قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 2

ياش بالىلىرىمىزغا ئىپپەت تەربىيەسىنى قانداق قىلىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 14:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھازىر چوڭ شەھەرلەردە چەتئەلللەرنى دوراپ ئوتتۇرا مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ۋە مۇھەببەت قارىشى دەرسى تەسىسى قىلىنىۋاتىدۇ .قارىماققا بۇ تەربىيىلەر شۇنداق سىلىق ۋە ئىجابىي كۆرىنىدۇ .لېكىن ئىتىقات نۇقتىسىدىن كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەركىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىغا قارىتا ئامالسىز قوللانغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز .ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغان گاندون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىكەن ...
ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل جىنسى تەربىيە يەنى ئىپپەت تەربىيىسى بىرىدىغان ئەخلاقى سۆزلەر بىلەن پاساھەتلىك ئۇسوللار بىلەن يېزىلغان قابۇسنامە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىپپەت تەربىيەسى بىرىدىغان كىتاپلىرىمىز ئەڭ موھىمى قۇرئان كەرىمىمىز بار .
((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى)) [نۇر سۈرىسى 3- ئايەت] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىپ: ((ئۇنى ئالمىغىن)) دېگەن([23]).

چۈنكى ئاللاھ تائالا پەقەت مۆمىن ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىكىنى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرىنى ئېلىشقىلا رۇخسەت قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى ئالىدىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: 

((زىنادىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولغان ھالدا)) [نىسا سۈرىسى 24- ئايەت]

شۇڭا كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشكە پەقەتلا شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشرىكلا رازى بولىدۇ. كىمكى بۇ ھۇكۈمگە ئىقرار قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلسا، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆيلىنىشى ھارام بولغان كىشىگە ئۆيلەنسە بۇنداق ئەھۋالدا،  ئۇ زىناخور بولىدۇ.

بۇ ئايەت نۇر سۈرىسىدىكى دەررە ئۇرۇش ئايىتىدىن كېيىن كەلگەن: 

((زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار)) [نۇر سۈرىسى 2 - ئايەت]

بۇ بولسا جىسمانىي جازادۇر، ئەمما زىناخور بىلەن توي قىلىشنى چەكلەش بولسا، مەنىۋى جازادۇر. بۇ خۇددى ھازىرقى قانۇنلاردا گەرەجدانلىقتىن مەھرۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم بىر ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىغا ئوخشايدۇ.


مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتا ئوبىكتىپ سەۋەپ شۇكى ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدا ئۆسىۋاتقان بالىلرىمىزغا قانداق يوسۇندا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىمىز ؟ئەگەر بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن بولساق ئۇلارغا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان قانداق ياخشى ئۇسوللار بار ؟(مائارىپنى سۆكۈدىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدۇ )
بالىسىغا ئىپپەت تەربىيەسى قىلىپ مۇئاپىقىيەت قازانغان ئاتا ئانىلار بۇ مۇنازىرىگە قاتناشسا ..بۇ ھەقتە بىلىمى چوڭقۇرلار قوللىنىشچان  بىر چارە كۆرسەتسە دەيمەن .كۆرسەتكەن چارىڭىز ئامال بار ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ۋە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئايرىم ئايرىم قانداق ئېلىپ بارىمىز دىگەن سۇئالدا بولسۇن ..
قېنى كۆپچىلىك بىلگىنىمىزنى ئايىمايلى ..

مەنبە :مەن

9

تېما

0

دوست

1875

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  452
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 460
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 15:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلاتتۇق ئۆزىمىزدىن باشلايمىز ،ئۆزىمىز كېچىچە تويمۇ-توي،قاتار چايمۇ_ قاتار چاي ئويناپ يۈرسەك باللىرىمىزغا كېچىدە سىرتلاردا ئوينايدىغان پۇرسەت بولىدۇ ،ئۇلار كىچىك بولغاندىن كېيىن ناشايان ئىللەتلەرنى تىزلا يۇقتۇرۋالىدۇ-شۇ!يەنە ئاتا-بىلەن ئانا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم ،ئەگەر ئاتا-ئانىلار كۈندە ئۆيدە جىدەل قىلسا ياكى ئاجىرشىپ كەتسە ،ئۆيدىن مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەنلەر سىرتلاردىن ئىزدەپ تىزلا يولدىن چىقىدۇ،          
تورپاق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  787
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2011-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 17:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار چوقۇم مەكتەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بالىلارغا بولغان ئەخلاقى تەربىيەنى كۈچەيتىش لازىم. ئائىلە تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشتا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ئۈلگە بولۇش كېرەك. مىللى-خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقىۋاتغان بالىلارمۇ ئوخشاشلا بۇ تەربىيەدىن مۇستەسنا ئەمەس. بالىلاردىكى پىسخىكا ئۆزگىرشنى كۈزۈتىشكە ماھىر بولۇش، ھەم موشۇنىڭغا قارىتا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىق ، ئۇلارنى ياخشى گەپ-سۆزلەر بىلەن قايىل قىلىش كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )