قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: jackson

چۈشۈمدىكى3-ئەۋلاد كىملىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆي قاپلىنى

4

تېما

3

دوست

8661

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10357
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2088
تۆھپە : 1226
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 22:52:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز قالدى 3-ئەۋلاد كىمملىك چىقارمىش... ئاخشام چۈشۈمدە كۆردۈم تېخى........
ھەممە نەرسە ھازىر3D غا يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىردە جۇڭگو خەلقىئرا لىق تەرەقىياتقا يىتىشىۋىلىش ئۈچۈن 3D نۇسخۇسىدىكى كىملىك تارقىتارمىش... ھازىرقى 2-ئەۋلاد كىملىك ئەخلەتخانىلاردا تاغدە دۈۋلىنىپ كېتىپتۇ....
چۈشۈمدە يېڭى بىر ئەۋلاد كىملىككە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ 3-ئەۋلاد كىملىك تۇنۇشتۇرۇلغان بىر پارچە تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى ئوقوپ قالدىم.مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
بۇ كىملىكنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تۆۋەندىكىچە:
1. بۇ كىملىىكدە ئالاھىدە سېنزۇر ئورۇنۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ كىملىكتىكى رەسىمىڭىز سىزنىڭ يېشىڭىزغا ماس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ. قانداق ياسىنىۋالغانلىقىڭىز ،چىراي ئىپادىڭىز ....قاتارلىقلار كىملىكتە ئۆزىڭزنىڭ ھەركەت ئىپادىلىرىگە خاس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ.
2. 3-ئەۋلاد3D كىملىككەGPSيەرشارى ئورۇن بەلگىلەش ،ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان.سىز يەرشارىدا بولسىڭىزلا سىزنىڭ ئورنىڭزنى ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بىمالال كۆرەلەيدۇ.(ئۈلۈپ كېتىپ 5يىلدىن كېيىن،ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئاپتۇماتىك ھالدا سىزنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىڭزنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئىز قوغلاش تىزىملىكىدىن چىقىرۋىتىپ ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلاشتن توختايدۇ! )
3.بۇ كىملىككە تېخى يۇقىرى ئېنىىقلىقتىكى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسى ،دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈك يۇقىرى كامىرا ئورنىتىلغان. ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسى سىزنىڭ نەق مەيداق دىيالوگلىرىڭىزنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئاۋاز ئېلىپ باش ئاپىراتقا يوللايدۇ،قۇشۇمچە نۇسخۇسى ئۇچۇر ئامبىرىڭىزدا ساقلىنىدۇ.(ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ ئۆز شەخسى ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرىشىغا،ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشقا ،كىلونلاشقا ھوقوقى بولمايدۇ! پەقەت باش ئۇچۇر مەركىزى ئاپىراتى مۇشۇنداق ھوقوقلارغا ئىگە بۇلىدۇ.) يەنە تېخى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامىرا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى، سۈنئى ھەمرا ئىز قوغلاش ئاپىېراتى شۇنداقلا مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سىزنىڭ 24 سائەتلىك ئىش -ھەركەتلىرىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ.(سىز شەخسى ئۇچۇرىڭىزنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرىمىسىڭزمۇ بۇلىدۇ. ھەرقانداق بىر خاككىر سىزنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىڭزغاسۇقۇنۇپ كىرىپ شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنداق ئىشلارغا ئادەتتە مەۋھۇم دۇنيا ساقچىلىرى نازارەت قىلىدىغان بۇلۇپ باش ئاپىرات ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ناھايىتى مۇستەككەم قوغداش تورى ھاسىل قىلغان. ئاڭلىسام تېخى ھېچقانداق بىر خاككىر بۇ شەخسى ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرمەپتۇ. ھەمدە كىرىشنىمۇ ئويلاپ باقمايدىكەن. كىىرسىلا تۇتۇلۇپ قېلىپ شەرمەندىلارچە تۇتۇلۇپ يۇزى تۈكۈلۈشتن ئەنسىرەمىش...)
4. سىزنىڭ 3-ئەۋلاد 3Dكىملىكىڭىزنىڭ سان-سىفىرى ئاپتۇماتىك ئالمىشىدىغان بۇلۇپ ،قان تىپىڭىز،تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭىز، ھازىر تۇرىۋاتقان ئورنىڭزنىڭ مېردىيان ،پارالىل گىرادۇسى،خەرىتىدىكى ئورنىڭز ،ئەمەلى ئورنىڭز......قاتارلىق بىر قاتار ماتىماتىكا سان سىفىر لىق مەلۇمات ئىنتايىن توغرا،ھەم ئىشەنچىلىك . كىملىكىڭىزگە تېخى ۋاقىت ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنۇتىلغان. سىزنى ھەر دائىم ۋاقىت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ ،سائەت تاقاش ئاۋارىچىلىكىدىن بىراقلا خالاس قىلىدۇ.
5.بۇ كىملىكنى پەقەت بىر قېتىملا بىجىرىسىز! ۋاقتى سىز ئۈلۈپ 5يىلدىن كېيىن ئاندىن ئەمەلدىن قالىدۇ.(كونكىرىت مەزمۇنلار 2-گە قارالسۇن.) كىملىك سىز تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئشلىنىدۇ.
6.يۇقارقى كىملىكنىڭ ئالاھدىلىكىگە ئاساسەن ئېىتقاندا بۇ كىملىك ھەجىم جەھەتتە چوڭ ئەمەس. ئامىرىكىنىڭ نامى تېخنىكىسى قوللىنىلغان(نامى تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار بىرخىل پەن -تېخنىكا مەسھۇلى بۇلۇپ ناھايىتى كىچىك جىسىملانى ئۆز ئىچىىگە ئالىدۇ.) ياپونىيەنىڭ ئۆزنى يۇشۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىغان.(كىملىك نامى ئۇسۇلدا سىز لازىم قىلمىغاندا ئۆزنى يۇشۇرالايدۇ.لازىم بولغاندا ھەجىمى چوڭلاپ خۇددى ھازىرقى كىملىكىڭزنىڭ چوڭلۇقىغىچە چوڭلايدۇ ھەم كىچىكلىيەلەيدۇ.) شىۋىتسارىيەنىڭ سائەت تېخنىكىسى قوللنىلغان. داڭلىق سائەت ياساس شىركەتلىرى ھەمكارلاشقان. 20يىلدا 1سىكونىت خاتالىق پەرقى بويىچە ئەڭ ئىلغار ماتىماتىك ھېسابلاش ،دەلىلەش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.GPS تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئاساستا ئامىرىكا ۋە بەزى ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سۈنئى ھەمىراسى ئىزدەش ،دەللىللەش ،ئاختۇرۇش ...قاتارلىق جەھەتتە دۆلىتىمىزگە ياردەملىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز جۇڭگو چىگىرىسىدىن چىققان ھامان باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئى ھەمىراسى سىزنى ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇپ ،مېردىيان پارالىل، خەرىتىدىكى ئورنىڭىز ،ئەمەلى ئورنىىڭز....شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلىرىڭزنى جۇڭگودىكى مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىغا يەتكۈزۈپ سىزنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەت دائىرىڭزنىڭ كىچىكلىۋىتىدۇ. شڭنداقلا ھەم سىز خەلقىئالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن قاچقۇنغا ئايلىنىسىز دەبۇ تېمامنىڭ مەزمۇنى سەۋەپسىزلا يوقاپ كېتىپتىكەن . مىڭ تەسلىكتە تېپىپ ئىنكاس شەكىلىدە يوللاپ قويدۇم......كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى

ئاز قالدى 3-ئەۋلاد كىمملىك چىقارمىش... ئاخشام چۈشۈمدە كۆردۈم تېخى........
ھەممە نەرسە ھازىر3D غا يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىردە جۇڭگو خەلقىئرا لىق تەرەقىياتقا يىتىشىۋىلىش ئۈچۈن 3D نۇسخۇسىدىكى كىملىك تارقىتارمىش... ھازىرقى 2-ئەۋلاد كىملىك ئەخلەتخانىلاردا تاغدە دۈۋلىنىپ كېتىپتۇ....
چۈشۈمدە يېڭى بىر ئەۋلاد كىملىككە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ 3-ئەۋلاد كىملىك تۇنۇشتۇرۇلغان بىر پارچە تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى ئوقوپ قالدىم.مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
بۇ كىملىكنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تۆۋەندىكىچە:
1. بۇ كىملىىكدە ئالاھىدە سېنزۇر ئورۇنۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ كىملىكتىكى رەسىمىڭىز سىزنىڭ يېشىڭىزغا ماس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ. قانداق ياسىنىۋالغانلىقىڭىز ،چىراي ئىپادىڭىز ....قاتارلىقلار كىملىكتە ئۆزىڭزنىڭ ھەركەت ئىپادىلىرىگە خاس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ.
2. 3-ئەۋلاد3D كىملىككەGPSيەرشارى ئورۇن بەلگىلەش ،ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان.سىز يەرشارىدا بولسىڭىزلا سىزنىڭ ئورنىڭزنى ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بىمالال كۆرەلەيدۇ.(ئۈلۈپ كېتىپ 5يىلدىن كېيىن،ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئاپتۇماتىك ھالدا سىزنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىڭزنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئىز قوغلاش تىزىملىكىدىن چىقىرۋىتىپ ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلاشتن توختايدۇ! )
3.بۇ كىملىككە تېخى يۇقىرى ئېنىىقلىقتىكى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسى ،دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈك يۇقىرى كامىرا ئورنىتىلغان. ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسى سىزنىڭ نەق مەيداق دىيالوگلىرىڭىزنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئاۋاز ئېلىپ باش ئاپىراتقا يوللايدۇ،قۇشۇمچە نۇسخۇسى ئۇچۇر ئامبىرىڭىزدا ساقلىنىدۇ.(ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ ئۆز شەخسى ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرىشىغا،ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشقا ،كىلونلاشقا ھوقوقى بولمايدۇ! پەقەت باش ئۇچۇر مەركىزى ئاپىراتى مۇشۇنداق ھوقوقلارغا ئىگە بۇلىدۇ.) يەنە تېخى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامىرا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى، سۈنئى ھەمرا ئىز قوغلاش ئاپىېراتى شۇنداقلا مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سىزنىڭ 24 سائەتلىك ئىش -ھەركەتلىرىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ.(سىز شەخسى ئۇچۇرىڭىزنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرىمىسىڭزمۇ بۇلىدۇ. ھەرقانداق بىر خاككىر سىزنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىڭزغاسۇقۇنۇپ كىرىپ شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنداق ئىشلارغا ئادەتتە مەۋھۇم دۇنيا ساقچىلىرى نازارەت قىلىدىغان بۇلۇپ باش ئاپىرات ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ناھايىتى مۇستەككەم قوغداش تورى ھاسىل قىلغان. ئاڭلىسام تېخى ھېچقانداق بىر خاككىر بۇ شەخسى ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرمەپتۇ. ھەمدە كىرىشنىمۇ ئويلاپ باقمايدىكەن. كىىرسىلا تۇتۇلۇپ قېلىپ شەرمەندىلارچە تۇتۇلۇپ يۇزى تۈكۈلۈشتن ئەنسىرەمىش...)
4. سىزنىڭ 3-ئەۋلاد 3Dكىملىكىڭىزنىڭ سان-سىفىرى ئاپتۇماتىك ئالمىشىدىغان بۇلۇپ ،قان تىپىڭىز،تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭىز، ھازىر تۇرىۋاتقان ئورنىڭزنىڭ مېردىيان ،پارالىل گىرادۇسى،خەرىتىدىكى ئورنىڭز ،ئەمەلى ئورنىڭز......قاتارلىق بىر قاتار ماتىماتىكا سان سىفىر لىق مەلۇمات ئىنتايىن توغرا،ھەم ئىشەنچىلىك . كىملىكىڭىزگە تېخى ۋاقىت ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنۇتىلغان. سىزنى ھەر دائىم ۋاقىت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ ،سائەت تاقاش ئاۋارىچىلىكىدىن بىراقلا خالاس قىلىدۇ.
5.بۇ كىملىكنى پەقەت بىر قېتىملا بىجىرىسىز! ۋاقتى سىز ئۈلۈپ 5يىلدىن كېيىن ئاندىن ئەمەلدىن قالىدۇ.(كونكىرىت مەزمۇنلار 2-گە قارالسۇن.) كىملىك سىز تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئشلىنىدۇ.
6.يۇقارقى كىملىكنىڭ ئالاھدىلىكىگە ئاساسەن ئېىتقاندا بۇ كىملىك ھەجىم جەھەتتە چوڭ ئەمەس. ئامىرىكىنىڭ نامى تېخنىكىسى قوللىنىلغان(نامى تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار بىرخىل پەن -تېخنىكا مەسھۇلى بۇلۇپ ناھايىتى كىچىك جىسىملانى ئۆز ئىچىىگە ئالىدۇ.) ياپونىيەنىڭ ئۆزنى يۇشۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىغان.(كىملىك نامى ئۇسۇلدا سىز لازىم قىلمىغاندا ئۆزنى يۇشۇرالايدۇ.لازىم بولغاندا ھەجىمى چوڭلاپ خۇددى ھازىرقى كىملىكىڭزنىڭ چوڭلۇقىغىچە چوڭلايدۇ ھەم كىچىكلىيەلەيدۇ.) شىۋىتسارىيەنىڭ سائەت تېخنىكىسى قوللنىلغان. داڭلىق سائەت ياساس شىركەتلىرى ھەمكارلاشقان. 20يىلدا 1سىكونىت خاتالىق پەرقى بويىچە ئەڭ ئىلغار ماتىماتىك ھېسابلاش ،دەلىلەش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.GPS تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئاساستا ئامىرىكا ۋە بەزى ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سۈنئى ھەمىراسى ئىزدەش ،دەللىللەش ،ئاختۇرۇش ...قاتارلىق جەھەتتە دۆلىتىمىزگە ياردەملىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز جۇڭگو چىگىرىسىدىن چىققان ھامان باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئى ھەمىراسى سىزنى ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇپ ،مېردىيان پارالىل، خەرىتىدىكى ئورنىڭىز ،ئەمەلى ئورنىىڭز....شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلىرىڭزنى جۇڭگودىكى مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىغا يەتكۈزۈپ سىزنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەت دائىرىڭزنىڭ كىچىكلىۋىتىدۇ. شڭنداقلا ھەم سىز خەلقىئالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن قاچقۇنغا ئايلىنىسىز دە
مانا مۇشۇنداق(THIS IS IT)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )