قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4069|ئىنكاس: 16

ئەرلەرنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان 5 تۈرلۈك ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

9

دوست

6680

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 14:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان 5 تۈرلۈك ئايال

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 00:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارغا 8 شەرەپ، 8 نومۇس



      1.  تاماقتىن كېيىن قاچا - قۇچا يۇيۇش شەرەپ، ئۆي ئىشىنى قىلماسلىق نومۇس.
      2. ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىش شەرەپ، كەچلەردە سىرتتا يۈرۈش نومۇس.
      3. قىيىن ئانىسى بىلەن ئەپ ئۆتۈش شەرەپ، يولدىشنى تەڭلىكتە قويۇش نومۇس.
      4. بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شەرەپ، رېستوران، قاتارچايلارغا كۆپ بېرىش نومۇس.
      5. يولدىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش شەرەپ، يولدىشىنى باشقۇرۇش نومۇس.
      6. سىلىق - سىپايە، نازاكەت بولۇش شەرەپ، ۋالاقتەككۈر، ھازازۇل بولۇش نومۇس.
      7. تېجەشلىك بولۇش شەرەپ، بەدخەج بولۇش نومۇس.
      8. ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ئىلمى يۈرۈش شەرەپ، قالايىمقان بۇزۇپ چېچىش، ئۇششاق - چۈشەككە ئۆزىنى ئۇرۇش نومۇس.

مەنبە:

http://bbs.xjtsnews.com/forum.ph ... d&tid=11762

ئاياللارغا  زادى  قانداق  ئەر   كېرەك ؟(دىلمۇرات تۆمۈر)
  ئىلاۋە: ئەدەبىياتىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چەتنەش خاھىشى، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىدىغان قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ھەتتا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھايۋانى قىلمىشلارنىڭ ھەدەپ بازارلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى،  خەلقىمىزنىڭ ساپاسىغا پەقەتلا ماس بولمىغان يولدىن چىققان تەسۋىرلەر مېنى«ئەخلاقنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، خەلقىمىز تېخى جىنسى ئەركىنلىك تەسۋىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە «ساپالىق، ئاڭلىق» بولۇپ كەتكىنى يوق» دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.
    جەمىيىتىمىزدە راستلا شۇنداق رەسۋا ئىشلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنى تەشۋىقات سەھنىسىدە «جۇلالاندۇرۇش»نىڭ قىممىتى بارمۇ؟
   بىزدە تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىش-ياخشى ئادەم تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇغانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا «مەن بۇلاردىن ياخشى ئىكەنمەن» دەپ گۇناھقا كۆنۈش تۇيغۇسى ئەمەس بەلكى بۇ گۈزەل كىشىلىك پەزىلەتلەرنىڭ تەسۋىرىدىن  قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ياخشىلىققا دالالەت قىلىنىدىغان ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان رىيال ۋەقەلەرمۇ نۇرغۇنغۇ؟
      
   مەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشىدىن، ھەتتاكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر ئەدەبى ئاخباراتىدا «ئىنسان دىگەن ھاۋايى ھەۋەس، ئىشقىۋازلىقتىن خالى ئەمەس، يازغۇچى شائىرلار تېخىمۇ شۇنداق، ئەممە بۇنى بەك ئاشكارىلىساق خەلقنىڭ ئەيپلىشىگە دۇچار بولىمىز، شۇڭا مەخپىراق ئېلىپ ماڭغىنىمىز ياخشى» دىگنىدىن، مەمتىمىن ھۇشۇر ۋە باشقا نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەم ئۇستازلىرىنىڭ نىكاھسىز مۇھەببەتكە ئوقۇغان مەدھىيىلىرى، ھۈسەيىن تاش قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ھايۋانى قىلمىشلارغا بەدىئئى تۈس بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەسۋىرلەشلىرىدىن-ھايا تۇرماق، ھالال-ھاراملىق تۇيغۇسىنى ئۇنتۇغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. مەن مۇتەئەسسىپلەردىن ئەمەسمەن. ئەمما خەلقىمىزنىڭ 1000يىللاپ يېتىشتۈرگەن ئەخلاق-ھايا، گۇناھنى ئاشكارىلاش يەنە بىر قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر دەيدىغان ئەقىدىسىدىن ، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىمىزغا نەقەدەر تايىنىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن بىر ئاگاھ توۋلاپ قويغۇنۇم.
     تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئويلىغان بەزى مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى دەپ قاراپ  كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدىم.(پىسخىكىسى بىنورمال بەزى كىشىلەر ماقالىدە قامچىلانغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغۇسى كېلىپ كېتىشى مۈمكىن، تەۋسىيە شۇكى قامچىلانغان ئەسەرلەر ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئەسەر ئوقۇغاندا ناۋادا ئەسەرنىڭ ماھىيىتى سىزنىڭ غول ئەخلاقى قارىشىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئوقۇماڭ، تەۋسىيەمۇ قىلماڭ. جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش نۇقتىسىدىن سىزمۇ ئىككى قۇر ماقالە يېزىپ تەڭ قامچىلاپ قويسىڭىز بەلكى ھىچقىسى يوق).



ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟

ماقالە

دىلمۇرات تۆمۈر





جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات

   چوڭلار بالىلارغا تەربىيە بەرگەندە داۋاملىق «ئەخلاق ئادەمنىڭ زىننىتى» دېگەن ماقال - تەمسىلنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. توغرا ئەخلاق ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ زىننىتى. ئادەم ئەخلاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئادەم ھېسابلىنىدۇ. «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ ئوبرازلىق مەنىسىمۇ، ئەخلاق دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش. چۈنكى بىز مەلۇم دائىرىدە چۈشىنىدىغان ھەرقانداق  بىر ئادەمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەكلا ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. راۋۇرۇس ئەخلاقلىق ئادەمنى «ھەقىقىي ئادەمكەن» دەيمىز. يەنە شۇنداق ھەقىقىي ئادەم سۈپىتىگە ئىگە ئادەمنى «ئەخلاقلىق» ئادەمكەن دەيمىز. ئۆز نۆۋىتىدە «ئەخلاق» بىلەن «ئادەم» بىر - بىرىگە شۇنداق يېقىن ئىبارىلەركى، ئەلمىساقتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھەرقانداق كۈچ ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىگە باشقىچە تەبىر بېرەلمىگەن، شۇنداقلا تەبىر بېرىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان.

   يېقىنقى مەزگىللەردىكى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەخلاقتىن چەتنىگەن ھالدا يولغا قويغان دىموكراتىيىلەشتۈرۈش سىياسەتلىرىنىلا ئالساق بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. مەسىلەن: ئۇلار مەلۇم نىسبەتتىكى پۇقرالىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان بىرقىسىم ئەركىنلىكلەرنى قوللىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىكى يەنىلا جىنسى ئەركىنلىك بولۇپ، تېخى نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەركىنلىكىدىن پەخىرلەنگەن. ھەتتا بىرمۇنچە غەربلىكلەر ئەيمەنمەستىن، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىنى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق قوللاشنى تەلەپ قىلغان، دۆلەت باشلىقلىرى باش بولۇپ قوللىغان ۋە بۇنى دىموكراتىيەلىشىشنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىغان.

     كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى بەزى يەرلەردە بۇ ئىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلىيلىشىپ، خېلى كۆپ غەيرى نورمال مۇھەببەتداشلارمۇ پەيدا بولغان ئىدى. لېكىن بۇ ئەركىنلىك ئاخىرقى ھېسابتا شۇ كىشىلەرگىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت، قازايى - كارامەت ئېلىپ كەلدى. ئەخلاق، ئەدىمىيلىكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئەيدىسكە ئوخشاش نىجىس كېسەللەرنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەپ بولدى. نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ، سان - ساناقسىز نارىسىدىلەرنىڭ  بىغۇبار ھاياتى نابۇت قىلىۋېتىلدى. ھىلىمۇ ياخشى ئاشۇ غەربلىكلەر باشقا يەرلەردىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ساپالىق ئادەملەر بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تېزلا ھېس قىلىپ، دەررۇ تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۇتۇش قىلىپ قايتىدىن ئەخلاق، ئادىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قولىدا زور مالىيە كۈچى ۋە مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولغاچقا، قوللانغان چارە - تەدبىرلەر مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىپ، بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئەزىزلەندى. ئەمما بارلىق زىيان ئۇلاردىن بۇنى ئاڭسىزلارچە يۇقتۇرىۋالغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە بولدى. بۇ ئەللەردە قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان مالىيە كۈچى، توغرا پىكىر قىلالايدىغان ساپالىق پۇقرا كامچىل بولغاچقا، كۆز ئالدىدىكى ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ئاچچىق تولغاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەللەردىكى سانسىزلىغان ئادەملەر شۇنداقلا كىچىك بالىلار قۇربانلىققا ئايلىنىپ كەتتى. شۇ قاتاردا جۇڭگومۇ بۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى.

    بىراق جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ ئاشۇ باي دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇزنىڭ بەشتىن بىرىنى باقمىسا بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولغىنى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. پۇقرالارنىڭ زور كۆپچىلىكى نامرات دېھقانلار، نامرات بولغاندىمۇ ساۋاتسىزلىق ئەمدىلا تۈگۈتىلگەن رايونلاردا ياشاۋاتقان دېھقانلار. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى ئېنىق. مالىيە جەھەتتە ئېشىنغان ھالەتتىمۇ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى جەھەتتە ئامالسىزلىق ھېس قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى ساۋادى ئەمدى چىققان ئادەمگە يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ تەھدىتىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئادەملەرنىڭ ئەن - ئەنىۋى كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق.

   يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا جۇڭگو نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئەخلاق كىرزىسىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يامان تەسىرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىغان. باشقا مىللەتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىلا ئالساق، ئۇيغۇرلار يۇقارقىدەك ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تارتتى ھەم تارتىۋاتىدۇ. نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۈزەل ئەخلاق ئەندىزىسىنىڭ جىنسى ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق بولمىغان سىرتقى تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچىگەن ئىدى. ئەمما ئورۇق ئات جەڭگە يارىماپتۇ دېگەندەك كەلكۈندەك بېسىپ كېلىۋاتقان غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئانچە ساپالىق بولمىغان زور بىرقىسىم ئۇيغۇرلار غەرب مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىپ كەلگەن يامان تەسىرنىڭ بويسۇندۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنىدىغان تۇرمۇش ئەندىزىسىگە تەسلىم بولۇپ، بىلىپ - بىلمىگەن ھالدا ئاق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ شەرقتىكى غەلىتە غەربلىكلەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربلىكلەر ئۆزلىرى ئادەت قىلىپ ئۆزلىرى ئىستىمال قىلىشقىمۇ قادىر بولالماي كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا يەت بولغان بۇ غەيرى نورمال مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىراقلا ئىستىمال قىلىۋېلىپ، جىق تاماق يەۋالغان ئادەم ئاشقازىنىنى بۇزۇۋالغاندەك، ئۆزلىرىنى بىراقلا بۇزۇۋالدى. بەزى يىراقنى كۆرەر زىيالىيلار بۇنىڭغا ئېچىنغان ھالدا قارشى تۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئالدىنى ئېلىپ، كۆپچىلىككە بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى يېرىنى قوبۇل قىلىپ، ماس كەلمەيدىغان يېرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىپراق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى  چۈشەندۈرسىمۇ، بۇنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم ھامان ئاز چىقتى. تېخىمۇ يامان يېرى بۇلۇڭ - پۇشقاقلردا لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى ئاز دېگەندەك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ رولىنى قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىرقىسىم زىيالىيلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە بىرقىسىم نەشر - ئەپكارلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇنى قوللىدى ياكى قوللاشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنئەنە بىلەن زورۇقۇپ قوبۇل قىلىنغان غەيرى يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نورمال تەرەققىيات، ھادىسە خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىدى. كىشىلەرنىڭ ئېڭى قالايمىقانلىشىپ، ئەخلاق بۇزۇلۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتىرىگە ئېغىر دەز كەتتى.

    ھەممىگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە - نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تولىمۇ سەزگۈر نىكاھنىڭ پاكلىقىنى يۈكسەك ھالدىكى ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ. بۇ ئۆلچەمنى ئۇلار كىشىلىك غۇرۇرى بىلەن سۇغۇرۇپ، ئەڭ كاتتا ياشاش ئۆلچىمى، مىزانى قىلىدۇ. ھەتتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىپ، جان ئالىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئون يىللاپ تۈرمە ئازاۋى تارتسىمۇ، مېيىپ ناكا بولۇپ قالسىمۇ ئاغرىنمايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ماداراچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.

    يېقىندا مەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 3 - سانىدىكى يازغۇچى مۇھەممەت سالى مەتروزىنىڭ «ياشاپ باقە بەرنا» دېگەن پوۋېستىنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە  ئىختىيارسىز بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئوقۇغان «تارىم ژۇرنىلى» نىڭ 2002 - يىللىق 8 - سانىدىكى گۈلنىسا جامالنىڭ «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش» دېگەن پوۋېستىنى ئەسلىدىم ۋە بۇ ئىككى پوۋېستتىكى ئەخلاق كۆزقارىشى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.

    «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش» ئۇيغۇر پروزىچىلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ياخشى يېزىلمىغان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىشى بايقىماي قالمايدۇ. چۈنكى ئەسەرنىڭ تىلىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ساقلانغان بولۇپ بۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئەسەرنىڭ بۇ تەرىپى بولماستىن بەلكى ئەسەردە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن غەلىتە ئەخلاق كۆزقارىشى بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە تارقالغان، شۇنداقلا باشقىلارغا مۇشۇنداق ياشاشنىڭ توغرىلىقى ئۈستىدە ۋەز ئېيتىلغان. مەن پوۋېستنى ئوقۇپ چىقىپلا يازغۇچىنىڭ بۇنداق بالىلارچە ساددا پىكرىگە ئىچىم سېرىلدى ۋە ئۇنىڭ چاكىنا بەخت كۆزقارىشىغا، ئۇيغۇر ئەخلاق ئەندىزىسىگە بولغان يەڭگىل مۇئامىلىسىگە ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇ ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى پىرسونازى «خەۋىلەگە» قاملاشمىغان بىر غايىۋانە بەختنى زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئۇ بۇنداق ئۇرۇنۇشقا كۈچىگەنسىرى ئۆزىنىڭمۇ، ئەسەردىى باش قەھرىماننىڭمۇ ھالى خاراپلىشىپ ئاخىرقى ھېسابتا يازغۇچى يەتمەكچى بولغان مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. توقۇلما دۇنياسىدىكى چىن ئىنسان خەۋىلەمۇ چاكىنا بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالغان.

   ئەسەردە ئاپتور بالىلىرى، ئېرى بار بىر ئايالنى ھېسسىيات قاينىمىغا سۆرەپ كىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا نىسىپ بولۇش ئىمكانىيىتى ناھايىتى ئاز بولغان چاكىنا بىر بەختنى تاڭىدۇ. يەنى خەۋىلەنى «ئاشنا» ھىساۋىدىكى مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرۈپ، شۇ مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگۈزمەكچى بولىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى بۆلۈپ رېئاللىقتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاكىنا ئىشلارنى قوللاش مەقسىتىدە بولىدۇ. قوللاش مەقتىسىە بولدى دېيىلمىگەن ھالدىمۇ بۇ ئىشلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەسەردىكى بەختنى تاپقان ئاتالمىش بەختلىك پېرسوناژ خەۋىلە ئەسلىدە ئېرى، بالىلىرى بار بىر زىيالى، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق كەسپىي خادىم. مۇشۇ سالاھىيىتى بىلەن ئۇ تامامەن بەختلىك ياشاشقا ھەقلىق. بىراق ئۇنىڭ بەختى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بەخت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇ ھېلىقىدەك چېكىدىن ئاشقان رومانتىك خىياللاردىمۇ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇ ئاشۇنداق خىيالدا بولىدۇ. يەنى ئاخىرى ئاشۇ خىيالىدىكى ئارزۇسىغا يەتكەنمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بالىلىرىنى، جەمئىيەتنى، تومۇرىدا كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان قىپقىزىل قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئەن - ئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئويلىدى دېگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى ھېساب قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى ھەقلىق قىلىدۇ.

   ئەسەرنىڭ بېشىدىلا مۇنداق قۇرلار بار: «خەۋىلە ئۇنىڭ ھىدىنى پۇرىماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرغان بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ يەلكىسى كەڭ، بەدىنى شۇنداق كېلىشكەن، ئورۇق ئېگىز، موسكۇللىرى چىڭ، بۇغداي ئۆڭ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن مۇلايىم. خەۋىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، لېكىن بېشىنى كۆتۈرەلمىدى» بۇنىڭ ئاخىرى يەنى ژۇرنالنىڭ 57 - بىتىدە مۇنداق قۇرلار بار «ئۇ ئەر ئۆزىدىن خېلى ئېگىز، مۇسكۇللىرى شۇنداق چىڭ، خەۋىلە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى مۇلايىملىقنى ۋە قىزغىنلىقنى ھېس قىلماقتا. ئەگەر ئۇ مېنى ئويغىتىۋەتمىگەن بولسا (ئېرىنى دېمەكچى) ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولاتتىكىن تاڭ، ئۇ ئۆزىچە كۈلۈمسىرەپ بېشىنى چايقاپ قويدى» مانا بۇ خەۋىلەنىڭ چۈشى. ئەمما بۇ چۈش كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. يەنى ئۇ بىلىم ئاشۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ۋە چۈشىدىكى ھېلىقى ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يەنى ئېرى بار، بالا چاقىلىق بىر ئايال بىلەن، يېتىشكەن بىر زىيالىينىڭ سۈنئىيلىككە تولغان رومانتىك مۇھەببەت تارىخى باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا  خەۋىلە پۈتۈن ئەسلى - ۋەسلىنى ھېلىقى ئادەمگە يەنى ئاتالمىش ئاياللار قەلبىدىكى مەبۇتقا تاپشۇرىدۇ. ئۇلار بىللە ساياھەت قىلىدۇ، بىللە تاماق يەيدۇ، ھەتتا بىللە يېتىپ غەربچە ھۇزۇر سۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈنلۈك ۋاقىتتىمۇ ئۇلار ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرىدۇ.

   مەن يازغۇچىنىڭ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا ئۆزىدىكى ئەخلاق كۆزقارىشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە قانچىلىك ئويلانغانلىقىنى پەملەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەدەبى ئەسەر توقۇلما بولىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا چىن نەرسە. باشقىچە ئېيتقاندا ئەدەبى ئەسەر تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر شەكلىدە داۋاملىشىش. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇش ئۇنىڭدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھامان رېئاللىقتىن كەلگەن. شۇڭا ئەدەبىي ئەسەردىكى تەسۋىرلەرنىڭ رېئاللىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق قەلەم ساھىبى قولىغا قەلەم ئالغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمىنى يازماقچى ۋە يازغان نەرسىسىنى كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلىماي قالمايدۇ ھەم قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنى خالىسا، ئۆزى كاللىسىدا نېمىنى ئويلاپ يۈرگەن بولسا قەغەزگە شۇنى يازىدۇ. يازغۇچى گۈلنىسا جامالمۇ قولىغا قەلەم ئالغان چاغدا بۇنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئاياللار دۇنياسى ئاشۇنداق  بەختكە مۇھتاج دەپ قارىغان بولسا بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما قوللاشقا ھېچكىممۇ قادىر بولالمايدۇ. چۈنكى دۇنيا تولىمۇ سىرلىق، ئۇ بەزىلەرگە بەرگەننى بەزىلەرگە بەرمەيدۇ. بەزىلەرنى ئېگىز قىلسا بەزىلەرنى پاكار قىلىدۇ. بەزىلەرنى ئۇلۇغ قىلسا بەزىلەرنى خار قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ بەخت تەلىيىنى ئوڭ تەرىپىدىن قىلسا، بەزىلەرنىڭ تەلىيىنى سول تەرىپىدىن بېرىدۇ. قىسقىسى بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەرقانداق ئىنسان ھەممە نەرسىگە تولۇق ئېرىشتىم دېيەلمەيدۇ، ھەم دېيىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا شۇنداق قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى ئائىلە ئوخشىمىغان مىجەزدىكى، ئوخشىمىغان سۈپەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قارارگاھى. بۇ قارارگاھتىكى ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان ئارتۇق كام يېرى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ئائىلە قۇرغان دەسلەپكى چاغدا بۇنى سەزمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشاش جەريانىدا بۇنى سېزىدۇ. ئەنە ئاشۇ سەزگەن چاغدا ئادەملەر نۇرغۇن ئىشلاردا كېچىكىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. جۆرىسىنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن  ئازاب بولۇپ بۇنى چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەس. لېكىن مانا مۇشۇ ئائىلىلەردە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەزالار يەنى بالىلار ئادەمنىڭ بۇنداق ئەزاۋىنى يەڭگىللىتىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر  بۇنى چۈشەنمەيدۇ. دەل مۇشۇ چۈشەنمەسلىك كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. يەنە بىر گەپنىمۇ دېمەي بولمايدۇكى ئائىلە قۇرغان ھەرقانداق ئادەم كەڭ قورساق بولمىسىلا ئۆزىنىڭ كۈتكەن نەرسىسىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. بۇ ئادەملەردىكى ئومۇمى ئۆزگىچىلىك بولۇپ ئىنساننىڭ ئاچكۆز تەبىئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بىراق ئادەملەردە يەنە كەڭ قورساقلىق، نەپسىنى كونترول قىلىش تەبىئىتىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئادەمنى ئۆزىنى چۈشىنىشكە زورلايدىغان ئۇلۇغ كۈچ. ئەگەر ھەرقانداق ئادەمدە بۇنداق كۈچ بولمايدىكەن ئۇ ھامان تاپتىن چىققان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم بۇ كېچىكىش نۇقتىسىنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا قوبۇل قىلىش شۇنداقلا بۇ كېچىكىش نۇقتىسىنى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ باشقا بىر خىل مۇھەببەتنى يەنى ئائىلە، بۇرچ، پەرزەنت مۇھەببىتىنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىشى، شۇنداقلا بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشەلمىدىم دەپ قارىغان يەرلىرىنى بۇنىڭ بىلەن تولۇقلىشى كېرەك. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ھەرقانداق ئادەم قۇربان بېرىشنىڭمۇ بىر خىل مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەك. ئەمما يازغۇچى بۇ نۇقتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، باشقىلارنى ئۆز كاللىسىدىكى خاھىشىنى چۈشىنىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ياراتقان پېرسوناژلارنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى قوللاشقا ئۇرۇنۇپ، ئائىلىۋى تۇرمۇشنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ۋالىلداپ نۇر چېچىپ تۇرغان ئەخلاقنى جىنسى سەزگۈنى ئاساس قىلغان چاكىنا مۇھەببەتنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىغان.

    ئەسەردىكى يەنە بىر ئازابلىق خاتالىق يازغۇچىنىڭ خەۋىلەنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى باھانە - سەۋەب بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن زورمۇ - زور توقۇپ چىقىرىلغان مۇختارنىڭ بۇزۇقچىلىقى بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئەسەرنى ئوقۇپلا بۇنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. يازغۇچى بۇ يەردە خېلى باش قاتۇرۇپ ئۇستۇلۇق قىلغان بولىسمۇ كەتكۈزۈپ قويغان. چۈنكى خەۋىلە باشتىلا رومانتىك چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مۇختاردىن چېنىشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى ئاساسى سەۋەب دېمىگەن بىلەنمۇ نەدىمۇ بىر كىشى يولدىن چىققان بولسا يەنە بىر كىشىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولدىن چىقىدىغان ئىش بولسۇن. ئەگەر بار دېسەك بۇ كىشى ئەزەلدىنلا يولدىن چىقىشقا، بۇزۇلۇشقا تەييار تۇرغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ ئەركى ئۆزىدە. ئەخلاق بىلەن ئۆلچىنىش دەرىجىسى ئۆزىنىڭ قولىدا. جۈملىدىن خەۋىلەمۇ شۇنداق. يازغۇچى ئۇنى مەيلى قانداق باھانە - سەۋەبلەر بىلەن تەمىنلىسۇن ئۇ ھامان بالىلىرىغا، نىكاھ ئەخلاققا مۇخالىپ ئىش قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆگىنىش جەريانىدىلا ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇنىڭ ئېرىدىن ئاجراشمىغان نىكاھلىق ئايال، بىر ئانا تۇرۇپ ئۆزنى يات ئەرنىڭ قوينىغا ئېتىشى، قەلبىنىڭ ئەزەلدىنلا چىرىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەسەردە يازغۇچى يەنە «يالچىن» دېگەن بۇ كىشىنى ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاياللارنىڭ ئىنتىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى يىگانە مەبۇت قىلىپ، مۇشۇنداق ئەرلەرلا ئاياللارغا ھەقىقىي ھۇزۇر بېرەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ چالا ئەجنەبىنىڭمۇ ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىندى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇ خەۋىلەنىڭ ئۇستازى تۇرۇپ ئۇنىڭ نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ.  چىرايلىق گەپ ۋە پۇرسەتلەر بىلەن خەۋىلەنى يولدىن چىقىشقا ئۈندەيدۇ. بىر يېتىشكەن زىيالى تۇرۇپ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ مىللى ئەخلاقىغا داغ تەككۈزىدۇ. يىراقتىكى ئىككى نارەسىدىنىڭ سەبى يۈرىكىنى پاسكىنا قولى بىلەن مۇجۇيدۇ. مەن يۇرتۇمدىكى بىر دوستۇمنىڭ چىرايلىق ئايالىنى شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، كۆپ قېتىم بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويغىنىنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلانغانىدىم. ئەمدى بىلسەم ئاشۇ بىچارە دوستۇم بىلىم يۇرتلىرىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىدىندىلەردىن ھەزەر ئەيلىگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. دېمىسىمۇ ھازىر بەزى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئالاھىدە  چىرىندىلەر خېلى كۆپ بولۇپ ئۇلار شارائىتى ۋە سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئازدۇرىۋاتىدۇ. مەن يازغۇچىنىڭ «يالچىن» ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش چىرىندىلەرنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بۇنداق كىشىلەرنىڭ گۈزەل مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۆزىدىكى شەرت - شارائىتتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى يالچىننىڭ خەۋىلەنى ئىزدەپ غۇلجىغا بېرىشى بولۇپ، يازغۇچى بۇنى سەمىمى - سادىقلىقنىڭ مىسالى قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن ئۇ بۇ يەردىمۇ ئەجەلىك خاتالىققا يول قويۇپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن. چۈنكى يالچىن خەۋىلەنىڭ بالىسى، ئېرى بارلىىنى بىلىدۇ، ئەكسىچە  مۇختارنىڭ خەۋىلەگە ئەسكىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاجراشقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئالاقە قىلمىغاچقا بىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ يەنىلا خەۋىلەنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇ خەۋىلەنى نېمىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇش ئۈچۈنمۇ؟ بىچارە  نارەسىدىلەرنى يىتىم قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ بۇنى ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئالدىغا پەرەز قىلالايدۇ. ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىز  ۋە مىللىي خاراكتېرىمىز نۇقتىسىدىن قارىغاندا يالچىننىڭ غۇلجىغا خەۋىلەنى ئىزدەپ بېرىشى ئۈرۈمچىدىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى، شۇنداقلا جانغا تاقىلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ يازغۇچى بۇ يەردە بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ۋە ئەخلاق چەكلىمىلىرىنىڭ كۈچىگە سەل قرىغان. غەربنىڭ كۆزقارىشى ۋە  ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان يارروپا ئەخلاق مىزانلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈشكە كۈچەپ ئۆزىنى پارىژ ياكى لوندون داچىلىرىدا ئولتۇرۇپ  يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان فرانسۇز ياكى ئىنگلىز يازغۇچىلىرىغا ئوخشىتىپ قالغان. ئەمما ئۆزى تەلپۈنىۋاتقان ئاشۇ غەرب ئەخلاق كۆزقارىشىنىڭ بارغانچە ئەنئەنىنى سېغىنىشقا مايىل بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىكتە يوقىتىپ قويغان نەرسىلىرىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھايا ئەخلاقىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى ياخشى تونۇپ يېتىپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ياشاش مىزانى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.



ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟


   ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنيانى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان. ئۇلار بولغاچقىلا ئەرلەر ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلالىغان شۇنداقلا ئاياللار ئىنسان روھىنىڭ ئەڭ ساپ تۇزىنى ساقلاپ قالغۇچىلار، يەنى ھاياتلىقنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تونۇتقۇچىلار. دۇنيادا ئاياللار بولغاچقىلا ئەرلەر كىيىم كىيىپ ياۋايىلىقىنى تاشلىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگەنگەن. مانا بۇ ئادەم دەپ ئاتالغاندىن كېيىنكى ئۇزاق دەۋرلەردىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەت.
ھازىر بىز 21 - ئەسىردە يەنى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك دەۋردە ياشاۋاتىمىز. تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ياشاش قانۇنىيىتىمىز ئىجتىمائىيلاشقان، چۈشىنىش، بىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە شەيئىلەرگە بولغان سەزگۈمىزدە زور بۇرۇلۇش بولغان، تۇرمۇش رىتىمىمىز تېزلىشىپ كەتكەن ھالدا ياشاۋاتىمىز. بۇ دەۋر ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىن مۇتلەق ئۆزگىچىلىكلىشىپ كەتكەن بولۇپ مەيلى ئادەم بولسۇن مەيلى باشقا شەيئىلەر بولسۇن بۈگۈنكى كۈندە ھامان رىقابەت ئېڭىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رىقابەت ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەنلىكى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتتا يوقۇلۇش بىلەن پەيدا بولۇش، پۇت دەسسەپ تۇرۇش بىلەن جان تالىشىش تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كىم ياكى قانداق شەيئى مۇھىتقا ماسلىشالمىسا شۇ ھالاك بولىدۇ. ئەكسىچە مۇھىتقا ماسلاشقىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ ياكى تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىدۇ. بۇ پۈتۈن بىر دۆلەتكىمۇ، پۈتۈن بىر مىللەتكىمۇ، شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت كاتوگورىيىسىدىكى ھەربىر شەخسكىمۇ ئوخشاش يۈكلەنگەن تەبىئىي ھادىسە. بىر دۆلەتنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ شۇ دۆلەت، شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان پۇقرالىرى ئاجىزلىشىپ رىقابەت، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېڭى سۇسلاشسا شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ياكى يوقايدۇ.

   بۇرۇنقى زامانلاردا يەنى ئات ئۈستى مەدەنىيىتى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە چۈشىنىش، بىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدىكى ئەرلەر ئات چاپتۇرۇپ جەڭ قىلىپ، ئەل يۇرتنى قوغدىغان. شۇ چاغدىكى ئاياللارمۇ ئاشۇ چەۋەندازلارنى، دۈشمەن قىلىچىدا يارىلىنىپ يۈز - كۆزى تاتۇق بولۇپ كەتكەن باھادىرلارنى قۇچاقلاپ سۆيگەن. بارلىق مېھىر - مۇھەببىىتىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشقان. ئايالنىڭ مېھرىگە ئېرىشكەن ئەر، ئەرنىڭ قوغدىشىدا خاتىرجەم بولغان ئاياللار مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىپ  دۈشمەننىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلغانتى. لېكىن بۇلار ھازىر ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىرقى ئادەملەر  يۈكسەك ھالدىكى ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچراپ، ئىلگىرىكى ئەجداتلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ كەتتى. شۇنداقلا ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرىۋالغان بىپەرۋالىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن بۇرۇنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن ياخشى ئەنئەنىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. قېلىن كىتابلارنىڭ بەتلىرىدە ھازىرقى ئەۋلادلىرىغا مەسخىرىلىك قاراپ ياتقان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ زادى ئۇنداق ئەجداتلىرى بولۇپ باقمىغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ئارىسىدا قىمىرلىشىپ يۈرىۋەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەۋلادلارنىڭ يېڭى خرىستلار ئالدىدا تەپەككۇر نىشانى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد سۇسلىشىپ، مۇقەددەس ئەقىدە  روپالارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسى بولغان بۈيۈك مېھىر - مۇھەببەتنىڭ باھاسى ئەرزانلاپ كەتتى.
يازغۇچى مۇھەممەت سالى مەتروزى «ياشاپباقە بەرنە» دېگەن ئەسىرىدە بىر ئائىلىنىڭ ئەقىدە تىراگېدىيىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە  ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان. دېمىسىمۇ بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلە. ھەتتا قاتتىق ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش. بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلەر توقۇلما بولسىمۇ لېكىن رېئال تۇرمۇشقا ناھايىتىمۇ يېقىن يەنە كېلىپ ئەتراپىمىزدا ياز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئۆز ئەينى ئوخشايدۇ. ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان يېرى مۇشۇ بولسا كېرەك. مەن ئەسەردىكى بارلىق پېرسوناژلارنى يەنە بەرنا، قۇددۇس، كاتىپ ئايال ۋە ھېلىقى كۆڭول ئوغرىسى، ھەتتا كەچلىك بەزمىخانىلاردىكى قىز - يىگىتلەرنىمۇ تونۇيدىغاندەكلا ياكى ئۇلارنى قەيەرلەردىدۇر كۆرگەندەكلا قىلاتتىم. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە خېلىدىن بېرى باش قاتۇرۇپمۇ يۈرگەنتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ئەڭ تونۇشى يەنىلا بەرنا بىلەن قۇددۇس ئىدى.

   مەن بىلىدىغان رېئاللىقتىكى بەرنا ھەقىقەتەنمۇ يولدىن چىققان ئايال. ئۇنىڭ بىر ئوبدان ئائىلىسى ۋە ئېرى بار ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئېرىگە ئاشىق بولۇپ تەككەن، ئەمما ئۆي تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي «بۇ كىتاب خالتىسى ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويىدىكەن» دەپ ئۆزىدىن چوڭ بىر كاززاپ بىلەن يوشۇرۇن ئۇچرىشىپ يۈردى. ئەسەردىكى قۇددۇسمۇ مېنىڭ رېئاللىقتىكى يېقىن تونۇشۇم. ئۇ مۇشۇ زاماندىكى ئىقتىدارلىق، تىرىشچان بىر زىيالى. ئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر سۆيىدۇ. بىراق خىزمەت بېسىمى، رىقابەت ئېڭى، كۈندىن كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن ئالدىراشلا ئۆتىدۇ. ياشاش، ياشىغاندىمۇ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالماي ياشاش ئائىلىسىنى يەنى ھېلىقى ۋاپاسىز بەرنانى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئوبدانراق كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۈچەيتىش مەۋجۇدلۇقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىدۇ. بىراق بەرنا ئۇنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ، ئېرىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئويلاشنى زادىلا خالىمايدۇ. ئۆزى قۇرغان ئائىلىگە، ئۆزى خالاپ توي قىلغان ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە  قۇددۇس بۇنى سېزىپ قېلىپ قاتتىق غەزەبلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىللىي خاراكتېر ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ - دە چوڭ ئىش تىرىغىلى تاس قالىدۇ. ئەگەر باشقىلار توسۇۋالمىغان بولسا، جەمئىيەت ياراملىق بىر زىيالىيسىدىن ئايرىلىپ قالغىلى قىل قالىدۇ. بەرنا بولسا ھازىرغىچە  خىلۋەتلەردە مۆكۈنۈپ يۈرىۋاتىدۇ. يازغۇچى ئەسەرنى تاماملاشقا ئالدىرىدىمۇ ياكى باشقا ئىشنى ئويلىدىمۇ بۇ يەرلەرنى يازماپتۇ. رېئاللىقتىكى ھىلىقى كۆڭۈل ئوغرىسىمۇ يەنى ئاتالمىش خىزمەتنىمۇ ئويۇن تاماشىنىمۇ ئۆز يولىدا ئېلىپ ماڭالايدىغان، جەلپكار ھەقىقىي ئەرمۇ كېيىن كۆرگۈلۈكىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قېلىپ «سەن ئاپامغا ۋە بىزگە يۈز كېلەلمەيسەن» دەپ ئۆز دادىسىنى بىر شاپىلاق ساپتۇ. ئەمدىلا توي قىلغان قىزى بولسا «دادا ئەگەر سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا بولىدىغان بولسا مەنمۇ سەن دىمەتلىك بىرىنى ئاشنا تۇرۇپ ئوينىسام بولغىدەك» دەپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى يازغۇچى بۇ يەرلەرنىمۇ يازماپتۇ. يازغۇچى يازمىغان يەنە بىر يەر ھېلىقى كاززاپ، خوتۇن، بالا - چاقىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بەرنانىڭ ئازدۇرغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ توزۇقىغا چۈشۈپ خاتالاشقانلىقىنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ ئاران دېگەندە ئۆيىگە كىرىۋاپتۇ. بەرناغا يەتتە ئايغىچە قەرەللىك ھالدا گۈل سوۋغا قىلغىنىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماپتۇ. بىچارە بەرنا ھازىرغىچە  بۇزۇق دېگەن قالپاقنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ مۇھەببەتنى بۆلگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ شەرمەندە بولۇشى ئەرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىنمۇ يامان ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.

   ئەسەردە يەنە مەن تونۇيدىغان بەزمىخانىدىكى ھېلىقى قىزلار بار. قايسىدۇر بىر غەربلىك مەشھۇر زات «لاغايلاپ تۈرگەن قىز ياخشى قىز ئەمەس» دېگەنىكەن. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يامان دېمەيمەن. بىراق بىزدە مۇشۇنداق ئۇيەر - بۇ يەردە لاغايلاپ يۈرىدىغان قىزلار كۆپ. مەن ئۇلار قانداق توي قىلىپ، ئۆي تۇتار دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم يازغۇچى ئەسقەر ياسىن ئۆزىنىڭ قىزلىق پەردىسى ھەققىدە يازغان ئەسىرىدە ماڭا بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.  ئەمدىكى ئەنسىرىشىم مۇشۇ قىزلار پەرزەنتلىك بولۇپ قالسا پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلەيدىغاندۇ دېگەندە قالدى. چۈنكى ئاياللار ئائىلىگىلا ئەمەس مىللەتكىمۇ تەۋە. بەزمىخانىلاردا رومانتىك چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرگەن ئاشۇ قىزلار بىر كۈنلەردە  ئانا بولۇپ ئاندىن ئۇيغۇر تۇغۇشى مۇمكىن. تۇغۇلغان بۇ يېڭى ئۇيغۇرلار كۆپ ۋاقىتنى رومانتىك چۈنلەر قاينىمىدا ئۆتكۈزگەن ئاشۇ ئانىلارنىڭ تەربىيىسىدە بولۇشى ئېنىق. شۇنداق بولغاندا ئۇلار كەلگۈسىدە قانداقراق ئادەم بولار؟ تۇغۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئەمما چوڭ بولغاندا غەربلىك بولۇپ قالارمۇ؟ ياكى ئانىسىدەك يا غەربلىككە يا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان، نادان، شالغۇت تائىپلاردىن بولۇپ چىقارمۇ؟

   ئەمدى ئەسەرنىڭ ئۆزىگە كەلسەك بۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەر. ئۇ ھەتتا يازغۇچىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى يازغۇچى مەيلى ئەسەرنىڭ تىلى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي قىممىتىدە بولسۇن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەسەرنى ئۈرۈمچىنىڭ نىپىز پەردىلىك دېرىزىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئادەم بۇ دېرىزىدىن قارىغاندا ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ نىپىز پەردە ئارقىسىدىكى قىپيالىڭاچ ھالىتىنى كۆرەلەيدۇ. يازغۇچى مانا مۇشۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئاشۇ نېپىز پەردىنى قايرىۋەتمىگەن ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېتىك زوق ۋە پىكىر قىلىش پۇرسىتى بېرىپ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغان. ئەسەردە ھېچقانداق دەبدەبىلىك سۆزلەر ۋە ئادەم تەبىئىتىدىن ھالقىغان ھاياجانلىنىشلار يوق. ئۇنىڭدىكى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى نەتىجە باسقۇچىغا ئىنتايىنى تەبىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەننى خۇددى بۇ ئەسەر بىەلن زىچ باغلىنىشى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەسەردىكى پېرسوناژلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى باردەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز، زامان رەپتارىغا تازا ماسلاشمايۋاتقان پسىخىك روھىي ھالەتلىرىمىزنى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ، زور بىرقىسىم شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى، گاڭگىراش ھالىتىدە كېتىۋاتقان تۇرمۇش رىتىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دەۋرەپ كېلىۋاتقان سىرتقى مەدەنىيەت ئېقىمى ئالدىدىكى مىللىي مەدەنىيەت قورغىنىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان بۇرجەكلىرىنى، چېچىلىپ ياتقان خىش پارچىلىرىدەك ئاڭ سىستېمىمىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى نېمىنى قوبۇل قىلىش بىلەن نېمىگە قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم مىقداردا قوبۇل قىلىش تەرىپىدە بولۇپ، سەگەكلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇراجەت قىلىدۇ. قۇددۇس ئوبرازىنىڭ روھىي ھالىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى دىلىغۇللۇقى، ئامالسىزلىق ئىچىدىكى بىقارارلىقىنى سۈرەتلەپ، زامانىۋى مۇھىتنىڭ مىللىي خاراكتېرىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. بۇ ئاساسەن قۇددۇسنىڭ ئۆز ئايالىنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن چېكىدىن ئاشقان مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ دەررۇ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. يازغۇچى يەنە بۇ يەردە قۇددۇسنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئاز - تولا ئىجابى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىمۇ بىخلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئەقلىنى ئالدىغا، ھېسسىياتىنى ئارقىغا قويۇپ، پىكىر قىلىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ غۇرۇر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان چاغدىكى ئېغىر ھالەتتە يەنىلا ئېتىۋارغا ئېلىنمايدۇ. شۇنداقلا دەررۇ ئىنكاس قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشقا سۈكۈت قىلىش بىلەن سۈكۈت قىلماسلىقنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق چاغدا ئەڭ ياخشىسى ئۆز يولىدا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئادەم قىممىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرگە ئىنسان غۇرۇرىنىڭ چەكسىز قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى مۇراجەت قىلىدۇ.

   بۇ ئەسەر توغرىسىدا يەنە شۇنداق گەپلەرنىمۇ دېمەي بولمايدىكى، مەزكۇر ئەسەر ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەر داۋراڭ قىلىپ يۈرگەن، ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئەرلىرى ئۈستىدىن قىلغان ئىسيانى، يۈرەك سۆزى ياكى ئاشۇ بىپەرۋا ئەرلىرىنى جازالىغىنىمۇ ئەمەس «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش» پوۋېستىدىكىدەك غەربچە ياشاشنىڭ لەززىتىنى كۆككە كۆتۈرگەنلىكمۇ ئەمەس، بۇ يەردىكى گەپ دەز كەتكەن مىللىي ئەخلاق، ئەقىدە تراگىدىيىسى، شۇنداقلا بىر - بىرى بىلەن قىلچە سېغىشالمايدىغان مىللىي ئەخلاق ئەندىزىسى بىلەن غەرب ئەيشى - ئىشرىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىنلا ئىبارەت.
ئەگەر بىز ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن ئاياللارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى ھەقلىق دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا ئادەملەرنىڭ ياشاش قانۇنىيىتىنى باشقىچە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئەرلەردىكى بۇ بىپەرۋالىقنىڭ ئوبيېكتىپ ئاساسى بولغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئەسەردىكى قۇددۇس قەستەن ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بىپەرۋالىق قىلغان ئەمەس. خىزمەت، ئۆگىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش يولىدىكى ئالدىراشلىقى شۇنداقلا بەرنانىڭ ئەخلاقىدىن گۇمان قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن بىپەرۋالىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇنى ھەرگىزمۇ سەۋەنلىك دېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر رېئاللىقتىكى بەزى شاللاق ئاياللار، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسى ئۈچۈن باھانە - سەۋەب ئىزدەيدىغان بولسا، ئەسەردىكى بەرنانىڭ توقۇپ چىققان سەۋەبىدىن نەچچە ھەسسە قايىل قىلارلىق سەۋەبنى توقۇپ چىقىپ، ئۇنى بەرنانىڭ چۈشەندۈرۈشىدىنمۇ نەچچە ھەسسە پاساھەتلىك تىللار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم شەھەرنىڭ مەلۇم رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەر چۆل - باياۋانلاردا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت جاڭگاللىرىدا ھەر كۈنى ئون سائەتلەپ ئېغىر ئەمگەك قىلىدۇ. قىشنىڭ دەھشەتلىك سوغۇقلىرىدا، يازنىڭ قىرىق گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىرىدا كېچە - كۈندۈز دېمەي مېھنەت قىلىدۇ. ئايلاپ - ئايلاپ ئۆيلىرىگە قايتالمايدۇ. ئۇلار يازنىڭ راھىتىگە قىشتىكى ئىللىق ئائىلە مېھرىگە ناھايىتى ئاز ئېرىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ياراتقان بايلىقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىرىمىز بولغاچقىلا بىزنىڭ زور بىرقىسىم نوپۇسىمىزنىڭ تۇرمۇشۇ كاپالەتلەندۈرۈلگەن. ئوتتۇرا باشلانغۇچ ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى تۈمەنلىگەن بىلىم تەشنالىرىنىڭ ماددى ئاساسى ئىشەنچكە ئېرىشكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر مۇنچە كەسپىي خادىملار، سانائەت ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق ئاۋانگارتلار يېتىشىپ چىقىپ بىزدىكى ياراملىق ئادەم كام بولۇشتەك بوشلۇقنى تولۇقلىغان. بىراق ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى دەل مۇشۇ رايوندا بەزى (ئەلۋەتتە ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.) ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ئەرلەر بىلەن غەربچە رومانتىك ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن چۆللەردە جان تىكىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئاشۇ ئەزىمەتلەرنىڭ دىققىتى چېچىلىپ تۇرمۇشقا، ھاياتقا بىزارلىق، بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغان. بەزىلىرى ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.  بىراق ھېلىقى ئاياللار بولسا باشقىلرغا ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزەلمىگەنلىكىدىن، ئۆزلىرى بىلەن داۋاملىق بىللە تۇرۇپ ھايات پەيزىنى سۈرمىگەنلىكىدىن دات ئېيتىپ بەرگەن ئەرلىرىنىڭ نېمە مەقسەتتە، نېمە ئۈچۈن ئاشۇ ئادەم ئايىقى باسمىغان باياۋانلاردا تەر تۆكۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ تىلغا ئالمىغان. ئۇلارنى داۋاملىق ئاياللىرىغا ھەمرا بولۇشى، ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى كېرەك دەپ قارىساق، ئاشۇ بايلىقنى كىم يارىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى كىم ئىگىلەيدۇ؟
بىز ئەمدى بۇ ھەقتە جىق گەپ قىلالمايمىز. پەقەت ئۆز كىشىلىرىمىزنىڭ ئىنساۋىغا دۇئالا قىلالايمىز.  ھەم «ئېھ ئاياللار جامائەسى، ئۆزۈڭلارنى ئاياڭلار! ئەرلىرىڭلار زەئىپلىشىپ كەتمىدى، ئۇلار رەھىمسىز رىقابەت قاينىمىدا يول ئىزدەۋاتىدۇ، ئاز - تولا بەدەل تۆلىسەڭلارمۇ ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ قويۇڭلار!»لا دېيەلەيمىز.




--------------------------------------------------------------------------------

مەنبە:
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8909
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 07:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارغا  زادى  قانداق  ئەر   كېرەك ؟(دىلمۇرات تۆمۈر)
  ئىلاۋە: ئەدەبىياتىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چەتنەش خاھىشى، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىدىغان قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ھەتتا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھايۋانى قىلمىشلارنىڭ ھەدەپ بازارلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى،  خەلقىمىزنىڭ ساپاسىغا پەقەتلا ماس بولمىغان يولدىن چىققان تەسۋىرلەر مېنى«ئەخلاقنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، خەلقىمىز تېخى جىنسى ئەركىنلىك تەسۋىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە «ساپالىق، ئاڭلىق» بولۇپ كەتكىنى يوق» دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.
    جەمىيىتىمىزدە راستلا شۇنداق رەسۋا ئىشلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنى تەشۋىقات سەھنىسىدە «جۇلالاندۇرۇش»نىڭ قىممىتى بارمۇ؟
   بىزدە تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىش-ياخشى ئادەم تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇغانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا «مەن بۇلاردىن ياخشى ئىكەنمەن» دەپ گۇناھقا كۆنۈش تۇيغۇسى ئەمەس بەلكى بۇ گۈزەل كىشىلىك پەزىلەتلەرنىڭ تەسۋىرىدىن  قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ياخشىلىققا دالالەت قىلىنىدىغان ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان رىيال ۋەقەلەرمۇ نۇرغۇنغۇ؟ 
       
      --------------------
مانا يۇقارقىلار ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك!

2

تېما

9

دوست

6680

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 20:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-قەۋەتتىكى ئىنكاس مەزمۇنى مېنىڭ ئاۋەرە بولۇپ تەرجىمە قىلغان ماتىريالىمدىنمۇ چۇشۇنۈشلىك ۋە ئەمىلى ئىكەن ، رەخمەت .

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1789
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىز تۆۋەندىكىدەك غەلىتە بىر سۇئال كاللامدا پەيدا بولۇپ قالدى:
تېمىغا:
قانداق ئەرلەرنى قانداق ئىشلاردا مۇۋاپپىقيەتكە ئېرىشتۇردىغان ئايالنى دەيسىز؟
ئاستىدىكى ئىنكاسقا:
قانداق ئاياللارغا قانداق ئەرلەر كېرەك؟

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   togrulbek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 23:05  
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى umidyarدە2012-09-18 00:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۇيۇقسىز تۆۋەندىكىدەك غەلىتە بىر سۇئال كاللامدا پەيدا بولۇپ قالدى:
تېمىغا:
قانداق ئەرلەرنى قانداق ئىشلاردا مۇۋاپپىقيەتكە ئېرىشتۇردىغان ئايالنى دەيسىز؟
ئاستىدىكى ئىنكاسقا:
قانداق ئاياللارغا قانداق ئەرلەر كېرەك؟  


  

قانداق ئاياللارغا قانداق ئەرلەر كېرەك؟
جاۋاپ:مۇسۇلمان ئاياللارغا مۇسۇلمان ئەر كېرەك.
<<سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى >>   ۋە << ياخشىلار باغچىسى   >> دىگەن   كىتاپتا   خېلى  كۆپ  مەزمۇن  بار

جاۋاب:شىنخۇا كىتاپخانىسىدا بار
نەزىرە مۇھەممەدنىڭ <<شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ>>دىگەن كىتاپ،<<سوۋغا>>----خانىم-قىزلارغا   ناملىق   كىتاپ



قانداق ئەرلەرنى قانداق ئىشلاردا مۇۋاپپىقيەتكە ئېرىشتۇردىغان ئايالنى دەيسىز؟
جاۋاپ:شىنخۇا كىتاپخانىسىدا بار
دالى كارنىگ نىڭ  <<خانىم -قىزلارغا يېزىلغان خەت>>

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1552
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار

ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئايال . بۇنداق ئايال ئىنتايىن ئېھتىياتچان ،تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇششاق –چۈششەك ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ.
     ئاق كۆڭۈل ئايال . بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ،سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ. ئۇ، سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، يەنەئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزغا، قوشنا –قۇلۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئايالىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
     تەبىئىي گۈزەل ئايال . بۇنداق ئاياللار گۈلدەك ياسىنىپ ،كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ،كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ .قۇرۇق ئابرۇي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ. بىراق، ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ. چاكىنا ئەمەس، ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز –خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
    ئەقىل –پاراسەتلىك ، نازاكەتلىك ئايال . ئۇ، ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ،تۇرمۇشتا ئېگىز- پەسنى ، ئاچچىق –چۈچۈكنى ، بار –يوقنى ، ئائىلە شارائىتىنى ، ئىمكانىيەتلەرنى پەملەيدۇ. ئەقىل-ھۇشى بىلەن ئىش تۇتۇپ ،كەم-كۈتە تەرەپلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ، يەنە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنىڭ ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
    ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال . بۇنداق ئايال كەڭ قورساق بولىدۇ .سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك، پارەسەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈپ ، ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە تۈرتكەبولىدۇ.
   قەدىر–قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.        
     ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال . بۇنداق ئايال سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    سۆزگە ئىتىبار بېرىدىغان ئايال . ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئلاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايدۇ. سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=119

241

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4092
تۆھپە : 3218
توردىكى ۋاقتى: 4936
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى apiridaدە2012-09-17 20:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
1-قەۋەتتىكى ئىنكاس مەزمۇنى مېنىڭ ئاۋەرە بولۇپ تەرجىمە قىلغان ماتىريالىمدىنمۇ چۇشۇنۈشلىك ۋە ئەمىلى ئىكەن ، رەخمەت .  

ناۋادا سىز بىر مۇنچە ئەجرە قىلىپ باش تېمىنى يوللىمىسىڭىز كىيىنكى ئىنكاسلار مەيدانغا چىقارمىدى ؟ سىز چاپقان ئۈستەڭ بولغاچقىلا سۇ ئۈزۈلمەي ئېقىۋىرىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )