- تىزىملاتقان
- 2012-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1022
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
2.2%
|
ئىچكىرىدە ئىككى ئوغرى ئوغرىلىغان پۇلنى بۆلىشەلمەي، ماجرالىشىپ ساقچىغا بېرىپتۇ.
ئامىرىكىدا بىر توپ بۇلاڭچىلار بىر بانكىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلاپ، خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشمەكچى بوپتۇ. بۇلاڭچىلار ئاتامانى بانكا باشلىقىنىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپتۇ، قالغانلار چۆرىدەپ تۇرۇشۇپ، سۈرەتكە چۈشۈپتۇ. لىكىن ئاپپاراتنى ئۈستەل ئۈستىدە ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئەتىسى ساقچىلار ئاپپاراتتىكى سۈرەت ئارقىلىق ھەممە جىنايەتچىنى بىراقلا قولغا چۈشۈرۈپتۇ.
بىر قېتىم مەن بىرسىگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپ قالدىم. ئۇ دەيدۇ: مەن بىر ئاغىنەمگە 2000 يۈەن قەرز بەرگەن ئېدىم. 2 يىل بولاي دەپ قالدى، تېخىچە قايتۇرمىدى. قانداق قىلىمەن؟
مەن دېدىم: قەرز قايتۇرىدىغان مۇددەت توشۇپ، ئىككى يىلغىچە سوتقا دەۋا قىلمىساڭ، سوت مەھكىمىسى دەۋايىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ. مېنىڭچە سەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سوت مەھكىمىسىگە ئاغىنەڭ ئۈستىدىن دەۋا قىل.
ئۇ دېدى: ھوي، مەن نېمە دەپ دەۋا قىلغۇدەكمەن؟!
مەن دېدىم: سەن ئۇنىڭغا قەرزدارمۇ ياكى ئۇ ساڭا قەرزدارمۇ؟
- ئۇ قەرزدار.
- ئۇنداق بولسا، سەن « مەن پالانچىغا مانچىلىك پۇل قەرز بەرگەن ئېدىم، ھازىرغىچە قايتۇرمىدى، شۇ پۇلنى ئېلىپ بەرسەڭلار » دەپ، ئەرز قىلمامسەن.
- پاھ، مۇنۇنىڭ گېپىنى؟! ( بۇ گەپنى تارانچى شېۋىسىدە ئوقۇڭ ) مەنزە، پۇلنى بېرىپ تۇرۇپ ئالالمىغاننى ئاز دەپ، يەنە ئاۋارە بولۇپ، سوتقا پۇل تۆلەپ ئەرز قىلىمەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن، پۇلنى قايتۇرالمىغان ئوغاۋالا بولغاندىكىن نېمىشقا پۇلنى قايتۇرالمايدىغانلىقى توغرىسىدا مېنىڭ ئۈستۈمدىن سوتقا ئەرز قىلمامدۇ. ( بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايىدا مېنى مەسخىرە قىلغان ئىپادە پەيدا بولدى )
ھېلىقى ئاداشقا يېرىم سائەت سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم. |
|