- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71036
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
ئىلاۋە :ئۇيغۇرلار رېستۇران مەدەنىيتىدىن ئاستا- ئاستا چايخانا مەدەنىيتىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئەگىىشىپ شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدە چايخانىلارنىڭ ئار-ئارقىدىن ئېچىلىشى كىشىلەرنى ئاستا-ئاستا چايخانىغا باشلاپ كىردى ، سودىگەرلەرمۇ بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ چايغانىغا مەبلەغ سالماقتا ، ئەڭ دەسلەپتە ھېس قىلساق ئۈرۈمچىدە دەسلەپتە تۈرۈك چايخانىلىرى ئېچىلغان بولۇپ ئارقىدىن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن كۆلەملەشكەن چايخانىلار ئېچىلدى ، ئارقىدىنلا ھەرقايسى شەھەرلەردىمۇ چايخانا ئېچىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە بىر مەدەنىيەتنى ئېلىپ كەلدى ، تۆۋەندە قومۇل دىيارىدا ئېچىلغان بىر قەدەر كۆلەملەشكەن دىلچى غىزالىق چايخانىسىدىن ئالغان تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى :
1.بۈگۈن سەھەردە باغداش تورىنىڭ مەسئولى ئۇندىدار قىلىپ كەمىنە توخوتۇرنى باغداش تورىغا ۋاكالەتەن دىلچى غىزالىق چايخانىسىنىڭ ئېچىلىشى مەرىكىسىگە بېرىپ قاتنىشىپ كىلىىشىمنى ئېيتتى . مەن ماقۇل دىدىميۇ ، ئەمما بۇ دىلچى غىزالىق چايخانسىى زادى قانداقراق چايخانىدۇ ؟ ھاراق شاراپ دىگەنلەر يوق بولغىيدى دىگەندەك گادىرماچ سۇئاللار بىلەن دىلچى غىزالىق چايخانىسغا قاراپ يول ئالدىم .
2.نەق سائەت 10 دا دىلچى غىزالىق چايخانىسىغا بارسام ئالدىدا ناغرىچىلار شادىيانەگە چېلىپ قايناپ كىتىپتۇ . كەڭ ھەم ئازادە ھازىرقى زامان ياۋرۇپا رۇمانتىك ئۇسلۇبى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مىللى ئۇسلۇبى بىرلەشتۇرۇلۇپ ياسالغان چايخانىغا قەدەم باستىم .
3. مەن چايخانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرسدىكى ئورۇنغا كىلىپ باشقا مىھمانلار بىلەن كۆرۇشۇپ ئولتۇرۇغاچ 300 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان بۇ ئازادە ياسىداق چايخانىغا نەزىرىمىنى ئاغدۇردۇم . كۆزۇم چايخانىنىڭ كۆركەم بىزەكلىرىنى كۆزۇتۇپ يەنە بىر كۆز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .ۋاي بۇ كانۋاي بىزەكچىلىك شېركىتىنىڭ لىدىرى ئالىمجانغۇ . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەپەندىم بىزەكچىلىكنى سىلى پۇتتۇرگەن ئوخشىماملا .مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش قىلىپ پۇتتۇرۇپلا .ئەپسۇس ئالىم لېدىر بەك ئالدىراشكەن .ئۇنۇڭ بىلەن يەنە ئايرىم سوھبەت قۇرۇمىز ئىنشائاللا ھازىرچە ئۇ ئېغىز ئاچماستا دىلچى چايخانىسىنىڭ بىزەكلىرى توغۇرلۇق دەسلەپكى تەسىراتىمنى ئوتتۇرغا قويىۋالاي .قېنى كىيىن ئالىم لېدىر بىلەن بىزەك توغۇرلۇق سۆزلەشكەندە سېلىشتۇرسام بۇمۇ قىززىق بولغۇدەك .
4. دىلىچى چايخانسىنىڭ بىزەكلىرىنى دەپ كەلسەك:
1. دىلچى چايخانىسىنىڭ ئۇستىگە لاھىيلەنگەن چەمبەرنىڭ ئىچىدەك چەمبەر ئۇنۇڭ ئىچىدىمۇ چەمبەر ، خۇددى كىچىك چېغىمدا مەن بەك ئامراق پەيدا قىلشىنى ئويلايدىغان چولتۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان سۇ دولقۇن چەمبەرلىرىنى ئەسلەتتى ، چەمبەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئالتە تەرەپلىك پارچە تاختىلار بولسا ماڭا كۆل بويىدىكى نىلۇپەرلەرنى ئەسلەتتى ، بۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى كۆلنىڭ يۇزى شىپ بولسا مەن سۇئاستىدىمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم .
2. بىزەكچىلىكتىكى ئالىم لېدىرنىڭ ئەڭ جاسارەتلىك تەسەۋۋۇرى دەل چايخانىنىڭ توپىسىگە لاھىلىگەن پەنجىرە ، كۆپچۇلۇكنىڭ ئىسىدە بارمىكىن ، بۇ نداق ياغاچتىن ياسىلىدىغان پەنجىرلەر نى ھازىر پەقەت قومۇل ھىيىتكاھتا ،قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ ، مېھرىبانۇ پۇجۇڭ خېنىمنىڭ (ئاللاھ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلسۇن .ئامىن ) مەقبەرلىرىدىلا كۆرۇش مۇمكىن . شىپقا پەنجىر شەكىل چىقىرىش تەسەۋۋۇرىدىن ئالىمنىڭ جاسارەتكە تولغان ، گۇزەل تەسەۋۋرۇىنى ھىس قىلىپ يەتتىم ،پەنجىرنىڭ ئادەتتە ئۆينىڭ شىپىغا لاھىيلىنىشى بىر قارام تەسەۋۋۇر . بۇ شىپتىكى پەنجىرلەر يەنە ئۆز نوۋىتىدە ۋېۋىسكىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ،بىرخىل ماسلىق بىر خىل ئەنئەنە مېنىڭغا تولۇمۇ ئىللىق تەسىر بەردى ،
3. چايخانىنىڭ ئارقاسەپ غىزاتەييارلاش ئۆيىنىڭ تېىمى ئەينەك بولۇپ مېھمانلار ئىچىنى بىۋاستە كۆرەلەيدىكەن . بۇ ھالەت چايخانا خوجايىنىنىڭ مەردۇمەردانە ئوچۇق ئاشكارىلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ ، بۇ غىزا تەييارلاش ئۆيىگە كىرىشنى چەكلەيدىغان ئاشخانىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ، ئادەمگە خاتىرجەملىك ، پاكىزلىق ، ئىشەنىچ تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدىكەن . رەڭلەرمۇ شۇنداق ماسلاشقان سەنئەت ئۇنۋېرسىتىنىىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۇتتەرگەن ئالىم لېىدىر قەدىم رەڭ تەڭشەشلەردىن كۆرە ئىجادىلىققا تولغان رەڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە رەڭ تەڭشەشنىڭ ئۇستىىسى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .
5. مەن يەنە دىلچى غىزالىق چايخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىساق ئاكىنىڭ ئۆز ئوغلىغا بەرگەن قوللاش ئىشنىش ، مەدەت بىرىشى ھەم ئوغلى ئەخمەتجاننى چايخانىنىىڭ بىزەكچىلىكىدىن باشلاپ مەسئول قىلىشىدىن تولۇمۇ تەسىرلەندىم .ئادەتتە نۇرغۇن ئائىللەر بار پەرزەنىتلىرى بىر ئىش قىلاي دىسمۇ ئاتا ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي نۇرغۇن گۇزەل ئارزۇلار نىڭ پايخان بولۇپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق . مەن ئىساق ئاكىنىڭ بۇخىل پەرزەنتىگە ئىشىنىش ۋە قوللاش روھىدىن تولۇمۇ تەسىرلەندىم .
6. ئارلىقتا ئىساق ئاكا بىزنىڭ داستىرخاندىمۇ ئازراق ئولتۇرۇپ ،غىزالىق چايخانا توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى . دىيىشىچە ئاشپەز ۋە باشقا مۇلازىملارنىڭ ياتاق مەسەلسىنىمۇ ئاشۇ بىنانىڭ ئۇستىدىكى بىر تور ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ھەل قىلغان . مېنى ئەڭ خوشال قىلغىنى ئىساق ئاكا ئۆزى قەتئى ھالدا بۇ ئاشىخانىنىڭ ھاراق شاراپسىز پاكىز ئاشخانا بولىدىغانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى .
7. داستىرخانغا يەنە دىخان شورپىسى دىگەن بىر ئەنئەنۋى مىللىچە تاماق كەلتۇرۇلگەن بولۇپ كەلگەن مىېھمانلارنىڭ ھەممىسى ماختاپ كەتتى . مەنمۇ يېراق يېققىنىدىن ئەل ئاغىنە بۇرادەرلەر كەلسە قىلچە شۇبھىلەنمەي دىلچى غىزالىق چايخانسىغا باشلاشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ ئىساق ئاكا ۋە ئەخمەتجانلار بىلەن خوشلاشتىم .
رەسىملارنى ئالدىرماي يوللايمەن . |
|