- تىزىملاتقان
- 2012-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4213
- نادىر
- 0
- يازما
- 247
ئۆسۈش
73.77%
|
نادانلىقتىن ئاتا- بالىلار بىر- بىرىگە قارشى كالتەك كۆتۈرۈشكەن چاغلارمۇ بولغانىكەن تېخى يېقىنقى يىللاردا. شۇ ئىشلار نىمە ۋەجىدىن يۈز بەردى؟ ئاتا راستلا ئەسكى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى بالا ئەسكى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
ھەرنىمە بولسا جۈملىلەرنى توغرا ئۇرۇپ بۇ يەردە مۇنازىرە قىلغۇدەك ئەقلىمىزگە كەلگەنىكەنمىز ئەقلىمىزگە تاينىپراق سۆزلەيلى. ئۆزبېك كىم؟ ئۇيغۇر كىم ؟ ئۆزبېكنىڭ ھەممىسى پەرىشتىدەك ئېسىل كىشلەرمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى پەرىشتىمۇ؟ ئۇيغۇر ئىچىدىمۇ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغۇدەك قاراقورساق ئادەملەر تولا، ئۇلار شۇ ئۆزبېكلەرگە يامانلىق قىلمىغان دىگىلى بولامدۇ؟ ئۆزبېكلەردىمۇ ناچار ئىنسانلار بار، شۇلار ئۇيغۇرلارغا يامانلىق قىلمىدى دىگىلى بولماس. بىراق، تۇرمۇش مىسالىمىزغا قاراپ باقساق بىر قورساقتىن تۇغۇلغان ئاكا- ئۇكا ئوتتۇرىسىدىمۇ ئارازلىقلار بوپ قالىدىغۇ. ئۇيغۇر، ئۆزبېك ئوتتۇرىسىدىكى بىزمۇ ھەقىقى ئەھۋالىنى كونكرت بىلىپ كەتمەيدىغان ئىقتىسادى ماجرالار، ياكى باشقا ئازقىسىم ئارازلىقلار تۈپەيلى بىر تۇققان ياتلىشىپ، بىر- بىرىمىزنى تىللاپ، تۇققاننى خەققە يامانلاپ بېرىش قايسى ئەقىللىقنىڭ ئىشى ئۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسكى دېسەك خەق بېلەننى بېرەما؟
......
ياخشىسىنى بېرىش تۈگۈل بىزنى تېخىمۇ ئېچىتىدۇ. ئۆز- ئارا تېخىمۇ ئەسكى قىلىدۇ. يامان يەرلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە كۆرسىتىشىپ، ئەسكىلىكلىرىمىزنى شىپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆز- ئارا ئۆچمەنلەشتۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھەقىقى تۇققانلار يەنىلا ئەسكى يەرلىرىنى ئۆزلىرى بىلىشىپ باشقا خەق ئالدىدا ياپىدۇ. مانا بۇ تۇققانلارنىڭ ئىشىدۇر.
تارىختىن بۇيان قېرىنداشلار يامانلىشىپ خەققە دەرت ئېيتىپ، ياكى خەققە تاماشا قويۇپ بېرىپ نىمە پايدا تاپقانمىز؟ تۆت كۈنلۈك ئۆتمۈشنى نىمىشقا چۈشەنمەيمىز؟ شۇلاردىن نىمشىقا ساۋاق ئالمايمىز؟
دۇنيانىڭ نەرىدە پۈتۈن بىر قەۋم بىر پۈتۈن ئەسكى ياكى ياخشى بولغان بار؟ بىزدە ئالدامچى يوقمۇ؟ ئوغرى يوقمۇ؟ ياكى ئۆزبېكتە يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاۋابى ئاددى. ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. ئەمما ئىككى تۇققانلار ئارىسدىكى بۇ تۆت تال قىلىقسىز، ناچار ئىپلاسلارغا قاراپ بىر جەمەت بويىچە، قەۋم بويىچە يامانلىشىپ،تىللىشىپ، سەتلىشىپ كەتسەك ياتلار قوڭىدا كۈلمەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرى ھاسىل بولۇشمامدۇ؟ ئۇ چاغدا سىز بىلەن بىزدەكلەر ياتلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە ياردەم قىلىشقان پوق قورساق تور دانىشمەنلىرىدىن بوپ قېلىشماسمىزما؟
.... بۇ ھەقتە بۇنداق قايناشلار كۆپ قېتىم بولۇنغان. شۇڭا بۇنداق قايناۋېرىشنىڭ ئورنى يوق. قانداقلا بولمىسۇن سەل ئەقلىمىز بىلەن، دۇنياغانەزەر تاشلاپ، ئۆتمۈشكە، كەلگۈسىگە بېقىپ، ئۈمىدۋارراق بولۇپ سۆزلەيلى. بۇنداق ئالدىراقسان، تۇترۇقسىز بوپ كەتمەيلى. ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ گەپ قىلايلى. تەمكىنلىك بىزگە ھەم يار بولسۇن! ھەمىشە شاپاشلاپلا يۈرمەي ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن ياشايلى، قىلغان ئىشىمىزدىن، سۆزىمىزدىن مەنا چىقسۇن! ئەڭ بولمىغاندا باشقىلاغا ناچار تەسىر قالدۇرمايلى! مۇمكىنقەدەر ياخشى تەسىر، ياخشى ئىزىمىز قالسۇن!
بۇنىمۇ قىلالمىساق ئاغزىمىزغا كەمپۈت سېلىپ، غىت قىسىپ ئولتاساقمۇ ھىساب!
يۇقارقى مەھسۇلاتنى قوللىساق نىمىشقا بولمايدۇ؟ ناۋادا ھەقىقەتەن ئۆسۈملۈك مېيىدىن ئىشلەنگەن بولسا بىرئوبدان مەھسۇلاتكەنغۇ؟ ئارىمىزدا ئىمانىنى پۇلغا سېتىۋەتكەن جوھۇتلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ ھەتتا خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادى يىيىشنى كۆتۈرمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلاپ تېلىۋېزوردا داڭلاپ سېتىۋاتمامدۇ؟ ماقۇل ئۇنىغۇ ئۇقماي قالغان بولىلى ئۇيغۇرچە ماركىسى بولغاندىكىن، ھىچنىمىسى يوقنى بىلىپ تۇرۇپ يەۋاتقىنىمىز، ئىشلىتىۋاتقىنىمىزنى تاختا بېشىغا ئېپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟
ئاللاھقا شۈكۈر، تۈرك، مالاي دۆلەتلىرىنىڭ بىزگە لايىق مەھسۇلاتلىرى بىزنى قاپلاۋاتىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانلىق كىشىلىرىمىزمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدا بىزنىڭ مەيدانىمىز ئېنىقلىغۇ، بىز ئاۋال ئۆز يۇرتىمىزنىڭكىنى( ئۇيغۇرچە ماركا چاپلىغان باشقا نەرسىنى دىمىدىم)، ئاندىن قالسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭكىنى، مۇسۇلمانچىسنى تاللايمىزغۇ. بۇنىڭغىمۇ ئەمدى ئۇنداق بۇنداق دىيشىپ، ئوزبېكنىڭكىيەي، ئۇيغۇر دىگەننىيەي دىيىش كېتەمدا؟ ۋاي شۇنداق دىگەنلىرىمىز ئېلىشساق يا مىڭ يۈەنلىك نەرسە ئېلىشارمىز، يا بەشمىڭ يۈەنلىك. كەتسە ئۆز يېقىنىمىزغا كېتىپتۇ. يىراققا كەتكەندىمۇ قوڭنى غىت قىسىپ ياشىغان بىز.
....
ئۇرۇق-تۇققان، قەۋم قېرىنداشلارنىڭ ئىشىغا كەلگەندە سەل سالىقران بولايلى دوستلار. ئۆزبېكنىڭ دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا نىمىسى بار؟ ئۇيغۇرنىڭچۇ؟ ئۆز ئارا بېرىش -كېلىش قىلىشساق تەرجىمان كەتمەيدىغان شۇ بىز بار بۇ دۇنيادا. ئۇنچە قارا- قورساقلىق قىلىپ كەتمەيلى. |
|