانىتىپ قويدۇم تالاغا چىقسىڭىز تازىمۇ سەت بولدىغان بولدى . دە ....
-ھىىچقىسى يوق مۆشۆكتىن بىرنى كۆتۈرۋالسام چانمايدۇ .دىدى ئېرى .
بىزنىڭ داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرىنى بۇنىڭ ئىچىگە ئىشلەتتىم، لىكىن بۇنى دەپ مىنى تىللاپ كەتمەڭلار ،قىلغىلى ئىش تاپالماپتۇ دەپ مىنى ئەيىپلىمەڭلار،ھەجەپ تېتىقسىزكەن دىمەڭلار، مىنىڭ باشقا غەرىزىم يوق. ئەگەر ئىشلەتمىگەن بولسام بۇ ئەسەر سىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەيىتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، بارلىق خانىم –قىزلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلەيمەن!