- تىزىملاتقان
- 2012-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 953
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
90.6%
|
يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.5 رەسمىي نەشىرى
يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.5 ھەققىدە
مەزكۇر لۇغەت ھەققىدە توردا تۇنجى دوكىلات بېرىلگەندىن كېيىن ،لۇغەتكە ئىشلىتىلگەن ئىزدەش تېخنىكىسى-YIndex تېخنىكىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى قەدەمدە لۇغەتنىڭ 1.0 سىناق نەشىرى ۋە 2.0 رەسمى نەشىرى تارقىتىلدى ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى،مەدەت بېرىشى ۋە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىش نەتىجىسىدە مانا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن،ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن 2.5 رىسمىي نەشىرىمۇ پۈتتى،بۇ نۇسخىسىدا YIndex تېخنىكىسى ئاساسەن مۇكەممەللەشتى.
1)ئۇنداقتا YIndex دېگەن نېمە؟
ج؛ YIndex بولسا مەركىزىمىز بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ چىققان ئىندېكىسلاش تېخنىكىسى.
2) ئۇنداقتا YIndex نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
ج؛بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ ئۇچۇر ئىزدىگەندە ئىزدەش سۈرئىتى پەۋقۇلاددە تېز بولۇپ نەچچە مېلىىيون سۆزلۈكتىن سىناق قىلىپ ئىزدەتكەندە،ئىزدەشنى تاماملىغان ۋاقىت دەقىقە ئىچىدە بولغان،سىكۇنتقىمۇ يەتمىگەن، لاھىيلىنىشتىلا كۆپ سۇپىلىقنى، بىخىتەرلىكنى،ئۇنۋېرساللىقنى ئاساسى نىشان قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا بۇ تېخنىكا Mac ,Linux,Windos قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە بەزى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
قوش قاتلاملىق شىفىرلىق پىرىسلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا ئىندېكىسلانغان سۆزلۈكنىڭ بىخىتەرلىكى مۇتلەق بىخەتەر،ئارقىغان ياندۈرۈپ سۆزلۈككە ئېرىشىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەم ئىندېكىسلانغاندىن كېيىنكى ئامبارنىڭ سىغىمى كىچىك مۇشۇ لۇغەتتىكى 70 مىڭ سۆزلۈكنىڭ ئىندېلىسلانغاندىن كېيىنكى سىغىمى 2 mb غىمۇ بارمايدۇ.
خەلىقئارالىق يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ لاھىيلەنگەن بولغاچقا دۇنيادىكى ھەرقانداق يېزىققا ماس كېلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ياردەم ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ.
لۇغەت سۈرەت،رەسىم ۋە ئاۋاز بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنۋېرسال لۇغەت بولۇپ،بۇ نۇسخىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا بۇرۇنقى نۇسخخسىدا ساقلانغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى،ھەم ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىدىكى ئىندېسكىلاپ ساقلانغان سۆزلۈك 72 مىڭغا يەتكۈزۈلدى(20 مىڭدەك سۆزلۈك قوشۇلدى)،مۇشۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى تولۇقلاشقا قاتناشقان دوستلارغا لۇغەتنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋاتقان ،كەڭ تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر لۇغەتنى سىناش خىزمىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
بۇ نۇسخىسىدىكى ئىزدەش ئۇسۇلى ئالدىنقى نەشىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى لېكىن يەنىلا بەزى نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ سىناپ مەسىلىلەر بولسا ئۇقتۇرۇپ قويىشىنى،پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.لۇغەتنىڭ بۇ نەشىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى ئۇيغۇرچە.خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە 3خىل تىللىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،تەمىنلەنگەن تىل ھۆججىتىنىدن پايدىلىنىپ يېڭى تىل قوشۇشقا بولىدۇ.
http://www.yaltapan.com/show.asp?id=261 |
|