قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4327|ئىنكاس: 19

قۇر'ئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2634

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى قانۇنى بولغان قۇر'ئان كېرىمنى نۇرغۇنلىرىمىز ئوقۇۋاتىمىز ،بۇ توغۇرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەنىلا قۇر'ئان كېرىم ئەرەپچى نازىل بولغان شۇڭا ئەرەپچە ئوقۇش توغرا دەيدىغان ئىدىيە ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ......مەنمۇ ھەم بۇ تېمىغا كۆڭۇل بۆلگۇچى بولغۇنۇم ئۈچۈن "قۇر'ئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك"دىگەن تېمىغا دائىر قۇر'ئاندىكى  بەلگىلىمىلەرنى يىغىپ كۆردۇم، قۇر'ئاندا(ئاللاھنىڭ قانۇنىدا) قۇرئاننى قانداق ئوقۇش توغۇرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمىلەر كۆرسۇتۇلگەن؛
1.قۇر'ئاننى پاكلانغان ھالدا (تەرەت ئېلىپ) ئوقۇش.
بۇ ئەلۋەتتە ئاللاھقا بولغان ھۇرمەت ،چەكسىز يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.
2.شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن پاناھلىق تىللەپ ئوقۇش.
چۈنكى شەيتان ھەر چاغ بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.
3.تېنىچ ئولتۇرۇپ(گەپ-سۆز قىلماي) ئوقۇش(ئاڭلاش).
4.دانە-دانە قىلىپ(ئالدىرىماي) ئوچۇق ئوقۇش.
5.ئەلۋەتتە "ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن"دەپ باشلاش.
6.تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش،بىلىش ئاساسىدا ئوقۇش.
   يۇققۇرقى 6 تۇرلۇك بەلگىلىمىنىڭ 1-5 -سىگىچە بولغان  بەلگىلىمىنى بىز ئاڭلىغان .بۇ 6 بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بىز سەل قاراۋاتقان ،قۇر'ئاندا نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل شەكىلدە بايان قىلغان"تەپەككۈر قىلىپ ئوقۇش،بىلىش ئاساسىدا ئوقۇش" تۇر. شۇڭا بىز قۇر'ئاننى ئەرەپچى ئوقۇ! ئۇيغۇرچە ئوقۇ!  دىمەي بىلىش ئاساسىدا ئوقۇ! تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇ دىيىشىمىز توغرىدۇ.
   بىلىشىمىز كېرەككى "قۇر'ئان"نىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ نازىل قىلىنىشى ،پەقەت ۋە پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى بىلىش ئاساسىدا ئوقۇپ،تەپەككۇر قىلىشى  ،ئاللاھنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ئارزۇ قىلىشلىرى،غەزەپلىرىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن قورقۇشى،چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ،بۇيرىغان ئىشلىرىنى قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
   شۇڭا بىز قۇر'ئاننى ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇماي،ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بىلىش،تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز توغرىدۇر.
تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىڭ:
كىمكى اﷲ قا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، اﷲ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.نىسا سۈرىسى 14 - ئايەتبىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، اﷲ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ.ئەنئام سۈرىسى 39 - ئايەت
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر اﷲ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى اﷲ تىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ).ئەنئام سۈرىسى 46 - ئايەت
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھسى اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر)، ناچار يەرنىڭ گىياھسى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر)، شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن  قۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز.ئەئراف سۈرىسى 58 - ئايەت
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق .ئەئراف سۈرىسى 136 - ئايەت
يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى. ئەئراف سۈرىسى146- ئايەت
شەك - شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.ئەئراف سۈرىسى179- ئايەت
شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى - ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.ئەنفال سۈرىسى 22 - ئايەت
ئەگەر اﷲ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى.ئەنفال سۈرىسى 23 - ئايەت
ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.ئەنفال سۈرىسى24- ئايەت
«ئەگەر اﷲ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، اﷲ مۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن.يۈنۈس سۈرىسى 16 - ئايەت
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن.يۈنۈس سۈرىسى 16 - ئايەت
ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا (يەنى اﷲ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىغانلارغا) ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟.يۈنۈس سۈرىسى 42 - ئايەت
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ.يۈنۈس سۈرىسى 44- ئايەت
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى.يۈنۈس سۈرىسى 57- ئايەت
ھەر قانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ.يۈنۈس سۈرىسى 100- ئايەت
(كاپىرلار ۋە مۆمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقە) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ، (يەنە بىر پىرقە بولسا) كۆزى كۆرۈدىغان، قۇلىقى كۆرۈدىغان، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر - بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئىبرەت ئامامسىلەر؟.ھۇد سۈرىسى 24 - ئايەت
(ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق.نەھل سۈرىسى 44 - ئايەت
قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە - دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.ئىسرا سۈرىسى 106 - ئايەت
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند - نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ).كەھف سۈرىسى 57 - ئايەت
ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن.مۇئمىنۇن سۈرىسى 44 - ئايەت
ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز - نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق.فۇرقان سۈرىسى 39 - ئايەت
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.ئەنكەبۇت سۈرىسى 43 - ئايەت
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.سەبەئ سۈرىسى 5 - ئايەت
(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.ساد سۈرىسى 29 - ئايەت
قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىدۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي.زۈمەر سۈرىسى 28 - ئايەت
اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر مۇشۇنداق قىلغان).غافىر سۈرىسى 63 - ئايەت
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.فۇسسىلەت سۈرىسى 40 - ئايەت
ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.فۇسسىلەت سۈرىسى 42 - ئايەت
ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان - زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ.فۇسسىلەت سۈرىسى 53 - ئايەت
روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.زۇخرۇف سۈرىسى 2 - ئايەت
ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).مۇھەممەد سۈرىسى 24 - ئايەت
ھەمدە (پەيغەمبەرنى) تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان (كېيىن كېلىدىغان) ئىككىنچى بىر قەۋمگە (يەنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارغا) ئەۋەتتى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئومۇمىيدۇر)، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.جۇمۇئە سۈرىسى 3 - ئايەت
تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ - چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.جۇمۇئە سۈرىسى 5 - ئايەت
بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا - ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز.قەلەم سۈرىسى 44 - ئايەت
كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە - دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن.مۇززەممىل سۈرىسى 2 - ئايەت
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق.ئىنسان سۈرىسى 2 - ئايەت
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر اﷲ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا - جۇدامەن».ئەنئام سۈرىسى 19 - ئايەت
مەنبە: ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن تەسىرات  

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2685
توردىكى ۋاقتى: 2344
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 10:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان بىلەن ھىدايەتلىنىدىغان بەخىتلىك كىشىلەردىن قىلسۇن،قۇرئان بىلەن دۇنيا ئاخىرەتلىك بەختىمىزنى تېپىشىمىزغا ئۆزى ياردەم قىلسۇن.قۇرئاننى ئوقۇپ چۇشىنىدىغان،چۇشۇنىپ ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.....ئامىن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 10:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشىمىز كېرەككى "قۇر'ئان"نىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ نازىل قىلىنىشى ،پەقەت ۋە پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى بىلىش ئاساسىدا ئوقۇپ،تەپەككۇر قىلىپ  ،ئاللاھنىڭ مۇكاپاتلىرى ئارزۇ قىلىشلىرى،غەزەپلىرىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن قورقۇشى،چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ،بۇيرىغان ئىشلىرىنى قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.

-ئەھمىيەتلىك پىكىر.


قۇر'ئاننى ئەرەپچى ئوقۇ!ئۇيغۇرچە ئوقۇ! دىمەي بىلىش ئاساسىدا ئوقۇ!تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇ دىيىشىمىز توغرىدۇ.

-< قۇرئان>نى ئەرەپچە ئوقۇش باشلانغۇچ قەدەم.
تەپەككۈر قىلىپ ئوقۇش  -ئىلگىرلەش(ئەرەپچىنى ياكى  ئۇيغۇرچىنى چۈشىنەلەيدىغان ھەمدە يېتەرلىك ئۇنۋېرسال بىلىم ھازىرلىغانلارغا مۈمكىنچىلىك بار ).

NOTHING IS IMPOSSIBLE

22

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9312
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 1550
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 19:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبەتتە قۇرئاننى ئەرەپچە مەنىسى بىلەن ئوقۇش ئەۋزەلدۇر(چامىمىز  يەتسە)
ئەرەب تىلىنى بىلمىسەك  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بولسىمۇ ئوقۇپ تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىساق بولىدۇ،چۈنكى  ئوقۇپ قويۇشتىن  ،ئۇنى قوللىنىش تېخىم مۇھىمدۇر.
مەسىلەن: مەن 19يېشىمدا قۇرئاننڭ ئۇيغۇرچە  تەرجىمىسىنى   بىرىنچى  قېتىم ئوقۇغاندا << غەيىپ، سۇخەنچى،نۇسىرەت،بەقەرە،    يەنە شۇنداق  كۆپىنچە  سۆرىلەرنىڭ  ئىسمى، ۋە  باشقا سۆزلەر.....>>  قاتارلىق  سۆزلەرنى چۈشۈنەلمىدىم،شۇنىڭ بىلەن  يەنە  بىر  دوكتۇر ئاسپىرانتتىن  سورىسام،ئۇ دوكتۇر ماڭا  مەنمۇ  بىلمەيمەن لېكىن  مەنمۇ  بىلمىگەن جاي ئۇچراپ  قالسا  قۇرئاننىڭ  خەنزۇچە  تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتىغا  قاراپ  چۈشۈنىمەن  دەپتى،مەنمۇ  دەرھال قۇرئاننىڭ  خەنزۇچە  تەرجىمىسىدىن  بىرنى  كىتاپخانىدىن  ئېلىپ  ،ئۇيغۇرچە --خەنزۇچە  نى  سېلىشتۇرۇپ  ئوقۇدۇم،چۈشۈنۈش  ئۈنۈمى ياخشى بولدى،چۈشۈنۈشۈم  ئاسانلاشتى،كىيىنچە   ئېنگىلىزچە  تەرجىمىسى،تۈركچە  تەرجىمىسى ،ئۆزبېكچە تەرجىمىسى  بىلەنمۇ   سېلىشتۇرۇپ  باقتىم، شۇنىڭ  بىلەن  چۈشۈنۈشىم  تېخىمۇ ئاسانلاشتى...
لېكىن  ئەرەبچە  ئەسلى  مەنىسى  بىلەن  ئوقۇش  ئازۇيۇم  كۈچەيدى،لېكىن  ئەرەب  تىلىنى ئۆگىنىش  شارائىتى چەكلىك .........

\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2634

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلەر قېرىنداشلار:ئاللاھ مېنى كەچۈرسۇن! تۆۋەندىكى ئايەتنى  كۆچۈرۈش جەريانىدا «گۇۋاھ» دىگەن سۆز «گۇناھ» بولۇپ قاپتۇ.تۇزۇتۇپ ئوقۇغايسىلەر!
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر اﷲ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا - جۇدامەن».ئەنئام سۈرىسى 19 - ئايەت
توغرىسى:(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟»

3

تېما

0

دوست

1262

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1065
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:32:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز راستلا قۇرئاننى چۈشەنمىسەكمۇ ئەرەبچە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ كەلدۇق.بۇمۇ ياخشى ئىش .بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ ئوقۇش كىرەك(بۇ ئەلۋەتتە ئەرەبچىنى ئوقالايدىغان ئەمما چۈشىنەلمەيدىغانلارغا قارتىلغان.)چۈنكى ئاللاھ قۇرئان ئارقىلىق بىزگە ھەق يولنى كۆرسىتىپ بەردى.بىز ئۇنى تەپەككۇر قىلىش،چۈشىنىش ئاساسىدا ئوقۇپ ئەمەلىيىتىمىزگە باغلىساق بۇنىڭ ساۋابىغىمۇ ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرگۈسىدۇر.بۇ قۇرئاننى چۈشەنمەي ھەر ۋاقىت قىلغۇلۇقنى قىلىپ ئوقۇغاندىن كۆپ ئەۋزەلدۇر.

1

تېما

0

دوست

3779

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8361
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 902
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىمۇ ، ئىنكاسمۇ بەك ئېسىل ئىكەن ، ئاللاھ ئىلىمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن !

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4095
تۆھپە : 2771
توردىكى ۋاقتى: 904
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 13:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« .........شۇڭا بىز قۇرئاننى ئەرەپچى ئوقۇ!ئۇيغۇرچە ئوقۇ! دىمەي بىلىش ئاساسىدا ئوقۇ!تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇ دىيىشىمىز توغرىدۇ.  »
دەل موشۇنداق ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئاسان باھانىدىن بىرنى تېپىۋالدى . ئۇلارنىڭ كۆزى كور ئەمەس ، قۇلىقى گاس ئەمەس ، تىلى گاچا ئەمەس ، ئەقلىمۇ كەم ئەمەس ، بىراق ئۇلاردا ئاجايىپ « ئېچىۋېتىلگەن » دىنني قاراشلار بار !...

قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەجىمىسىنى ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشىنىپ ، تەپەككۇر قىلىش بىلەن بىللە ، چامىنىڭ يېتىشىچە قۇرئاننىڭ ئەسلى بويىچە ئەرەپچە ئوقۇش ۋە  توغرا ئوقۇشقا
تىرىشىش بىز ئۈچۈن توغرا بولغان تاللاشتۇر .....
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )