قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1726|ئىنكاس: 0

تۇنجى مۇھەببەت پىسخكىسىنى قانداق ئىگەللەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

12

دوست

6314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 18:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى مۇھەببەت پىسخكىسىنى قانداق ئىگەللەش كىرەك

     تۇنجى مۇھەببەت مۇھەببەتلىشىشنىڭ باشلىنىشى ، مۇھەببەت سېمفونىيىسىنىڭ بىرىنجى بابى . ياخشى تەسىر بىلىپ بىلمەيلا مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ . بۇتۇنجى مۇھەببەت باسقۇچىنىڭ بىرىنجى ئالاھىدىلىكىدۇر . نۇرغۇن ياشلاردا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ، تونۇشۇش ۋە دوستلۇقتىن مۇھەببەت ئۇرۇقى بىخلايدۇ . ئەمما كۆپ كىشىلەر ھەممە ئىش شۇنداق تەبىئىي بولغاچقا ، .كزىنى مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ  .
    ئۆز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە بولغان غۇۋا تۇيغۇ _ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئىككىنجى ئالاھىدىلىكىدۇر. «پەقەت ئۆز ياخشى دەو قارىسا ، ئارىلىشىشقا بولىدۇ» مانا بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى  . ئەمما ئۇلار قانداق بولدا «ياخشى » بولىدىغانلىقىنى ، ھەقىقىي جۆرىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يەنىلا بىلمەيدۇ . شۇڭا ، يۈرۈكىنىڭ سوقۇش يۆلىنىشى ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ ، سۆيگۈ ئوبىيكتىمۇ ئاسانلا ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
      ئۇزۇنغىچە ئايرىلماي بىللە ئۆتۈشنى ئۈمۈد قىلىش ، بىردىن ئايرىلماسلىق-تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۈچۈنجى ئالاھىدىلىكىدۇر .  بەزى ياشلار سۆيگۈ دەرياسغا بىر چۈشكەن پېتى ئۈزۈشنىلا بىلىدۇ ، قىرغاققا چىقىپ «ئارام ئېلىشنى » بىلمەيدۇ . تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىكى ھېسياتنىڭ ئۇرغۇشى ئۇلارنى ، قارشى تەرەپنى كۆرسە-كۆرسە زېرىكمەيدىغان ، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتىپ تۈگۈتەلمەيدىغان ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلارغا ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
       تۇنجى مۇھەببەتنىڭ يۇقارقى ئۈچ ئالاھىدىكى تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلاردا ئاسانلا مۇنداق تۆت خىل پىسخىك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ :
1. سىرلىقلىق تۇيغۇسى
 
      قىز-ئوغۇللار تۇنجى مۇھەببەتلەشكەندە ، مۇھەببەتلىشىشنىڭ نېمىلىكىنى تازا دېگەندەك بىلمەيدۇ . بىۋاستە كۈزىتىش تۇيغۇسى سىرلىق بولىدۇ . ئىككى تەرەپ مۇھەببەتلەشسىمۇ ، لېكىن جورا مۇناسىۋېتىنى بېكىتىش ۋاقتى
      بەك بالدۇر بولغاچقا مۇناسىۋىتى دېگەندەك تۇراقلىق بولمايدۇ . ئاقىۋېتىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ . تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى سىر تۇتۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئاشكارلىمايدۇ . بۇ يالغۇز تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئاساسىنىڭ مۇقىم بولمىغانلىقىدىلا ئەمەس ، تۇغما خىجىللىق تۇيغۇسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

2.روھلىنىش تۇيغۇسى

      تۇنجى مۇھەببەت سىرلىق بولىدۇ ، ئۇئادەمنىڭ ئىچكى كۈچىنى قوزغىتىدۇ . بەزى جىمغۇر ياشلار تۇنجى مۇھەببەتلەشكەندە ، شوخلىشىپ كېتىدۇ ، چىرايىدىن كۈلكە-تەبەسسۇم نېرى بولمايدۇ. بۇچاغدا «كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ ، كۆيۈپ قالسا تارتىشا» دېگەندەك پىسخىك تەسىرنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ . بەزىلەر مۇھەببەتكە بەك مەسخۇش بولۇپ كېتىپ ، ھاياجاندىن كاللىسى گاڭگىراپ ئۆمۈر ۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ئالدىراپ-سىلاپلا كېلىشىپ  ، مۇھەببەتنىڭ يۈزىگە بىر قۇر پەردە يېپىپ قويىدۇ.

3.ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى

      تۇنجى مۇھەببەتلىەشكەندە ، «ئىككى كىشلىك دۇنيا»دا تۇيۇقسىز ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر خوشاللىق ۋە ھاياجانلىنىش پەيدا ئىستىكى بولىدۇ . بىللە تۇرغان ۋە بەدەنلىرى بىربىرىگە تىگىشىپ كەتكەن چاغدا ۋۇجۇدىدا قىززىق بىر ئېقىم پەيدا بولىدۇ. قوللىرى تىتىرەپ ، يۈرەك سوقۇشى تېزلەيدۇ ، سۆيگۈنىنى ئويلىسلا ، ۋۇجۇدىدىكى قېنى ئۇرغۇيدۇ . بۇ چاغدا ، گەپ-سۆز . ئىش-ھەرىكەت ئويلانمايلا قىلىنىدۇ ، ھېسياتنى ئۆز ئەركىگە قويىۋېتىدۇ . نەتىجىدە زىيادە ھاياجان تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالىدۇ.

4.تەققازالىق تۇيغۇسى

       ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ مىجەز – خۇلقىنىڭ قانداقلىقىنى ، نېمىگە ھەۋەس قىلدىغانلىقىنى ، خارەكتىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىردەمدىلا بىلىپ بولغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىنى ، كۆز قارىشىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.
      تۇنجى مۇھەببەتلىشىش پىسخكىسىنى چۈشۈنىش مۇھەببەت يولىنى توغرا بېسىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق . ئەگەر سىز تۇنجى مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ، بىر-بىرىڭلارنىڭ تۇنجى مۇھەببەتكە بولغان روھىي ھالىتىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، مۇھەببەرتكە ئاقىلانە پوزىتسىيە تۇتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك .
     تۇنجى مۇھەببەت سۆيگۈنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر ، شۇڭا سۆيگۈ ئوتى لاۋۇلدىغان چاغدا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش كېرەك. مۇھەببەت ئۈچۈن ئوت-كاۋاپ بولۇپ يېنىپ، ھسېياتنى ئىسراپ قىلىۋېتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق . ئۇنداق بولمىغاندا ، ئۆزىمۇ نابۇت بولىدۇ ، باشقىلارمۇ ئاھابقا دۇچيار بولىدۇ . كونىلاردا: «ئوتتاك قىزىپ ، پوقتەك سوۋۇيدۇ» دەيدىغان گەپ بار . ئاستا-ئاستا ، تەبىئي داۋاملاشقان مۇھەببەتلا ئاندىن ھەقىقىي نەتىجە بېرىدۇ .
ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئىشلاردىكى زىيادە ھېسيات تۈسى ۋە مەجنۇنلۇقنى چىقىرىپ تاشلاش كىرەك.«بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش»قا بەك مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىك ، مۇھەببەت تەسىرىگە تۇنجى  بولۇپ كىرگەن كىشىنى كەمكۈتسىز جورا ئورنىدا كۆرمەسلىك ، كەلگۈسىنىڭ ئۇلىنى ئويلانمايلا بېسىپ قويماسلىق كېرەك .
      ئىككى تەرەپنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۈزەكى خوشاللىقنى تېخىمۇ يۈكسەك قەلىب قەسىرىگە كۆتۈرۈش كېرەك . ئۇچرىشىش جەريانىدىكى كېچىككىنە ئېھتىياجنى ئىنچىكە كۆزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويماسلىق كېرەك ، مۇھەببەتلىشىش-قەلىبنىڭ قوشۇلىشىشىدۇر . قەلىبلەر ئۆزئارا تۇتاشقاندىلا ئاندىن مۇھەببەت مەڭگۈ سولىشىپ قالمايدۇ.
 
مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى
 
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )