- تىزىملاتقان
- 2012-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 26054
- نادىر
- 0
- يازما
- 1262
ئۆسۈش
40.14%
|
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى oghuzhan2دە2012-08-31 18:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىچكىردە ئوقۇۋاتقاندا، ئىچكىردىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان پويىزغا چىقىدىغان چاغدا كۈتۈش زالىنىڭ ئىشىكىنى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 40 مىنۇت بۇرۇن ئاچاتتى، ئۇنداق جىدديچىلىك بولمايتى، قىرى ،ئاجىز ،مىيىپ ، يۈكى ئىغىرلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرشۈپ ياردەم قىلىپ دىگەندەك چىقاتتۇق، ئاغىنىلەر ئۇزىتىپ قوياتتى، پويىز ئىچىگە خىلى پۇختا جايلىشىپ بولۇپ ئاندى پەسكە چۈشۈپ ئەل ئاغىنىلەر بىلەن خوشلىشىپ ماڭاتتۇق، ئۇ جايغا بارغاندىمۇ ئاغىنىلەر يۈك تاقىسى ئىغىر دەپ ئالدىمىزغا چىقىپ پويىزدىن چۈشۇپ بولغىچە قوللىرىمىزدىن يۈكلەرنى ئىلىپ كۆتۈرۋالاتتى ، لىكىن ما ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرگە ماڭىدىغان چاغدا كۆپ بولسا 20 مىنۇت بۇرۇن ئاچىدۇ، ۋاي خەقكە قاراشقا كىمنىڭ چولىسى، ئاچا -ماچاڭ ، سەيماچاڭ ئىتىپ، قىستاپ سوقۇپ توكۈرنىڭ پۇتىغا دەسسەپ، قارغۇنىڭ كۆزىگە قولنى تىقىپ دىگەندەك جازا لاگىردىن قاچقان يەھۇدىيلاردەك پويىزغا يامىشىمىز،نەچچە بىچارىنىڭ يىڭى كىيملىرى يىرتىلىپ كىتىۋاتقان، بىر نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان، ھەتتا ئۇزاتقىلى چىققان چوڭلار سومكىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە پويىز قوزغىلىپ كىتىپ تۇرپانغىچە بىللە كەتكەن ، ھەتتا بىر قىتىم 50 ياشلاردىكى سىمىز بىر ئاپاشنىڭ مىڭىپ كەتكەن پويىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بىرىپ بىكەت خادىمىنىڭ توسقىنىغا قارىماستىن ئوچۇق دىرىزىدىنلا ( قەشقەرنىڭ ئاستا پويىزىنىڭ دىرىزىسى ئوچۇق بولىدىكەن) بىشىنى تىقتى، ئىچىدىكى قىرنداشلارمۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچاش شۇ تارچۇقتىنلا كىرىپ كەتتى ، ئۇ ئاچاش بىشىنى بىلسەم بىلمىسەم پەسكە چۈشۇپ خوش دەپ بولغىچە پويىز مىڭىپ كەتكەن گەپ، بىشنى دىرىزىدىن تىقىۋالسا بىكەت خادىملىرىمۇ سىرتىقا تارتالمايدۇ دە
بۇرۇن چىقىۋالسا پويىزنىڭ چاقىغا مىخ تىقىۋىتىدۇ دەمتىكى ، ۋاقىتنى قىستاپ قويۇپ بىرىپ نەچچە مايماققا مىكروفۇن تۇتقۇزۇپ قويۇپ قىستاشماڭلار، تەرتىپ بىلەن چىقىڭلار دەپ توۋلاتقۇزۇشلىرى ،ئاپاڭنى قىستىمامدۇق بۇنداق جىددىيچىلىكتە، بۇ بەئەينى كاساڭغا مىخ سانجاي ، سەن ۋاقىرما دىگەندەك بىر ئىشقۇ ؟
بىرەر دوستىمىزنىڭ يۈكى ئىغىر بولۇپ قالسا ئالدىغا چىقىمىز دىسەك بىزنى پويىزنى كۆرىۋالىدۇ ، سىيلاپ سىيپىۋالىدۇ دەمتىكى ؟تىخى كىرگىلى قويمايدۇ، بىچارىلەر پويىزدىن چۈشۈپ ئىشكنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغىچە ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىدۇ، ئامال يوق قىزىل بۆكلۈك بۇلاڭچىغا قىممەت باھادا يۈك تاقىسىنى كۆتۈرتۇپ ئىشىڭنىڭ ئالدىغا ئاچقتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ .
زادى مۇشۇ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىلىرىنىڭ بەزى تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلماي بولمىدى ، بىرەر قەلىمى كۈچلۈكلەر بىر بىر تەكلىپنامە يىزىپ بىقىڭلار، مەن يازاي دىسەم تىللاپ سالىدىغان چىراي
يا......دەششەت جۇمۇ ئىشقىلىپ توپتوغرا تەسۋېرلەش بوپتۇ،. مەن شۇۋەجىدېن ماي پۇلىغا چىداپ(ئامال بار گازبىلەن ) ماشىنىدىلا مېڭىۋاتىمەن ....ئۈرۈمچىدېلا ئەمەس ھەممىلا بېكەت شۇنداقمىكىن... |
|