- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7749
- نادىر
- 6
- يازما
- 295
ئۆسۈش
54.98%
|
مانا شۇنداق قىلىپ 3-مەۋسۇم ئوقۇشى باشلاندى. مەن بۇ مەۋسۇم چوقۇم ئېلىشقا تىگىشلىك مەجبورى پەنلەرنى ئېلىپ تۇگىتىمەن دەپ بەل باغلىدىم.. شۇنداق قىلسام، ئومومى پەنلەردىن ئېلىنىغان ئۇنىۋېسال ئىمتىھانىغا بالدۇرراق تەييارلىق قىلالايتتم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ ئوقۇشى تەڭ داۋام ئەتمەكتە ئىدى. بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشمۇ ئاخىرلاشتى. بۇ ۋاقىتتا 11 پەننى ئوقۇپ بولغانىدىم. بۇنىڭ ئىچىدە 8 پەن مەجبورى پەنلەر يەنى كېلىپ ئۇنىۋېرسال ئىمتىھانى بېرىدىغان پەنلەر ئىدى.
4-مەۋسۈمگە كەلگەندە يەنە پەقەت 2 پەنلا قالغانىدى. لېكىن مەن مالىيە پەنلىرى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان ئالى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى"Advanced econometric analysis" دىگەن پەننى قوشۇمچە قىلىپ ئالدىم. بۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ ھەم بۇ پەننى ئالساممۇ نومۇر بېرىلمەيدۇ... مەقسىتىم مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالەم ئۈچۈن ئاساس سېلىشىتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەۋسۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جاپالىق بىر مەۋسۈم بولدى. مەن 3-ئايدا ئېلىنىغان ئۇنىۋېسال ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىم، دىتىرتاتسىيە ماقالام ئۈچۈن ئازراق ئاساس سېلىشىم ۋە ئاۋۇ 2 پەننى لاياقەتلىك تۈگىتىشىم كېرەك ئىدى. ئايالىممۇ شىنجاڭدا ئىلىپ بېرىلۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا ماگىستىرلىق مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى ئۈچۈن ئىشلىمەكتە ئىدى.
3-ئايمۇ يېتىپ كەلدى. بىز مالىيە قىسمىدىن 5 پەندىن بۇ پەنلەر بولسا شىركەت مالىيسى، ئىسلام ئىقتىسادى، ئىسلام مالىيسى، ئىسلام بوغالتىرلىقى ۋە تەتقىقات مىتودولوگىيەسى؛ شەرىئەت قىسمىدىن بولسا 3 پەندىن، بۇلار ئۇسولىدىن فىق، مۇئامىلەت فىققىيسى ۋە ئىسلام توختامنامىسىدىن ئىمتىھان بېرەتتۇق. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭغا سالاھىتى توشقان 20 دەك ئوقۇغۇچى بۇ ئىمتىھاننى بەردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 8 بالا ئۆتكەنىدى.. ھەتتا شەرىئەت ئوقۇغان بالىلارمۇ شەرىئەت قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. بەزىلەر مالىيە قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن بولسا، يەنە بەزىلەر شەرىئەت قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر 2 قىسىمدىنلا قالدۇرۇلغان ئىدى. بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىت دۇنيادىكى بىردىن بىر ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتى بولغاچقا، ئوقۇش سۈپىتىنى ياخشى توتۇش ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپ خېلى يوقىرى ئىدى. بىرقانچە ساۋاقدىشىمنى دىتىرتاتسىيە ماقالىسدە كۆچۈرۈمكەشلىك قىلغان دەپ ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختاتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىمتىھاندىن لايەقەتلىك ئۆتۈپ، كېيىنكى باسقۇچقا يەنى دىتىرتاتسىيە ماقالىسى يېزىش باسقۇچىقا ئۆتتىم.
ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىم ئۆزى ئەنگىلىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلىقىنى ئەنگىلىيەدە تاماملىغان ۋە كېيىن ئاۋىستىرالىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەرلەردە 40 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تېگى بېنگاللىق ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ خەلىقئالىق ژورناللاردا 80 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ھەتتا دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىساد ژورنالىرىدىمۇ نۇرغۇن ماقالىلىرى بار. بۇ ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇ دەرسنى ئۆتۈپ بېرىش ئۈچۈن مەركىزى بانكىنىڭ يوقىرى مۇئاش بىلەن بۇ ئادەمنى تەكلىپ قىلغانىدى. مۇشۇ مەۋسۈمدە ئۇنىڭ 2 دەرسىنى ئالدىم. بىرسى ئادەتتىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ، يەنە بىرى بولسا ئالىي ئىىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئىدى.. گەرچە كېيىنكىسى مەن ئۈچۈن قوشۇمچە پەن بولسىمۇ، بىر كۈنمۇ دەرس تاشلىمىدىم. بۇ دەرسىنى تاماملاش ئۈچۈن چوقۇم 2 پارچە تەتقىقات ماقالىسى تاماملاش كېرەك ئىدى. مەندىن تەلەپ قىلمىسىمۇ لېكىن مەن 2 پارچە ماقالە يازىدىغانلىقىمنى بىلدۈردىم ھەم چارەكلىك ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئادەتتىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دەرسىدىمۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىش زۆرۈر ئىدى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئىككى دەرسلىكتىن 3 پارچە ماقالىنى نەچچە ئاي ئىچىدە تاماملىدىم ۋە ئالىي ئىىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دەرسىنىڭ چارەكلىك ئىمتىھانىغا قاتناشتىم..
مۇئەللىم ئەڭ ئاخرىدا« سىلەر بىلەمسىلەر؟ كىم ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشتى ؟ كىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى؟ بۇ بولسا- بۇرھان.. ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ.. مەن بۇنداق تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقمىغان» بۇلار بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسى ئىدى.. مەن شۇنداق قىلمىسام زادى بولمايتتى.. مەن ئاتا-ئانامنى ئويلىدىم، ئائىلەمنى ئويلىدىم، قىزىمنى ۋە دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر پەرزەنىتنى ئويلىمىسام بولمايتتى.. ئەگەر ئوقۇش كېچىكىپ كەتسە، مېنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى مەنبە ئۈزۈلۈپ قالاتتى،، ھەمدە ئاتا-ئانامنىڭ نەچچە مو يەرگە ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىزنىڭ نەچچە ئايلىق تۇرمىشىمىزغا يەتمەيتتى... ئۇلار بېرەلىگەن تەغدىرمىمۇ لېكىن مەن قايسى يۈزۈم بىلەن ئۇلار يىمەي-ئىچمەي تاپقان پۇلنى خىجىل بولماي ئالىمەن ؟ مۇشۇلاردىن ئالغان ئىلھام، مېنىڭ بالدۇر دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىشىمغا تۈرتكە بولدى.
مۇئەللىم بىلىپ دەپتىكەن، 3 پارچە ماقالىنىڭ بىرى ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستى تەرپىدىن، بىرى قاتاردىكى يەنە بىرى مالايسىيادىكى ئىلمى تەتىقىقات يىغىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.. مېنىڭ ئەڭ سۆيۈندۈرگىنى ئوكىسفورد ئۇنىۋېسىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ماقالە بولدى... بۇ مېنىڭ ئەمگىكىمنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن ئىتراب قىلىنىشى ئىدى.. مۇشۇ 4 مەۋسۈمدە 14 پەننى تۈگىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە ئىلمى ماقالەم ئۈچۈن ئاساس سالدم....
يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟؟ قانداق خوشاللىقلار بار،،،؟؟ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ.. |
|