- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35008
- نادىر
- 6
- يازما
- 1277
ئۆسۈش
  100%
|
شەھەرلىك سوتنىڭ ئۇددۇلىدىكى مەھەلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلاتتى بۇ تىلەمچى .ئىلگىرى مەن ئىشقا ماڭغاندا ئۇمۇ <ئىشقا> چۈشەتتى .خەن مىللىتىدىن بولغان بۇ تىلەمچى توخوتۇركام دىگەندەك بۇ دەۋازا ئالدىدا ياغلىقنى دۇكان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولغان ئىدى.مەنمۇ ئەسلى بەك سەپسالماپتىمەن ھەم بايقىماپتىمەن .نىمە ئۈچۈن مېنىڭ دىققىتىمنى تارتمىدى دىگەندە ئۇ ياغلىقنى ئىسلامى پوسوندا شۇنداق چىرايلىق چىگىپتۇ ھەم يۈزىنى ماسكىدا توراپتۇ .ھەتتا كۆزىنى كۆرۈشمۇ تەس ئىكەن .دەسلەپتە مەنمۇ پۇل تاشلاپ يۈرۈپتىمەن بۇ كاززاپ قەلەندەرگە .چوڭ ئانامدەك تەڭ دىمەتلىك بۇ <بىچارە ئاپىمىز>نىڭ جەينامازنى يەرگە قويىۋېلىپ سوغۇق كۈنلەردە، بىژغىرىم ئىسسىقلاردا يۈكۈنۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ، شۇررىدە ئېرىپ خەيرى ئېھسانلىق تۇيغۇڭىزنى سۆزسىز قوزغايدۇ . .بىر كۈنى شۇ ئەتراپتا تىجارەت قىلىدىغان بىر قېرىندىشىم مېنى چاقىرىپ ،ئۇ مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان خەنزۇ تىلەمچى .يەنى ئالدامچى تىلەمچى .ئەگەر ئۇنداق قىلماي خەنزۇ سىياقىدا تىلەمچىلىك قىلغان بولسا مىللەت ئارىماي خەيرى ئېھسان قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلقىمىز ئوخشاشلا خەيىر ئېھسان قىلاتتۇق .بەلكىم ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ .ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز سىياقىمىزدا ياسىنىپ ئالدامچىلىق بىلەن تىلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ .بۇ نىمىدىگەن كاززاپلىق ھە !دىدى. مەن بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئەتىسى ئەتتىگەن ئادەتتىكىدىن ئەتتىگەنرەك كېلىپ مەخپى كۈزۈتتىم .دىگەندەك بۇ <قېرىندىشىم> دەل خەن مىللتىدىنكەن .<ئىشقا چۈشۈپ> دەرھال بېشىغا ياغلىقنى چىرايلىق يۆگىدىدە جەينامازغا پۈكلەندى .تېخى پۇتىغا بىر چاپاننى يۆگىلىۋاپتۇ .ئالدىدىن قارىسىڭىز بەكمۇ تەقۋا ۋە بىچارە بىر ئايال كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ .ئوخشىتىپ ياساشتا بەكمۇ تالانتى بار ئىكەن بۇ خەقنىڭ !!
بەلكىم كېيىن ئۇنىڭ پايتىمىسى چۇيلاندىمۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى .بۈگۈن بالامنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلسەم شەھەرلىك دوختۇرخانىدىن ئارايەرگە قايرىلىدىغان دوخمۇشتا دۇكان ئېچىۋالغان ئىكەن .ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلار ئەتتىگەن كېلىپ كۆرۈپ باققايسىزلەر. |
|