- تىزىملاتقان
- 2012-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8661
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
73.22%
|
3-ئەۋلاد كىملىكنىڭ تەسەۋۇرى پەقەت ئۇ فانتازىيە لا خالاس! ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ،مېنىڭ بۇ تەسەۋۇرنى چۈش ئارقىلىق ئېچىپ بەرگەنلىكىمدىن تورداشلار ئاغىرىنمىسىمۇ بۇلىدۇ! بۇ ھەرگىزمۇ ئۆز پۇتىىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق ئەمەس..........
3-ئەۋلاد كىملىكنىڭ تەسەۋۇرى پەقەتلا ئەمەلگە ئاشماس بىر خىيال. بۇ خىيالنى روياتقا چىقىرش يەنىلا كەلگۈسىگە بولغان قىزىقىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مىسالغا ئېيتايلى:
.1ئۇ فانتازىيىلىك چۈشتىكى كىملىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىساق،GPS يەرشارى ئۇرۇن بەلگىلەش سېستىمىسى---- بۇ خىل سېستىما بىر قەدەر قوپال،ھەجىمى چوڭ. پەقەت ئايرۇپىلان ،پاراخوت،ھازىرقى زامانىۋى ماشىنىلارغا ئالاھىدە سەپلىنىدۇ. GPS يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى گوگىل خەرىتىسى،گوگىل سۈننى ھەمىرا خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ يول باشلاش ئىختىدارىغا ئىگە. ھەجىمى ئەڭ كىچىك بولغاندىمۇ كىچىك بالىنىڭ مۇشتۇمىدىن چوڭراق.بۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى نەرسىنى ئورنىتىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ دېگەن كىملىك تۇرسا ،ھەجىمى چوڭ بولسا ئەلۋەتتە ياندا ئېلىپ يۈرۈش ئىنتايىن ئەپسىز!
2.ئېز قوغلاش ئۈسكۈنىسى: بۇ ئۈسكۈنە GPS ئۈسكۈنىسىگە ئوخشاش ھەجىمدىكى نەرسە. ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئادەتتە جىنايەتچىلەرگە ئىشىلتىلدۇ! جۇڭگو پۇقرالىرى ھەرگىزمۇ جىنايەتچى ئەمەس.
3.نامى تېخنىكىسى: بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشىلتلىشى ئاز. نامى تېخنىكىسى خەلقىرادا ئوموملاشقىنى يوق .كىملىككە ئىشىلتىش مۇمكىن ئەمەس.
4: ئۆزىنى يۇشۇرۇش تېخنىكىسى: بۇ تېخنىكا ئادەتتە ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلىدۇ. ئامىرىكىنىڭ كۆرۈنمەس كۆرەشچى ئايرۇپىلانى،ھەربى پاراخوتلىرىغا ئىشىلتىلىدۇ. ئۆزىنى يۇشۇرۇش تېخنىكىسى ھەرگىزمۇ جىسىمنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ! پەقەتلا راداردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش،سۈئنى ھەمىراغا چۈشمەي مەشغۇلات قىلىشنى كۆزگە تۇتىدۇ. ھەرگىزمۇ بار بولغان جىسىمنى يۇقىتىپ لازىم بولغاندا پەيدا قىلالمايدۇ! كىملىك ھەرگىز راداردىن،سۈنى ھەمىرادىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. (يەنە كېلىپ بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئىشىلتىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن،كۆپ چىقىم كېتىدىغان ئىش. نەچچە مىليۇن ئامىرىكا دولىرى خىراجەت قىلغاندا بىر كۆرەشچى ئايرۇپىلاننى رادارغا چۈشمەس قىلغىلى بۇلىدۇ،ھەرگىزمۇ يوقاتقىلى بولىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس!)
5: سائەت تېخنىكىسى: بۇ خىل تېخنىكا 20يىلدا 1سىكونىت خاتالىق پەرقى ئاساستا بارلىققا كەلگەن. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ياۋرۇپا -ئامىرىكا ئەللىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشىلتىمەكتە..... بۇ تېخنىنى كىملىككە ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەت ۋاقىت ھېسابلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ! ئېيتىلغاندەك مېردىيان ،پارالىل،خەرىتىدىكى ئورنى ،ئەمەلى ئورنىنى ھېسابلىيالمايدۇ.
6:ئۇچۇر ئامبىرى: مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرى باش مەركىزى دېگەن فانتازىيىلىك كىنودىن بارلىققا كەلگەن خىيال خالاس! بۇنداق ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش ئىنتايىن مۇشكۈل ئىىش. نەچچە مىلليارد دوللار ئارقىلىق بىر كىچىك رايوننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆز-ئارا تورلاشتۇرۇپ بىر نۇقتىغا يىغقىلى بۇلىدۇ! ئۇچۇر ئامبىرى ھەرگىزمۇ بىر نەچچە خاككىرنىڭ كومپىيوتۇر ئالدىدا تۇرۇپ تاماملىۋىتىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا ھەتتا ئامىرىكىنىڭ تېخنىكىسىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ پەقەت (ماشىنا ئادەم ۋاللى ) دېگەنگە ئوخشاش فانتازىيىلىك فىلىملەردىن كەلگەن ئىلھام!
7:كىملىكتىكى ئاۋاز ئېلىش،سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى: بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ كىملىككە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى سىلەرچە مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئۆزەڭلارغا ئايان. ئاۋاز ئېلىش ،سىن ئېلىش بولسا بىۋاستە ئادەمنىڭ ھوقوقىغا،شەخسىەتلىكىگە ئارلىشىۋالغانلىق ھەم كۆنتۇرول قىلىۋالغانلىق. ئىنسانى ھوقوق قانۇنىدىمۇ بۇنداق ئىشلارغا چەك قۇيۇلغان......... كىملىك ھەرگىزمۇ ئالما تىلفۇنغا ئوخشاش ھەممە ئىختىدارغا ئىگە سىفىرلىق مەھسۇلات،ھەمدە ئاۋازغا ئېلىپ،سىن سۆرەت تارتىدىغان جاسوسلۇق قورالى ئەمەس. ئۇ پەقەت شەخىسنىڭ كىملىكى ،دۆلەت تەۋەلىكى....قاتارلىق نەرسىلەرگە شاھىت بولىدىغان ماددى ئىسپات.
8:بۇ چۈش: بۇ چۈش ھەرگىزمۇ راس ئەمەس ، بەلكى توقۇلما. باغداش مۇنبىرىدىكى (كىملىك بىجىرىشتىكى قولايلىق ئۇسۇللار)دېگەن تېمىدىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغان فانتازىيەلىك تەسەۋۇرغا تولغان بىر ئەسەر!
شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق!
ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىم ئۇ تېما بولسا بىر قىزىقىشنىڭ چەكسىز كەتكەن مول تەسەۋۇرنىڭ مەسھوۋلى! بۇ ئىنكاس بولسا ئەنسىرىگەنلەرگە جاۋاپتۇر خالاس................ |
|