- تىزىملاتقان
- 2012-8-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1590
- نادىر
- 0
- يازما
- 50
ئۆسۈش
59%
|
غۇلجا ھەرەمباغدا تۇرۇشلۇق مىللى ئارمىيەنىڭ بىر ئىزۋوتى.تۇيۇقسىز چېلىنغان جىددى يىغىلىش سېگنالىدىن جەڭچىلەر چۆچۇپ ئويغىنىشىپ مەيدانغا يىغىلدى،ئىزۋوت كوماندىرى جەڭگىۋار سەپنى بىر كۆزدىن كەچۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،رۇس كوماندىرنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ بېرىپ ئىزۋوتىنىڭ ۋەزىپىگە تەييار ئىكەنلىگىنى دوكلات قىلدى.روس كوماندىر جەڭچىلەرگە سالام بەرگەندىن كېيىن،ئەتە سەھەرگىچە مىللى ئارمىيەنىڭ مەرسىيە مارشىنى پىششىق مەشق قىلىش كېرەكلىكىنى،ناشتىدىن كېيىن ئايرۇدۇرۇمغا چىقىدىغان ۋەزىپە بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ گازارمىدىن تېز مېڭىپ چىقىپ كەتتى.جەڭچىلەر ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە پىچىرلاشتى:كىم ۋاپات بولغاندۇ؟
ناشتىدىن كېيىن بۇ ئىزۋوت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.چاشكا ۋاقتىغىچە غۇلجىدىكى ئىدارە-ئورگان،ھەربى-ساقچى قىسىملار،قارشى ئېلىشقا ئۆزلۇگىدىن تەشكىللىنىپ چىققان ئامما بىلەن غۇلجا ئايرۇدۇرۇمى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.ئاڭغىچە غېنى باتۇرمۇ قوش تاپانچا ئاسقان بىر نەچچە يىگىتىنى ئەگەشتۇرۇپ،ئېگىز بوز ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە ئېتىدىن چۇشمەي ئىگەرگە يۆلەنگىنىچە خىيالغا پاتتى.،،،،
چۇشكە يېقىن بۇ كىشىلەرنى ئىنتىزار قىلغان ئايرۇپىلان ئاخىرى يېتىپ كەلدى،ۋە غۇلجا ئاسمىنىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ ئۇچۇش يولىغا سىلىق قوندى.كىشىلەر خۇشاللىقىدىن <ھۇررا> توۋلىشاتتى،،،،،
ھوكۇمەت رەھبەرلىرى،قىسىم قۇماندانلىرى ئايرۇپىلان ئىشىكىگە قاراپ ئالدىراپ مېڭىشتى..
بۇ ئايرۇپىلاندا ،بۇ كىشىلەرنىڭ سۇيۇملۇك رەھبىرى،جان-جىگەر قېرىندىشى،ۋە دوستى ،ئالتايغا خىزمەت تەكشۇرۇشكە كەتكەن {ئەمەلىيەتتە بېيجىڭغا سىياسى مەسلىھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەتكەن}ئەخمەتجان قاسىمى كېلىۋاتاتتى.
ئايرۇپىلان ئىشىكى ئېچىلىپ،ئادەت بويۇچە، كۇلۇمسىرەپ تۇرىدىغان ئەخمەتجان قاسىمى ئەمەس،چىرايى تاتىرىپ ،قان دىدارى قالمىغان سەيپىدىن ئەزىزى چۇشۇپ كەلدى.بۇنى كورگەن غېنى باتۇرنىڭ چىرايى تۆمۇردەك كۆكۇرۇپ كەتتى ۋە ۋە يېنىدا تۇرغان روس كوماندىرغا سەت بىر ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن ،ئېتىنى قاتتىق قامچىلىغىنىچە شەھەرگە قاراپ چاپتۇرۇپ كەتتى.....
سەيپىدىن ئەزىزى ئالدىغا كۆرۇشكىلى كەلگەن باشلىقلار بىلەن قىسقا بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىشىپلا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.
ئەتىسى؟ غۇلجا شەھىرىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان يىغىن ئېچىلدى.ۋە سۇيۇملۇك رەھبەرلەرنىڭ،گېنېراللارنىڭ ۋاپاتى ئۇقتۇرۇلدى.يىغىن مەيدانى ھازا مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى،كىشىلەر ياقىلىرىنى يىرتىشىپ،ئەسكەرلەر باشلىرىنى تاملارغا ئۇرۇپ يىغلىشاتتى،،،،،،،،،،،.
ئەتىسىدىن باشلاپ غۇلجىدا<رەھبەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىش.سەنلەر ساق ئېلىپ كەتكەن ،ساق قايتۇرۇپ بېرىش.>دىگەندەك شۇئارلار توۋلانغان نامايىشلار باشلىنىپ كەتتى.........
بۇۋامنىڭ ئەسلىمىسىدىن. |
|