ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، يىڭى ئەزا كەمىلە لەززەتتىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !بۈگۈن باغداش مۇنبىرىگە رەسمى ئەزا بۇلۇپ كىرگىنىمدىن ئۈزەمنى تۇلۇمۇ شەرەپ ھىس قىلىۋاتىمەن.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىرتتىن زىيارەت قىلىپ مۇنبەردىكى نادىر تېمىلاردىن يەتكۈچە ئىلھام ئىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم.مانا بۈگۈن رەسمى ئەزا بولدۇم. دىدار غەنىمەت دوستلار! بۈگۈن مۇنبەرگە قۇرۇق قول كىرىشكە سەل بىئەپ ھىس قىلدىم ،شۇڭا خانىم-قىزلىرىمىزغا ئاز بولسىمۇ كۈڭۈل سوۋغامنى ئىلىپ كىردىم،ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئاياللارنىڭ ھامىلدار بۇلۇشىغا مەلۇم دەرىىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە.ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ.ئاساسلىقى،ئورگانىك كىسەللىك،ئېممونتېتلىق ئامىل ۋە ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەپلىك بولىدۇ.ئەگەر كىسەلنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ئەكسىچە بولغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە. كۆپلىگەن كىلىنكىلىق ماتىرياللاردا،جىنسى تۇرمۇشى بالدۇر باشلانغان ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈش سېستىمىسىنىڭ ئوڭاي يۇقۇملىنىدىغانلىقى،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش،سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ھامىلدار بۇلۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى،جىنسى تۇرمۇشى بالدۇر باشلانغان،ئەمما كىيىنرەك توي قىلغان ئاياللار ھامىلدار بولالمىسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كىسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى،بولمىسا داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. ھەيىز مەزگىلىدە كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرمىسە،ياخشى ئارام ئالمىسا،سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىۋەتسە ھەيىز نورمال كەلمەسلىك،بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئېغىر كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.ھەيىز مەزگىلىدىكى جىنسى يول تازىلىقى ياخشى بولمىسا جىنسى يول،بالا ياتقۇ بوينى قۇشۇمچە ئەزالار داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ تۇخۇمدان نەيچىسى تۇسۇلۇپ،ھامىلدار بۇلۇشقا ئېغىر تەسىر يىتىدۇ.شۇڭا دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈش كېرەك. ھەيىزنىڭ رەڭگى،مىقدارى ۋە ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ،ئىچكى ئاجرالمىلاردىكى نورمالسىزلىققا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.ئەگەرھەيىز ئاغرىتىپ ئاز كەلسە ھەيىز ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.ھەيىز كىچىكىپ كەلسە كۆپۈيۈش سېستىمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى؛ھەيىز كىلە-كەلمەيلا توختاپ قالسا ئىچكى ئاجرالمىلاردا نورمالسىزلىق ئەھۋاللىرىنىڭ بارلىقىنى؛ھەيىز ئاغرىتىپ كەلسە بالياتقۇنىڭ ياخشى تەرەققى قىلمىغانلىقىنى ۋە بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقىنى؛ھەيىز ئاز كەلسە ۋە توختاپ قالسا ھەمدە سەمىرىپ كەتسە تۇخۇمداندا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق ئورۇق ۋە سىمىز ئاياللار ئوڭاي ھامىلدار بولالمايدۇ.چۈنكى تاماق تاللايدىغان ئورۇق قىزلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا ھەيىز كىچىكىپ ۋە ئاز كىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئوڭاي ھامىلدار بولالمايدۇ.تۇخۇمدان ئونۋېرسال كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ۋە تاماقنى ئاز يەپ ئورۇقلىماقچى بولغان سېمىز ئاياللارمۇ ئوڭاي ھامىلدار بولالمايدۇ. دوسلار سەمىگە؛ ھازىر جەمىيىتىمىزدە توي قىلغاندىن كىيىن پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىغا يىتەلمەيۋاتقان ياش ئەر-خۇتۇنلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يوللانمىنى يوللاپ باقتىم، توي قىلىش ئالدىدىكى ياش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىپ قىلىشىغا ياردىمى بولار. |