- تىزىملاتقان
- 2012-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10872
- نادىر
- 2
- يازما
- 425
ئۆسۈش
  2.18%
|
تېما ئىگىسى .بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى مۇنداق: بۇنداق بوزەك قىلىش پىسخىكىسى يالغۇز ئۇيغۇردىلا ئەمەس،بارلىق رايون ،بارلىق ساھە ،بارلىق كەسىپ ،بارلىق مىللەت،بارلىق دۆلەت،بارلىق زامان،بارلىق جانلىقلاردا مەۋجۇت،مەسىلەن :كونا ئوقۇغۇچى يېڭى ئوقۇغۇچىنى بوزەك قىلىش،ھەربىي گازارمىدا كونا ئەسكەر يېڭى ئەسكەرنى بوزەك قىلىش،كونا كىلىن(قىيىن ئانا )يېڭى كىلىننى (كىچىك كىلىنچەك)بوزەك قىلىش، بۇ كىلىنچەك چوڭ بولغاندا يەنە يېڭى بىر ئەۋلات كىچىك كىلىنچەكنى بوزەك قىلىش، تۈرمىدە كونا مەھبۇس(تۇرمە زومىگىرى)يېڭى مەھبۇسنى بوزەك قىلىش،دوختۇرخانا كېسەللەر ياتىقىدا مەلۇم ياتاقتىكى كونا كېسەل يېڭى كېسەلگە : تېلۋىزورنى بوش ئاۋازدا قويۇش،ئۈنلۈك گەپ قىلىپ ئۇيقۇسىنى بۇزماسلىق،بالدۇر ئۇخلاش،ھاجەتخانا ،مۇنچا ،ياتاق تازىلىقىنى پاكىز تۇتۇش تەك تەلەپلەرنى قويۇپ << تەربىيە ئىشلەپ >>قويۇش، ھايۋانلاردا بولسا: قوتاندا ئىككى كونا قوي،يېڭى كەلگەن قوينى 2 كۈنگىچە ئۈسسۈپ يەم يىگۈزمەسلىك، كاتەكتە كونا خوراز يېڭى توخۇنى چوقۇلاپ دان يىگۈزمەسلىك،ھايۋاناتلار پىروگىراممىسىنى كۆرسىڭىز بۆرىلەر توپى،مايمۇنلار توپى،شىرلار توپىدىمۇ دەل مۇشۇنداق << يېڭى كەلگەننى تەربىيىلەپ قويۇش>> بار.
تارىخ كىتاپلارغا قارىسىڭىز: كونا شەيئى يېڭى شەيئىنى يەكلەپ << تەربىيە ئىشلەپ قويۇش>> مىساللىرى ساماندەك..............
بۇ خىل ھادىسىنى پىسخولوگىيە ئىلمىدە جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى،كوللىكتىپ پىسخولوگىيىسى دىگەن مەزمۇندا بۇ خىل پىسخولوگىيىلىك ھادىسىنىڭ پەيدە بولۇش سەۋەبى ، جەريانى، سەلبىي ئاقىۋىتى،چوڭقۇر تەسىرلىرى، ھەمدە ھەل قىلىش ئۇسۇلى تەپسىلى،ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مەخسۇس تونۇشتۇرىدۇ، كۈتۈپخانىدىن ياكى توردىن پىسخولوگىيە كىتابىنى تېپىپ ئۆگىنىڭ. |
|